قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilimhumar

بىلىمخۇمار: ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:42:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنگلىيە ئېرىشكەن زېمىن ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلار كېڭەيتىلگەن ئىئوردانىيە، ئىراق ۋە ئەرەبىستاننىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالدى.  شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىنلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا ساقلاپ، ئۇنى باشقۇرىدىغان ئىشنى مەككىنىڭ شارىفى ھۆيەسىننىڭ 3 ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.  يەنى، ھۆسەيىننىڭ 3 ئوغلى 3 پارچە زېمىنغا قورچاق باشلىق بولدى.  ھۆسەيىننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئالى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەرەبىستان بېرىلدى.  شۇنىڭ بىلەن ئالى دۇنياغا ئۆزىنى «ھىجاز پادىشاھى» (King of Hejaz) دەپ ئېلان قىلدى.  ھەمدە بىر مەزگىل ئۆزىنى «خەلىپە» دەپمۇ ئاتىۋالدى.  ئالى بۇ ھوقۇقنى ئاران 1924-يىلى 10-ئايدىن 1925-يىلى 12-ئايغىچىلا تۇتۇپ تۇرالىدى.  بۇنىڭ سەۋەبى، ئەنگلىيە ئالىنى بۇ تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە بىر ئەرەبلەر گۇرۇھىنى قوللاپ، ئۇلارغىمۇ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ تۇردى.  بۇ گۇرۇھ ئەرەبلەردىن تەركىپ تاپقان، ئۇنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى «بىن سەھۇد» (bin Saud) بولۇپ، بۇ گۇرۇھ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئالى ھۆسەيىننى ئەرەبىستاندىن قوغلاپ چىقاردى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئالى ئىئوردانىيىدە ياشاپ، بىر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئۆلدى.  شۇنداق قىلىپ ھۆسەيىن ئائىلىسىنىڭ مەككىدە 40 ئەۋلاد داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.  سەھۇد ئۆزىنى دۇنياغا «سەھۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى» دەپ جاكارلاپ، قول ئاستىدىكى زېمىنغا بولسا «سەھۇدى ئەرەبىستان» دېگەن نامنى بەردى.  مانا بۇ بىز ھازىر بىلىدىغان سەھۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدۇر.


----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارىف ھۆسەيىننىڭ 2-ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىئوردانىيە بېرىلدى.  ھۆسەيىننىڭ 3 ئوغلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى مۇشۇ ئابدۇللاھ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «ھېشىمىت ئىئوردانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى» (King of Hashemite Kingdom of Jordan) دەپ ئاتىدى.  ئابدۇللاھ 1950-يىلىغىچە پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى 1952-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە پادىشاھ بولدى.  ئۇ 1999-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ پادىشاھ بولغان بولۇپ، ئابدۇللاھ بۇ ئورۇندا ھازىرغىچە ئولتۇرۇۋاتىدۇ.  يەنى، ھازىرقى ئىئوردانىيىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللاھ ئەنگلىيىگە باش ئۇرۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە تۆھپە قوشقان شارىف ھۆسەيىننىڭ چەۋرىسى بولىدۇ.  ئۇ ئەسلىدە مەككىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىئوردانىيەدە ھېچ قانداق يىلتىزى يوق.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: مېنىڭ ئۆزەمنىڭ ھېسابلىشى بويىچە، ئىئوردانىيىنىڭ ھازىرقى پادىشاھى ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 43-ئەۋلادى ئىكەن.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:46:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارىف ھۆسەيىننىڭ 3-ئوغلىنىڭ ئىسمى فېيسال (فەئىسال) بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىراق بېرىلدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى «ئىراق پادىشاھى» دەپ جاكارلىدى.  ئىراقلىقلار فېيسالنى قەتئىي ئۆز ئىچىگە ئالماي، تەختكە ئولتۇرۇپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنى تەختتىن چۈشۈرىۋەتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئىراقنى باشقۇرۇشقا فېيسالنىڭ بىر قانچە نەۋرە قېرىنداشلىرىنى نۆۋەت بويىچە تەيىنلەپ تۇردى.  1958-يىلى ئىراق ئارمىيىسى قوزغىلاڭ قىلدى. قوزغىلاڭچىلار شارىف ھۆيەسىننىڭ ئىراقتىكى بارلىق تۇققانلىرىنى، يەنى ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى، بىر ئۆيگە يىغىپ، ھەممىسىنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىۋەتتى.  بۇ ئىشنىڭ بېشىدا تۇرغانلار باشقا ئىراقلىق گېنېراللار بولسىمۇ، شارىف ھۆسەيىن ئائىلىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن مەيداندا ساددام ھۆسەيىنمۇ بار ئىدى.  ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ساددام ھۆسەيىن ئىراق ئارمىيىسى ئىچىدە تەدرىجى ھالدا ئۆسۈپ، 1968-يىلى ئىراققا پرېزىدېنت بولۇپ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ قولىدا ئۆلدى.

4

تېما

0

دوست

2335

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3432
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 362
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:48:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىز،جىق بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق.بولۇپمۇ ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قانداق ھالاك بولغانلىغىنى ياخشى بايان قىپسىز.
  يەھۇدىلار 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى بىلەن پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان،ئەرەپلەرنىڭ قولىدىن نۇرغۇن زېمىنلارنى سېتىۋالغان.ئەرەپلەر يەھۇدىلارنىڭ شۇنچە كۆپ يەر سېتىۋېلىشىنىڭ كەينىدىكى مەخسىدىنى چۈشەنمىگەن،چۈشىنىشكىمۇ قۇربى يەتمىگەن،ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنگە كۆچۈپ كېلىشى ۋە يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلىمىگەن.يەھۇدىلار سېتىۋالغان پارچە-پارچە يەرلىرىنى تەدرىجى بىرلەشتۈرۈپ ھەم كېڭەيتىپ ھازىرقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسىنى سالغان.

4

تېما

0

دوست

2335

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3432
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 362
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 18:50:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن ئاخىرىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئاللاسى، خىرىستىيان دىنىنىڭ خۇداسى،  بۇددا ...بىر نىمىسى  ھەممىسى ئوخشاش.... دىگەن بۇ پىكرىڭىزنى شەخسەن مەن قۇبۇل قىلالمايمەن.  
بۇنداق سۆزنى قىلغان كىشى ئىسلام دىنىنڭ ھۆكمى بويىچە دىندىن چىققان بولۇدۇ.
ماقالىڭىزنىڭ باشقا يەرلىرى شۇنداق ياخشى بولۇپتىكەن، ئەگەر خالىسىڭىز مۇشۇ يەرلىرىنى تەھرىرلىشىڭىزنى تەكلىپ بىرىمەن.

  بۇ ئاپتورنىڭ خۇلاسىسى ئەمەس،ھىندىستاننىڭ داھىسى گەندىنىڭ سۆزىكەن

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3784
توردىكى ۋاقتى: 734
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 19:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھۇدى ئەرەبىستان ئەنگلىيىنىڭ قولىدىن 1927-يىلى 20-ماي كۈنى ئازات بولدى.  «سەھۇدى ئەرەبىستان» دېگەن ئىسىمنى ئابدۇلەزىز ئال سەھۇد (Abdulaziz Al Saud) 1933-يىلى قوللىنىشقا باشلىدى.  ئابدۇلازىز 1953-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 5 ئوغلى نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتۇپ كەلدى.  1953-يىلى ئابدۇلازىزنىڭ ھوقۇقىغا سەھۇد (Saud)  ۋارىسلىق قىلدى.  لېكىن ئۇ قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 1964-يىلى ئورنىنى فېيسال (Faisal) غا بوشىتىپ بەردى.  فېيسال 1975-يىلى بىرى تۇغقىنى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىزىغا قالىد (Khalid) چىقتى.  قالىدنىڭ ئورنىغا 1982-يىلى فاھىد (Fahd) چىقىپ، ئاندىن 2005-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇللاھ چىقتى.  ئابدۇللاھ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ.  يەنى، 1953-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 60 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، سەھۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھلىقى 5 قېتىم ئالمىشىپ بولدى [10].

0

تېما

2

دوست

679

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   35.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25668
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 196
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 19:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elearner تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-24 19:27  

تەھرىرلەندى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )