قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilimhumar

بىلىمخۇمار: ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 632-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام نۇقتىسىدىن، ئەرەبلەر مەككىنىڭ شارىفلىقى (ھاكىملىقى) نى ئىزچىل تۈردە مۇھەممەد پەيغەنبەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تۇتقۇزۇپ كەلدى.  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەككىنىڭ شارىفلىقىنى قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئىسمى ھۆسەيىن بىن ئالى (Husayn bin Ali) بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 40-ئەۋلادى ئىدى.  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇنلا ھۆسەيىن ئەنگلىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەرەب زېمىنىگە خەلىپە بولغۇسى بارلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە ياردىمىنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 
شۇنداق قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكە مىسىردىن كېيىنكى يەنە بىر توپ ئەرەب مۇسۇلمان خەلق تۈركلەردىن ئىبارەت يەنە بىر مۇسۇلمان خەلققە قارشى جەڭگە ئاتلاندى.  گەرچە بۇ ئەرەبلەر ھەربىي قورال ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ناھايىتى قالاق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن تۈركلەرنىڭ تۆمۈر يول لىنىيىلىرىنى پارتلىتىپ ۋەيران قىلىش ئوبدانلا كەلدى.  شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەرەبلەر ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئوسمانلى ئارمىيىسىنى بىر قىسىم جەھەتلەردە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.  شۇنداق قىلىپ، ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا ئۈچۈن بىر توپ ئەرەب مۇسۇلمانلار يەنە بىر توپ تۈرك مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى.  بۇ ئىشتا ئەرەبلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھ ھەرگىزمۇ ئەنگلىيىنىڭ گۇناھىدىن يېنىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيە بىرلىشىپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى يوقۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئولجا ئالغان زېمىنلەرنى قانداق تەقسىم قىلىش توغرىسىدا بىر ئىنتايىن مەخپىي كېلىشىم تۈزدى.  بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار 1915-يىلى نويابىردىن 1916-يىلى مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، رەسمىي كېلىشىمگە 1916-يىلى 16-ماي كۈنى ئىمزا قويۇلدى.  بۇ كېلىشىمنىڭ نىشانى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەرەب يېرىم ئاراللىرى سىرتىدىكى ئەرەب ئۆلكىلىرىنى قانداق تەقسىم قىلىش بولۇپ، ئەنگلىيە تەخمىنەن ئىئوردانىيە (Jordan)، ئىراق قاتارلىق بىر قاتار زېمىنلارنى، فرانسىيە بولسا جەنۇبىي تۈركىيە، شىمالىي ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋاننى، روسىيە بولسا ئىستانبۇل، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى، ۋە ئوسمانلىنىڭ ئەرمىنىيە ۋىلايەتلىرىنى ئالماقچى بولدى.  دېمەك، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1915-يىلى ھۆسەيىن شارىفقا بىر پارچە ۋەدىنامە يېزىپ بېرىش بىلەن تەڭ، يۇقىرىدىكى 2-كېلىشىم ئۈستىدىمۇ ئىش باشلىغان.  مەزكۇر كېلىشىمگە ئىزما قويغان فرانسىيە ۋەكىلىنىڭ ئىسمى پىكوت (Francois Georges-Picot) بولۇپ، ئەنگلىيە ۋەكىلىنىڭ ئىسمى بولسا سايكس (Sir Mark Sykes) ئىدى.  شۇڭا بۇ كېلىشىم «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.  1917-يىلى روسىيە ئىنقىلابى چار پادىشاھىنى ئاغدۇرىۋەتكەندىن كېيىن، بولشېۋىكلار چار پادىشاھىنىڭ قانچىلىك چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە بۇ كېلىشىمنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋەتتى.  شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيادا خەۋەر قىلىنىپ، ئەنگلىيە ناھايىتى كەڭ ۋە كۈچلۈك ئەيىپلەشلەرگە دۇچ كەلدى.  ئاشۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئەنگلىيىنىڭ بۇ ۋەھشىي سۈيىقەستىدىن تولۇق خەۋەر تاپقان نادان ئەرەبلەر تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشىنى ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرۇۋەردى
لورېنس ئەرەبلەرگە «ماۋۇ يەرگە ھۇجۇم قىل، ئاۋۇ يەرنى پارتلات، ماۋۇ ئۇرۇشنى مۇنداق قىل» دەپ مەككىلىك ئەرەبلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركلەرگە قارشى جەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، مەزكۇر سكايس-پىكوت كېلىشىمىدىن خەۋەر تاپتى.  ئەمما، لورېنس ھېچ قانداق چاندۇرماي، ئەرەبلەرگە يالغان ۋەدىنى تەكرارلاپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشتا داۋاملىق پايدىلاندى.
شۇنداق قىلىپ، سايكس بىلەن پىكوتتىن ئىبارەت ئەرەب مىللىتى ياكى ئەرەب زېمىنىدىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق ئىككى دىپلومات ئالدىغا بىر پارچە خەرىتىنى قويۇۋېلىپ، ئۆزلىرى ئالماقچى بولغان ئەرەب زېمىنلىرىنى بۆلۈشۈپ چىقتى.  ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھازىرقىدەك بولۇپ قېلىشى ئەنە شۇ داڭلىق «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» دىن كېلىپ چىققان.
بالفور خىتابنامىسىنىڭ خەۋىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان بولۇپ، ئۇنى تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەرەبلەرمۇ ئاڭلىدى.  ئەمما ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ يالغان گېپىگە يەنە داۋاملىق ئىشىنىپ، تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇۋەردى.  
دوكتۇر ياسىر قازى مۇنداق دەيدۇ: «پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار تاكى زىئونىزم باشلانغىچە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن.  قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار، بىز ھەرگىزمۇ زىئونىزمغا قارشى تۇرۇش بىلەن يەھۇدىيغا قارشى تۇرۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايلى.  بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە ھۇشيار بولايلى.  نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى نەرسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ.  بىز زىئونىستلارغا قارشى تۇرىمىز.  بىز ھەرگىزمۇ يەھۇدىيلىققا قارشى تۇرمايمىز.[quote]تارىخ بويىچە قارىغاندا، مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس.  ھازىر نۇرغۇن مۇسۇلمانلار زىئونىستلارغا نىسبەتەن پەيدا بولغان غەزىپى بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.
[/quote]
ماڭا بىر قەدەر تەسىر قىلغان مەزمۇنلار

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:18:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ىز زىئونىزمغا قارشى تۇرىمىز.  ئەمما بىز يەھۇدىيلارنىڭ بىر يەھۇدى مىللىتى بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قارشى تۇرمايمىز.  بىزنىڭ دىنىمىز يەھۇدىيلارغا ئىزچىل تۈردە ئاشۇنداق بىر ھوقۇقنى بېرىپ كەلگەن، ھەمدە ھازىرمۇ بېرىۋاتىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئارىمىزدىكى خاتا چۈشەنچىلەردىن كېلىپ چىققان بۆلۈنۈشلەرگە قاراپ تۇرالمىدىم.  ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسىمىز ئىچىدە ئۆز ئۆمرىدە بىرەر يەھۇدىينى كۆرۈپ باققانلار ئاساسەن يوق.  تارىختىن بۇيان يەھۇدىيلار بىزگە بىرەر قېتىم زۇلۇم سېلىپ باققان ئىشمۇ يوق.  شۇنداق تۇرۇقلۇق نۇرغۇن كىشىلەر يەھۇدىيغا ئىنتايىن ئۆچ.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سىز دۇنيادىكى ئىشلارنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسىڭىز، مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى بايقايسىز:  بىزنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ قانداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر بىزنى سېتىپ خەجلەۋاتىدۇ.  ئەمما ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاشۇنداق ئىشلىرىغا ئاشۇ ئەللەردىكى بىزگە دىنداش ۋە بىزگە قانداش خەلق بىر ئاز تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىپ باققىنى يوق.  بۇنىڭغا قارىماي بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئاشۇ دىنداشلىرىمىز بىلەن ئاشۇ قانداشلىرىمىزنى بېشىغا ئېلىپ كۆتەرگىدەك بولۇپ يۈرۈپ، تارىختىن بۇيان بىز بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇپ باقمىغان بەزى مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك كۆرسىتىۋاتىدۇ.  مەن ھەر قېتىم تورلاردا مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ نامايەندىسىنى كۆرگەندە، ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كېتىمەن. 

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:22:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارىمىزدا ھازىر يىڭىدىن كۆتۈرلىۋاتقان تۈركىيە تەنقىتچىلىقى ۋە ئىسلامى دۆلەتلەر ھىسداشلىقىغا قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى بىر ئاڭلاپ باققۇم بار بىلىمخۇمار ئاكا ؟

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:31:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا تەسىر قىلدى دەپ قارىغان مەزمۇنلار
ھازىر بىزگە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە ھېسداشلىق ۋە ياردەم قىلىۋاتقانلار دىنداشلىرىمىز بىلەن قانداشلىرىمىز ئەمەس.  باشقىلار.  ئاشۇ باشقىلارنىڭ ئىچىدە
*يەھۇدىيلارمۇ بار.  مەنمۇ ئۆزەمنىڭ چەت ئەلدىكى ھاياتى جەريانىدا يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىگە كۆپ ئېرىشتىم.  ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.

دۇنيادىكى بىر قىسىم كىشىلەر زىئونىستلارنىڭ پەلەستىننىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنى ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەت، دەپ قارايدۇ.  زىئونىستلار ئۆزلىرى بولسا قىلغان ئىشلىرىغا ئۆز مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش يولىدىكى ئەڭ ئاقىلانە ئىشلار، دەپ قارايدۇ.  ئىشلەتكەن تاكتىكىلىرىغا بولسا، ئەينى ۋاقىتتكى شارائىت ئاستىدا ئىشنى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل بىلەن قىلىش، دەپ قارايدۇ.  ئاقىلانە ئىشلارنىلا قىلىش، ۋە ئىشنى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل ياكى تاكتىكا بىلەن قىلىش جەھەتتە دۇنيادا ئۆز-ئارا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان 3 مىللەت بار.  ئۇلار يەھۇدىيلار، ياپونلار، ۋە گېرمانلار.  


----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە زىئونىستلار ئېغىر گۇناھكار ھەتتا ئەغىر جىنايەتكارلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلاشتا ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىمگە ۋە ھېچنىمىگە تايانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىك تەرىپىمۇ بارلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ.

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1542
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:33:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-23 18:37  

ئەسلىدىكى 9-رەسىم بەك كىچىك چىقىپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇنى قايتا يوللاپ باقتىم.  بۇ رەسىمگە ئاساسلانغاندا ھازىر سۈننىي 4 گۇرۇھقا، شىئە بولسا 15 گۇرۇھقا بۆلۈنىگلىك ئىكەن.

9-رەسىم

9-رەسىم

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ 20 پىرسەنت ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، ئاياللار بۇرۇنقىدەك پەقەت ئۆيدىلا تۇرۇپ، ئائىلە ئىشلىرىنىلا بىر تەرەپ قىلىدىغان رولىنى ئۆزگەرتىپ، تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ ئەرلەر بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئەھۋال ۋۇجۇتقا كەلدى.  يەنى، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياللارنىڭ ئەنئەنىۋى رولىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاياللارمۇ ئىشلەيدىغان بولدى.  ھازىرقىدەك ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىشى مانا شۇ چاغدىن باشلانغان.

1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيە سۈرىيەگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلارغا قارشى ھالدا ئۆزلىرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىدىغان بىر خەلققە ئېھتىياجى چۈشتى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزى ئالاۋىلارغا چۈشتى.  ئالاۋىلار قەدىمدىن تارتىپ 1919-يىلىغىچە ھېچ قانداق مەدەنىيەتلىشمىگەن (barbarian) خەلق بولۇپ، سۈرىيىنى فرانسىيە بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن ئالاۋىلار  سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ، ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، قاراقچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن ئىدى.  ئۇلار تاغدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم زېمىنى بار ئىدى.  ئەمما ھېچ قانداق تەربىيە كۆرمىگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى سىرتقى دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىلىكلەر ئالاۋىلارنى ئوقۇتتى.  ئۇلارغا ھەربىي ماھارەتلەرنى ئۆگەتتى.  ھەمدە ھەربىي مەكتەپلەردە مەخسۇس تەربىيىلىدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي گېنېراللىق ھوقۇقلىرىنى بەردى.  ھازىرقى سۈرىيە پرېزىدېنتى ئاساد ئەنە شۇ فرانسىيە تەرىپىدىن مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئالاۋىلارنىڭ 2-ئەۋلادىدۇر. يەنى، ئاساد فرانسىيە مەخسۇس سۈننىي مۇسۇلمانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئالاۋىلارنىڭ ئادىمىدۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )