- تىزىملاتقان
- 2014-2-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3278
- نادىر
- 0
- يازما
- 230
ئۆسۈش
42.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaqup تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-12 04:41
بىز ئەسلى پىلانىمىز بويۇنچە ئاتۇشتا 10كۈنچە تۇرۇپ،قەشقەردىكى ساۋاقدىشىمنىڭ زورى بىلەن شەدە ئىككى كۈن تۇرماق بولدۇق.ئاندىن قاغىلىقتا بىرەر كۈن،خوتەنگە بىرىپ ئىككى كۈن تۇرۇپ،ئۇدۇللا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتمەكچى ئىدۇق...شەلىك ساۋاقدىشىم باجگىر،ئىشلارغا ئىپى بار،ئالى مەكتەپتە ياخشى ئۆتەتتۇق.ئۇ،بىز ئۈرۈمچىدىكى چاغدىلا تولا تېلفۇن قىلىپ،قاچان كىلىسىلەر دەپ يولىمىزغا قاراپ كۆزى تىشىلىپ كىتەي دىگەن ئىدى.بىز ئاتۇشتىكى چاغدىمۇ تېلفۇن قىلىپ،ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا تېلفۇن قىلمىغىنىمغا خاپا بولدى.ئاۋۇرۇڭنى قىلىپ ئالدىڭغا ماشىنا ئىلىپ چىقىپ ئۆيۈڭگە ئاپپىرىپ قويىتىم-ئەمەسمۇ...دەپ كايىدى.ھىلىھەممۇ ئۆيۇمگە ئالغىلى كەلمەكچى بولدى.بىراق،ئۇ كەلسە ئاپامنىڭ:بالامنىڭ دوستى كەپتۇ، دەپ ئارتۇقچە جۇۋاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ،-ياق ئاداش سەن كەلمە ،بىز بارىلى ،دەپ ئالدىنى توسۇپ قويغان ئىدىم.ئۇنىڭ:ئۇستۇن ئاتۇشنىڭ ھاۋاسى ياخشى،ئاپاڭنىڭ ھۆرنىنى ئوخشايدۇ،قېتىقنى ئاچچىق-چۈچۈك بەلەن ئۇيىتىدىكەن،دىگەنلىرىنى ئاڭلىماسقا سىلىۋالدىم.ئالىمنىڭمۇ بالدۇراق قەشقەرگە بىرىپ يىڭى بازار،ئوردا ئالدى دىگەن يەرلەرنى پىقىراپ،بازار چۆگلىگىسى كىلىپ كەتتى.قايسى كۈنى پەيسۇ بازار،گوڭشى بازار،كۆرۈك بازارلارنى ئايلىنىپ ئاتا-ئانىسىغا يارۇغىدەك نەرسە تاپالماپتۇ.ئاستىن ئاتۇشتىكى ھامما،تاغام،دوستلىرىمىز چاقىرغاندىمۇ ئىسسىق ئەنجۈرنى يەۋىلىپ،مىجەزى يوق بازارغا چىقالمىدى.بۇ خوتۇن ئۈرۈمچىدىن كەلگەندىن بىرى سۇپىدا،كۆرپىدە ئولتۇرالماي پۇتلىرى ئاغرىپ كىتىپتىمىش.كەچلىكى قېلىن سېلىنغان يوتقان-كۆرپىدە،ئىگىز ياستۇقتا ياتالماي بەللىرى ،بويۈنلىرى قېتىپ كىتىپتىمىش.تورۇستىكى ئۆمۈچۈكلەرنى قاچان چۈشۈپ چىقىۋالاركىن دەپ ئەنسىرەپ يىتىپ تۈزۈك ئۇخلىماۋىتىپتىمىش.بالىلارنى پاشا چىقىپ،تاتىلاپ يارا قىلىپ تېرىسىنى كۆرگىلى بولماسمىش.يۇيىنىلى دىسە مۈنچا يوق تەرلەپ،پۇراپ كىتىپتىمىزمىشكەن.چاقىرغانلىكى يەرلەدە دۆلەپ،دۆلەپ بەرگەن لەغمەنلەرنى، ئاپام :ئاشۇرۇپ قويسىلا سەت بولىدۇ -خىنىم ،دىسە زورلاپ يەپ سەمىرىپ كىتىپتىمىش.نەدە ئولتۈرسا ئىزدەپ بىرىپ قۇچىغىغا چىقىۋالىدىغان مۈشۈكتىن جاق تويۇپتىمىش.
خوتۇننىڭ جىدىلى بىلەن ئەتىسى ماڭماق بولۇپ،كىچىچە دادام-ئاپاملار بىلەن تازا مۇڭدىشىۋالدىم.-نامازنى ۋاقتىدا ،مەنىسىنى چۈشۈنۈپ،تەمكىن ئوقۇڭلار،مەن ئەكەلگەن قۇرئان ، ھەدىس كىتاپلىرىنى كۆرۈڭلار،قىزىڭ، بالاڭ دەپ ئاغزىڭلارنى بۇزۇپ تىللىماڭلار، تۇققانلار ،خۈشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتەڭلار، قېرىغاندىمۇ ئۇرۇشماڭلار، كەچتە تاماقنى ئاز يەڭلار،زۇكام بولساڭلار ئالدىراپ ئاسما سالماڭلار،شەنىڭ سۇ مىيىنى ئىشلەتمەڭلار،قىزلارنىڭ غېمىنى قىلماڭلار،مەندىن خاتىرجەم بولۇڭلار،پۇل لازىم بولسا ھايت دەڭلار،دىدىم.خوتۇندىن يۈشۈرۈپ قويغان بارى-يوق پۇلۇمنى بەردىم.ئاپام پەقەت:ئۆزۈڭنى ئاسرا بالاملا دىيەلىدى.دادام: ئۆمىرىمىز ئاق-قارىنى بىلمەي ئۆتۈپ كىتىپتىكەن، خۇدا سىنىڭ دىلىڭغا ئىنساپ -ھىدايەتنى ساپتىكەن،مانا بىزنى باشلىدىڭ .گەپلىرىڭنى ئاڭلاپ، ئەۋەتكەن كىتاپلىرىڭنى ئوقۇپ نۇرغۇن خۈي-مىجەزىمىزنى ئۆزگەرتتۇق .ئاپاڭمۇ شۇ (تەنە قىلغان يېرى ).ئىنى -سىڭىللىرىڭغىمۇ ئوبدان باش بولدۇڭ .پۇللا بەرسە ھىساپ ئەمەس .ياخشى گەپنىمۇ پۈلغا ساتىدۇ خەق ھازىر،دىدى. ئۇلار بۇندىن بۆلەك يەنە نىمە دىيەلىسۇن.ئۇلار بالا تىپىشنى بىلگەن بىلەن،ئاچ قويماي،يالىڭاچ قويماي بىقىپ چوڭ قىلىشنى بىلگەن بىلەن،ئادىمىيلىك يولىنى بىزگە كۆرسۈتۈپ بىرەلىدىمۇ؟ئۇلارچە،ئۆلمەي چوڭ بولساق،مۇئاشچى بولساق ياكى جىق پۈل تاپساق،قېرىغاندا ئۇلارنى باقساقلا بولدى...ئوقۇمىغانمۇ دەيلى،ئەقەللىسى نەدىن كىلىپ ،نەگە كىتىۋاتىمىز ئويلانمامدۇ. ئوقۇغانلار-زىيالىلار قايسى تاغنى تالقان قىلىۋەتكەن.ئوقۇمىغان،لىكىن پىكىر قىلىشتىن توختىمىغانلارنىڭ تۆھپىسى زور تېخى. ئەتىگەندىن كەچكىچە پۇلنىڭلا غىمىنى قىلىدىكەن...
شۇنداق قىلىپ ،ئەتىگەندىلا نەۋرە ئاكامنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇپ،دادامنى ئىلىپ قەشقەگە ماڭدۇق.بايا،ئەڭ بۇرۇن دىڭىلداپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرغان ئوغلۇمنىڭ توساتتىن ماشىنىدىن چۈشۈپ،يۈگۈرۈپ بىرىپ ئاپامنى قۇچاغلاپ:سىنى جىق قاخشىتىۋەتتۇق-چوڭ ئانا.بىز ئاتۇشنى ياخشى كۆرىمىز .ماقۇل دىسەڭ يەنە كىلەتتۇق.خاپا قىلمايتۇق-چوڭ ئانا.ئۈرۈمچىگە چىقساڭ باقىمەن -چوڭ ئانا،دەپ ھۆڭرەپ يىغلىشى ،قىزىمنىڭمۇ ئاكىسىنى دورۇپ:مەن ئاتۇشقا ئاملاقنى ئېيتىپ يىغلاشلىرى دادام-ئاپام،ئۇرۇق-تۇققان،خۇلۇم-خۇشنىلارنىمۇ يىغلىتىۋەتتى.ئاپامنىڭ يۈرىكىنى ئىزىۋەتتى.مىنى،ئايالىمنى سۆيۈندۈرىۋەتتى.بىز نەۋرە ئاكامنىڭ گىپى بىلەن ئۇدۇل يىڭى بازار ئەتراپىدىكى بىر تىز تاماقخانىغا كىردۇق. ئۇ يەردە ئاكامنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشتۇق.دادامنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بۇ ئاكام،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويۇنچە مۇنۇ ئايالنى ئىككىنجى خوتۇنلۇققا ئاپتىمىش.بۇ ئايالنىڭ تەييار ئىككى ئوغلى،ئۆيى،مۇئاشى بارمىش.ئاكامنىڭ بۇ ئىشىدىن ،ئىككى خوتۇنلۇق بولغان چوڭ دادىمىزنىڭ روھى خۇش بولىمىش...قىزىق گەپ بولدى- دە، بۇ.بىرەر ۋاق ناماز ئوقۇمايدىغان،بىرەر كۈن روزا تۇتمايدىغان،بەڭگى،ھاراقكەش ئاكامىنىڭ سۈننەتتىن چۈشكىنىنى.تاماقتىن يىنىپ بىردەم يىڭى بازانى چۆگلىدۇق.قىممەتكەن دىيىشتۇق.داداملار بىلەن خوشلىشىپ،ئۇدۇل ساۋاقدىشىمنىڭ ياۋاغدىكى ئۆيىگە باردۇق.ئۈچ قىتىم توي قىلدىڭ،ئۆي تۇتتۇڭ، ئارىلىق يىراق كىلەلمىدۇق-دەپ،داستىخىنىمىزنى قويدۇق.ساۋاقدىشىمغا:ئاۋال ياتىدىغان ئوبدانراق،قالايمىقان ئىشى يوق ياتاقنى تىپىپ يۇك-تاقنى قويۇپ، يۇيۇنۇپ،ئاندىن كەچلىك زىياپىتىگە بىرىشنى،ئېيتتۇق.ئۇنىڭ:لاۋزا گەپنى قويە،ئۆي كەڭرى تۇرسا،بىزنى ئۈرۈمچىگە چىققاندا ئۆيۈمدە ياتمىسۇن دەپ ئالدىمىزغا ئۆتۈۋىلىپ بارامسەن يا،دىگەنلىرىگە ئۈنىماي،-ماقۇل دە،مىھمانخانىدا ياتمىسا ساياھەت قىلغاندەك بولمايدۇ.پاكىزرەك مىھمانخانىنى دىسەڭ ئۆزەم بىرىپمۇ تاپىمەن.راس دىدىڭ،ئۈرۈمچىگە چىقساڭمۇ ئۆيۈمدە قوندۇرمايمەن.خوتۇن-قىزلىرى بار بىنالىق ئۆيلەردە ئەپسىز بولۇپ قالىدىكەن.موھىمى مۇسۇلماندارچىلىققا توغرا كەلمەيدىكەن،دىدىم.ئۇ ماقۇل بولۇپ بىرسىگە تېلفۇن ئۇرۈپ سالام-سائەتتىن كىيىن:ماڭا قايلىسىلا.ئۈرۈمچىدىن يىقىن ئۆتىدىغان ساۋاقدىشىم،ئاغىنەم ىوتۇن-بالىللىرىنى ئىلىپ ئوينىغىلى كەلگەن.سىلى مىھمانخانىللىرىدىن دەرىزىسى ھېيتكاھ مەيدانىغا قاراپ تۇرغان،شامالدۇرغۇچى بار،پاكىز ياتاقتىن بىرنى تەييار قىلىپ قويسىللى بوپتىكەن-ماقىما،دەپ ئىشنى پۈتتۈردى. تېخى ماشىنىسىدىن بىرەرنى ئەۋەتىشكە بۇيرىدى.ھايال بولماي ماشىنمۇ كەلدى.سومكا،چامىدانلارنى كۆتۈرۈپ چۈشتۇق.ساۋاقدىشىم ماشىنىنى ئىككى كۈنلۈك سوراپ ئالدى.
يول ياقىسىدىكى بۇ مىھمانخانىغا كىرىپلا رەسمىيەت ئۆتەي دىسەم،ساۋاقدىشىمىز:ۋاي مەن توغرۇلاپ بولغان ،دەپ ئۇنىمىدى.يۇك تاقنى ئەپچىقىپ،ياتاقنى كۆرۈپ باق دەپ ئاچقۇچنى بەردى.مەنمۇ ئالدىراپ ئۈستىگە چىقىپ،بۇلۇڭدىكى ياتاقنى ئىچىپ يۇك تاقنى قويۇپلا ئۇيىنى-بۇيىنىغا قارىمايلا يىنىپ چۈشتۈم.ئايالىمنىڭ: پاكىزمىكەن، سۈۋەرەك بارمىكەن،ئوبۇرنىسى ساقمىكەن.شامالدۇرغۇچ بارمىكەن،دىگەنلىرىگە "ھەئە" دەپلا زىياپەتكە ماڭدۇق.ئەر-خوتۇن ئىككىسى قوساق توقتى دىىسەكمۇ ئۈنىماي،بىز بىلەن ئۆچى باردەك تاماققا زولاۋەردى.تاماقتىن يىنىپ بىر ۋاخ بولغاندا بىزنى ياتاققا ئەككىرىپ قويۇپ ئۆيىگە قايتىشتى.ئايالىم ياتاقنى كۆرگىچە ئالدىراپ كىتىۋاتقانتى. ماۋۇ ئىشنى كۆرۇڭ.بۇ ياتاقنىڭ ھېيتكاھ مەيدانىغا قارايدىغىنى دەرىزە ئەمەس، ھىم ئىتىلگەن تۈڭلۇك ئىكەن ئەمەسمۇ. شامالدۇرغۇچىمۇ ساق ئەمەسكەن.قوڭنى قويۇپ ئولتۇرىدىغان تەرەت قاچىسىمۇ ۋەيرانە.ھەرنىمە بولسا سۇيى،توكى باركەن.مۇنچىنىڭ بىشى بولمىغىنى بىلەن قالغان يېرى ساقكەن.كىرلىكلىرىمۇ پاكىزدەك،سۈۋەرەكتەك نەرسىلەرمۇ يوقتەك ئىدى.لىكىن،بايام كىرگۈچە كارىدۇردا، يوغان چاشقان يىنىمىزدىن ئۆتۈپ كىتىپ خوتۇن،بالىللىرىمنى قورقىتىۋەتكەنتى.خوتۇن كوتۇلداپ بىشىمنى ئاغرىتتى.بايا سەن يۇك-تاقنى قويغاندا ئوبدان قارىماپسەن،-دەيتى.ئاۋۇ گۈيغا تېلفۇن قىلىپ:قەرزىڭ باردەك،بىرسى سىنى ماڭا ياتاق ئىچىپ بەر دىگەندەك،تاپقان مىھمانخاناڭ مۇشۇمۇ دەپ تىللايمەن،دىسەم،-سەت تۇرىدۇ دەپ،ئۇنىمايتى.بۇ كىچىدە باشقا ياتاق تاپىلى دىسە 7.5تىن كىيىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلەرگە ياتاق ئىچىش تەس ئىدى.قايسى كۈنىمۇ ئۇلۇغچاتقا نەۋرە ئاكىللىرىمنىڭكىگە پەتىگە چىكتىىۋاتساق توپىدا توسۇۋىلىپ ئۈرۈمچىنىڭ كىملىك كىنىشكىسى ئىكەن دەپ ئۆتكۈزمەي خېلى ئاۋارە قىلغانتى.ئاتايىن چىقانغا لايىق ئاكىللىرىم بىلەنمۇ تۈزۈك بىرگە بولالمىدۇققۇ.بىرى:ساۋزى تېلفۇن قىلىپتۇ، قەشقەرگە چۈشىدىكەن،دەپ يەۋاتقان ئىشىنى قويۇپ چىقىپ كەتكەنچە كىرمىدى.تاغام ئوغلىنىڭ باشلىغىنىڭ ئايالىدىن تېلفۇن كەپ قالدى،دەپ چۈشەندۈردى.يەنە بىر ئوغلىمۇ: بىزنى ئاشخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپلا يوقالدى. تاغامدىن ئاڭلىسام بۇ ساقچى ئاكام خىزمەتتە ئاكتىپ،سادىق،قاتتىق قول ئىمىش.
بىز پۇكەيگە چۈشۈپ :ئۆزىمىز نەخ پۇل تۆلەيمىز،باشقا ياتاق ئالماشتۇرۇپ بىرىڭلار،دىسەكمۇ بوش ياتاق يوقمىش.بۇ كەشتە باشقا يەرگە بىرىشقا تېخى بولمىدى. ئىككى بالام كارۋاتتا يۇمۇلاقلاپ ياتقىلى تۇرۇپتى،ئاپىسى ئالدىرماڭلار دەپ ،يوغان چاماداندىن ئۈرۈمچىدە تەييارلىۋالغان كىرلىك،ياستۇق لۆڭگىسى،ساپما كەش،چىش پاستىسى، چىش چوتكىسى،يۈز لۆڭگىسى،مۇنچا لۆڭگىسى،يۈز سوپۇن،تازىلىق قەغىزى،ئۇخلاش كىيىملىرىنى چىقاردى.ھەمىمىز چوڭ تازىلىق قىلپ ياتتۇق.ياتاقنىڭ دىمىقلىغى،پۈراقلىغى، ماۋۇ ئوغلۇمنىڭ تىپىپ يىتىشلىرى،قىستاشلىرى،خوتۇننىڭ بىردەم،بىردەم چىكىلداشلىرى ئۇ بىر كىچە ئۇيقۇمنى ئۇيقۇ قىلمىغانتى.
سەھەردە مۇڭسىز ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قوپۇپ، تاھارەت ئىلىپ، ھېيتكاھ جاماسىدە تۈنجى قىتىم بامدات نامىزى ئوقۇشقا چىقتىم... |
|