- تىزىملاتقان
- 2013-1-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4447
- نادىر
- 0
- يازما
- 473
ئۆسۈش
81.57%
|
قارام ئېلى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بىر مۇدەتتە خۇشال ۋە خاتىرجەم ياشاشقا مۇيەسسەر بولغان ئىدى،ۋاھالەنكى تۇغما لۈكچەك مىجەز بولغاچقا بۇ خاتىرجەملىكنىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمىدى،خۇشاللىق يەنىلا قاراملىقتا ئوخشايدۇ!
ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك،چۇۋۇق چويلىغا ئايلىنىپ،يىپ بازىرى بوپكەتكەن ئىددىيە جاڭگىلىدا تەمتىرەپ يۈرگەن نادان قەۋمىمىزنى يەنىمۇ تىرىپىرەن قىلىپ مەنىۋى قىرغىنچىلىققا سېلىۋاتقان مەزھەپچىلەرگە قېنىمنى چېچىپ قەھرىمنى ئوت كەبى ياندۇرۇپ قاتتىق قارشى تۇرىمەن،تۆۋەندە كۆز قارىشىمنى يوشۇرماستىن ،يۈز-خاتىرە قىلماستىن ئېنىق بايان قىلىمەن.قەتئى كەچۈرۈم ۋە ئۆزرە سورىمايمەن.گىپىم گەپ!
1-مەزھەپ -ئۆلۈمنىڭ بىر تۈرىدۇر،كىمىكى قۇرئاننى قويۇپ باشقىسىنى تاللايدىكەن ئۇ ئۆلۈمنى تاللىغان بولىدۇ.قۇرئان پارچە ئەمەس پۈتۈندۇر.كىچىككىنە يېرىنى كۆرىۋىلىپ ئومۇمىلىقنى پارچىلاش قانۇنغا خىلاپتۇر.قۇرئاننى، دىننى مەزھەپ ئارقىلىق ئىزاھلاش ۋە چۈشەندۈرۈش كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،خالاس.چۈنكى بۇ ئۆز-ئۆزىدىن چۈشىنىشلىك دىن.بۇ دىننىڭ مۇشۇ دىننى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن باشقىسىنى ئىنكار قىلىدىغان يېرى يوق.كىمىكى بۇ دىننى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن بىزمۇ ئۇنى ئىنكار قىلىمىز،ئىنكار قىلمايدىكەن بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق.خالىساق ھەمكارلىشىمىز،خالىمىساق يولىمىزغا ماڭىمىز.
نىمە ئۈچۈن مەزھەپچىلىكنى ئۆلۈم دەيمەن؟ھەدىستە‹‹زاماننىڭ ئۆتۈشى كىشى ئۈچۈن يىتەرلىك نەسىھەت،ئۆلۈم بىر-بىرىنى ئايرىغۇچىدۇر›› دىيىلگەن.مەزھەپچىلىك بىر پۈتۈن ئۈممەتنى ئايرىۋەتتى،قۇمدەك پارچىلىۋەتتى.ئېچىنىشلىق تېراگىدىيە پەيدا قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ،ۋاي سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا!ۋاي سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا!ۋاي سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا!
قولىمىزدا نۇرلۇق كىتاپ تۇرۇپ زۇلمەتنى تاللامدۇق؟ئېنىق يول تۇرۇپ قاراڭغۇلۇقتا ماڭامدۇق؟قولىمىزدا رۇشەن كىتاپ تۇرۇپ مەزھەپنىڭ نىمە كىرىكى؟‹‹كىتاپ يۈدۈۋالغان ئىشەكلەر››نىڭ دېپىغا قاچانغىچە ئۇسسۇل ئوينايمىز؟زىرىكتۇق،يەتكۈچە زىرىكتۇق.نىمىدىن زىرىكتۇق؟بىر توپ ھاڭۋاختىلارنىڭ غەيۋەتچى خوتۇنلاردەك كەچكىچە مەزھەپ سېتىپ دىننى سازايى قىلىشلىرىدىن زىرىكتۇق!‹‹قاغا تاپسا بىر پوق،كەچكىچە قىلار غوق-غوق››!
ھەر قايسى مەزھەپلەر شۇ دەۋىردىكى سىياسى قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان،دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىققاندا ھېچقايسىسى ‹‹مەزھەپ›› ئەمەس ئىدى،ھەزىتى ئېلىنى قوللۇغىچىلار ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن ئىدى،كىيىنچۇ؟كىيىنكىللىرى يولدىن چىقتى،ھەقسىز رەۋىشتە قىرغىنچىلىقنى پەيدا قىلدى.ئېلى ۋاپات بولغاندىن كىيىن شئە دىگەن ئۇقۇم يوقالسا بولاتتى،بىراق بۇلار كىيىنچە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى.رەھمەت پەيغەمبىرىمىز ئېلىگە ‹‹سەن تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ،يەنە سەن تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەم دوزاخقا كىرىدۇ››دىگەن ئىكەن.كىيىن پەيدا بولغان ئازغۇن شىئەلەر سۈننى دىيىلىدىغان بىر مەزھەپنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولدى،شۇنىڭ بىلەن يوللار قەدەممۇ -قەدەم تارىيىشقا باشلىدى.ئەسلىدىكى قۇرئاننى ئاساس قىلغان داغدام يول تارىيىپ بىر تالاي يوقىلاڭ مەزھەپلەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى.زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ ئەسلا قۇرىمىدى.مەزھەپ... يەنە مەزھەپ،مەزھەپ ئىچىدە مەزھەپلەر پەيدا بولۇپ ھەممە ئادەم قۇيۇندا قالغان تازدەك بوپكەتتى.نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش بەس مۈشكۈل بولدى،بىز نەدە قالدۇق؟قۇرئان نەدە قالدى؟
‹‹مىنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى››دىگەن ئايەتتىكىدەك قۇرئاننى چۆرۈپ تاشلاپ دىنغا ئۆزى بىلگەنچە پەتىۋا توقۇپ مەزھەپچىلىكنى قاينىتىۋەتتى.بىرسى دىمىدىكى،توختاڭلا،قولىمىزدا ئەڭ ئىشەنچلىك،ئەڭ توغرا بىر كىتاپ بار،نىمە ئۈچۈن بىز ھەر قانداق ئىشتا بۇ كىتاپقا مۇراجات قىلمايمىز؟بۇ كىتاپ ئاسمان زىمىندىكى ھەممە مەلۇماتنى ئۆز ئىچىگە ئالغانغۇ؟ئايەتلەرنىڭ غوجىسى دىيىلگەن ‹‹ئايەتۇل كۇرسى››دا قۇرئاننىڭ ئاسمان-زىمىندىكى بارلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى دىيىلگەنغۇ دىمىدى؟،ھالبۇكى توغرىلىقتىن ئازغۇنلىقنى،تىنىچلىقتىن تالاش-تارتىشنى ئەۋزەل كۆردى.شۇ سەۋەپ بېشىمىزدىن خارلىق قۇرىمىدى.
پۈتۈنلەنگەن ۋە ھېچقانداق يوچۇق قالمىغان دىننى پارچىلاپ يوچۇق ئىزلەشكە كىرىشكەن نائەھلىلەر بىر قاتار پۇتى يەرگە تەگمەيدىغان ئۆلۈك سوئاللارنى نادان خەلقنىڭ كۆزىگىلا تاڭدى،مەسىلەن،ئىلىم-پەن ئىسلامغا زىتمۇ؟دېگەندەك.ما سوئالغا ئويلاشمۇ كەتمەيدۇ،ئەمەلىيەتتە سوئال سورىغۇچىنىڭ گېلىغىلا ئۇرۇش كىرەك.ئىسلام كاپىرلىقتىن باشقىسىغا زىت ئەمەس؟
غەزەپتىن كاللام سەل چىڭقىلىپ كىتىۋاتىدۇ،ئىككىنجى نوختىغا ئۆتەي.
2-بايلىق تالىشىش ۋە تېخنىكا جېڭى بولىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە مەزھەپ جېڭىگە كىرىپ قالغان ئازغۇنلىقىمىز يەنە داۋاملاشسۇنمۇ؟.بولدى بەس،يىتەر،بىزگە مەزھەپ كىرەك ئەمەس،مەزھەپچىلەر كىرەك ئەمەس،پەقەت يىگانە ئاللاھ ۋە يىگانە قۇرئان كىرەك.‹‹سىلەر قەيەرگە بارىسىلەر››دىگەن ئايەتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟
3-مەزھەپنىڭ ۋاختى ئۆتتى،ئۇ ئەزەلىيدە خاتا ئىدى،كىمىكى مەزھەپنى تىلغا ئالىدىكەن مەن ئۇنى قاپقارا دەلتە ياكى ئېغىرراق بولغاندا توڭگۇز دەپ ئاتىشىم مۇمكىن.نۇرلۇق قۇرئاننى تىلغا ئالماي ئۆلۈك مەزھەپنىڭ تاپىنى قاچانغىچە سۆرەپ يۈرۈيدۇ ئۇلار؟كەڭ يوللارنى تارلاشتۇرۇش نۇمۇس ،جىنايەت ئەمەسمۇ؟مەزھەپ ئارقىلىق تارلاشتۇرۇلغان يوللار قىرغىنچىلىقنىڭ يولى بولۇپ قېلىۋاتىدىغۇ مانا؟
ئوچۇق كاللا ياخشىمۇ يېپىق كاللا ياخشىمۇ؟بىزگە ھەممە ئوچۇقلانغان(سۈننەتلەنگەن)ئىدىغۇ؟نىمە ئۈچۈن مەن مۇسۇلمان دىمەي مەن سۈننى ،مەن شىئە،مەن يەنە بىر نىمە دىگەندەك ئازغۇن بىدئەت ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىمىز.
يۇقىرى ئاۋازدا توۋلايمەنكى مەن مۇسۇلماندۇرمەن،شىئە ئەمەستۇرمەن،سۈننىمۇ ئەمەستۇرمەن،قىسىقىسى مۇسۇلماندىن باشقا ھېچنىمە ئەمەستۇرمەن!كەڭ يولدىمەن،تار يولدا ئەمەسمەن.
4-مەن مۇسۇلمان،كىتاۋىم قۇرئان دىسەك كىم بىزدىن يەنە سوئال سوراشقا،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە پېتىنالايدۇ؟
5-ھاردۇق ،چارچىدۇق،بەللىرىمىز مۈكچەيدى.كاللىمىز چىڭقىلىپ پارتىلاپ كىتەي دەپ قالدى.ئارام ئالىدىغان چاغلار،ۋەزىپە ئورۇنلايدىغان چاغلار بىزنى كۈتمەكتە.مەزھەپكە ھۆ!ھېچكىم ھۆ بولمىسا مۇشۇ ئېلى قارام ھۆ!پۇتۈن دۇنيادا بىزنى ھاقارەتكە،مەسخرىگە قويۇۋاتقان بارلىق مەزھەپلەرگە ھۆ!دىنىمىزنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەپ بولۇۋاتقان مەزھەپلەرگە ھۆ!
كەل ئەي سۆيۈملىك قۇرئانىم،باغرىمغا باساي،سەندىن باشقىسىنى تەرك ئىتەي!
كەل ئەي دىللاردىكى كىسەللەرگە شىپا قۇرئانىم،شەربەتلىرىڭدىن قانغۇچە ئىچەي!ۋۇجۇدۇم ياشارسۇن!
|
|