قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4832|ئىنكاس: 125

گۈلەن: مەشھۇرلاردىن مەيۈسلىنەمدۇق

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

9

دوست

3185

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10634
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 628
تۆھپە : 589
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
مەن ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇنازىرىسى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي دوستلارنىڭ مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئاغرىنغان سادالىرىنى ئاڭلىغانىدىم. بۇ مەسىلىگە شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا جاۋاپ بېرىپ بولغانلىغىممۇ ئېسىمدە. ئەمما بۇ گەپلەر ئىزچىل كۈچ بەرمىدى. مەشھۇرلاردىن نارازى بولۇش، مەيۈسلىنىش ھەتتا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىش توختىمىدى. مەن ئانا تىلنىڭ مەۋجۇدلىقىغا جان كۆيدۈرىۋاتقان جامائەتكە ئاشكارە بىر ئىتىماس سۇنماقچى، ئەگەر قوبۇل كۆرۈلسە، مەشھۇلاردىن مەيۈسلەنمىسەك. ئۇلارنىڭ تېمىمىزغا ئىشتىراك قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ پەزىلىتىگە باھا بەرمىسەك. مەن ئانا تىلىمىزنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرالىمىغىنىم ئۈچۈن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلاي دەپ ئوتتۇرىغا چىقتىم. مەن ئۇيغۇرنى ئاللاھقا يارايدىغان ئۇيغۇر قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئامىلنىڭ ئانا تىلىمىز ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغىنىم ئۈچۈن مەيدانغا چۈشتۈم. مەن قىزىمنىڭ مەندەك ئۇيغۇر بولۇش، ئانا تىلدا سۆزلەش ۋە يېزىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلاي دەپ يولغا چىقتىم.   مەن بۇنى شەخسى غايە دەپ قارايمەن، ھەرگىزمۇ ئىجتىمائىي ھەرىكەت ياكى مىللەت ئۈچۈن قىلىنغان خىزمەت دەپ چۈشەنمەيمەن. بۇ ئىشىمنى مېنىڭ بىر ئىنسانلىق بۇرچۇم، ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىم. بەلكىم سىزلەر رەنجىۋاتقان داڭلىقلارنىڭ مەندەك كىچىك بالىلىرى بولمىغاچقا ئانا تىل مائارىپىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يەتمىگەندۇر. يەنە بىر سەۋەب مەن تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغاچقا ئانا تىلنىڭ بىر ئىنساننىڭ لاياقەتلىك ئىنسان بولۇپ يېتىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىكەنلىگىنى بىلىدىغىنىم ئۈچۈن بۇ ئىشقا بەل باغلىدىم. باغلىغان بەل مېنىڭ بېلىم، تىل مېنىڭ تىلىم، بالا مېنىڭ بالام. مەن مۈلكى، ئائىلىسى، غۇرۇرى ۋە ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىسا قوغۇداشقا بۇيرۇلغان ئىنسان. مەن بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىلاھىي بۇيرۇق ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدىغان ئىنسان. شۇڭا بۇ قوغۇدۇنۇشتا مېنىڭ ئۆزرەم يوق.
مەشھۇرلاردىن قوللاش تاما قىلىۋاتقان دوستلاردا ئادەم قانچە كۆپ بولسا، كۈچمۇ ئۇلغۇيىدۇ دەيدىغان قاراش بولسا كېرەك. مەنچە ناتايىن. بىر ئىشنىڭ ئەھمىيىتى، تەخىرسىزلىكى ۋە خەيىرلىك ئىكەنلىكى ئادەم سانى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى نەچچە ئون مىليۇن كىشى قوللىغان، ھەتتا ئانا توپراقلىرىمىزدىن نەچچە يۈزمىڭ كىشى خۇددى ھەجگە ماڭغاندەك ھاياجان بىلەن ماۋزىدوڭنىڭ قولىنى كۆتۈرگىنىنى كۆرىمىز دەپ بېيجىڭغا سەپەر قىلغان. ئەھمىيىتى نېمە بولدى، ئۇلار نېمە ئەجىرگە ئېرىشتى،. ئۇلارنىڭ قايسىسى ھەق رەھمىتىگە ئېرىشتى. ئۇلار كىمگە قايسى ھەقنى تەۋسىيە قىلدى، كىمنى قايسى پايدىلىق ئىشقا بۇيرۇپ قايسى يامان خۇلۇقتىن توسۇپ قالالىدى. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئېدى، ئالدىنىشىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولدى. ۋاھالەنكى ئۇلار، شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ئالدانغانىدى. ئاخىرىدا ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ يولى ھەق يولى ئەمەس ئېدى. ئۇلارنىڭ قەدەملىرى ھەق ئۈچۈن ئەمەس ئېدى. ماۋىزىدوڭ ئۈچۈن سەپەر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى ئىلاھ قىلىۋالغان شۇ شەخسنىڭ تاشلاپ بەرگەنلىرىگە ئېرىشتى ئىھتىمال. ھازىرمۇ بىزگە يا يۆلەكتە بولۇۋاتقانلاردىن كوچىلاردا ئالا كالتەك كۆتۈرۈپ يۈرگەنلەر كۆپ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىنى ئاقتۇرۇپ كىتاب بۇلاۋاتقانلار كۆپ، ياغلىق، ساقالنى، نامازنى، خەتمەقۇرئاننى تىزىملاۋاتقانلار كۆپ، ئەمما ئۇلار زىيان ئىچىدەدۇر. بىز غەلىبە قىلغۇچىلار. غەلبىمىز سانىمىزنىڭ جىقلىقىدا ئەمەس يولىمىزنىڭ ھەقلىقىدا.

مەشھۇلار بىلىدۇ ياكى شۇ بىلگەن مەشھۇلارمۇ ئامالسىز. ئۇلارنىڭ بەزىسى بىلىدىغان يەنە بەزىسى بىلمەيدىغان ھەتتا بىر قىسىملىرى بىلمەيىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان كشىلەر بولۇشى مۇمكىن. بىز ھەممە يەردە نەپسانىيەت قاينىغان بىر جەمئىيەتتە، ھەممە يەردە ساختىلىق يامرىغان بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. بۇ جەمئىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئەقىدىسى، نىيىتى ۋە ھەتتا قىياپىتىمۇ تاۋارغا ئايلىنىپ ئۈنۈم يارىتىدۇ. بەزىلەر شۇ ئۈنۈمدىن ئۆز قىممىتىنى ھىس قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆڭلى يېرىم، لېكىن چارەسىزلىككە مەھكۇم. يەنە بەزىلەر شۇ ماددىي نەپنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ئەسلى غايىسىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىغا سەل قارايدۇ. ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، «ئاق مۈشۈك، قارا مۈشۈك، چاشقان تۇتقان ياخشى مۈشۈك» دېگەن تەلىمات ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي غايىسىگە ئايلانغان بۇ دۆلەتتە ھەققانىيەت ئۈچۈن يازىدىغان، ھەق ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىدىغان، ئۈممەتنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان مەشھۇلارنىڭ كۆپ بولمايدىغانلىقى ئېنىق. مەشھۇلار قەيەردىن مۇئاش ئېلىپ ياشاۋاتقان بولسا شۇ يەرنىڭ مەشھۇرى. قايسى جەمئىيەتتىكى قانداق ۋەزىيەتتىن نەپ ئېلىپ ياشاۋاتقان شۇنىڭ مەشھۇرى. شۇڭا ئۇلارنى بىز ئۈچۈن ئىشلىمىدى دېيىش بىھاجەت.

بىزنىڭ يولىمىز مەشھۇرلۇق يولى ئەمەس ھەق يولىدۇر. يالغۇز يارىتىلغان بىزلەر ئۈچۈن ھەقنىڭ ھەمراھلىقى ۋە يارىدىمى يېتەرلىك. بىزنى ھەق سۇبىھانى ۋەتەئەللاھ مۇشۇ زېمىنغا خەلىپە-ۋەكىل قىلىپ ياراتقان. بىز ئىشىمىزدا، غايىمىزدە ۋە پىكرىمىزدە مەشھۇلارنىڭ ۋەكىللىكىگە مۇھتاج ئەمەس. ھەر بىرىمىز ئاللاھنىڭ ھەدىيىسى بولغان ماكانىمىزنىڭ ۋەكىلى، ھەر بىرىمىز ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھامىيسى، ھەممىمىز ئىنسانلىقىمىزنىڭ بەلگىسى بولغان ئانا تىلىمىزنىڭ پىداكارلىرىدۇرمىز. مەشھۇرلۇق ئىھتىياتقا باي بولىدۇ، مەشھۇرلۇق گەپكە، مەسلەھەتكە، نەسىھەتكە ۋە شۇئارغا مۇنقەرىزدۇر. مەشھۇرلۇقتا يەتتە ئۆلچەپ بىركەسمەك، كۆندۈزدە ئەتراپىغا باقماق، كەچلىرى قۇلاقنى قۇلاققا ياقماق، ئۆزىنى مەشھۇر قىلىۋاتقانلارنىڭ قاش قاپىقىغا قاراپ قارار چىقارماق شەرت بولىدۇ. ھالبۇكى بىز قىلىۋاتقان تەلىم تەربىيە ئىشلىرىدا بۇنچە كۆپ قېيىن ئاتا قېيىن ئانىلارنىڭ ھامىيلىق قىلىشلىرى ئىشىمزىنى ئاقسىتىدۇ. خۇداغا ۋەكىل بولۇپ سۆزلەيدىغان گەپتانلارنىڭ ۋەزلىرى ۋە مۇرەسسەلىرى سەۋەبلىك يولىمىزدىكى مۇزلار ئېرىپ قالمايدۇ. ھاكىمىيەتكە ۋەكىل بولۇۋالغانلارنىڭ سىياسەتنى، ۋەزىيەتنى بۆبۈش كۆرسىتىپ ئىھتىياتقا ئۈندەشلىرى ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئوڭشاپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئانىمىزنىڭ ھالال سۈتىنىڭ ھەق ھۆرمىتى، ئىنسانلىق شەرىپىمىزنىڭ دەخلىسىزلىكى، ئاتا-ئانىلىق ھوقۇقىمىزنىڭ مۇرەسسەسىزلىكى مەيدانىدا تۇرۇپ ھەق يولىدىكى سەپىرىمىزنى داۋام قىلايلى.







0

تېما

0

دوست

2078

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12441
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 265
تۆھپە : 445
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغان بىچارە مەشھۇرلار

باھا سۆز

kundabir  بۇ تىما گۈلەن ئەپەندىنىڭ كەڭ قوساقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ،بىراق مەن ئۇنچە كەڭ قوساق بولالمايدىكەنمەن.كەچۈ....  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:33
alkanat  سىز تېمىنى ئوقۇمىدىڭىزمۇ ياكى گۈلەن ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
izyar  ئۇنداقتا سىز مەشھۇر بولۇپ، خەلقىڭىز ئۈچۈن گەپ قىلىڭ!؟ ياكى، ...گەپ قىلىپ مەشھۇر بولۇڭ!؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
polat315  يۇقارقى تېمىنى ئوقۇمايلا خەت يازدىڭىزما؟شۇنداق دېمەڭلار دەپ ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1624

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8231
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 337
تۆھپە : 267
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۈلەن ئەپەندى، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن، تىلىگىم، ئۈمىدى، ئارزۇيۇم شۇكى: بىر-بىرىمىزدىن رەنجىپ، قاقشاپلا ئۆتمىسەك، تەرەپباز بولمىساق، شەيئىگە ئىجابىي مۇئامىلە قىلساق، قىسقىسى ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئادەم...........

باھا سۆز

izyar  قوللايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
پەرۋاز

1

تېما

0

دوست

434

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7463
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى مەشھۇر ئەرباب بولۇپ جاھان تۆرىدىن ئورۇن ئالسۇن ۋە ياكى ئۆز كۆلبىسىدە بىر نانغا زار بولغان بىچچارە ئاجىزەلەر بولسۇن ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ھەم ئەڭ مۇكەممەل بەندىسىدۇرمىز.دەرھەقىقەت كىشىلەرنىڭ ئارقىدىن گەپ تىپىش ۋەياكى قانداقتۇر مەئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەش بىر ئاجىزلىقنىڭ ۋە روھى خۈنۈكلىنىڭ بىشارىتىدۇر...قولىڭىزدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىڭ  تىرىشىڭ ،ئۈمۈدۋار بولۇڭ !!!
گۈلەن ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق ،تىنىگە سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە نادىر تىمىلىرىنىڭ ئۇزۈلۈپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!!!

0

تېما

0

دوست

7454

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 1209
توردىكى ۋاقتى: 484
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 19:11  

ھۆرمەتلىك گۈلەن ئاكا ( ئەپەندىم):

يازمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەن سىزگە قول قويدۇم. قول قويمايمۇ تۇرالمىدىم.  مۇشۇنچىلىك گەپنى دىيىش ئۈچۈنمۇ، ئۆتكۆر تەپەككۇر، يۈكسەك ئەقلى- بىلىم كىتىدۇ. سىزگە بارىكاللا!


......................................................................................................................................................................................................................

ئاخشام  بىر دوختور يىقىنىمىز (  ياش يىگىت )  دۇكىنىمغا كىرىپتىكەن.  سىزنىڭ << ئىنسانلىققا ئىجازەت >>  دىگەن تىمىڭىزنى ۋە  خوتەندە يۈز بەرگەن ئوت ۋەقەسىگە ئائىت تىما ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۆپ بىقىشنى تەۋسىيە قىلسام، مىتمۇ قىلىپ ئىنكاس بىلدۈرمىدى.  كومپارتىيگە سادىق بولغاچقا، شۇڭا  مۇئامىلىسى شۇنداق بولغان بولىشى مۇمكىن.

لىكىن سىز بۇ مۇئاشلىقلاردىن ناھايىتى زور دەرىجىدە  پەرىقلىنىدىكەنسىز،. مەسىلەن:  ئىنسانىي تەپەككۇر، ۋىجدانى ئەخلاق،  قانۇنى ئاڭ جەھەتتە ئادىل پىكىر يۈرگۈزىشىڭىز، مىللەت تەقدىرى ۋە شەخىسنىڭ  ئىستىل قاراشلىرى توغرىسىدا، ھەقىقىي ئۇيغۇرغا خاس ئاڭ ۋە ئەخلاقنى بىرلەشتۈرۈپ پىكىر قىلىدىكەنسىز.

0

تېما

0

دوست

738

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   84.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16559
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولباشچى !!

Never give up , just do it

0

تېما

0

دوست

369

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14475
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 93
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدەك ئۇيغۇرىمىزنىڭ بار بولغىنىدىن پەخىرلىنىمىز ، ئافىرىن قېرىندىشم !!

0

تېما

0

دوست

3878

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9173
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 862
تۆھپە : 609
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇللەن ئاكام توغرا ئېيتىدۇ ، بەزىلەر پالانى كىشى پۇكۇنە ئاكامدەك قىلامىدىيەي ، گۇللان قىلالىغان ئىشنى پۇكۇنى ئوبزورچى -يازغۇچى قىلامىدىيەي دەپ موھتىرەملىرىمىزدىن رەنجىۋاتىدۇ . رەنجىشلەرنى قۇيۇپ ئاز قىسۇن كۆپ قىسۇن مىللەت ئۇچۇن جان كۆيدۇرگەنلەرنى قوللاش يولىدا بولساق .

باھا سۆز

turkzad  گۇللەن ئەمەس گۈلەن دەپ يازغايسىز.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:49

4

تېما

0

دوست

711

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16021
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 194
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇرلاردىن مەيۇسلىنشكە ھەقمىز يوق، ئەمما ئاشۇ مەشھۇرلار مىللتمىزنىڭ مەشھۇرلىرى ، مىللتىمز ئۇچۇن ئادىل ھەققى  گەپ قىلشنى ، مىللىتمىز ئۇچۇن دۇچ كىلۋاتقان كىرزسلارنى تۇنۇپ يىتشنى ،
ئىنسانى غۇرۇرى بىلەن مىللىتىمز ئۇچۇن ھەققى ئىش قىلشنى ئۇمىت قىلمەن .

باھا سۆز

jagda  قۇلايمەن  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:35
senuber  مۇشۇ پىكىرگە ئەگەشتىم!  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:24

2

تېما

0

دوست

1627

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان مەشھۇلارنىڭ كۆپ بولمايدىغانلىقى ئېنىق. مەشھۇلار قەيەردىن مۇئاش ئېلىپ ياشاۋاتقان بولسا شۇ يەرنىڭ مەشھۇرى. قايسى جەمئىيەتتىكى قانداق ۋەزىيەتتىن نەپ ئېلىپ ياشاۋاتقان شۇنىڭ مەشھۇرى. شۇڭا ئۇلارنى بىز ئۈچۈن ئىشلىمىدى دېيىش بىھاجەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

ئۇلىنىش قوشوش|بايقاش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|باغداش مۇنبىرى ( 新ICP备06003611号-1 )  

GMT+8, 2013-4-19 15:12 , Processed in 0.058943 second(s), 5 queries , Memcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش