- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7510
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-10 14:25
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)
شۇ تەرىقىدە شۆھرەتكامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ داۋامىنى جىددىيچىلىك ئىچىدە ساقلايتتىم. ئەمدىكى مەسىلە قانداق قىلىپ شۆھرەتكام ياراتقان بۇ دۇنياۋى ئىلغار تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دوختۇرخانىلارغا ئىلىپ كىرىپ كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش بولۇپ، شۆھرەتكامنىڭ ھازىر ئەس-يادى مۇشۇ ئىشتا ئىكەن، ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن بەدەللەرنى تۆلەۋىتىپتۇ. «بۇ ئىككى چوڭ تەتقىقات تۈرى ئىچىدە تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەردىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاشقا يەنە ئاز دىگەندە بەش يىل ياكى ئون يىل كېتىشى مۇمكىن. ئەمما قانچىلىك قېيىنچىلىقلار بولسىمۇ مەن بۇ تەتقىقاتىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن»-دەيدۇ، شۆھرەتكام.
-شۆھرەتكا، سىز مايمۇنلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرسىڭىز، ئۇ مايمۇنلارنى ئۆتكۈزىۋەتسىڭىز قانداق قىلارسىز، دەپ سورىدىم مەن كاللامدىكى ئەنسىرەشلىرىمگە جاۋاپ ئىزدەپ.
-تۇرسۇنجان، بىلگىنىڭدەك مايمۇنلارنىڭ كۈندىلىك چىقىمى ناھايتى يۇقىرى. يۈز چاشقان باققان پۇلغا بىر مايمۇننى باققىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىدىن باشقا يەنە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگىچە كۆزىتىپ تۇرۇشىمىز، ھەر ۋاقىت سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ تۈرۇشىمىز، يەنە ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان، ئازادە مۇھىت يارىتىپ بىرىشىىزغا توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىندىن بىرى، ئامېرىكا ساغلاملىق ئېنىستېتۇتى (NIH, National Institute of Health) تەتقىقات تۈرلىرىگە مەبلەغ ئاجراتقاندا ئەڭ ئالدى بىلەن چاشقاننى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، چاشقانداق مۇتلەق قىلغىلى بولمايدىغان تەتقىقاتلار ئۈچۈنلار مايمۇننى ئىشلىتىشكە قوشۇلىدۇ. شۇ سەۋەب گەرچە چاشقان بىلەن ئىشلەشنى ياقتۇرمىساممۇ، نەچچە مىڭ تەجىرىبە چاشقانلىرىنى سېتىۋالدىم ۋە ئورىگون ساغلاملىق ئۇنىۋرېرسىتىدىكى تەجىربخانىدا ھازىر ئاساسلىقى ئىنسانلار بىلەن چاشقانلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىمنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن. ھازىر قولۇمدا چاشقاننى ئىشلىتىپ قىلىدىغان تەتقىقات تۈرىدىن بەشىگە NIH نىڭ مەبلىغى بار، ھەممىسى R01. مۇشۇ پۇللارنى ئىشلىتىپ چاشقاندا بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى قىلىپ قويۇپ ئاساسلىقى مەبلەغنى ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتىمنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىمەن.
ئامېرىكىدا NIH ئەڭ چوڭ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالىدىغان ھۆكۈمەت ئورگىنى بولۇپ، NIH نىڭ كۆپ خىل مەبلەغ تۈرى ئىچىدە R01 ئەڭ مۇھىم ۋە سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولغان تۈرى بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى كۆپىنچە 1 مىليون دوللار بىلەن 2 مىليون دوللار ئارىلىقىدا بولىدۇ ۋە 5 يىلغا بۆلۈپ بىرىلىدۇ. NIH پەقەت مىدىتسىنا ۋە بىئولوگىيەنى ئاساس قىلىپ تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان بولۇپ (بۇ يىل ئۇلار ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 54%نى تەتقىقات تۈرلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولۇپ سوممىسى 16.9 مىليارد دوللارغا يىتىدىكەن)، ئامېرىكىدىكى باشقا بارلىق ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەنلەرگە مەبلەغ ئاجىرىتىدىغان ئىككىنچى چوڭ تەتقىقات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورگان دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى (NSF, National Science Foundation) بىلەن سېلىشتۇرغاندا (ئۇلارنىڭ بۇ يىللىق تەتقىقات ئومۇمىي مەبلىغى 7.6 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ پۇلنىڭ مەلۇم قىسىمى يەنە بىئولوگىيە ئاساسىي تەتقىقاتىغا ئاجىرىتىلىدۇ) تەتقىقات مەبلەغ سوممىسى نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئامېرىكا جەمئىيتىنىڭ بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىگە يۈكسەك ئېتىبار بىرىدىغانلىغىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ۋە ئامېرىكىدا بىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا پېنىنىڭ تەرەققىياتى شۇنداقلا ئەمەلىي كۈچىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭكىنى قوشقاندىنمۇ يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولسا كىرەك. ئاددىي بىر مىسال ئالسام، دۇنيادىكى راك كېسىلىنى ئەڭ ياخشى داۋالايدىغان دوختۇرخانىلار ئىچىدە دۇنيادا ئالدىنقى «10 ئەڭ ياخشى دوختۇرخانا»نىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا ھەم نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ تەخمىنەن 45% (جەمئىي 208 كىشى ئىچىدە 93 كىشى) ئامېرىكا پۇقرالىرىدۇر. بۇ بىر تەرەپتىن بىزدەك ئامېرىكىدا بىئو-مېدتىسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى خۇشال قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ساھەدە ئامېرىكىدىكى رىقابەتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكى كىشىگە جەڭ ئېلان قىلاتتى ۋە زور بېسىم ھېس قىلدۇراتتى. بۇ رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن سىز ئەلۋەتتە ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشتا دۇنيادىكى ئەڭ نوچىسى بولىشىڭىز كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپمۇ ئېرىشكەن مەبلەغنىڭ تايىنى يوق، قىلغان ئىشتىن تۈزۈك نەتىجە چىقىرالماي ئۆتۈپ كىتىدىغان گەپ. ئادەتتىكى تەجىربىخانىلار ئۈچۈن NIH نىڭ بۇنداق تەتقىقات تۈرىدىن بەشى ئەمەس بىرسىگە ئېرىشسىمۇ خىلى خۇشال ئولتۇرىدىغان ئىش چۈنكى ئىقتىسادى كېرزىس تۈپەيلى يىقىندىن بىرى تەتقىقات مەبلىغىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەتقىقاتچىلار سانىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ماس قەدەمدە ئاشمايۋاتاتتى. ئىنسان غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى ھەر قانداق تەتقىقاتلارغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ھېقانداق مەبلەغ سالمايدىغان بولغاچقا، شۆھرەتكام بىر قىسىم شەخسىي تەتقىقات فوندلىرىنىڭ مەبلەغلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ خىلى كۆپ مەبلەغكە ئېرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىم. شۇڭا بۇ گەپتىن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم چۈنكى مۇشۇنداق كۆپ مەبلەغ تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن مايمۇن تەتقىقاتىغا پۇل يەتمەيدۇ؟ شۆھرەتكام داۋاملىق چۈشەندۈردى:
-قارا، مەن ئۈچۈن ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتى ئەڭ مۇھىم، ھەم قانداقلا بولمىسۇن بۇ تەتقىقاتىمنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ. ئەمما بۇ ناھايتى قىممەت توختايدىغان تەتقىقات تۈرى. بىزنىڭ تەجىرىبىخانىدا ئىش باشلىشىمىز ئۈچۈنمۇ ئادەتتە بىر مىليوننى خەجلىمەي تۇرۇپ ئەمەلىي تەجىرىبىلەرنى ئىشلەپ نەتىجە چىقىرشىتىن سۆز ئاچالمايمىز. بۇ تېخنىكىدا چوقۇم ساغلام ئاياللارنىڭ تۇخۇم ھۆجەيرىسى لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىز مەكتىپىمىزنىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسى بىلەن بىرلىشىپ ئالدى بىلەن تۇخۇم ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان ئاياللارنى يىغىپ كىلىمىز ۋە ئادەتتە ھەر بىر ئايالنىڭ بىر قېتىم تۇخۇم ئىئانە قىلىشى ئۈچۈن 5000 دوللار بىرىشىمىز كېرەك. ئاندىن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ پېسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىشكە، ئالدى بىلەن تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشنى دورىلار بىلەن دوختۇرخانىدا غىدىقلاپ ئاندىن بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تۇخۇمنى ئايرىۋىلىشقا كىچىك تىپتىكى ئوپراتسىيە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بىمارنىڭ يول كېراسى، ۋاقتى، سېستىرالارنىڭ ھەققى، پىسخىك مەسلېھەتچى، ئادوكات، دوختۇرلارغا بېرىلىدىغان پۇللار قوشۇلۇپ بىر ئايالنىڭ بىر قېتىم تۇخۇم ئىئانە قىلشى ئاز دېگەندە 25،000 دوللارغا توختايدىغان گەپ. بىز بىر يىلدا نەچچە مىڭ تۇخۇم ئىشلىشتىشكە ئېھتىياجلىق چۈنكى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنى يتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم تۇخۇم ھۆجەيرىسى زۆرۈر. شۇنداق بولغاندا ئويلاپ باقساڭ بولىدۇ، بىز تەجىرىبخانىدا ئىش باشلىماي تۇرۇپ يىلىغا نەچچە مىليوننى چىقىم قىلىمىز. ئاندىن تەجرىبىخانىدا ئىشلتىدىغان دورىلارمۇ ئەرزان ئەمەس، بولۇپمۇ كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشقا ئىشلتىدىغان دورىلار تەتقىقات ئۆلچىمىدە ئەمەس كىلىنىكىلىق ئۆلچەمدە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى كېرەككەن. ئوپمۇ-ئوخشاش دورىنى كىلىنكىلىق-ئۆلچەمدىن ئۆتكەن دەپ سېتىش ئۈچۈن شېركەتلەر نۇرغۇن پۇل تۆلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ باھاسىمۇ نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كىتىدىكەن. شۇڭا، ھازىرچە مەن پەقەت ئىنسانلاردا كىلىنىكلىق سىناق قىلشنى كۆزلەۋاتقان بولغاچقا، مايمۇنلاردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىشنى قىلىپ بولغاندىكىن ئامالسىز ئۇلارنى يوق قىلدىم. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پۇلى كۆپ ئەمەس، كۆپ ياردەممۇ قىلمىدى، بولۇپمۇ ئىنسان ئۈستىدىكى تەجىرىبىلەرنى چوقۇم دوختۇرخانا جايلاشقان مەكتەپ ئاساسىي ھويلىسىدا قىلىش لازىم بولغاچقا ئۇلارغا يېڭى تەجىرىبخانىلار بېرىڭلا دىسەم، ئۇنىماي قويدى. شۇنىڭ بىلەن، باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ئويلاشقان ئىدىم ۋە ئۇلارغا شۇنداق دەپ قوقاقمۇ سالدىم.
-ھە، مۇنداق دەڭ. ئېسىت، بۇ مەكتەپ سىزدەك دۇنياۋى نەتىجىلەرنى يارىتىپ مەكتەپنىڭ ئابرويىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋاتقان ئالىمنى كۆپرەك قوللىمىغىنى راستىنلا ياخشى بولماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ مەكتەپتىن كۆچۈپ كىتەمسىز؟ دەپ سورىدىم، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن.
-ئۇلار مېنىڭ كىتىشىمنى خالىمايدۇ. مەن پېنسىلۋانىيە ئۇنۋېرسىتى مېدىتسىنا مەركىزى (ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مېدىتسىنا تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بىرى، تەتقىقات كۈچى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتى مېدىتسىنا مەركىزىدىن دىن قالسىلا ئامېرىكىدا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ) گە خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىۋىدىم، ئۇلار مېنى قوبۇل قىلىپلار قالماي، ماڭا 50 مىليون دوللار ئاجىرىتىپ مەخسۇس خوندىرىئوسوملۇق كېسەللەرنى داۋالاش مەركىزىدىن بىرنى قۇرۇپ بىرىپ بارلىق كىلىنىكىلىق سىناققا كېتىدىغان چىقىمنىمۇ ئۈستىگە ئالدىغانلىغىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن كۆچۈشكە تەييارلىنىپ تۇرسام، ئۇلار مېنىڭ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلىرىمنى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويۇپ بىرىشىمنى، ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىش تۈگۈل ئۇلارنى ساقلىسىمۇ شىتات قانۇنىغا خىلاپ بولارمىش. مەن قانداقمۇ بۇنى قوبۇل قىلاي؟! مەن شۇنچە كۆپ ئەجىر قىلىپ ئاران يىتىشتۈرگەن بۇ ھۆجەيرىلەر ۋە تەتقىقاتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ يوشۇرۇن كۈچى زور قىسمىنى كەينىمگە تاشلاپ قويالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ياق دىمەي بولمىدى. پۈتۈن ئامېرىكىدا نىيۇيورك شىتاتى بىلەن ئورىگون شىتاتىدىن باشقا بارلىق 48 شىتاتتا ئىنسان تۆرلمە غول ھۆجەيرىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىش چەكلەنگەن ئىكەن. شۇڭا مەن ھازىرچە مەكتىپىمگە ئۇلار تەجىرىبخانا بەرمىسە پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرستىتىغا كۆچۈپ كېتىمەن دەپ بېسىم قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر يېڭى تەجىرىبخانا بەردى، ئەمما ئىشلىتىش ھەققى تۆلەيمەن ۋە ئاز دىگەندە كەلگۈسى 3 يىلدا كۆچمەسلىككە توختام تۈزدۇرۋالدى.
مانا شۆھرەتكامدەك داڭلىق ئالىملارنىڭ قەدرى ئامېرىكىدەك دۆلەتتە ئەمەس، بەلكىم دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ مەكتىپىگە بېسىم ئىشلىتەلىشى بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدا ئىقتىدارلىقلار ۋە مۇۋاپىققىيەت قازانغانلارنى چوڭ بىلىش، قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق مۇھىم ئورۇندا تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن «سورىمىسا بەرمەيدىغان» بىر جەمئىيەتنىڭ قات-قېتىغا سېڭىپ كەتكەن ئىددىيەنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدى. ئىلگىرى يىتەكچى پرافېسورۇم دوكتۇر فورد: «ھەر دائى ئېسىڭدە تۇت، كىشى پەقەت سورىغىنىغا ئېرىشىدۇ، سورىغاننىڭ ھەممىگە ئېرىشەلمەيسەن، ئەمما سورىمىساڭ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيسەن» دەيتتى. شۆھرەتكام يەنە بىر جەھەتتىن بالىلار ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپتىكى مەزگىلى بولغاچقا كۆچۈپ باشقا يەردە ئوقۇشنى تازا خالىمايدىغانلىقىنى ۋە 4-5 يىلغىچە كۆپرەك مەبلەغ بىلەن تەمىلەيدىغان ئۇنىۋېرستىت، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئورىگوندىن كۆچۈپ كىتىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىشلەۋاتقان ئورىگوسن ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەتقىقات مەبلەغلىرى راك كېسىلى تەتقىقاتىغا سەرىپ قىلىنغان بولۇپ، يىللاردىن بىرى ئۇلار 50 مىليون دوللار سوممىسىدىكى تەتقىقات مەبلىغىنى پەقەت راك تەتقىقاتىغا سەرىپ قىلغان بولسىۇ، ئەمما بۇ مەكتەپتىن راك كېسىلى تەتقىقاتىدا بىرەرمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە چىقماي ئەكسىچە، ئامېرىكىدا سەل كىيىنكى قاتاردا تۇرىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا شۆھرەتكام ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى مەكتەپكە شۇنچە كۆپ دۆلەت مەبلىغى ئىلىپ كەلگەندىن باشقا يەنە مەكتەپنىڭ نامىنىنىمۇ تونۇتۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنىلا ئۇنىڭغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ بەرمىگىنىدىن نارازى ئىكەن.
-مۇشۇ تاپتا ئىنسان غول ھۆجەيرىسى تەتقىقاتىمنى قويۇپ تۇرايلى، خوندىرىئوسوملۇق كېسەللرنى گېنى تېخنىكىسى بىلەن داۋالاش تۈرىنى كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنىڭ ئۆزىگىلا 25-30 مىليون دوللار كەتكۈدەك. بۇ تېخنىكا ئاخىرى ئەنگىلىيەنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولدى ۋە ھازىر ئەنگىلىيە مەن بىلەن بىرلىشىپ مۇشۇ تېخنىكىنى ئەنگىلىيەدە كىلىنىكلىق سىناق قىلىپ پات ئارىدا كېسەل داۋالاشقا ئىشلتىشكە بولىدىغانلىقىنى قانۇننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ بولدى. مەن FDA (ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك ئىدارىسى) بىلەن ئۆتكەن ئايدا سۆزلەشتىم، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئەسلى بىر توپ ئادوكات، بىرەر مىڭ بەتلىك مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاپ پۇختا تەييارلىق بىلەن بىرىش كېرەككەن، شۇڭا ئۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئالاھىدە ياخشى نەتىجە چىقمىدى، بۇ قېتىم ئىككىنچى ئايدا كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويدۇم، ھەم ھازىر شۇ ئىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىمەن. مەكتەپتىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجىرىتىشنى سورىسام، ئۇلار سەنمۇ ئىئانە توپلىساڭ، بىز سەن ئىئانە توپلىغان پۇلغا باراۋەر مەبلەغ ئاجرىتىپ بىرىمىز دەيدۇ، شۇڭا ھازىر ئىئانە توپلاشنىمۇ باشلىدىم، ئەمما ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. نۇرغۇن يىغىن، ئۇچرىشىشلارغا بېرىپ تەتقىقاتىمنى چۈشەندۈرۈشۈمگە ۋە باشقىلارنى ئىئانە قىلىشقا قايىل قىلىشىمغا توغرا كىلىۋاتىدۇ.
تاشپولاتكام بولغان گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىچىدە قاتتىق ئەپسۇسلاندى بولغاي:
-شۆھرەت، بۇ مەكتەپنىڭ قىلغىنى بولماپتۇ. ئەسلى مۇنداق ياخشى تەتقىقاتلارنى بۇلار بەكرەك قوللىسا، راك كېسىلىگە بىرىدىغان 50 مىليوننىڭ يېرىمىنى سىلەرنىڭ تەجرىبىخانىغا سەرپ قىلغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن. ياپون ھۆكۈمىتى ياماناكا (2012-يىللىق نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن غول ھۆجەيرە ئالىمى) ئۈچۈن قانچىلىك مەبلاغ لازىم بولسا دىسىلا چىقىرىپ بىرىدىغانلىغىنى ئېيتقان. بىزدىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىنى قوللىغۇدەك بايلار بولغان بولسىتى….
شۇنداق، ياماناكانىڭ كەينىدە ئۇنى شەرتسىز قوللايدىغان كۈچلۈك ياپونيە ھۆكۈمىتى بار، بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شەكمەندەك يەھۇدى ئالىملارنىڭ كەينىدە ئۇلارنى قوللايدىغان يەھۇدي بايلار تەييار، بىزنىڭ بۇ ئۇيغۇر ئالىمىمىزغا ئەمدى نېمە جاپا؟! بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىمنى چۆرگىلىتىپ قويۇۋەتكەندەك بوپقالدىم. مەن ئەزەلدىن مائارىپنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئەڭ مۇھىم بىردىبىر ئامىل دەپ تونۇيتتۇم، ئەمما شۇ تاپتا مەن ياخشى مائارىپ بىلەن بىرگە ئىقتىسادنى چىڭ تۇتمىغان مىللەتنىڭ گۈللىنىشى قېيىن ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمىدىم. ئەسلىدە، بىر ئالىم ئالىم ئەڭ كۆپ ۋاقتىدا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسا، دېققىتىنى ئىئانە توپلاش، قانۇن ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشۈش دىگەندەك ئىشلارغا بۆلۈشكە توغرا كەلمىگەن بولسا بولاتتىغۇ؟! نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئادەتتىكى تەتقىقاتلىرىنى جايلاپ قىلىپ بولالماي يۈرگەندە، دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا پىدائىيلارچە يول ئېچىپ كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان بىر ئالىمنىڭ بۇنچىۋالا بېسىملارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. مەن ئۆزۈمدىن بىر خىل ئامالسىزلىق ئىچىدە ئىچىم تىت-تىت بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇ توغۇرلۇق يەنە ئىچكىرىلەپ سوئال سورىغۇم كەلمىدى. ئەمما كاللامنى قاپلىۋالغان خىياللارنىڭ ئايىقى پورتلانددىن قايتىپ كىلىپمۇ نەچچە ھەپتىگىچە مېنى چىرمىۋالدى. بۇ ئىشتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خاپا بولغىلى بولمايتتى، ھېلىمۇ شۆھرەتكام ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇ ئەگەر ئامېرىكىدىن باشقا جايدا بولغان بولسا، بەلكىم ھازىرقى نەتىجىلىرىنىمۇ قولغا كەلتۈرۈشى تەسكە توختايتتى. ئىشقىلىپ ئىچىمدە بىر ئاغرىنىش بار، يا ئۆزەمدىن ئاغرىندىممۇ ياكى بىراۋلاردىنمۇ بىلمىدىم، نامەلۇم بىرسىگە بولغان ئاچچىقىم بارلىقى ئېنىق، ھەر قانچە قىلساممۇ كىمدىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىمنى بىلەلمەيتتىم، بەلكىم ھېچكىمدىن ئاغرىنماسلىق، ئەكسىچە باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش، تېخىمۇ تېرىشىش كىرەكتۇ. شۆھرەتكامنىڭ مەن يەنىلا ئۈمىدۋار، مەن دىگەن ئىشىمنى چوقۇم قىلالايمەن دىگەنلىرىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئۆزەمگە تەسەللىي تاپاتتىم-يۇ، بۇ ئىشنىڭ ماڭا بولغان تەسىرىنى، مەسلىلەرگە بولغان بۇرۇنقى نۇرغۇن ئويلىنىشلىرىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايتتىم.
شۇنداق قىلىپ مۇشۇ پاراڭلار بىز بۇ مەركەزدىكى مايمۇنلارنى بىر كۆرۈپ چىقىپ ئاندىن شۆھرەتكامنىڭ OHSU مەكتەپ ھويلىسىدىكى يېڭى تەجىرىبخانىسىغا بارماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن ئايرىلدۇق. بىز مايمۇنلار ساقلىندىغان ئالاھىدە ئۆيلەردە ئۇلار بىلەن يىقىن تۇرۇپ سالاملىشىپ قويدۇق، پاراڭلىرىمىز ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى شۆھرەتكامدىن كۈتۈۋاتقان نوبېل مۇكاپاتى ئىستىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تەربىيلەش ئۈستىدىكى پىكىرلىرىگە مەركەزلەشتى.
داۋامى بار….. |
|