قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilgejan

بىلگەجان: پورتلانددىكى كاتتا ئۇچرىشىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
41#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

5

دوست

1694

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19974
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 23:55:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ تەسىرلەندىم، ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش بوپتۇ، ئۆتكەندە سىز يوللىغان سېن ماتىريالىنى كۆرۈپ چىققان ، بۇ يازمىڭىز ئارقىلىق تېخىمۇ تەپسىلى تۇنۇشتۇق،گەرچە تاشپولاتكامنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە نام-شەرىپىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان بولساممۇ لېكىن شۆھرەت  مۇتەللىپتەك بۇ دۇنياۋى ئۇلۇغ ئالىمىمىزنى پەقەت سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز ئارقىلىق ئاندىن تۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق، شۇڭا بۇ جەھەتتە سىزگە كۆپ تەشەككۈر بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا ئالىملىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
43#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
44#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

7

دوست

6317

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1652
توردىكى ۋاقتى: 724
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 00:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   apandim111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-11 00:29  
bilkan يوللىغان ۋاقتى  2014-2-11 00:02
بىلگەجان ئىلمىي يازمىلارنى ياخشى يازغىنى بىلەن بۇنداق ...


بىلگەجاننىڭ بۇ خىل يېزىش ئۇسلۇبى ماڭا ياقتى.چىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ يىزىش مۇشۇنداق بولىدۇ.بىلگەجان تەبئىي پەن ئوقۇغان، شۇنداق بولغانكەن ئۇنى مەخسۇس ئىجدىمائى پەن ئوقۇغان يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى دوكتۇرلار بىلەن سىلىشتۇرساق سەل ئادالەتسىزلىك بولامدۇ قانداق؟ ئۇ شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ ئىلىمى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئاممىباپ ئۇسلۇپتا يېزىپ تېخمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.سىز  دىگەن ئەسەرلەر رەسمى نەشىر قىلنىغان، مۇھەررىر ،تەھرلەرنىڭ نۇرغۇن تۈزۈتىشىدىن ئۆتكەن ئەسەرلەر.مەسىلىلەرگە ئوبىكتىپ باھا بىرەيلى.شەخسى ھېسىياتىمىزنى ئارلاشتۇرۋالمايلى.
بۇ  يازمىنى بىلگەجان ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئۆز نامى بىلەن ئىلان قىلىۋاتىدۇ.مەقسەت تېخمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىنى خەۋەردار قىلىش،ئىپتىخارلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.
46#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

30

تېما

31

دوست

7504

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى: 146
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 865
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-11 23:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) - پورتلاند شەھرىدىكى كاتتا ئۇچرىشىش (داۋامى)

بىز قويۇق ئورمانلىقلار ئارىسىدىكى مايمۇنلارنى كۆرۈپ ماڭغاچ قىززىق پاراڭلارغا چۇشتۇق. ھەممەيلەننىڭ خەۋىرى بولغىنىدەك، شۆھرەتكام ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە چىققان نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ چوڭ بىر دۇنياۋى داڭلىق ئالىمدۇر. بۇ يىل 10-ئايدا نۇرغۇنلىرىمىز نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى يىللاردىكىدىن بەكرەك تەققازالىق ئىچىدە كۈتتۇق چۈنكى ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدا بىز ئۈمىد باغلىغۇدەك بىرەيلەن بار، بىزنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىپ قالسا نەق شۇ ئالاھىدە مېنۇتنى قولدىن بىرىپ قويغۇمىز يوق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ئىسىمى راستىنلا ئېلان قىلىنىپ قالسا يۈرەكلەر ھاياجان ۋە شادلىقتىن يېرىلىپ كىتەرمۇ! شۇنداق تەققازالىق بىلەن ساقلىغانلار ئىچىدە ئەلۋەتتە تاشپولاتكام ئىككىمىزمۇ بار. نوبېل مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىدىغان ۋاقىت ياۋروپادا چۈشتىن كىيىنكى ۋاقىت بولۇپ، بۇ ئامېرىكىدا تېخى تاڭ ئاتىمىغان، يېرىم كېچىدىن ئاشقان ۋاقىتقا توغرا كىلىدىغان بولغاچقا بىز بىر كېچە ئۇخلىماي ئولتۇرۇپ شۇ مېنۇتنى تەققازالىق بىلەن ساقلىغان ئىدۇق. مەن شۆھرەتكامنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن بۇيان كۆپلىگەن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ ئالىمنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە بولغان ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلىدى، ئۇيغۇر ئۈچۈن غايەت زور ئۈمىد ۋە ئىلھام ئىلىپ كەلگەن بۇ ئالىمىمىز ئۈچۈن قانچىلىك ساقلىساقمۇ ئەرزىيتتى. بىز شۆھرەتكامنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن بۇ توغۇرلۇق گەپ ئاڭلايلى دەپ ئۇنىڭ بۇ ئىشقا بولغان قارىشىنى سوراپ باقتۇق.
-غول ھۈجەيرە ساھەسىگە تېخى ئۆتكەن يىلى نوبېل مۇكاپاتى بىرىلدى. ياماناكانىڭ شۇنچە تېز ۋاقىتتا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئاساسلىقى ئۇ ئىجاد قىلغان غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش تېخنىكىنىسى كۆپلىگەن تەجىرىبخانىلاردا ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە غول ھۈجەيرە ساھەسىدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. ئەپسۇسكى، ياماناكا يتىشتۈرگەن iPS ھۆجەيرىلىرى شۇنچە كۆپ تەجىرىبخانىلاردا ھايۋانلار ئۈستىدە سانسىز قېتىملاپ سىناق قىلىنغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە تېخى ئىنسانلاردىكى بىرەر كېسەلنى داۋالىغىنى يوق چۈنكى iPS ھۆجەيرىلىرىدە كۆپلىگەن گېنلارنىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەچكە ئۇلار گېنتىكىلىق جەھەتتە نورمال ھۈجەيرىلەردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.  مەن ئىجاد قىلغان يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىغىلى بولىدىغانلىقى بايقالغىلى تېخى ئۇزۇن بولمىدى، كىشىلەر بۇ تېخنىكىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ بولغۇچە يىللار كىتىشى مۇمكىن. بىز مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تەبىئەت ژورنىلغا تاپشۇرغان ئەڭ يېڭى ماقالىمىزدە بۇ ئىككى ئۇسۇلنى سېلىشتۇرۇپ مەن ئىجاد قىلغان يادرو كۆچۈرۈ تېخنىكىسى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ گېنتىكىلىق ۋە ئېپىگېنتىكىلىق جەھەتلەردە نورمال غول ھۈجەيرىلەرگە تېخىمۇ ئوخشايدىغانلىقى ۋە iPS ھۆجەيرىلىرىدىن كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بەردۇق. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنسا چوقۇم كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتى تارتىلىدۇ. ئەمما بۇ يېڭى تېخنىكىنى ئىلىم-پەن ساھەسى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىپ بولغۇچە 5 يىل ھەتتا 10 يىل كىتىشى مۇمكىن. نوبېل مۇكاپاتى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا مەلۇم بايقاشنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن بىرىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا غول ھۈجەيرە ساھەسىگە كىلەر قېتىم قاچان نوبېل مۇكاپاتى بىرىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس.

شۆھرەتكامنىڭ بۇ ئىشقا بولغان ناھايتى مۆتىدىل پوزىتسىيىسىدىن ئۇنىڭدا پىشقان ئالىملاردا بولىدىغان سالماقلىق ۋە ئەمەليەتچانلىقنىڭ تولۇق يىتىشكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولاتتى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىنى «تەبىئەت» ژورنىلى تەھرىرى باشقا ژورنالغا تاپشۇرمايسلىقنى ئالاھىدە تاپىلىغان بولۇپ، ئۇلار كۆپ قېتىم ماقالىنى قاچان تاپشۇرىسىلەر دەپ سۈيلەپ تۇرۇپتۇ.  «تەبىئەت» ژورنىلىدەك دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىش 99% تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ چۈشى، پەقەت ئەڭ ياخشى 1% ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز سالماقتىكى ئالىملارلا مۇشۇنداق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۆھرەتكام ماقالىدىن ھىچقانداق چاتاق چىقماسلىقنى كۆزلەپ 70 قېتىمدىن كۆپرەك تۈزەتكەندىن كېيىن 6-ئايدا يېزىلىپ بولغان ماقالىنى ئاخىرى 12-ئايدا تاپشۇرغان ئىكەن. ئۇنىڭ پىلانى بويىچە، ئۇ ئىجاد قىلغان يادرو كۆچۈرۈش ئۇسۇلىدا ئايرىپ ئېلىنغان ئنسان غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ iPS ھۆجەيرىلىرىدىن ئەۋزەللىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئۇ يەنە كەم دىگەندە 10-15 پارچە ماقالە ئېلان قىلىشى كىرەكلىكى، ھەر جەھەتتىن ئىنچىكىلىك بىلەن باھالاپ ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلىغاندىلا ئاندىن بۇ تېخنىكنىڭ كەلگۈسىدە كىلىنىكىلق سىناق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىشىغا يول ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۆھرەتكام ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دىدى:

-ماڭا ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن خەت كىلىپ تۇرىدۇ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ خېتىگە قىسقا بولسىمۇ جاۋاب قايتۇرىمەن. مېنىڭ تەجىرىبخانامغا قىزىقدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلھاملاندۇرىمەن، ئەمما ئۇلار ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە دوكتۇرلۇققا كىرەلىشى ئۈچۈن ناھايتى قاتتىق تاسقاشتىن ئۆتىدۇ. ھازىرغىچە مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ، ئۇنىۋېرسىتىمىزنىڭ دوكتۇرلۇققا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە چۈشكەن بىرەر ئوقۇغۇچى كۆرۈپ باقمىدىم. كۆپىنچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ تەتقىقاتىڭىزغا بەك قىزىقىمىز دەيدۇ، ئەمما ئىلتىماس قىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك.

-شۆھرەتكا، سىز ھازىر ناھايتى مۇھىم بىر ئۆتكۈنچى ۋاقىتتا تۇرىۋىتىپسىز، ئادەتتە پىرافىسورلار دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنى ياكى پوستدوكتۇر تەتقىقاتچىلارنى قوبۇل قىلسا تەتقىقات مەبلىغى ئارقىلىق ئۇلارنى قامدايدۇ. سىز بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدىمۇ مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلىپ قالسا يەنىلا قوبۇل قىلشنى ئويلىشامسىز ياكى ھازىرچە مەبلەغنى پەقەت تەتقىقاتقا سەرىپ قىلىشنى ئويلىشامسىز؟ دەپ سورىدىم، مەن كەينىگە ئۇلاپلا.

-مۇنداق گەپ، ئادەتتە بىرىنچى يىلدا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىمىنى مەكتەپ كۆتۈرىدۇ، شۇ بىر يىل جەريانىدا مەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ ھەر خىل تەتقىقات ئۈچۈن بىرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى تەتقىقات مۇكاپاتلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىپ بىرىمەن. مۇنەۋۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىر يىل ئىچىدە بۇنداق مۇكاپاتلاردىن ئاز دىگەندە بىرەسىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ. پوستدوكتۇر تەتقىقاتچىلار تەجىرىبخانامغا كىلىشتىن ئاۋۋال چوقۇم بىرەر تەتقىقات مەبلىغى ياكى مۇكاپاتلىرىغا ئىلتىماس قىلغان بولۇشى كىرەك. دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن قىزىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەن بىلەن ئالاقە قىلسا مەن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ مەبلەغ ھەل قىلساق بولىدۇ. مەن يىلدا 15-20 پارچە چوڭ-كىچىك تەتقىقات تۈرى دوكلاتلىرىنى يېزىپ سۇنىمەن، بۇنىڭ ھەممىسى تەستىقلىنىپ مەبلەغگە ئېرىشمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مەن شۇ بىر قىسىم ئۆزەم يازغان تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئازراق ئۆزگەرتىپ، ئىش قوشۇپ تەتقىقات مۇكاپاتى مەبلەغلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە بىرىمەن، ئادەتتە ياش ئالىملارغا قويۇلىدىغان تەلەپ تۆۋەنرەك بولغاچقا مەن مەبلەغگە ئېرىشمىگەن ئۇ تۈرلەرنى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىپ ئىلتىماس قىلسا ئاساسەن مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن پوستدوكتۇر قوبۇل قىلىشتا غول ھۈجەيرە ساھەسىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغانلارنى ئاۋۋال ئويلىشىمەن. دىمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە مەبلەغ مەسىلىسى ئەمەس، پەقەت تېرىشچان، قىزىقىشى كۈچلۈك، قولىدىن ئىش كىلىدىغان، ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلار بولسىلا مەن ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەشنى ئويلايمەن.

ئالىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزەمدىن سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدىم. مەن ئۆتكەن يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يېزىپ ئۇنىڭ تەجىرىبخانىسىغا ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانى بار-يوقلۇقىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ ناھايتى قىسقا قىلىپ «ئەگەر تەتقىقات مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ ئۆزىنىڭ مەبلىغى بىلەن كىلىدىغانلار بولسا قارشى ئالىمەن» دەپ ئۇچۇر قايتۇرسا، مەن بۇ گەپنىڭ تېگىگە يەتمەپتىمەن.... بەرىبىر، مېنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان تەتقىقاتىم غول ھۆجەيرە ساھەسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا ئۆتكەن يىل مۇشۇ كۈنلەردە پوستدوكتۇرلۇققا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىمدا پەقەت ئۆزەمنىڭ ساھەسىدىكى داڭلىق تەجىرىبخانىلارنى ئالدىن ئويلاشقان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ، شۇنداق ياخشى پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ شۆھرەتكامنىڭ تەجىرىبخانىسدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى، دەپ ئويلىماي تۇرالمىدىم... بۇ ئۇچۇر ھېچبولمىسا ئالىمنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قىزىقىۋاتقان مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈچۈن ئەسقىتىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.

شۆھرەتكامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۇيغۇرغا بولغان مۇھەببەتنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا خاس مىجەزى، گەپ-سۆزلىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن قەلىبداش ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇ بىزگە شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن تاماق يىگەچ سۆزلەپ بەرگەن ئۇيغۇرغا زۇلۇم قىلغان روسىيەگە بولغان قاتتىق نەپرەتلىنىشلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. بىز بۇ پرىماتلار مەركىزىدىن ئايرىلىپ شۆھرەتكامنىڭ OHSU دىكى يېڭى تەجىرىبخانىسىغا بارغىنىمىزدا كۈن ئېچىلىپ ھاۋامۇ خىلى ئىللىپ قالغان ئىدى.





داۋامى بار.....

0

تېما

0

دوست

565

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22553
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-12 00:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان قېرىندىشىم،تىمىنى شۇنداق كۇڭۇل قۇيۇپ ئوقۇۋاتىمىز،داۋامىنى كۇتۇۋاتىمىز جۇمۇ،تىزراق كۇرۇشكە تەشنامىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )