- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5287
- نادىر
- 0
- يازما
- 417
ئۆسۈش
5.74%
|
ئېنكاسلارنى كۆرۈپ شۇنداق بىر نەرسىنى ئويلاپ قالدىم . بەلكىم بەزى تورداشلىرىمىز باشقىلارنى ئازغۇن يولدا دەپ ئويلاپ ئۇلارغا ھەقنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن كۈچەۋاتقاندۇ ئەمما ئومۇمى بىرلىك ئىتتىپاقلىىقنى قوغداشنىڭ ھازىرقى كۈندە نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىدىغانلار يەنىلا ئاز ئوخشايدۇ . بۇلاردىن بىزنىڭ يەنىلا سىياسەتتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىگىكىمىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ . ئۇنتۇپ قالمايلىكى تۆمۈر خەلپىنى ماشۇفۇ دېگەن تۇڭگانغا ئالدىنىپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن نەرسە ئۇنىڭ دىنغا بولغان ئېتىقادى ئەمەس بەلكى سىياسى نەيرەڭدىن خەۋەرسىزلىگى ئىدى . خوجىنىياز ھاجىممۇ ئوخشاش قىسمەتنىڭ يولۇچىسى بولدى ... شۇ دەۋرىدە ھەم كېيىنكى دەۋىردىكى نۇرغۇن دىنى ئالىملىرىمىز ھەم ئىقتىدارلىق كىشىلىرىمىز سىياسەت تەرىپىدىن يوقىتىلدى ، ھەرگىزمۇ مەلۇم مەزھەپ ياكى تەسەۋۋۇپ تەرىپىدىن ئەمەس . چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا مەزھەپلەر چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ ، چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ئۇلار ئىگە بولغان سىياسى ھوقۇق ۋە سىياسى ئاڭدىن ئىبارەت . |
|