- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4447
- نادىر
- 0
- يازما
- 473
ئۆسۈش
81.57%
|
begir يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 21:09
سوپىۋىزىملىقمۇ مەزھەپمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئالدى بى ...
ئېلى قارام نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى سوپى دەپ سوپىلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدۇ؟
تەپسىلى چۈشەنچە مۇنداق.
ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرىمىزدىن كىيىنكى تارىخى ئەمەلىيەتتە سوپىلارنىڭ تارىخى،داڭدار ئالىم،يىتۈك كىتاپلاردىن سوپىدىن باشقىنى كۆرمەيسىز.ئۇلارنىڭ پىكىر چۇڭقۇرلىقىدىن ئەقىل ھەيرەتتە قالىدۇ.ۋاھالەنكى قاۋان كەبى بىر توپ مۇناپىق مەلئۇن يىگىرمە ئوتتۇز يىل مابەينىدە سوپىلارنى تىللاپ،سۆكۈپ تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىنى چورتلا توختۇتۇپ قويدى.نادان خەلق ئۇ دانىشمەنلەرنىڭ ئۈگۈتلىرىدىن خەۋەرسىز قالدى.ھەتتا ھېچكىم ئابدۇراخمان فېكرەتتىن كىيىن تەسەۋۋۇپنى تەتقىق قىلىشقا پېتىنالمىدى؟نىمە ئۈچۈن؟ياسىنجان سادىق چوغلان،(بەدۆلەتنى يازغان سولامچىنىڭ ئىسمى نىمىتى)،(ھېلىقى دەسلەپتە جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا دەپ بىرنىمە يازغان قېرى مۇناپىقنىڭ ئىسمى نىمىتى؟)قاتارلىق مەلئۇن دەلتىلەر سوپىلارنى بولۇشىغا سۆكۈپ قىلمىغىنى قېلىشمىدى،نادان خەلق شۇنداق ئوخشايدۇ دىيىشىپ شاھانە ئاتا بوۋىللىرىغا (سوپىلارنى قارا قويۇق تىللاش بىلەن)لەنەتلا ئوقۇيدىغان بولۇشتى،شۇنداق قىلىپ تىرىكلىرىمىزغۇ ئەسلا ھەتتاكى شۇ بۈيۈكلىرىمىزنىمۇ گۆرلىرىدە جىم ياتالمايدىغان ھالەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەكىلىۋالدۇق.‹‹شۇنداق ئادەملەر باركى ئۆلۈكىنى ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز،شۇنداق ئادەملەر باركى تىرىكىنى تىززەككە ئالغۇسىز›› دىگەن ماقال-تەمسىلنى ئۇنۇتتۇق.
شۇ سەۋەپ بۈيۈكلىرىمىزنىڭ روھىنى قۇرۇندۇرماي قايتتۇرۇپ كىلىش مەخسىدىدە سوپىلىقنى ياقىلىدىم.بىز شۇلارنىڭ ئەۋلادى تۇرۇپ بىز ئىززىتىنى قىلمىساق ئۇلارنىڭ ئىززىتىنى كوڭزىنىڭ شاگىرىتلىرى قىلارما؟
سوپىلىقنىڭ ۋاختى ئۆتتى،لىكىن توغرا رەۋىشتە ،ساغلام ھالەتتە ئاللاھنى زىكرى قىلىشنىڭ ۋاختى مەڭگۈ ئۆتمەيدۇ.ئاشۇ بۈيۈللىرىمىزنى قەدىرلەپ بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئاسرىساق ئەۋلاتلىرىمىزمۇ بىزنى ئاسرايدۇ.سوپى دەپ بولغۇچە مەينەتتىن -مەينەتكە،بىدئەتتىن بىدئەتكە،بىر نىمىدىن بىر نىمىگە چىقىرىشىپ تىللىغىلى تۇرۇشساق ئاشۇ گوردىكى ئۇلۇغلىرىمىز قانداقراق ياتار؟
سوپىلارنى تىللىغاننىڭ ئالدى ئىت كەبى ئۆلدى،كىينىكىللىرى قانداق بولىدۇ تېخى نامەلۇم؟بىزنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئەجدادىمىزنى قۇغداش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇ؟ئەجدادىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماي ،قوغدىماي تىللاپ يۈرگەن بىر مىللەت قانداقسىگە ئۆزلىرىنى قوغدىيالايدۇ؟قانداقسىگە ئېزىز بولالايدۇ؟نەقەدەر ئېچىنىشلىق ۋە نەقەدەر كۈلكىلىك ھە؟قايسى كىلاسسىك يازغۇچى -شائىر سوپى ئەمەس؟بىزنىڭ سوپىدىن باشقا تارىخ قالدۇرغان قانداق ئادەملىرىمىز بار؟
مىنىڭچە مەخسىدىم ئېنىق بولدى دەپ قارايمەن بۇرادەر ئەزىزلەر!سوغۇققانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ ئويلىنايلى،ھازىرقى زاماندىكى تۆر بېشىدا ئولتۇرغانلار شۇنداقلا تەسەۋۋۇپچىلارغا ئائىت،ياكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بىرەر كىتابى چىقسا دەرھال ئۆزىنى ئاتىدىكەن،قولىدىن چۈشۈرمەيدىكەن،بىراق سىرىتقا تىنالمايدىكەن.بۇ توردىكى چۇپۇ-چۇچەك -پەسلەرنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولغان دەپ قارايمەن.
ھېچقانداق مەزھەپنى ياقىلىمايمەن،شۇنىڭ ئىچىدە سوپىلىقمۇ بار.بىراق ئۇلارنىڭ ئاللاھنى زىكرى قىلىشىنى بىباھا تەڭداشسىز دەپ قارايمەن،تۆھپىللىرىنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايمەن.يەنە كىمىكى ئۆتكەن ئۇلۇغ سوپىلارنى كەلسە -كەلمەس تىللايدىكەن تىل خەنجىرىم ھەر ۋاقىت بىلەكلىك.لىكىن بۈگۈنكى سوپىلاربىلەن كارى -ۋارىم يوق.
|
|