- تىزىملاتقان
- 2014-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1739
- نادىر
- 1
- يازما
- 100
ئۆسۈش
73.9%
|
TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 14:45
ئەسسالام ئەلەيكۇم مىجىت ھىمىت ئەپەندى، مەن سىزنىڭ ”دۇ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئەپەندى! مېنىڭ يازغان تەتقىقات تېمىلىرىمنى ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ سوئاللارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! سىزدەك ئالىم بىلەن خەت ئارقىلىق بولسىمۇ دىدارلىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. مەندىن بىلگىجان، ئەلقەم تۇرسۇن ئۇنىڭدىن باشقا ئالىملارغىمۇ سېغىنىشلىق سالام! مەن ماڭا سوئال قويغان، قىلغان ھەر قايسى ئىشلىرىمغا گۇمان بىلەن قارىغان كىشىلەرگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىمەن، چۈنكى بۇنداق ئادەملەر ئادەمنىڭ كەمچىلىكىنى تولدۇرۇپ، خاتالىقىنى تۈزەتكۈزۈپ ئادەمنى ئالغا ئىلگىرلەتكۈچىلەردۇر دەپ قارايمەن.
مەن ئەمىلىيەتكە بەكرەك ئېتىبار بېرىدىغان ئادەم. بۇنداق دېگىنىم، تەتقىقاتلىرىمدىكى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى بارلىرىنى بىردىن-بىردىن ھازىردىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بۇ تەتقىقاتنىڭ ئىلمىيلىقىنى، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى كىشىلەرگە ئېتراپ قىلدۇرسام.
1. ئالاھىدە سائىت بىلەن ئالاھىدە كالىندارنى پۈتۈن يەر شارىدا ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان، دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن سائەت ۋە كالىندارغا ئايلاندۇرۇپ قايىل قىلسام. كىشىلەرنى ئەۋەل بۇ تەلىماتقا ئىشەندۈردەك.
2. ئەسىرىمنى نەشىر قىلدۇرۇپ تىبابەتچىلىك ئوقۇدىغان مەكتەپلەردە ياكى ئۇنۋېرىستىتلاردا دەرىس قىلىپ ئۆتۈپ مودىللار بىلەن بىرلەشتۈرسەك. كىشىلەرنى بۇ ئەسەردىن پايدىلىنىدىغان قىلساق. بۇنى ئارىستوتىل، فارابى، ئىبنىسىنالارنىڭ تەتقىقاتلىرىنىڭ داۋامى قىلساق.
3. يەر شارىنىڭ مەركىزى «0» نۇقتىسىغا «نەۋرۇز» مۇنارى تىكلىسەك. ئۇ مۇنارنىڭ ئەڭ ئۈستىگە 16 ئوقلۇق تەڭپۇڭلۇق تارازىسى بېكىتىپ ئۇ ئايلىنىپ ئالەم بىرلىك قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرىدىغان قىلساق.
4. 22 سوئالدىكى يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى ئوربىتاسىدا ئايلىنىپ مېڭىپ ھەم ئۆز ئوقىدا 66 گىرادوس 5 مىنۇت ئەمەس بەزىدە 45 بەزىدە 90 لىك ھەرىكەتچان سىلجىشنى كۆرسىتىغان ھەم ئاي شارىنىڭ يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان ھەرىكەتچان مودىلىنى ياساپ ئالاھىدە كالىندار بىلەن ماسلاشتۇرساق. بۇمۇ ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئەمەلىي تەتقىقات بولىدۇ....
5. 9-سوئالدىكى 32 ھەرىپ شاھمىتىنى ئىشلەپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ 32 ھەرىپىنىڭ ئالاھىدە بولۇشىدىكى سەۋەپ تەبئىيەت دۇنيادىدىكى ماددا قانۇنىيىتىگە تەدبىقلاپ بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى كىشىلەرگە تونۇتۇپ بىزنىڭ ئەقىللىقلىقىمىزنى نامايەن قىلساق ھەمدە تىببىي شاھماتنى ئىشلەپ خەلقارالىق شاھماتنىڭ ئىزىغا باستۇساق ھەم ئەمەلىيەتتە ئىشلەتسەك.
6. ئايلانما داۋالاش ئۈستىلىنى ۋە دورىلارنى ياساپ كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى داۋالىيالايدىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرساق ياكى شېركەت قۇرساق.
7. يەر شارى ئايلانما مودىلىنى ياساپ كېسەللەرنى ( دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ھەر خىل تەتقىقاتلارنى) يەر شارىنىڭ مەلۇم رايونىغا يۆتكەپ داۋالاپ بۇ نەزىرىيىمىزنىڭ توغىرلىقىنى ئىسپاتلىساق قاتارلىق يەر شارىدا كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان ئەمەلىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارساق.
قەدىمكى دۇنياغا مەشھۇر ئالىملاردىن ئارىستوتىل( 1- ئۇستاز) فارابى(2- ئۇستاز) ئىبنىسىنا( ئالىملارنىڭ رەھىسى) دەپ نام ئالغان ئالىملار دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر« سىرلارنىڭ ئاچقۇچى» دىكى ئەركان ئىلمىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ شۇ ئاساس بىلەن بىلىم تارقاتقان. مانا مۇشۇنداق مەشھۇر، مەڭگۈ كۈچكە ئىگە ئەسەردە 16 پىلانىتلارنى ۋە 13- پىلانىت ئۈستىدە توختالغان. ھاياتلىق بار پىلانىت 13- دېيىشتە مۇشۇنىڭغا ئاداسلىنىپ چىقارغان يەكۈن. بۇ ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. ئۇ ئالىملار بۇ كىتاپ ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەلەر توغۇرلۇق جەھەتتە بۇندىن بۇرۇن ھازىر ۋە مەڭگۈ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە توغىرلىقىنى يوقاتمايدۇ.
ھۆرمەت بىلەن: مىجىت ھېمىت |
|