قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6759|ئىنكاس: 46

(bilgejan) ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

19

دوست

5455

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 1796
توردىكى ۋاقتى: 620
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 09:47:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (2)


- ئۈچ ئۇيغۇر يىگىتنىڭ ئامېرىكا چۈشى سەپىرى


ئاپتورى: بىلگەجان


1596707_10202452245761252_388103008_o.jpg


    ـــ يازمامنىڭ بۇ قىسمىنى شۇ يىللاردا چەتئەلگە چىقىش يولۇمدا ماڭا ياردەمدە بولغان بارچە قەدىردانلار ۋە چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىىشۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرگە بىغىشلايمەن.

1. شىئەندە جەم بولغان دوستلار

         ئىت قوغلاۋاتىدۇ، توۋا دەيمەن، پىستە دىگەنمۇ شۇنچىلىك يامان بولىدىكەن، ھە؟ بۇ كىچىككىنە ئاق پىستە قاۋىغان پىتى كەينىمدىن قوغلاۋاتىدۇ، مەن قېچىۋاتىمەن. مەخسۇس ئىجارە ئالغۇچىلار ئۈچۈن ياسالغان بىنالار ۋە مەينەت، تار كوچىلار ئارىسىدىكى بۇ قىستاڭ مەھەللىدە قېچىپ يۈرۈپ كوچىىنىڭ ئۇ بېشىغىمۇ چىقىپ قالدىم، ئەمما ھېلىقى ئىت مېنى قوغلاشتىن توختىمدى، ئەكسىچە بارغانسېرى تىز يۈگۈرۈپ كەينىمدىن يىپىشىپلا كىلىۋاتاتتى. كوچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىنانىڭ يان تەرىپىدىن ئۇ تەرەپتىكى كوچىغا ئۆتۈۋىلىش ئۈچۈن بۇرۇلاپلا يۈگۈرسەم بىنانىڭ يىنىغا تاۋۇز ۋە كاۋىلار تېرىلغان بولۇپ، ئەتراپى تىكەندە قاپسىلىپتۇ. ئەمدى كۆرۈڭ، ما خاپىچىلقنى! ئانچە ئىگىزمۇ بولمىغاچقا بىر سەكرەپلا شۇ يۇقىرى تىزلىكىم بىلەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىميۇ، كەينى پۇتۇم بىر سىلىق نەرسىگە دەسسەپ ئالدىمغا چار پاقىدەك يىقىلدىم. ھېلىمۇ ياخشى دەسسىگىنىم بىر توڭ تاۋۇز ئىكەن. ئورنۇمدىن تۇرغۇچە ھېلىقى ئىت ماڭا قاۋىغان پىتى تۇرىۋىدى، ئۆي ئىگىسى چىقىپ قالمىسۇن دەپ دەرھال تىكىۋەتتىم. ئەپسۇسكى، قۇتۇلۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپ يەنە بىر دوقمۇشقا بېرىشىمغا بىر پىستە بەش بولۇپ ياندىكى كوچىدىن ئالدىمغا ئېتىلىپلا چىقتى، شۇ ئەسكى مەھەللىنى نەچچىنى ئايلىنىپ ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتىكى ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئىتلار ھېرىپ قالغاندىن كىيىن سەل ئارىلىق تاشلىدىم-دە، دەرۋازىسى ئوچۇق بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتىم-يۇ، ئادەم چىقىشىنى ساقلىماي ئىچىگە كىرىپلا ئىشكنى ياپتىم.
-ئۆي ئىگىسى! ئۆي ئىگىسى!
        نەچچە رەت توۋلىساممۇ ھىچ سادا كەلمىگەچ بۇ ئالتە قەۋەتلىك ئىككى قاش، ئوتتۇرىسىغا سىم تارتىپ يۇيۇلغان چوڭ-كىچىك، رەڭگارەڭ كىيىملەر ئېسىلغان، شىئەندىكى تىپىك ئەرزانغا ئىجارە بېرىلىدىغان بىنالارغا ئوخشاش سېلىنغان كونا، قاراڭغۇ ۋە بەتبۇي پۇراپ تۇرىدىغان بۇ بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ باقاي دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا بۇ بىنا سەت بولسىمۇ ئىچى ھەر ھالدا سالقىن ئىدى. ئىشكنىڭ سىرتىدا ھېلىقى بەش پىستە ئىت ھېلىھەم قاۋاۋاتاتتى. ئەمدى ئۈستىگە چىقاي دەپ تەمشىلىپ تۇرسام، بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈن قەۋىتدىن نەچچە ئادەمنىڭ پارىڭى ئاڭلاندى. يەنە بىر توۋلىۋىدىم، ئاخىرى ئۆي ئىگىسى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ زۇۋان كەلدى:
-نېمە ئىشىڭ بار؟
-ئۆي ئىجارە ئالماقچى ئىدىم
-قانچە ئېغىزلىقىنى ئالىسەن؟ دەپ كاكىرىدى بوۋاي-تىپىك شەنشى تەلەپپۇزىدا.
-ئىككى ئېغىزلىقىنى
-ھازىر پەقەت بىر ئېغىزلىق ئۆيلەرلا بار، ئىككى ئېغىزلىقى يوق.
       مەن سەل ۋاقىتنى سوزۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر ئېغىزلىق ئۆي بولسىمۇ كۆرۈپ باققۇم بارلىقىنى، چوڭراق بولسا ئالىدىغانلىقىمنى ئېيتسام، ئۇ بوۋاي قوشۇلدى. ئۇ ئۈستىدە ئوقۇغۇچى چىراي ئىككى يولداشقا ئۆي كۆرسىتۋاتقان بولۇپ، پەسكە چۈشۈپ مېنىڭ ئاق پىشماق چىرايىمنى كۆرۈپ گەپنى ئۆزگەرتتى:
-مېنىڭ ئۆيلىرىم بەك كىچىك، ساڭا ماس كەلمەسمىكىن؟
-شۇنداق بولسىمۇ بىر كۆرۈپ باقاي، بەك چوڭ بولمىسىمۇ ھەددىدىن زىيادە كىچىك بولمىسىلا بولىدۇ، دەپ مەنمۇ چىڭ تۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ئالتىنچى قەۋەتكە چىقىپ كۆرسەتكەن ئۆيىدىن قۇسۇر چىقىرىپ ئالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ كەينمگە ياندىم. بوۋايمۇ مېنىڭ تېزراق ھويلىسىدىن چىقىپ كېتىشىمنى ئۈمىد قىلاتتى.
           بۇنىڭغا ئوخشاش بىر قارىسىلا چىرايىمىزدىن يولداشلاردىن ئەمەسلىكىمىز بىلىنىپ تۇرغاچقا، كۆپىنچە ئۆي ئىگىلىرى گېپىدىن يىنىۋالاتتى. يەنە بەزىلىرى دەسلەپ بىزنى چەتئەللىك دەپ ئويلاپ قالغاچ ماقۇل بولۇپ، كىيىن توختام تۈزىدىغان چاغدا كىملىكىمىزنى كۆرۈپلا ئۆيىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ قالاتتى ياكى ئەسلى ئۆينىڭ يەنە بىر ئايغىچە بوشىمايدىغانلىقى تۇيۇقسىز ئېسىگە كىلەتتى... دوستۇم ئابلەت ئىككىمىز نەچچە كۈندىن بىرى ئۆي ئىزدەپ بولالماي خىلى ھېرىپ قالغان ئىدۇق. بۈگۈن بىز ئىجارە ئۆيلەر بىر قەدەر كۆپ بۇ مەھەللىدىن بىر ئۆي چىقىپ قالار دەپ ئۈمىدتە ئەتىگەندىن بىرى ئۆي كۆرۈۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ئانچە تەلىيىمىز كەلمەي قويغان ئىدى. كوچىغا چىقىپ ئەمدى ئابلەتنى تىپىۋىلىشىم كىرەك ئىدى. كوچىغا چىقسام ھېلىقى پىستىلەر نەلەرگىدۇر غايىپ بولۇشقان ئىدى، يېقىندىكى كوچىنىڭ تۆت دوقمۇشىدا بىر توپ ئادەم سىرتتا پاراڭ سېلىشىپ تۇرغان بولۇپ تۇرقىدىن خىلى ئۇزۇندىن بىرى بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى پەملىدىم ۋە ئۇلاردىن ئابلەتنى سۈرۈشتە قىلىپ باقماقچى بولدۇم:
-خانقىز، بايا مەن بىلەن بىللە مۇشۇ كوچىدىن ئۆتكەن دوستۇمنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇ قايسى تەرەپكە كەتكەندۇ؟ بايا مېنى بىر غالجىر پىستە قوغلاپ كەتكەندە، ئاغىنەم باشقا تەرەپكە قاچقان ئىدى.
           كىم بىلسۇن، ئەسلى مېنى قوغلىغان ھېلىقى ئاق پىستە بۇ خېنىمنىڭ قولىدىكى چاچلىرى كۆزىنى توسۇۋالغان پاپا شۇكەن ئەمەسمۇ.
-ئۇ غالجىر ئىت ئەمەس، مېنىڭ ئامراق پىستەم. سىلەر قاچمىساڭلار ئۇمۇ قوغلىمايتتى، دەپ قاپىقىنى تۈردى بايىقى ھىجىيپ تۇرغان خانقىز، ئەسلى تەلەتىنى ئاشكارىلاپ. ئەتراپىدىكى بىر نەچچەيلەن ۋە نەچچە كىچىك بالا ماڭا قاراپ ھىجىيىشىپ كەتكەن ئىدى. ئارىدىن بىر ئون ياشلاردىكى قىزچاق سوئالىمغا جاۋاب بەردى:
-ئۇ يىگىت ئاۋۇ تەرەپكە كەتتى.
       شۇ يۆنىلىشتە ئابلەتنى ئىزدەپ ماڭدىم، چۈنكى ئۇ شىئەنگە يېڭىلا كەلگەن بولغاچقا تېخى تېلېفۇنىغا كارتىمۇ ئالمىغان ئىدى. ئەسلىدە مەن يىلاندىن باشقا ھايۋاندىن ئۇنچىۋالامۇ قورقۇپ كەتمەيدىغان، ئىت دېگەندىن ئەسلا قورقمايتتىم. بۈگۈن بۇ كىچىك پىستىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈشۈمنى ئۆزۈممۇ چۈشىنەلمىسەممۇ ئابلەتنىڭ سەۋەبىدىن بولدى دەپ ئويلاپ ئۆزەمچە كۆڭلۈمگە تەسەللىي بىرىپ بولغان سەتچىلىكتىن خىجىللىق ھېس قىلماسلىققا تىرىشاتتىم. دېمىسىمۇ كۆرگەنلەر كۈلگىسى كەلگەندەكلا ئىش بولدى. ئەسلىدە بىز مۇشۇ دوقمۇشتىكى بىر ئۆينى كۆرۈپ بىنانىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىشقا تەمشەلگىنىمىزدىن ھېلىقى كىچىك پىستە نەدىن پەيدا بولدى تۇيۇقسىزلا قاۋاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىدى، مەن ئالدىدا ماڭغاچ پىستىنىمۇ كۆرمىگەن، ئەمما بىر نېمىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئابلەت يۈگۈرگەچكە، مەنمۇ تەبئىيلا قاچقان ئىدىم، قېرىشقاندەك ئىككىمىز ئىككى تەرەپكە قاچساق ھېلىقى پىستىنىڭ مېنىڭ كەينىمگە كىرىۋالغىنى قىززىق. دېگەندەك شۇ قىز دېگەن يولنى بويلاپ ئۇزۇن ماڭمايلا ئابلەت بىلەن تىپىشتىم ۋە بولغان ئىشلارغا بىر مۇنچە كۈلۈشتۇق. بۇ ۋەقەدىن كىيىن بىز بۇ مەھەللىدىن ئۆي ئىزدىمەسلىكنى قارار قىلىپ مەكتەپنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى مەھەلىلەردىن ئۆي ئىزدەشنى نىيەت قىلىپ بۇ نەس باستى مەھەللىدىن شۇ كەتكەنچە قايتا كەلمىدۇق، ئۆمرۈمدە يەنە بىر كۆرۈشتىنمۇ خۇدايىم ساقلىسۇن….
          ئابلەتنىڭ شىئەنگە كىلىشى بەكلا تۇيۇقسىز بولدى. ئەسلىدە بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى چەتئەلگە چىقىش خىيالىدىمۇ يوق ئادەم، مانا شۇنچە تىزلا GRE (ئامېرىكا ئاسپىرانتلىققا كىرىش ئېمتىھانى) غا تىزىملىتىپ شىئەندە ماڭا قوشۇلۇپ ئۆزىنىڭ «ئامېرىكا چۈشى»نىڭ بوسۇغىسىدىن قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇراتتى. ئابلەتنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىكى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە قايىل بولاتتىم. ئەسلى ئىككىلىمىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرستى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان بولغاچقا بىز بىر-بىرىمىزنى بىلىشەتتۇق. ئابلەت مېنىڭدىن ئىككى قارار تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇغان بولۇپ، ئىككىمىز ئاتلان (ئۈرۈمچى يەنئەن يولىدىكى تىل تەربىيىلەش مەركىزى) دا دەرس ئۆتەتتۇق ۋە شۇ جەرياندا ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ خىلى ئوبدان چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. بىز گەرچە پات-پات پاراڭ سېلىشىپ تۇرساقمۇ، ئەمما ئەزەلدىن شۇ كۈنىدىكىدەك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ باقمىغان. 2008-يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىككىمىز ئاتلاندىكى كەچتە ئۆتىدىغان ئېنگىلىز تىلى دەرىسىمىزنى تۈگىتىپ پاراڭلاشقاچ سىرتقا بىللە قايتىپ چىقىۋاتقان ئىدۇق. ئابلەت شۇ يىلى يازدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ گەپ ئارىلىقىدا ئۆزىنىڭ جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇش خىيالى بارلىقىنى دەپ قالدى. مەن ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن چەتئەلدە ئوقۇشنى ئويلىمىغانلىقىنى سورىدىم ۋە ئۇنىڭ جاۋابىدىن ئۇنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش توغۇرلۇق ئانچە كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكى ئايان بولدى. خۇددى كۆپلىگەن سىتۇدېنتلاردەك ئۇمۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن بەك كۆپ پۇل كىتىدۇ، ھەم ئوقۇشقا كىرىش بەكلا تەس دەپ ئويلاپ قاپتىكەنتۇق. مەن ئۆزۈمنىڭ GRE ئېمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىمنى، شۇ يىلى كۈزدىن باشلاپ ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىشنى باشلايدىغانلىقىمنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ بۇ پىلانىمغا ناھايتى قىزىقىپ قالدى. ئۇ شۇ قىزغىنلىقتا ئۆيگە قايتىدىغان ئادەم ماڭا ئەگىشىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىغا پىيادە كەلدى، ئۇنىڭ سانسىز سوئاللىرىنىڭ ھىچ ئاخىرى چىقمىغاچ كالپۇكلىرىم قۇرۇپ ئۇنى ياتىقىمدا بىر پىيالىدىن چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىۋىدىم، ئۇ تارتىنمايلا ماقۇل بولدى. شۇ ئولتۇرغاننى بىلىمىز، بىر پىيالە ئەمەس 5-6 چەينەكنىڭ چىيىىنى ئىچىپمۇ بولدۇق. كەچ بوپ كەتكەچ ئۇ كۈنى ئابلەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى 16-نومۇرلۇق ئوقۇغۇچىلار بىناسىدىكى ياتىقمدا قونۇپ قالدى، شۇ كېچە مەن ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان چەتئەلگە چىقىش توغرىسىدا ئىزدىنىپ بىلگەنلىرىمنىڭ ھەممىنى ئابلەتكە چۈشەندۈرۈپ بولاي دىگەن ئىدىم. ئالە شەرىڭنى، ھېچنىمىنى تۇيماستىن تاڭ يېرىمىدىن ئېشىپ قاپتۇ، ئەمدىلىكتە مەن ئۇنى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا قايىل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇھىم ئىشقا تۇتۇش قىلغان تۇرۇقلۇق تېخىچە زېھنىمنى چېچىپ دەرس ئۆتۈپ يۈرگەنلىكىمنى قاتتىق ئەيىپلەپ چۈشسە بولىدۇ! ئۆمرۈمدە ئابلەتتەك كۆپ (قانچىلىك كۆپلۈكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز) ۋە ئۈنۈملۈك سوئال سورىيالايدىغان ۋە دېگەننى دەرھال چۈشىنىدىغان ئادەملەر بىلەن ھەمسۆھبەت بولغىنىم ئېشىپ كەتسە شۇ بىر نەچچە قېتىم… كېچىنىڭ قالغان يېرىمىنى ئالدىمىزدىكى ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق شۇ بىر نەچچە ئاي ۋاقىتنى قانداق ياخشى ئىشلىتىش توغرىسىدا پىلان تۈزۈشكە سەرىپ قىلدۇق. مەن 9-ئايدا GRE ئېمتىھانىنى شىئەندە بىرىدىغانغا تىزىملاتقان بولغاچقا، ئىككىلىمىز شىئەنگە قېچىپ بىرىپ شۇ يەردە ھەممە باش ئاغرىقلىرىدىن خالىي ھالدا مەخسۇس GRE ئېمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغانغا پۈتۈشتۇق. چەتئەلگە چىقىش ئېمتىھانلىرىغا تىزىملىتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئاۋارىچىلىق بولۇپ، تەلىيىمىزگە يارىشا ئابلەتكە GRE ئېمتىھانى بىرىدىغانغا مەن بىلەن ئوخشاش كۈندە شىئەندىن بىر ئورۇن چىقتى. ئويلىسام ئۇنىڭ بۇ قەدەر كەسكىنلىكى بولمىغان بولسا بەلكىم ئابلەت ئىككىمىز ئامېرىكىدا كۆرۈشمىگەن ۋە تۆت يىلدىن كىيىن سېرىق تاش دۆلەتلىك باغچىسىدا سەيلە قىلغاچ ئاغزىمىزنى تامشىتىپ تۇرۇپ شۇ ئاجايىپ تەملىك چىيىمنىڭ گىپىنى قىلىشمىغان بولاتتۇق. ئەتىسى مەن شىئەندىكى يېڭى شەرق مەكتىپى (شىندوڭغاڭ)نىڭ GRE غا تەييارلىق قىلىش سېنىپىغا تىزىملاتتىم ۋە دەرھال شىئەنگە بارىدىغاننىڭ پويىز بېلىتىنى ئالدىم. مەن ئاتلاندا ئۆتۈۋاتقان دەرس ئىككى باسقۇچلۇق بولۇپ، بىرىنچى يېرىمى تۈگۈش ئالدىدا تۇرغاچقا، شۇ دەرىسىمنى تۈگەتتىم، مۇئاشىمنى ئالدىم-دە، 8-ئاينىڭ بېشىدا شىئەنگە تىكىۋەتتىم. دەسلەپ شىئەندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر دوستۇم بىلەن شەنشى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرىستى يېنىدىكى ئۇنىڭ ئىجارە ئالغان ئۆيىدە بىر مەزگىل بىللە تۇرغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە ئابلەت كەلگەندىن كىيىن مەن ئۇ ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ ئابلەپ ئىككىمىز بىر ئۆي تىپىپ بىللە تۇرۇشنى ئويلىشىپ ئىجارە ئۆي ئىزدەپ يۈرگەن ئىدۇق. كۈنىگە 15 سائەتتىن كىتابتىن باش كۆتۈرمەي ئۆگىنىش قىلىدىغان ۋاقىتلاردا پۈتۈن بىر كۈن ئۆي ئىزدەشتەك بۇنچە كۆپ ۋاقىت كىتىدىغان ئىش راستىنلا ئاۋارىچىلىق بىلىنەتتى. ئامال قانچە؟ قانداقلا بولمىسۇن، پەقەت بىشىمىزنى تىققۇدەك جاي تىپىۋالساقلا بۇنچىلىك قىيىنچىلىق بىز ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس ئىدى. شۇ كۈنى كەچتە ئاخىرى شەنشى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئالدىدىكى بىر مەھەللىدىن بىر يىرىم ئاي تۇرىدىغان ئىشقا ئىككى ئايلىق ئىجارە ھەققى تۆلەپ ھېلىقىدەك ئىجارە بىرىش ئۈچۈن سېلىنغان بىر كونا بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى ئەسكى ئۆيدىن بىرنى تىپىپ ئورۇنلىشىۋالدۇق. بۇ جەرياندا قانداق ئىشلارغا يولۇققانلىقىمىزنى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان سىتۇدېنتلار ئوبدان چۈشىنىدۇ. شۇ مەھەللىنىڭ گىپىنى قىلسام ئەڭ بۇرۇن ئېسىمگە كىلىدىغىنى شۇ قىستاڭ مەھەللىدە قورسىقىنى ئىچىپ قويۇپ يۈرىدىغان نامەلۇم كىشىلەر توپى بولىدۇ. قارا قورساق، مەينەت قورساق، يوغان قورساق دەمسىز ئىشقىلىپ ئىككى تەرىپى يايمىچىلار بىلەن توشقان بۇ قايناق بازاردا بىر كۈننىڭ ھەممە ۋاقتىدا قىستىلىشىپ ماڭىدىغان تار كوچىلاردا ھەر خىل كۆرۈمسىز قورساقلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇچرايتتى. يا ئاللاھ! قورساق دېگەنمۇ شۇنچە سەت بولىدىكەن دېسە دەپ ئويلاپ قالاتتىم ۋە ئىمكانقەدەر شۇ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان قورساقلارنىڭ بىرىگە تىگىپ كىتىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىمغا توغرا كىلەتتى. ئەزەلدىن كىشىلەر قورسىقىنى ئېچىپ قويۇپ كوچىدا ماڭىدىغان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، بۇ ئىش بەكلا غەلىتە بىلىندى ۋە شۇ سەت قورساقلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىمۇ قارا كۆزەينەكنى كۆزۈمدىن ئالماي شۇ تار كوچىلارنىڭ ئۇ چېتىدىكى ئىجارە ئۆيۈمگە ئاران بىرىۋالاتتىم. ئابلەت دەرسكە تىزىملاتماي كۈندە مەكتەپكە چىقىپ ئۆزى تەكرار قىلاتتى، مېنىڭ ھەر كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىككى سائەت دەرىسىم بار ئىدى، باشقا ۋاقىتلاردا مەنمۇ شۇ پىژغىرىم ئىسسىقتا مەكتەپ ھويلىسىدىن بىر تاش ئورۇندۇقنى تىپىپ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلاتتىم. مەن بىلەن بىللە دەرىسكە قاتنىشىدىغان يەنە ئىككى ئۇيغۇر دوستۇممۇ بار بولۇپ، ئابلەت كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى بىللە تاماق يىگەچ ئابلەتنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇپ قويدۇم.
           شئەندە تۇڭگانلار بىر قەدەر كۆپ، مۇسۇلمانچە تاماقخانىلار ئۇچراپ تۇرىدۇ دەپ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئەھۋال مەن ئويلىغاندىن خىلىلا ناچار بولۇپ چىقتى. شىئەنگە كېلىپلا تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلار تاماقخانىسىنى ناھايىتى سېغىنىپ كەتتىم. ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئەتراپلىرىدا ياخشى تاماقخانىلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا مەكتەپ ئاشخانىسىغا ھەپتىلەپ كىرمەيمۇ بەك سېغىنىپمۇ قالمايتتىم، مانا ئەمدى ۋاقىتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا شۇ مەكتەپ ئاشخانىسىدىكىدەك تاماقلارنى تېپىپ يېيىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى. بولۇپمۇ ھازىر يازلىق تەتىل مەزگىلى بولغاچقا شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتى ئالدىدىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى مۇلازىمەتتىن توختىغان بولۇپ، تازىلىقى ئانچە پاكىز كۆرۈنمەيدىغان، ۋىۋىسكىسىدىكى «مۇسۇلمانچە» دېگەن خەتنى دېمىسە زورلىسىمۇ كىرگۈسى كەلمىگۈدەك شۇ كىچىككىنە ئىسقا تولغان تۇڭگان ئاشخانىسىدىن تاماق يېمەي ئامالمۇ يوق. دېگەنبىلەن، مۇشۇ ئاشخانىمۇ بولمىغان بولسا بىز قانداق قىلاتتۇق؟ گەرچە تاماق ئېتىشكە خىلى ئېپىم بولسىمۇ، بىز ئىجارە ئىلىپ تۇرۋاتقان ئۆينىڭ ئاشخانىسىمۇ يوق ئىدى، بولغان تەقدىردىمۇ كۈندە تاماق ئېتىپ ئولتۇرۇشقا چول تېگەتتىم بەرىبىر… شەھەر مەركىزىدە «خۇيمىنجىيې» (تۇڭگان كوچىسى) دەپ ئاتىلىدىغان ئېسل نىمەتلەرگە تولغان بىر جاينىڭ بارلىقىنى شىئەندىكى دوستۇمدىن ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئارىلىق يىراق بولغاچقا مەن ئىمتىھانىنى تۈگەتكەن كۈنىگىچە بىرەر قېتىممۇ ئۇ تەرەپكە بېرىشقا پۇرسەت بولمىدى. بىز ئىجارە ئالغان ئۆي گەرچە«سەرەمجانلاشتۇرۇلغان» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچىدە داق ياغاچ كارىۋاتتىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. بۇنى ئامېرىكىدىكى«سەرەمجانلاشتۇرۇلمىغان» دېگەن مەن كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئىجارە ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان توڭلاتقۇ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، دوخوپكىلىق ئوچاق، ئىس سېگناللىغۇچ، يەنە بەزىلىرىدىكى كىرئالغۇ، مىكرو دولقۇنلۇق ئىسسىتقۇ… قاتارلىقلارغا سېلىشتۇرسىڭىز ئوخشاش سۆزنىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا پۈتۈنلەي باشقىچە مەنا بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالاتتىڭىز. باشقىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، ھەتتا پوزىغىچە ئۆزىمىز سەپلىشىمىزگە توغرا كەلگەن بۇ «سەرەمجانلاشتۇرۇلغان» ئۆيدە چاي قاينىتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە بولغاچ، ئابلەت ئىككىمىز توكلۇق سۇ ئىسستقۇدىن بىرنى ئالدۇق ۋە ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئالغاچ كەلگەن بىر يەشىك ئېسل ناننىمۇ نەچچە كۈنگە قويماي تۈگىتىپ بولغان ئىدۇق. كىرلىرىمىزنى يۇيىدىغانغا داس دېگەندەك ئۇششاق-چۈششەك لازىمەتلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۆي دېگەندىن كۆرە «دەڭ» دېسە بەكرەك يارىشىدىغان بۇ تۆت تامنىڭ ئىچىنى تۈزەشتۈرۈشنىمۇ ئويلاشمىغان ئىدۇق. ھەر ھالدا بىز كۆرگەن باشقا نۇرغۇن ئۆيلەردەك چېكەتكىلەرنىڭ مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆرمىگىنىمىزگە خۇشال بولاتتۇق. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ ئەسكى ئۆيىمىزنىڭ قولاي تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى. مەن ئىلگىرى بىر «سەھەر قۇشى» ئىدىم، ئەتىگەن سائەت 5:30 لاردا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشىك يوچۇقىدىن كەلگەن چىراق نۇرىغا قاراپ ئابلەتنىڭ ھەر كۈنى مەندىن بۇرۇن تۇرۇپ ئۆگىنىشنى باشلىۋىتىدىغانلىقىنى جەزىم قىلاتتىم. داق كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە نېپىزغىنە سېلىنغان ئۈرۈمچىدىن ئىلىپ كەلگەن بارى-يوق شۇ بىر يوتقىنىم ۋە ئۈستۈمگە يېپىنچا قىلىپ ئارتىۋالغان بىلەن ئىسسىقتا ئۈستۈمدە تۇرمايدىغان يوتقان كىرلىكىنى قاتلىۋىتىپ، ئاستا ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن تاڭ سەھەردە مەكتەپ ھويلىسىغا چىقىپ سۆزلۈك يادقا ئىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقاتتىم. بۇ مەھەللىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ مەكتەپكە بېرىشقا 5-6 مىنۇتمۇ كەتمەيتتى، بولۇپمۇ كۈندە ئەتىگىنى ياغلىق ئارتىۋالغان ئىككى ئىللىق چىراي تۇڭگان چوكان كۆز ئالدىڭىزدا پىشۇرۇپ ساتىدىغان تولىمۇ مەززىلىك پۆرە ۋە پىلتە قۇيماقلارنى ئويلىسام ئاغزىمغا سۇ يىغىلىپ قەدەملىرىم ئۆزلۈكىدىن تېزلەپ كېتەتتى. ھاۋا ئىسسىغاندا ئالەم-جاھاننى بىر ئالىدىغان دەرەخلەردىكى يۇقىرى ئاۋازدا چىرىلدايدىغان چېكەتكىلەر چۈشكە يېقىن ئەڭ ئاكتىپ مەزگىلگە كىرگۈچە ئۆگىنىشىمنى ئوبدانراق قىلىۋالمىسام بولمايتتى.
            GRE ئېمتىھانى ئۇ ۋاقىتلاردا ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئېلىناتتى، كومپيۇتېردا ئېلىنىدىغان يېزىقچىلىق قسىمنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن تېخىمۇ مۇھىم بولغان قەغەزچە ئېلىنىدىغان ماتېماتىكا ۋە سۆزلۈك (verbal) قىسمىنى ئايرىم بىر كۈندە بېرىشكە توغرا كىلەتتى. كومپىيۇتىر ئېمتىھانى مەيدانىنىڭ شىنجاڭدا تەسىس قىلىنماسلىقى بىزنىڭ شىئەنگە كىلىشىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى ئىدى. ئابلەت ئىككىلىمىز كومپيۇتېر ئىمتىھانىنى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا، قەغەزچە ئىمتىھانىنى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بېرىدىغانغا تىزىملاتقان ئىدۇق. يېزىقچىلىق ئىمتىھانىغا پەقەت بىر ئايدەك ۋاقتىم قالغاچقا ھەر كۈنى ئون پارچىدىن مەشىق ماقالە يېزىشىمغا ۋە پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدىكى ئېسل يېزىلغان ئۈلگىلىك جۈملىلەرنى ئەستە تۇتىۋىلىشىمغا توغرا كېلەتتى. بۇ يېزىقچىلىق ئىمتىھانى «مۇنازىرە، argument» ۋە «كۆز قاراش، issue» دەپ ئىككى پارچە ماقالىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ بولۇپ، بىرىنچىسىدە لوگىكىسىدا خاتالىق بار بىر ئابزاس ئوقۇشلۇق بېرىلەتتى، بۇنىڭدىن ناھايىتى چاققانلىق بىلەن خاتالىقلارنى بايقاپ نېمە ئۈچۈن شۇ بېرىلگەن ئابزاسنى يازغۇچى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان پىكىرنىڭ خاتالىقىنى قايىل قىلارلىق دەلىل-ئاساسلار بىلەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئېنگىلىزتىلى يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ بىر پارچە رەددىيە ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىناتتى. ئىككىنچى خىلىدا بولسا، ئاساسلىقى مەلۇم بىر مەسىلە، پاراڭ تېمىسى ياكى جەمئىيەتتىكى بىرەر ھادىسىگە نىسبەتەن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز-قارىشىنى ۋە كۆز قارىشىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن توغرا ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىشىڭىزغا توغرا كىلەتتى. بۇ ئىككى تۈرنىڭ ھەر بىرىگە ئېمتىھان ئالغۇچى ئورۇن ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرستېتىدىكى ETS نىڭ تېما ئامبىرى بار بولۇپ، جۇڭگوچىلىقتا ئەلۋەتتە بۇ تېمىلار ئاشكارە ئىدى ۋە بىزمۇ ئاتالمىش «ئېمتىھان مۇتەخەسسىس»لىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ قولغا چۈشۈرگەن مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھەر بىر تېمىنىڭ ئالدىنقى ئاي ياكى شۇ يىل ئىچىدە قانچە قېتىم ئېمتىھانغا چىققانلىقىغا ئاساسەن ئەڭ كۆپ ئېمتىھانغا چىققان تېمىلارنى مەركەز قىلىپ شۇ تېمىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ تەييارلىق قىلاتتۇق. بۇ ئېتمىھاننىڭ يېزىقچىلىق قىسمى تەييارلىق قىلىش بىر قەدەر ئاسان قىسمى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئويۇننىڭ قىزىقى قەغەزچە ئېلىنىدىغان ئىككى تۈردە، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا ماتىماتىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ ئەڭ كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغىنى «سۆزلۈك» قىسمى ئىدى. 23 مىڭ سۆزلۈك ئاڭلىماققا ئانچە كۆپ بىلىنمىگەن بىلەن، ئانا تىلى ئېنگىلىزتىلى بولغان ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ خىلى تەييارلىق قىلى ئاندىن بىرىدىغان بۇ قىسمىدا نۇرغۇنلىغان ئېنگىلىزتىلىغا چەتتىن كىرگەن (ئاسالىقى گرىك، فرانسۇز، لاتىن، گېرمان، ئىپسان، ئىتالىيان، سىكاندىنىۋىيان تىللىرى) سۆزلەر ۋە ئادەتتە تۇرمۇشتا كەمدىن-كەم ئىشلىتىلىدىغان ئىبارىلەر ۋە ھەر قايسى ئىجتىمائىي ۋە تەبئىي پەن كەسىپلىرىگە ئائىت پەننى ئوقۇشلۇقلاردا ئۇچرايدىغان چۈشىنىش قېيىن سۆزلۈكلەردىن ئېمتىھان ئېلىناتتى. مەن ئىمتىھاننىڭ بۇ قىسمىغا TOEFL ئىمتىھانىنى يىلنىڭ بىشىدا تۈگىتىپلا تەييارلىقنى باشلاپ يېڭى ئالغان داڭلىق GRE سۆزلۈك كىتابىمنى باشتىن-ئاخىرىغا، ئاخىرىدىن بېشىغا، ئوتتۇرىدىن ئىككى تەرەپكە دېگەندەك ئىشقىلىپ نەچچە ئۆتكۈزۈپ بولغان بولساممۇ، ئەمما «قىزىل تاشلىق كىتاب» تىكى نۇرغۇن سۆزلەر سورالسا يەنىلا ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغاندەك تۇيغۇغا كېلەتتىم، زېرىكەتتىم، ئۈمىدسىزلىنەتتىم… خەپ دەيتتىم! بۇ زېرىكىشنىڭ قانداق زېرىكىش ئىكەنلىكىنى پەقەت شۇ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ باققان «بىچارىلەر» بىلمىسە، بۇنى تىلدا ئىپادىلەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس، ئىشقىلىپ ئوخشاتسىڭىز بۇ ئېمتىھانغا تەييارلىق قىلىشنىڭ تېتىمسىزلىق دەرىجىسى دۇنيادىكى ئەڭ كىشىگە خۇشياقمايدىغان ئىشلار تىزىملىكىدە ئالدىنقى قاتارغا تېزىلىدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنىمەن… ئەڭ مۇھىمى شۇنچە تەييارلىق قىلىپ زېرىكىپ ئاچچىق يۇتۇپ بوشاشماي تەييارلىق قىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە بىر مۇنچە پۇل تۆلەپ «يېڭى شەرق مەكتىپى» گە تەربىيىلىنىشكە تىزىملىتىپ ئوقۇۋاتساق، ئۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزنى بۇ تىز كۈچەيتىش سىنىپىغا تىزىملاتقانلار ئەڭ بولمىغاندا ئىككى يىل ئاۋۋال تەييارلىقنى باشلىغانلار دەپ ئويلايمەن دەپ كىشىنىڭ روھىنى چۈشۈرسە، ياندا ئولتۇرغان كۆزەينەكلىك ساۋاقداشلارنىڭ «قىزىل تاشلىق كىتاب»نى 30 قېتى ئۆتكۈزۈپ بولدۇم، ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۈچ يىل بولدى، ئەمما تولۇق نومۇرنىڭ يېرىمىنى ئېلىشقىمۇ ئىشەنچىم يوق دېگەن قاملاشمىغان (ئەمما راست) باراڭلىرى تېخىمۇ ئوغىمىزنى قاينىتىپ ئادەمنى ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا ئىتتىرىشكە ئاران تۇراتتى. ھەر كۈنى دەرسكە بىللە بارىدىغان ئۈچىمىزدىن ئۇتۇقنىڭ تەييارلىقى ئەڭ پۇختا ئىدى، خەيرىنسانىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا تەييارلىقى ماڭىمۇ يەتمەيتتى (گەرچە تىرىشچانلىقى مەندىن قىلىشمىسىمۇ). ئۈچىمىز ھەر ھالدا كۈندە دەرسكە بىللە بېرىپ، بىللە كېلىپ، بىر يەردە ئولتۇرۇپ دېگەندەك قىسقا ۋاقىتتىلا ناھايىتى تىز چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. ئابلەت دەرسكە بارمىسىمۇ كۈندە بىرەر ۋاق تاماقتا بىللە بولىدىغان بولغاچقا ئۇمۇ بۇ ئىككى يېڭى دوستۇم بىلەن چىقىشىپ كەتكەن ئىدى. بىزنىڭ بۇنچىۋالا ئىچەكىشىپ بىر يەرگە كەلسەك كۈلكىمىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى بەلكىم ئوخشاش نىشان يولىدا كۆرەش قىلغۇچىلارنى تەقدىر بىر يەرگە جەم قىلغاندا، شۇ ئوخشاش ئارزۇ، ئوخشاش سەرگۈزەشتىلەرنىڭ باغلاپ تۇرۇشى بىلەن تەبئىي ھالدا تىزلا كونا دوستلاردەك تۇيغۇغا كىلەلەيدىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. بۇ ئۈچ دوستۇم ھاياتىمدىكى ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ روھىي قوللاشقا موھتاج كۈنلەردە جەڭدىكى سەپداشلاردەك ھاياتىمغا قوشۇلغان بولغاچقا، ھەر بىرى مەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە خەيرىنىسا كىيىن ئاۋىسترالىيىگە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا چىققانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان ئۈچىمىز شۇ يازلىق تەتىلدىن دەل بىر يىل ئۆتكەن ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىمىزنى باشلىدۇق. مەن ھازىرمۇ بۇ ئىككىيلەننى ئەڭ قەدىناس دوستلىرىم قاتارىدا سانايدىغان بولغاچقا ھېكايەمنىڭ داۋامىدا ئابلەت، ئۇتۇق ئۈچىمىزنى ئاساس قىلىمەن.
           شىئەنگە بۇ ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم ئىدى. تۇنجى قېتىمدىمۇ مۇشۇ چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا لازىم بولىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىنگىلىز تىلى ئىمتىھانى بولغان TOEFL توفىل ئىمتىھانىنى بىرىش ئۈچۈن شۇ يىلى 1-ئايدا كەلگەن ئىدىم. ئۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىمغا ئائىت مەزمۇنلارنى مەن يازغان «دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم» ناملىق يازمامدا سۆزلەپ بولغاچقا بۇ يەردە قايتا ئەزىۋەيلىمەيمەن. ئەمما سىلەرگە تونۇشلۇق بولمىغىنى شۇكى، 2008-يىلى 1-ئايدا شىئەندە توفىل ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ ئۈرۈمچىگە قايتقىنىمدا يۈز بەرگەن كىچىككىنە، ئەمما ماڭا ناھايىتى زور تەسىر قىلغان بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى: شىئەندىكى توفىل ئىمتىھانىغا ئاران بىر ئايچە تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، ئەمما بۇ ئىمتىھاننىڭ سىنايدىغىنى ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى بولغاچقا ناھايىتى ياخشى بېرىپ مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى بىلەن خۇشال ھالدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلسەم، ئىشلار ئانچە خۇشاللىق بىلەن ئاخىرلاشمىغان ئىدى. شۇ ۋاقىت گەرچە تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، تەجىرىبىخانىمىزنىڭ ئاتالمىش «ئاسپىرانتلارغا دەمئىلىش يوق» تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز مەيلىمچە بىر ھەپتە يوقاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن، شۇ ۋاقىتتىكى ماگىستىر يىتەكچىم پىرافىسور XXX نىڭ ئەشەددىي ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغان ئىدىم. ئۇ تەتىلدە تەجرىبىخانىدا قىلىپ خىزمەت قىلىدىغانلارغا بېرىدىغان ئايلىق 150 كوي پۇلنى بەرمەيلا بولدى قىلغان بولسىغۇ مەيلىتى، ئەمما ئىش ئۇنداق ئاسان تۈگىمىدى. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا باشنى يەردىن كۆتۈرمەي دەشنەم دېگەننى بولۇشىغا ئاڭلاۋاتىمەن، كەچۈرۈم دېگەننى سوراپ بولالماي تىلىمنىڭ بىر قات تېرىسىمۇ چۈشۈپ كەتتى، ئەمما «سۆيۈملۈك» پىرافىسورۇمنىڭ ئاچچىقى يەنىلا بېسىلماي مېنى بىر پارچە «جىيەنتاۋ (ئۆزىنى تەكشۈرۈش)» يېزىپ شۇ ھەپتىلىك تەجىرىبخانا يىغىنىدا ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا گۇناھىمغا تۆۋەنامە ئوقۇتۇشنى قارار قىلدى….. مەن نېمە جاپالار بىلەن ئارزۇيۇمغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن، نېمە قېينچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمەن بىر قېتىممۇ سوراپ قويماي، ئەكسىچە ماڭا ئىككى قېتىم ئۆزەمنى تەكشۈرتكۈزگەن شۇ پىرافىسورۇمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن كۈنۈم ئولتۇرغان سورۇندا بارچە پرافىسور، ئاسپىرانت ساۋاقداشلىرىم ئالدىدا ناھايىتى ھەيۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ مېنى ھەر تەرەپتىن قوللاپ ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا يولغا سالغىنىنى ماختىنىپ تۇرۇپ سۆز قىلغان شۇ مۇغەمبەرلەرچە تۇرقى كاللامدا نەچچە ئون قېتىملاپ سېلىشتۇرما بولغاندۇ.. شۇنداقتىمۇ بۇ پرافىسورۇمنى بىر كەسىپچان ئۇستاز دەپ قارايمەن ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ھۆرمەتلەشكە تىرىشىمەن.
        بۇ ئىش ھاياتىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا بۇنى دېيىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايمەن. باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ئۆگىنىش ھەيئەتلىك «ئەمىلى»نى قولدىن بەرمەي، ھەر ۋاقىت ئۇستازلىرىمنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ ئوقۇغان، ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئەمەس، بىرەر قېتىم ئۇستازلىرىمنىڭ ئالدىدا ناچار ئىش قىلغانلىقىم تۈپەيلى يەرگە قاراپمۇ قالمىغان مەن ئۈچۈن بۇ خەتنى يېزىش قانچىلىك ئېغىر كەلگەنلىكىنى بۇ پرافىسورۇم ھەرگىز چۈشىنىپ يېتەلمەيتتى. بۇ خەتنى يازسام بوپتۇ يازدىم، ئەمما مېنى خەقنىڭ ئالدىدا خەنچە ئوقۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۇنتۇپ كېتەلمەسلىكىم مۇمكىن... مۇشۇ پۇرسەتتە ئالىي مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارغا «چەتئەلدە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان، شۇنچىلىك نىيەتكە كېلىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىڭلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ قويۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان روھىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش كويىدا بولماي، ئۇلارغا ئىككى ئېغىز ئۈمىد ئىلىپ كىلىدىغان ياخشى سۆزۈڭلار بىلەن ئىلھام بېرىپ قويۇڭلار. ئۇلار ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ ئىزباسارىڭلاردۇر. سىلەر جۇڭگو ئاسپىرانتلىق مائارىپى بىلەن تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئاسپىرانتلىق مائارىپىنىڭ پەرقىنى ھەممىنى بەكرەك چۈشىنىسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ شۇ مىڭبىر جاپادا تاغدەك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يۈكسەك ئارزۇلىرىغا يېتىش يولىدا كۆرۈش قىلىۋاتقان ياش بوغۇنلارغا زور ياردەملەردە بولالمىساڭلارمۇ، قولۇڭلاردىن كىلىدىغىنىنى قىلىشنى، ئەڭ بولمىغاندا ئېغىزىڭلاردا بولسىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭلار!» دەپ خىتاب قىلغۇم كەلدى. ئويلىغىنىمدەك توفىل ئىمتىھان نەتىجەم تۇنجى قېتىم بەرگىنىمگە باققاندا ياخشى چىققان ئىدى. بۇ قېتىم شىئەن شىندوڭفاڭدا ئوقۇش جەريانىدا بىلدىمكى، ئىچكىرىدىكى بىز بىلەن رىقابەتلىشىدىغان يولداشلار ئىشىك تۈۋىدىلا بۇ ئىمتىھانلارنى بېرەلەيدىكەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن نەچچە مىڭ كويلۇق ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى ئادەتتىكى چىقىم بولغاچقا، كۆپىنچىسى توفىل ئىمتىھانىنى ئىككى-ئۈچ قېتىم بەرگەندىن كىيىن ئەڭ ياخشى چىققان نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلىتىدىكەن. ئەمما GRE ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرگە سۇنغاندا ETS (ئامېرىكا ئىمتىھان مۇلازىمەت مەركىزى) ئاپتوماتىك ھالدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ  ئالدىنقى بەش يىل ئىچىدە بەرگەن بارلىق ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى قوشۇپ ئەۋەتىدىغان بولغاچقا، يولداشلار بۇ ئىمتىھانغا ئۈچ-تۆت يىل، كامىدا ئىككى يىل قاتتىق تەييارلىق قىلىپ بىرلا قېتىمدا يۇقىرى نومۇر ئىلىشىنى كۆزلەيدىكەن. شۇنىڭغا يارىشا، جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ GRE ئىمتىھانىدىكى ئوتتۇرىچە نومۇرى ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ ئۈستۈن ئىكەن، ئەمما بۇ بىزدەك بىر يىلمۇ تەييارلىق قىلالمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى. شۇنداق،  بىزنىڭ يولىمىزدا كىشىنى چۈشكۈنلۈككە باشلايدىغان پاكىتلار تىزىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما بىز بىر ئۈمىدنىڭ ئىلھامى بىلەن بىزنىڭ بولدى قىلىشىمىزغا يېتىپ ئاشىدىغان سەۋەبلەردىن كۈنىگە بىرنى ئەمەس ئوننى كۆرۈپ تۇرساقمۇ، يەنىلا بەل قويۇۋەتمەي ئۆزىمىز توغرا ۋە ئاخىرى داغدام يول دەپ ئىشەنگەن شۇ يولدا مېڭىۋىرىشنى داۋاملاشتۇراتتۇق. بەلكىم چەتئەلگە چىقىشقا قىزىقىدىغانلار كۆڭلىدە قانداق قىلسا زېرىكىپ تۇرۇپ يەنە كۈنىگە 15 سائەتلەپ ئۆگىنىش قىلغىلى بولىدىغاندۇ، دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەمەلىيەتتە سىرلىق ئەمەس.
         يېقىندا چەتئەلدە ئوقۇشقا ناھايىتى قىزىقىدىغان بىر دوستۇم مەندىن: «ئىچىمدە بىر ئوت بار، ئۆچەلمەيدۇ يا كۆيەلمەيدۇ...بەزىدە تەقدىرگە تەن بەرگۈم كېلىدۇ ،بەزىدە بۇنداق قىلسام يەنىمۇ چوڭ پۇشايماندا قالىمەن دەپ بوشاشقۇم كەلمەيدۇ ...سىز مۇشۇ تىرىشىش جەريانىدا ئىچكى دۇنيارىڭىزدا مۇشۇنداق  زىددىيەتلىك ۋاقىتلار  بولغانمۇ؟ » دەپ سورىغان ئىدى. ئىچىمدە بىر ئوت بار، ئۆچەلمەيدۇ يا كۆيەلمەيدۇ - بۇ سۆز دەل مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى ھېسسىياتىمنى ناھايتى ئوبدان ئىپادىلەپ بىرەلەيتتى. بەلكىم سىزنىڭمۇ ھاياتىڭىزدا بىر ئىشقا قاتتىق قىزىققانلىقىڭىز دەستىدىن يۈرىكىڭىزدە بىر ئوت كۆيۈۋاتقاندەك ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغان بولغىيتتتى. بىز ئۈچ دوست يۈرىكىدىكى شۇ ئوتنى يالقۇنلىتىپ كۆيدۈرگەنلەردىن ئىدۇق، دەل شۇنداق بولغاچقا بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان نىشانغا يىتەلىدۇق. مەسىلە شۇ ئوتنى قانداق كۆيدۈرۈشتە بولسا كىرەك.
         مەن شىئەنگەن كەلگەن كۈنى كەچتە شۇنداق ئېسىل بىر دوستنى ئۇچرىتىپ يولدا سەپەرداش بولۇپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. مېنىڭ ئالدىمغا چىققان شىئەندە ئوقۇۋاتقان دوستۇم بىلەن كەچتە تاماققا چىقساق ياندىكى ئۈستەلگە بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتلىرى كىلىپ ئولتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ تەبئىيلا سالام-سائەتتىن كىيىن ئۇلارغا قوشۇلغان بولدۇق. بۇ يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىئەندە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى چەتئەل تىلى ئۆگىنىۋاتقان سىتۇدېنتلار بولۇپ بىر-بىرىدىن ئېسىل بالىلار ئىدى. ئارىسىدا بىرەيلەن ئۆزىنىڭ خاربىندا سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ۋە شىئەنگە نەچچە كۈن بۇرۇن GRE ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى دېمەسمۇ، ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىقتىن يايراپ كەتتىم. بۇ كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان ئوچۇق مىجەزلىك ۋە كۈلكە-چاقچاققا ئامراق، ئۆزىمۇ يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي، ئۆتكۈر ۋە چىقىشقاق يىگىت - دەل ئۇتۇق ئىدى. ئېسىمدە قىلىشىچە، مەن ئۈرۈمچىدىن پويىزدا چوڭ بىر قوغۇننى ئىلىپ كەلگەن ئىدىم، شۇ كۈنى قوغۇننى كەچلىك تاماققا ئىلىپ چىققان. ئۇتۇق قوغۇننى كۆرۈپ:
-يا ئاللاھ، ئۆيۈڭنى مەھەللەڭنىمۇ پويىزغا بېسىپلا كەلدىڭمۇ نېمە؟ دەپ پىشانىسىگە ئۇرۇپ چاقچاق قىلغان ئىدى.
-ئۆيۈم قالدى، ئەمما يەيدىغاننى كۆتۈرەلىشىمچە خىلى جىق ئالغاچ كەلدىم. قوغۇننىڭ تاتلىقلىقىنى كۆرگەنسەن، مۇشۇنداق ئۇسساپ تۇرغاندا ئەسقاتىدۇ، ئەمەسمۇ. بۇ يەردە بۇنداق تاتلىق قوغۇن نەدە تۇرۇپتۇ...
-راست، سەن قوغۇنچىنىڭ بالىسىمۇ نېمە؟ ھەجەپمۇ تاتلىق قوغۇننى تىپىپ ئاپسەن.
        قوغۇننى يىگەچ ئۇنىڭ مىننەتدار بولغان تەلەپپۇزدا ئېيتقان شۇ چاقچىقى بىلەن بۇ بالا بىلەن ئوبدان دوستلاردىن بولۇپ قالىدىغىنىمغا شۇ ۋاقىتتىلا ئىشەنگەن ئىدىم. ئۇتۇق سانائەت پەنلىرى بويىچە جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان خاربىن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوپتىكا فىزىكىسى كەسپىدە تۆتىنچى يىللىققا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچى ئىكەن ھەم ئۇمۇ توفىل ئىمتىھانىنى بېرىپ ياخشى نومۇر ئىلىپ بوپتۇ ھەم GRE تەييارلىق قىلىۋاتقىلىمۇ بىرەر يىلچە بولۇپ قاپتۇ. پاراڭلىشىپ بىلسەم ئۇتۇق، ئابلەت ئۈچىمىز قۇرداش ئىكەنمىز. مەن سۆرىلىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ يۈرگىنىم بىلەن بۇ ئىككىسى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بەل باغلاپتۇ. ئۇتۇق ئىچكىرىدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاچقىمۇ شىئەندىكى مەن كۆررۈپ جىلە بوپ كىتىدىغان ئىشلارغا ئۇنچىۋالا ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتى. ئۇ ئۆز كەسپىنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە مەكتىپىدە «ئالادىن ئىنگىلىزتىلى» دەپ ئاتالغان بىر كۇلۇپ قۇرغان بولۇپ، مەكتىپىدىكى باشقا مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە خاربىندىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارغا ھەر ھەپتە ئاخىرلىرىدا ھەقسىز ئىنگىلىزتىلى دەرىسى ئۆتۈپ بىرىدىكەن. ئۇ مەكتىپىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىپ بەرگەندىن باشقا، ئالىي مەكتەپنىڭ نۇرغۇنلار چۈشىنىۋالغاندەك ئوينايدىغان جاي ئەمەس، بەلكى تولۇق ئوتتۇرىدىنمۇ بەكرەك تىرىشىپ ئۆگىنىپ كەلگۈسىگە ئۇل سالىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بىرىپتۇ. مەن ئۇتۇقنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى. بىز ئەتىسىدىن باشلاپ بىللە مەكتەپكە باردۇق ۋە بىللە نۇرغۇن ئاچچىق-سوغۇقلارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۈچىمىزنىڭ مىجەز خۇلقى پەرقلىنىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئورتاقلىقىمىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە ئوخشاش بىر ئوت بار ئىدى، بىز شۇ يۈرىكىمىزدىكى ئوتنى لاۋۇلدىتىشنى تاللىغانلاردىن ئىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن نىشانىمىزغا يېتىش يولىدا ھەرگىز ھاردۇق-تالدۇق دەپ ۋايساپ باقمىدۇق. دانالارنىڭ تۆۋەندىكى بىر جۈملە سۆزى ماڭا ناھايتى يارايدۇ:
-ھورۇنلۇقنىڭ سەۋەبى قىزىقىش، نىشان ۋە ئۈمۈد نىڭ بولمىغانلىقىدا.
          بىز تىرىشتۇق، تىرىشقاندىمۇ خىلى راۋۇرۇس تىرىشتۇق، ھورۇنلۇق بىزدىن يېراقتا قالغان ئىدى چۈنكى ھورۇنلۇق يۇقىرىدا دىېيىلگەندەك قىلىۋاتقان ئىشىدا قىزىقىش ۋە نىشانى يوق، ئۈمىدكە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى ئىزدەپ تاپاتتى. بىز  ئۈچىمىزنىڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتلىرىمىز بولغان، ئەمما بىز ئۈمىدنى ئۈزۈپ باقمىغان.
          شىئەندىكى يازنىڭ ھاۋاسىنى كۆرمىگەن بولسام شۇ ۋاقىتلارغىچە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالىدىكى مېھرى ئىسسىق يۇرتىمىزنىڭ نىسبەتەن سالقىن ياز ھاۋاسىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن بولاتتىم. ھەممە نەرسىنىڭ قەدرى تېخىمۇ ناچىرىنى كۆرگەندە ئاندىن ئۆتۈلىدىغان ئىشكەن. بۇ گەپنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما ئاڭلىغان بىلەن ياشاپ، باشتىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغۇچە نۇرغۇن گەپلەرنىڭ تېگىگە ھەقىقىي يەتمەيدىكەنمىز. تىنجىق ئىسسىقتا قىستاڭ ئاپتوبۇسلارنى ساقلاۋىتىپ دەرەخنىڭ سايىسىگە كىرىۋالغان بىلەنمۇ ئازراقمۇ پايدىسى بولمايتتى. ھەتتا يامغۇر ياغسىمۇ ھاۋا يەنىلا شۇ چىدىغۇسىز ئىسسىق ۋە تىنجىق پىتى تۇرىۋەرگەچكە كىشىگە يامغۇرمۇ خوشياقمايتتى. شۇنداق قاتتىق يامغۇر ياغقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئادەتتىكىدىن كۆپرەك ئۇخلىۋىلىش شۇنداق خوشياققان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزەمنى سۆرەپ دېگۈدەك يۈزۈمنى سوغۇق سۇدا يۇيۇۋېتىپ كىتابىمنى قولۇمغا ئالدىم. قارىسام ئابلەت ئاللىقاچان مەكتەپكە ئۆگىنىش قىلغىلى چىقىپ كەتكەندەك قىلاتتى. يەكشەنبە كۈنى دەرىسىم بولمىغاچقا پۈتۈن كۈن ئۆيدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلىشنى خىيال قىلىۋېتىپ ئۇتۇقنى ئېسىمگە ئالدىم ۋە ئۇنىڭمۇ ئۆيىدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇرغىنى خىيالىمدىن كەچتى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىگەنلىك بازاردىكىلەر تارقاپ كەتمەستە ئۆيدىن چىقتىم ۋە ھېلىقى تۇڭگان ئايالنىڭ پۆرسى ۋە پىلتە قۇيماقلىرىدىن ئىككى كىشىلىك ئىلىپ مەھەللىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۇتۇقنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم. كىم بىلسۇن، مېنىڭ بۇ كىچىككىنە كۆڭۈل بۆلۈشۈم ئۇتۇقنى بەكلا خۇش قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما يامغۇردا سىرتقا چىقىشقا ئېرىنىپ ئۆيدە ئۆگىنىش چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغىچە چىداشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئىككىمىز ھورى چىقىپ تۇرغان پۆرە، پىلتە قۇيماقلارنى خام سەيلەر بىلەن قوشۇپ ئۇتۇق دەملىگەن چاينى ئوتلاپ ئولتۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشتىھا بىلەن يىدۇقكى، ھازىرمۇ ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك شۇ تۇڭگاننىڭ پۆرىسىنى تىلغا ئالماي قالمايمىز. بەزىدە ھاياتىمىزدا نى-نى چوڭ ئىشلار ئەستە قالمىغان بىلەن، ئەمما مۇشۇنداق كىچىك ئىشلار ۋە ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئەسلىمىلەر مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىكەن. ئالدىنقى كۈنى شىندوڭفاڭدىكى دەرسىنى تۈگىتىپ ئاپتوبۇستا ئۆرە تۇرۇپ ئۆيگە قايتقۇچە يېنىمىزدا تۇرغان 35 ياشلار چامىسىدىكى ئەرنىڭ بىزگە بىر قاراپلا دەرھال سومكىسىنى ئالدىغا تىقىشتۇرۇپ مەھكەم قۇچاقلىۋىلىشى ۋە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشلىرى مېنى شۇنچىلىك بىئارام قىلدى ۋە بۇ خورلۇققا چىدىماي قالدىم. ئاخىرى جىم تۇرغۇم كەلمەي ئۇنىڭغا قاقشاپ كەتكىنىمدە ئۇتۇق ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ئارىغا چۈشۈپ ئۇنى كەچۈرۈم سوراتقۇزۇپ ئىشنى ناھايىتى چىرايلىق ھەل قىلغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكىرىدە 6-7 يىل تۇرۇش جەريانىدا بۇنداق ئىشلارغا تالاي قېتىملاپ دۇچ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنىدە ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىنى چۈشەنگەندەك بولغان ئىدىم. بۈگۈن مەن ناشتا قىلغاچ ئۇتۇققا پاسپورتۇمنى ئۈرۈمچىدا قانداق بىجىرگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇ شۇنچىلىك ھەيران قالدى. ئىچكىرىدە ئوقۇسا نۇرغۇن جەھەتلەردە قېينالغان بىلەن، يەنە بەزى تەرەپلەردە قولاي تەرەپلىرىمۇ بار ئىدى. ئاددىيسى، ئۇتۇق ۋە مېنىڭ ئىچكىرىدە ئوقۇغان باشقا دوستلىرىم پاسپورت بىجىرگەندە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە بارىدىكەن ۋە پاسپورت ئىلتىماس جەدۋىلىنى توشتۇرۇپ ئىككى پارچە سۈرەت تاپشۇرسىلا ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە پاسپورتى قولغا تېگىدىغان ئىشكەن. ئەمما مېنىڭ ئۈرۈمچىدە شۇ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنىڭ ئۆزىگە ئېرىشىشىمگە توپتوغرا ئۈچ ئاي ۋاقىت كەتكەن ئىدى…
         شۇنداق قىلىپ شىئەندىكى جاپالىق ھەم ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر يېرىم ئايلىق تەييارلىقتىن كىيىن بىزنىڭ ئېمتىھان بېرىدىغان كۈنلىرىمىزمۇ يىقىنلاپ قالدى. ئۆزۈم يازغان مەشىق ماقالىلەرنى ئېمتىھانغا چىقىش نىسبىتى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تېزىپ خىلى ئوبدان كاللامغا ئىلىۋالدىم. يېزىقچىلىق ئىمتىھانىدا بىر پارچە 500 خەتلىك «كۆز-قاراش» ماقالىسى يېزىش ئۈچۈن 45 مىنۇتلا بېرىلىدىغان بولغاچقا ئالدىرىماي ئويلاپ ئولتۇرىدىغانغا ۋاقىت يوق ئىدى، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېنگلىزچە خەت ئۇرۇش سۈرئىتىممۇ سەل ئاستا بولغاچقا شۇ ماقالىنى ئۇرۇپ تۈگىتىپ بولالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ شەنشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى شۇ جەرياندا تونۇشقان قۇمۇللۇق غەنى قاتارلىق دوستلارنىڭ ياتىقىدىكى كومپيۇتېردا ئۆزۈم يازغان ماقالىلەرنى ئىملا خاتالىقى ئۆتكۈزمەي ئۇرۇشنىمۇ خىلى ئوبدانلا مەشىق قىلىۋالدىم. بۇ 9-ئاينىڭ باشلىرىدىكى ۋاقىتلار بولغاچقا مەكتەپ ئىچىدە توپ-توپ ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنى كۆرگىلى بولاتتى ۋە نۇرغۇنلار بىلەن مەكتەپ ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار كېلىشى بىلەن ئىشقا قايتىدىن كىرىشكەن ئۇيغۇر ئاشخانىسدا كۆرۈشۈپ تونۇشۇپ قالغان ئىدىم. كۈنلەر ئاخرىغا بارغانچە كۆڭۈللۈك ئۆتۈشكە باشلىغان ئىدى. شۇ بۇرادەرلەر كۆپ جەھەتتىن ياردەمدە بولغاچقىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىسمىنى دەماللىققا يادىمغا ئالالمىساممۇ ئۇلارنى دۇئالىرىمدا ئەسكە ئالىمەن. نەق شۇ ۋاقىتلاردا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئامېرىكىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقى ۋە مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر قىلغان بولغاچقا، ئاخىرقى بىر ھەپتە ۋاقتىم شىئەندە ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە ئۆتكەن بولدى. ئۇتۇق شىندوڭفاڭدىكى دەرىسنى تۈگىتىپ تۇنجى بولۇپ خاربىنغا قايتتى. شىئەندە مەن بۇرۇن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كەپتىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر غەلىتە ئىش 9-ئاينىڭ 11-كۈنى شىئەن چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ھويلىسىدا ئېمتىھانغا كىرىشنى ساقلاپ كىتاب كۆرۈۋاتقىنىمدا يۈز بەردى. ئېمتىھانغا كىرىشنىڭ ئالدىدا GRE غا تەييارلىق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان كىتابىمدىكى ئېتمىھان ۋاقتىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئوقۇپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز بىرى ئالدىمدا توختىغاندەك بولدى. كەينىدىنلا «لاۋ ۋەي، لاۋ ۋەي...» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قارىسام بېشىمدا بىر ئايال قولىدا كۆتۈرۈۋالغان ئۈچ ياشلا چامىسىدىكى قىزىغا مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ چەتئەللىك مۇشۇنداق بولىدۇ، دەپ ھەدەپ بارماقلىرىنى بېشىمغىلا تەڭلەپ دېگۈدەك تۇرۇۋېتىپتۇ. توۋا، دەپ قالدىم… بۇرۇن چەتئەللىك دوستلىرىم ئىچكىرىدە كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختاپ مۇشۇنداق بارماقلىرىنى تەڭلەپ تۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ ئۇلارنى ناھايىتى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگىنىدە، بەلكىم ئۇلار چەتئەللىك كۆرۈپ باقمىغان ئادەملەر بولسا شۇنداق قىلغاندۇ، نېمانچىلا بىئارام بوپكەتكەنسىلەر دەپتىكەنمەن. ئەمدىلىكتە بۇ ئىش مېنىڭ بېشىمغا كېلىۋىدى، راستىنلا ناھايىتى بىئارام بولدۇق. بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە ھايۋاناتلار باغچىسىغا بالىنى ئويناتقلى ئەكىرىپ ھەر خىل جانلىقلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بالىغا ئۆگەتكەن كۆرۈنۈشنى ئەسلىتەتتى. ئۇ ئايالغا تازا بىرنى ئالايدىم، ئاستا كېتىپ قالدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىككى قىز ئوقۇغۇچى يېنىمدا پەيدا بولۇپ بېشىنى مەن ئولتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان كىتابقا سوزۇپ نېمە ئوقۇۋاتقانلىقىمنى رۇخسەتسىزلا بىلىشكە ئۇرۇنغىلى تۇردى. ئۇلارغا گەپ قىلىشقىمۇ رايىم يوق، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئېمتىھان مەيدانى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئالدىنقى قېتىم قىشتا شىئەنگە كەلگىنىمدىمۇ، پويىز ئىستانسىسىدا بېلەت ئىلىش ئۈچۈن شىئەندىكى دوستۇم ئېرشات بىلەن ئۆچىرەتتە تۇرۋاتساق كەينىمىزدىكى ئىككى قىز بىزنىڭ تۇرقىمىز ۋە گەپلىرىمىزدىن بىزنى خەنزۇچە بىلمەيدىغان چەتئەللىك دەپ پەرەز قىلىشتى بولغاي، بىز توغرۇلۇق مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئاخىرىدا ئۇلار سەل ئۆزىنى بىلەلمەي قالغىنىدا بىز ئۇلارغا خەنزۇچە قايتۇرۇپ گەپ قىلىپ قويغىنىمىزدا بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىزنىڭ بوي-تۇرقىمىزنى ماختاپ قىلغان سۆزلىرىدىن قىپقىزىل قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. گەرچە بەزىدە ھاماقەتلەرنى گەپكە سېلىپ قويۇشمۇ خىلى ئادەمنى كۈلدۈرگىدەك، ئىچى پۇشۇقىنى چىقارغۇدەك ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ئىمتىھانغا ئالدىراپ تۇرغاندا بۇنىڭغا ھېچبىر رايىم يوق ئىدى. كىم بىلسۇن، ئېمتىھانغا كىرىپلا كۆزۈم خۇشاللىقتىن يوغان ئېچىلىپ قالدى، نېمىشقا دەمسىلەر؟ چۈنكى مەن يازىدىغان بىرىنچى ماقالە ئالدىنقى ئايدا ئەڭ كۆپ ئېمتىھانغا چىققان تېمىلار تىزىملىكىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، بۇ تېمىدا كېمىدە ئۈچ مەشىق ماقالە يازغان ۋە يازغانلىرىم كاللامدا ئويۇپ قويغاندەك شۇ پىتى بار ئىدى. بارماقلىرىم كونىراپ كەتكەن كومپيۇتېر تاختىسىغا كۈچەپ-كۈچەپ ئۇرۇپ يايراپ كەتتى.
            ئوقۇرمەنلەر بىلگىنىدەك بۇ ھېكايەمدىكى ئابلەت، ئۇتۇق ئۈچەيلەننىڭ ھەممىمىز پەقەت ۋە پەقەت ئامېرىكىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلاردىن ئىدۇق ۋە شىئەندە جەم بولۇپ ئەھمىيەتلىك بىر يېرىم ئاينى بىللە بۇ نىشانىمىز ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۈچىلىمىز دەل بىر يىلدىن كىيىن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قەدەم باستۇق. ئۇتۇق ۋە ئابلەت بىلەن ئامېرىكىدا بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە بەزىدە بىزگە توختىماي ۋەتەندىكى ياش سىتۇدېنتلاردىن كىلىپ تۇرىدىغان خەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمىزنى سېلىشتۇرۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە بىز ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى تەرىپىدىن دوكتورلۇقتا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىغاچقىلا بىز تەبئىيلا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلاردىن بولۇپ قالمايمىز، ئەمما ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بىزنىڭ باسقان يولىمىزنىڭ تۈز، قىسقا ۋە نەتىجىلىك بولغانلىقى بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش. تۆۋەندە بۇ شىئەندىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارغا ھېكايەمدىن بەلگىلىك سەھىپە ئاجراتماقچىمەن.

2. نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا؟

              گەرچە چەتئەلگە چىقىشتا ھەر كىشىنىڭ مۇددىئاسى ۋە تاللاش ئۆلچەملىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى چۈشىنىدىغان ھەر بىر كىشىگە نىسبەتەن، چەتئەلدە ئوقۇشقا قىزىققۇچىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئويلىشىدىغان مەسىلىسى ئىقتىسادنى قانداق ھەل قىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس. بىر قىسىم دۆلەت ئىچىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغانلاردىن سورىسىڭىز ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلاردا ئوقۇغاندا جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇشقا پۇرسىتى بولغان بولسىمۇ يەنىلا جۇڭگودا ئوقۇشنى تاللىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ قاراشتىكىلەرنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش پۇرسىتى دەپ كۆزدە تۇتقاندىكى كونكرېت پۇرسەتنىڭ زادى قانداق پۇرسەت ئىكەنلىكىگە ناھايىتى قىزىقىمەن چۈنكى ئامېرىكىدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇقتا قوبۇل قىلىنغان تۇرۇپ بۇ پۇرسەتتىن ئىختىيارى ۋاز كېچىپ جۇڭگودىكى مەكتەپلەردە دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى تاللايدىغانلار بار دېسە، مەن شەخسەن ئىشەنمەيمەن، ھەم راستىنلا بار دېگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ بىر ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىگە مەڭگۈ قايىل بولمايمەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرى بۇ ھېكايەمنڭ داۋامىدا ئايان بولغۇسى.
        ئۆزەمنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشقا چىقىش جەريانىدىكى بېسىپ ئۆتكەن مۇساپەمگە قارايدىغان بولسام، مەن نۇرغۇن ئىككىلىنىشلەر، قايمۇقۇشلار ۋە نېمە قىلىشنى بىلمەسلىك ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئاخىرى پەقەت ئامېرىكىدا ئوقۇشقا قاتتىق ئىرادە باغلىغان. كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپلا دادام-ئاناملار كىمنى كۆرسە «بالام كەلگۈسىدە چوقۇم ئالىم بولىدۇ»، دەپ ماختاپ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ كەلگۈسىدە ئالىم بولىدىغان ئوخشايمەن، دەپ ئويلايتتىم ۋە ئۇلارنىڭ بۇ گەپنى تىلغا ئالغاندا ئالاھىدە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، گۆدەك قەلبىمدە ئالىم دېگەن ناھايىتى ئۇلۇغ ئىنسان ئوخشايدۇ دېگەن چۈشەنچە شەكىللەنگەن ۋە كۆڭلۈمدە شۇنداق ئادەم بولۇشقا تېنىمسىز بىر ئىنتىلىش پەيدا بولغان ئىدى. ئۇلار گەرچە ئۆزلىرى ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈشكە ئامالسىز قالغان، يەكەننىڭ شەھەر ئىچىدىن ئەڭ يىراق، چەت بىر سەھراسىدىكى ئاددىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بولسىمۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت مېنىڭ چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي ئوقۇشتا ئوقۇشۇمنىڭ مۇھىملىقىنى ھەم مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئەسلى-ۋەسلى، دۇنيادىكى تاپقان-تەرگىنى ۋە ھەممىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مېنىڭ ئوقۇشنىڭ ئەڭ چوققىسىغىچە داۋاملاشتۇرۇشۇمنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھەر ۋاقىت رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى. دادامنىڭ مېنى كىچىكلا مەكتەپكە بېرىپ، باشلانغۇچتا مەكتەپ مۇدىرلىق ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ مېنى ئىككى سىنىپ ئاتلاتقۇزۇپ ئۆزەمدىن ئۈچ ياش چوڭ بالىلار بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا يولغا سېلىشىمۇ دەل ئۇنىڭ مېنىڭ يۇرتىمىزدىن چىققان ئەڭ ياش ئالىم بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولغان ئىدى. شۇڭىمۇ، كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا گەرچە قەيەردە، نەدە، قانداق ئوقۇشنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، ئۆزەمنىڭ ئاتا-ئانام ئېيتقان شۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ئالىي ئوقۇش» نى ھامان بىر كۈنى ئوقۇيدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشىنەتتىم. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا يەكەن بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم، مەن كۆرگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئابلەت مەمەت مۇئەللىم ئۆزىنىڭ ئەينى يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى زەپەر ئابلىز مۇئەللىمنىڭ قول ئاستىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ يەكەنگە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ناھايىتى پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى زېرىكمەي سۆزلەپ بېرەتتى ۋە بىزنىڭ كەلگۈسىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن توختاپ قالماي ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشىمىزنى، مۇمكىن بولسا ئۇستازى زەپەر ئابلىز مۇئەللىمدەك ياپونىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇشىمىز كېرەكلىكىنى جېكىلەپ تۇراتتى. مۇشۇ تەسىرلەر ئاستىدا، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا تۇنجى بولۇپ كۆڭلۈمدە چەتئەلدە ئوقۇيمەن، دېگەن غۇۋا بىر نىشان پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغاندىن كىيىن، مەن بىر يېڭى ئوقۇغۇچى بولغاچقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزى مەكتەپ رايونى قانداقتۇ دەپ كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بارغىنىمدا، تاساددىپىي بىر پۇرسەتتە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشتۇرغان بىر سۆھبەتكە قاتنىشىپ قالدىم. ئېسىمدە قىلىشىچە، ئابلاجان ئىسىملىك خېمىيە فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانىتى ئۆزىنىڭ شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللىقاچان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ناھايىتى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ، گەپ ئارىلىقىدا ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. نەچچە يىل ئۆتمەي، ئابلاجان مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خېمىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدە ناھايىتى ھەۋەس قىلغان ئىدىم. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا دەسلەپ ئىنگىلىز تىلى مۇھىم بىر تىل بولغاچقا ئۆگىنىشىم كىرەك دېگەن قاراش بىلەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىنكى ئىككىنچى قىشلىق تەتىلنى ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزدۈم ۋە قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ ئاجايىپ قىزىقارلىق ئىنگىلىز تىلى دەرسىنى ئاڭلاپ بۇ تىلنى ئۆگىنىشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە ئەمەس بەلكى خۇشاللىق دەپ تونۇيدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ھەر قىش ۋە يازلىق تەتىلدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۆيگە قايتماي ئۈرۈمچىدە قىلىش ماڭا ئۇدۇم بولۇپ قالدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا بارغاندا مەن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقتىمنىڭ يىقىنلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن نېمە قىلىشىم كېرەك دېگەن سوئال كاللامنى چىرماشقا باشلىدى. ئالىي مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن گەرچە ئاسترونومىيىگە ناھايىتى قىزىقىپ شۇ كەسىپتە ئوقۇشنى ئەڭ ئارزۇ قىلساممۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپتە بىئولوگىيە ئوقۇش جەريانىدا بۇ كەسپىمگە شۇنچىلىك قىزىقىپ قالدىم ھەم ئۆزۈمنىڭ ئەسلى مۇشۇ كەسىپكە ھەقىقىي قىزىقىشىم بارلىقىنى، پەقەت تولۇق ئوتتۇرىدىكى بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ زېرىكىشلىك دەرس ئۆتۈشىدىن بىزار بولغاچقا بۇ قىزىقىشىمنى ئىلگىرى بايقىماي قالغانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتكەن بولدۇم. كەسىپمدىكى دەرسلەر قانچە قىيىنلاشقانسېرى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ سوئاللىرىمغا كۆڭۈلدىكىدەك جاۋاب بېرەلمەسلىكى مېنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئىشتىياقىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى.  بۇ كۈنلەردە ئېنگلىزچە سەۋىيەم راۋۇرۇس ياخشى، دەرس نەتىجىلىرىممۇ فاكۇلتېت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغاچقا مەن پۇل سەرپ قىلماي چەتئەلدە ئوقۇش مۇمكىنمىدۇ، دەپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم. دەسلەپ تۈركىيىدە، ئاندىن مالايسىيا دېگەندەك دۆلەتلەرگە چىقىشنىڭ بىر قەدەر ئاسان ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئوقۇشۇم پۈتۈشى ھامان شۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىگە چىقىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما بۇ دۆلەتلەرگە چىقىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك ئىقتىساد كېتىدىغان ئىشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەتلەردە بىئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇشنىڭ جۇڭگودىكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ بۇ پىلانىمدىن دەرھال ۋاز كەچتىم چۈنكى بۇ كىچىكىمدىن كاللامغا سېڭىپ كەتكەن «ئەڭ ئالىي ئوقۇش» تا ئوقۇش چۈشۈمگە ماس كەلمەيتتى. ئاخىرى ئالىي مەكتەپ 4-يىللىقىغا چىقىپ بولغاندا ئاندىن «تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن» دېگەندەك ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئامېرىكىدا ئوقۇش توغرىسىدا مېنى قىزىقتۇرۇپ قويغىنى ماڭا قاسىمجان مۇئەللىم ئاچقان كۇرستا بىر يىل ئىنگلىز تىلى دەرىسى بەرگەن كرىستېن ئىسىملىك ئامېرىكىلىق قىز سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىلەر سەۋەب بولدى. بۇ ئىنگىلىز تىلى مۇئەللىمىم بىلەن داۋاملىق ئېلخەت بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق. ئۇ مېنىڭ چەتئەلدە ئاسپىرانتىلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم بارلىقىنى بىلىپ ئامېرىكىدا ئوقۇشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر ئۇزۇن ئېلخەت يازغان ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ناھايىتى يېقىن ئىككى دوستى دەل بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا ئۇدۇللا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى باشلىغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەكتەپتىن «مۇئاش» ئىلىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مېنىڭ دەرس نەتىجىلىرىمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ مېنى تېخىمۇ قىزىتىشقا باشلىدى. ئۇ خېتىدە دوستلىرىنىڭ بىرى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مېدىتسىنا ئۇنىۋېرستېتلىرىنى بىرى بولغان ئامېرىكا جونېس-خوپكىنز ئۇنىۋېرسىتېتى (Johns Hopkins University) دا، يەنە بىر دوستىنىڭ بولسا ۋاشىنگىتون شەھىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت جورج تەۋۇن ئۇنىۋېرسىتېتى (Georgetown University) دا ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى كەسپىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بۇ مەكتەپلەرنىڭ سۈرەتلىرىدىن قوشۇپ يوللاپتۇ. ۋاھ! نېمىدېگەن قالتىس! بۇنداق ئۆز كەسپىڭىزدە تەتقىقات سەۋىيىسى ۋە مائارىپى دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ھەم داڭلىق ھەم گۈزەل ئۇنىۋېرستېتلاردا ھەقسىز ئوقۇڭ بىر، ئوقۇغانغا مۇئاش ئىلىڭ ئىككى، تېخى دوستۇمنىڭ ھېلىقى دوستلىرى مائاشىنى يىغىپ ھەر تەتىلدە ساياھەت قىلغۇدەكمىش! بۇنداق ياخشى گەپ كىمنى قىزىقتۇرمايدۇ، دەيسىز؟!
             شۇنداق قىلىپ ھاياجان ۋە قىزغىنلىق ئىچىدە ئامېرىكىدا ئوقۇش توغرۇلۇق ئۇچۇرلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى بەكلا كېچىككەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئىچىم ئۆرتىنىپ كەتتى. سائەتلەپ ئەمەس، كۈنلەپ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەنچە، ئېنگلىزچە مەنبەلىرىدىن ئۇچۇر ئىزدەپ، ئامېرىكىدا ئاسپىرانتىلقتا ھەقىقەتەنمۇ ھەقسىز ھەم تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئاز دېگەندە بىر يىل ئاۋۋال TOEFL، GRE دەيدىغان ئىككى ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ يەنە بىر مۇنچە خەت چەكلەرنى تەييارلاپ كىلەر يىلى كۈزدىكى ئوقۇشقا شۇ يىلى 12-ئايدا ئىلتىماس تاپشۇرۇش ئىكەنلكىنى ئازاپ ئىچىدە ئاستا-ئاستا بىلدىم. نېمىشقا ماڭا بىرەرسى بۇرۇنراق دەپ قويمىغان بولغىيتتى دەپ ئىچىمدە غودۇڭشىپ كىملەرنىدۇر قارغايتتىم…. ئەمما ئامال قانچە؟ كېچىككىنىم كېچىككەن بولدى. شۇ ئارىدا فاكۇلتېت مېنى ھەقسىز ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بەرىبىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئامېرىكىغا چىقالمىغاندىكىن بوپتۇ ئوقۇغاچ تۇراي دېدىم. ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمدىكى يېتەكچى پىرافىسورۇم ياپونىيىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان بولغاچقا مېنى ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىگە بىرەر يىللىق چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مېنى ياپونىيىدە ئوقۇشقىمۇ قىزىقتۇرۇپ قويدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي چەتئەلدە ئوقۇش دېگەننىڭ بىر پىرافىسور ياكى قانداقتۇر بىرەر ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەرنىڭ سىزنى چىقىرىپ قويمايدىغانلىقىنى ۋە پەقەت تىرىشچانلىق ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىشنى بىلىدىغانلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشقا چىقىش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنچە ساقلىساممۇ، ئاسپىرانتىلىققا كىرىشتىن بۇرۇن ماڭا ياخشى ۋەدىلەرنى بەرگەن پىرافىسورۇمنىڭ مېنى ياپونغا ئەۋەتىش توغرىسىدىكى گەپلىرىنىڭ قەيەرلەرگىدۇر يوقالغانلىقى بۇنى چۈشىنىشىمگە ياردەم بىرىپلا قالماي، يەنە مېنى ياپونىيەگە خىلى ئۆچ قىلىپ قويدى. چۈنكى ئۇ پىرافىسورۇم قىرىقلارغا بارغاندا ياپونىيىگە چىقىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ ناھايىتى جاپا تارتقانلىقىنى ۋە ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى ئەمىلى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى ئۆزىدىن ئۈستۈن ئادەمگە مۇتلەق بويسۇنۇشتەك دەرىجە مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگىنىدە، مېنىڭ دەرىجىنى ئەمەس، ئادەمىيلىكنى؛ ھوقۇقنى ئەمەس بىلىمنى؛ ياشنى ئەمەس ھەقىقەتنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ۋە ئىجادىيلىققا تولىمۇ ئىنتىلىدىغان خاراكتىرىمگە بۇ دۆلەتنى ئەسلا ماس كەلمەيدىكەن، دېگەن تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىسىتىرلىقتا ئوقۇۋېتىپ ئۆز-ئۆزۈمگە نەچچە يۈز قېتىملاپ خىتاب قىلاتتىم، سوئال قوياتتىم ۋە بۇرۇنراق ئامېرىكىدا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىپ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا ئامېرىكىدا دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرەلمىگىنگە ئىچىم پۇچىلىناتتى… بۇ يەردە جۇڭگونىڭ ئاسپىرانتلار مائارىپىدا ساقلانغان ساناپ تۈگەتكۈسىز ناچارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىتىم يوق، بەلكىم يازمامنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىدىكى ئامېرىكا مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك جايلىرىدا سېلىشتۇرما قىلىشىم مۇمكىن. ئەمما قىسقىچە دېسەم، شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقتا  ئوقۇۋاتقانلىقىمدىن ھەر كۈنى پۇشايمان قىلاتتىم ۋە بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇلىشىپ كەلگەن كىشىنى ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە باشلايدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن، بىر ئامال قىلىپ قانچە تىز بولسا شۇنچە تىز، بولسا ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا ئامېرىكىغا چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلدىم. ئىچىمدىكى بۇ ئارمان، بۇ ئوت كۈنسېرى ئۇلغايسا ئۇلغايدىكى، ھەرگىز پەسلەپ قالمىدى. لېكىن قېرىشقاندەك، ئامېرىكىغا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا لازىم بولىدىغان بۇ ئىمتىھانلارغا تىزىملىتىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مۈشكۈل ئىش بولۇپ چىقتى. دەسلەپ توفىل ئىمتىھانى بىرىمەن دەپ تىزىملىتىشى بىلمەي 2006-يىلى كۈزدە ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى باشلاپلا تىزىملىتىشنىڭ ئېپىنى قىلىشقا باشلىغان ئادەم ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاخىرى 2007-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە كىلەر يىلى 1-ئايدا شىئەندە ئېلىنىدىغان TOEFL ئىمتىھانىغا تىزىملىتالىدىم. قانداق سەۋەبلەر دېسىڭىز، ئىمتىھان ئورۇنلىرى قىس بولغانلىقتىن بۇ ئىمتىھانغا ھەر يىللىق تىزىملىتىش ئالدىنقى يىلىنىڭ 10-ئاي ئىچىدىكى مەلۇم مەخپىي بىر كۈندە باشلىنىدىغان گەپكەن. مەن بۇنى بىلگۈچە 2006-يىلى 10-ئاي ئۆتۈپ كىتىپ بولغان گەپ. شۇنىڭ بىلەن، كۈندە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش تور بىتىنى نەچچە رەت ئاختۇرۇپ قاراپ بىرەرسى ئىمتىھاننى بىكار قىلسا چىقىپ قالىدىغان ئورۇن ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇم. شىنجاڭدا پەقەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا يىلدا ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 كىشلىك ئورۇن بار ئىمتىھان مەيدانىدا ئورۇن چىقىشتىن ئۈمىد يوق بولغاچقا ئىچكىرىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسى ئەڭ كۆپ ۋە قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن… قاتارلىق شەھەرلەردىكىنى ئاختۇرۇشقا توغرا كەلدى. بىر نەچچە قېتىم ئورۇن چىققاندا تىزىملىتىشنى بىلمەي ئاران ئوڭشاپ تىزىملاتقۇچە ئورۇن باشقىلار تەرىپىدىن ئىگەللەپ بولۇناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئىمتىھانلارنىڭ تىزىملىتىش ھەققى شۇ ۋاقىتلاردا 1300 كوي ئەتراپىدا بولۇپ چوقۇم ئېناۋەتلىك كارتا بولمىسا پۇلىنى تۆلەشمۇ ناھايىتى قولايسىز ئىدى. سودا-سانائەت بانكىسى، خېرىدار چاقىرىش بانكىسى دېگەندەك بانكىلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىردىن كارتا بىجىرىپ پۇلنى قاچىلاپ قويۇپ كۈتكەن بىلەنمۇ، پۇل ماڭماي قانداقتۇر بىر چاتاقلار چىقىپ نەچچە قېتىم ئوبدان پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاخىرى 2007-يىلى 10-ئايدا كۈندە دېگۈدەك ئاختۇرۇپ يۈرۈپ كىلەر يىللىق ئىمتىھانغا تىزىملاشنى تۇيۇقسىزلا بىر كېچىدە ئىچىۋەتكەچكە ئەتىگەندە كۆرگۈچە شىنجاڭدا ئورۇن تۈگەپ ئاران دېگەندە شىئەنگە تىزىملىتالىغان ئىدىم. مانا مۇشۇنداق جاپالار بىلەن تىزىملاتقان ئىمتىھانىنى بېرىپ كەلسەم، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ماڭا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدىم. ياخشى يېرى، GRE ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كۆپ ئاسانغا چۈشتى. بەلكىم TOEFL تىل ئىمتىھانى بولغاچقا ئاسپىرانتىلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن باشقا يەنە تولۇق ئوتتۇرىدىن ئالىي مەكتەپكە ئامېرىكا، كانادا ۋە كۆپ قىسىم ياۋروپا مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم جۇڭگولۇقلار قوشۇنىمۇ بۇ ئىمتىھاننى بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما GRE پەقەت ئامېرىكا ۋە كانادادا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ بولغاچقا ئىمتىھان بۇ ئىمتىھاننى بېرىدىغانلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئازراق بولۇشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇر ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مەن مول-ھوسۇلسىز ئۆتكەن ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا قىلغان چوڭ ئىشىم قاتتىق تىرىشىش ۋە ھەر خىل سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىش ئارقىلىق ئاخىرى ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ دەسلەپكى تەلەپلىرى بولغان ئىمتىھانلارنى تۈگىتىپ رەسمىي ئىلتىماس باسقۇچىغا ئۆتۈش بوپتۇ. بۇنى ئويلىسام ئۇتۇق ۋە ئابلەتلەرگە ھەۋەس قىلاتتىم چۈنكى ئۇلار بىر مۇنچە ۋاقىت تېجەپ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈش بىلەنلا ئامېرىكىدا ماڭا ئوخشاش دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن ئىدى. بۇ ئەلۋەتتە قالتىس نەتىجە!
                ھېكايەمنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە شىئەندىكى ئىمتىھاننى تۈگەتكەن ئىدۇق. ئەمدى، دەل بىر يىلدىن كىيىن بىز قانداق قىلىپ ئامېرىكا مەكتەپلىرىگە ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىپ ھېچقايسىمىز يانچۇقتىن بىر تېين تۆلىمەي، ئەكسىچە مۇئاش ئىلىپ تۇرىدىغان ئوقۇيدىغان ئامېرىكىدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىمىزنى باشلىدۇق؟ ئامېرىكا مائارىپى ھەقىقەتەن شۇنچىلىك ئادەمنى تەلپۈندۈرگىدەك قالتىسمۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز ھېكايەمنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالغايسىز.

داۋامى بار...

0

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19153
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 10:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tamerlane تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-14 10:05  

بەك ياخشى تىمىكەن. خېتىڭىزنىڭ رەڭگىنى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن، يىشىل رەڭ بەك كۆزنى يەپكىتىدىكەن! رەھمەت!
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27028
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 11:03:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە دۇنيانى تەۋرەتكەن، ئىلىم-مەدەنىيەتتە ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ كۆپ قىسمى دۇنيانى ئايلىنىپ، دۇنيا مەدەنىيەتىنى چۈشەنگەن، قۇبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە ئۆزلەشتۈرگەن.
مەسىلەن، ئوغۇزخان، مەھمۇد كاشىغەرى، ئەلىشىر نەۋائى، شاھ مەشرەپ، خوجىنىياز ھاجى، مۇسابايۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى... قاتارلىقلار.
دازۇڭتۇڭ سۇنجۇڭشەن، جۇڭگۇنى تۇنۇتقان دىڭ شىياۋپىڭ...لارمۇ چەتئەل مەدەنىيىتىنى كۆرگەن ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە قوبۇل قىلغان.
شۇڭا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چەتئەلدە بولۇپمۇ غەرپ ئەللىرىدە ئوقۇشى ئىنتايىن بىر خەيرلىك ئىش بولسا كېرەك.

0

تېما

0

دوست

634

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   26.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15160
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) تاپالمايمەنغۇ ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن.... رەھمەت

3

تېما

0

دوست

3256

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5211
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 581
توردىكى ۋاقتى: 447
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:31:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pinhanjan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-14 12:10
ئامېرىكىدىكى ھاياتىمدىن تەرمەچلەر (1) تاپالمايمەنغۇ يا ...

http://bbs.izdinix.com/thread-57007-1-1.html

2

تېما

1

دوست

1041

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   4.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21762
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 12:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئەمما ئائىلىدىكى ئىقتىسادىي  شارائىتلار تۈپەيلىدىن ، ھەتتا ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمىدىم، ئاپامنىڭ ۋە ئىككى سىڭلىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ماڭا يۈكلەنگەچكە ئامالسىز تۇلۇق ئوتتۇرىدىلا مەكتەپتىن چېكىنگەن ئىدىم.


مەن ھازىر قاتتىق تېرىشىپ پۇل ۋە يول تېپىۋاتىمەن . ئارزۇيۇم ئوغلۇمنى چەتئەلدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇسىكەن دەپ ئارزۇقىلىمەن. بولسا 22-25يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوغلۇمنى سىزنىڭ يېتەكلىشىڭىزدە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ تۇگەتسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم. تىرىشچان ئوقۇتقۇچى ئەڭ ياخشى يېتەكچى بولالايدۇ.

ئوغلۇم ھازىر 2يېرىم ياشقا كىردى . مەن ئوغلۇمنى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىلا ئامرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. مەن ئوغلۇمنىڭ ياراملىق ئادەم بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنىڭغىچە سىز بىلەن بولغان مۇشۇ مۇنبەرلەردىكى ئالاقىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز ....

1

تېما

3

دوست

1993

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6786
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 253
تۆھپە : 460
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 15:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت ئالدىغا سېلىۋالغان بۇ دەمدە ئوقۇيالمىدىم،لېكىن تېما مەزمۇنىنىڭ ياخشىلىقىنى بىلىمەن.
بىلگەجانغا رەھمەت.

2

تېما

8

دوست

2526

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-14 17:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن قىرىندىشىم،سىزنىڭ تاغدەك قىيىنچىلىقلارنى تىرىشچانلىقىڭىز ئاقىلىق يىڭىپ ئۆز ئارزۇيىڭىزغا يەتكىنىڭىزگەقايىل بولماي تۇرالمىدىم ،مىللىتىمىزدىن سىزدەك تىرىشچان سىتۇدىنىتلارنىڭ كۆپلەپ،تۈركۈملەپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن،سىزنىڭمۇ ۋەتەندىكى ئاشۇ غىرىب مىللىىتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماي ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ يۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن،ئاللا ئشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،ئاللاھ ھەممىزنى مۇراد مەخسەدلىرىمىزگە يىتىشقا نىسىپ قىلسۇن›ئامىن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )