- تىزىملاتقان
- 2014-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 181
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
60.33%
|
ھۈرمەتلىك halal ئەپەندى : سىز بىلەن تونۇشقانلىغىمدىن كۆپ خۇش بولدۇم، سىزگە ۋە مۇنبەردىكى بارلىق ئىلىم ئەھلىلىرگە ئالىي سالام!
رەسمىي گەپنى باشلاشتىن بۇرن ئۆزەمنى ئازراق تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي :
مەن 1976-يىلى 12-ئايدا شاڭخەي جۇڭيى ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن، ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى دۆڭكۈرۈكتە ۋاقتىدا 5 يىل بەرەسنى داۋالاش تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان، 1981-يىلى سەھىيە نازارىتى پەن-مائارىپ باشقارمىسغا يۆتكىلىپ، «ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى»نى يېزىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان، 1984-يىلىدىن 1996-يىلغىچە ئۇيغۇر تېېبابەت تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ئورنىنىڭ مەسئۇللىقىنى قىلغان، «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى جۇرنىلى»تەسسىس قىلغان ، 2004-يىلىغىچە دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنى قوللاپ ياردەملىشىپ ئىشلىگەن، 2004-يىلى سەھىيە نازارىتى يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمقى ئەسەرلەر ئىشخانىسىغا مەسئۇللىقىنى قىلغان. « ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» ۋە «جۇڭخۋا بېنساۋ ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى» نىڭ خەنزۇچىسنى يازغان. بۇلار، ئاپتونوم رايون ۋە گۇۋۇيۇەن تەرىپىدىن چوڭ تۆھپە دەپ قارىلىپ 2007-يىلى «ئاپتونوم رايون بويىچە تۆھپىسى گەۋدىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخسسىس»، 2008-يىلى« گوۋۇيۇەن ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇتەخەسسىس» دېگەن ناملار بېرىلگەن.
مەنمۇ قۇمۇللۇق بولۇپ ، تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇۋاتقاندا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» بولۇپ قېلىپ، 3 يىل «يەرنى تېپىپ ئاسماننى مۇشلاپ» يۈرگەن، 4يىل يېزىدا «لاۋگەي»دەك ئىشلەپ «قايتا تەربىيە» ئالغان، «يالاڭئاياق دوختۇر»مۇ بولغان. 1973-يىلى ۋىلايەت بۇيىچە ئەليۇلئەلا بولۇپ، ئارزۇيۇمنىڭ ھەممىسىگە شاڭخەي جۇڭيى ئۇنىۋېرستېتىنى يېزىپ تۇرۋېلىپ شۇمەكتەپكە كەتكەن. بۇ، شۇ يىللاردا قۇمۇلدىكى ھەممىنىڭ ئاغىزىغا چىققان كاتتا ئىش بولغان ئىدى...
1974-يىلى يازلىق تەتىلدە قۇمۇلغا چىقسام مەزكۇر ماقالىلارنىڭ ئاپتورى مېجىت ھېمىت مېنى ئىزدەپ ۋالىي مەھكىمە قوروسىدىكى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق، تېبابەت ۋە ئىلمى نۇجۇم ھەققىدە پاراڭلار قىلىشتۇق...بۇ جەھەتتىكى جاپالىق ئىزدىنىشلىرىگە ھۈرمىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن «مىجىت خان» دەپ ئاتىدىم.
ئاتا تەرەپ بۇۋام قۇمۇلدا ئاسىپ سوفى ھاجى دەپ ئاتىلدىغان داڭلىق تەقۋادار ئادەم بولۇپ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ «يېڭى مەدرىس»ىدە 20-30دەك تالىپقا تېبابەت ۋە ئىلمى نۇجۇمدىن دەرس بەرگەن ئىكەن. شەھەرئىچىدىكى ئابدۇرېھىم ئاخۇن تېۋىپ، راھەتباغدىكى تېۋىپ لوڭقا نىياز ئاخۇن، پالۋانتۇردىكى شاۋانبەگ ، مەگەشتىكى ساراڭ قارىلار بۇۋامنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن، بۇۋامنىڭ ئىپار،زەپەرلەر بىلەن دۇئايى داۋالارنى قىلىپ نۇرغۇن مېڭە -يۈرەك كېسەللىرىنى ساقايتقانلىقنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ئىلمى نۇجۇم ھەققىدە دېگەنلىرىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرغان بولغاچقا، مىجىت خان بىلەن بۇ ئىككى ئىلىم ھەققىدە خېلى چۈشىنىشەلەيتتۇق. (1) --داۋامى بار
|
|