9-قېتىملىق «ئىلىم چېيى» ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئىلىمخۇمار قېرىنداشلار:
9-قېتىملىق <<ئىلىم چېيى>>دا جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، <<ئىلىم چېيى>>نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئەقلىي يەكۈنلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان، ‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە ___ ھۇنۇلۇلۇ خىياللىرى›› ناملىق كىتابى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى.
‹‹ئىلىم چېيى›› ئۇيغۇرلارنىڭ سورۇن مەدەنىيىتى، شۇنداقلا نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىدىكى بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە 2013-يىلى 7-ئايدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە سەككىز قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەرياندا جەمئىيەتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار، كىتابخۇمار، ئىلىمخۇمار دوستلار، نەشرىياتچىلار، ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە ئاكتىپ ئىنكاسلىرىغا مۇيەسسەر بولدى. بىز ‹‹ئىلىم چېيى››غا ۋاكالىتەن ئاكتىپ ئىنكاسلارنى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرگەن دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز .
‹‹ئىلىم چېيى›› جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىمنىڭ تەشەببۇسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ ماسلاشتۇرۇشى، ياش ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى، رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىينىڭ رىياسەتچىلىك قىلىشى، شۇنداقلا يەنە بىر نەچچە ئىلىمسۆيەر ياشلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلغان. ‹‹ئىلىم چېيى›› دىيارىمىزدىكى نوپۇزلۇق نەشرىياتلار تەرىپىدىن قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان ئىلمىي ئەسەرلەرنى، ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان تەتقىقات ئەسەرلىرىنى، پەلسەپەۋى ئەسەرلەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى پىرىنسىپ قىلغان، بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئەستايىدىل ئوقۇرمەننىڭ سانىنى كۆپەيتىش، يەنە ئۆگىنىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇش، ھەممەيلەن كىتاب ئوقۇيدىغان ئاكتىپ كەيپىيات يارىتىشقا تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان.
‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە ___ ھۇنۇلۇلۇ خىياللىرى›› ناملىق كىتاب جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان مەزگىللىرىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ئەقلىي يەكۈنلىرى ئاساسىدا يېزىپ چىققان تىرەن پىكىرلىك ،جەلپكارلىققا ئىگە ئەسەربولۇپ، بۇ ئەسەر بىزنى ئامېرىكا مائارىپى، ئىلىم ئۆگىنىش ۋە كىتاب ئوقۇشتىكى يېڭى تەجرىبە ۋە ھاسىلاتلار چەت ئەلگە بولغان چۈشەنچىلىرىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە ئەمەلىي چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.
تۆۋەندە، 9-قېتىملىق ‹‹ئىلىم چېيى››دا ‹‹ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە ____ ھۇنۇلۇلۇ خىياللىرى›› ناملىق كىتاب ھەققىدىكى ئېلىپ بىرىلغان مۇھاكىمىلەر ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن!( فىلىمنى تەڭىرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىدى)
ئەسكەرتىش: بۇ قېتىمقى فىلىم كىرىشتۈرۈش جەريانىدا ئىشلارنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبلىك فىلىمدىكى خەتلەردە بىنۇرماللىق كۆرۈلۈپتۇ. بۇ تورغا يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن بايقالدى، كېيىن ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بولماي قالدى، ئۆزگەرتىمىز دېگەندىمۇ يەنە ۋاقىتنىڭ سۈرۈلۈپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز. |