- تىزىملاتقان
- 2012-11-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3165
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
38.83%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا halal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-7 20:52
adilxah يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 00:46
مەن بۇ تېمىنى ئۇقۇپ ئىچىمدىن شۇنچە خۇرسەن بولدۇم لىكىن ...
مەنمۇ سىزنىڭ قارىشىڭىزنى ياقىلايمەن. تېمىدىكى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشتىن قارىغاندا بۇ كىشىنىڭ تەتقىقاتى پارچە-پۇرات يۈزە ھاياجان ئەمەس بەلكى بىر پۈتۈن سېستىمىلىق تەتقىقات ئىكەن، بۇ كىشى تەتقىقاتىدا ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمى نەزەرىيەسىنى ئاساسى ئوق قىلىپ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئوتتۇرىغا قويغان مودىل ۋە فورمولالىرىغا قارىغاندا بۇ كىشى ئىنسان تېنىدىن تارتىپ ماكرو كائىناتقىچە بولغان ھادىسىلەرنى ئۆز تەتقىقات رامكىسى ئىچىدە موپەسسەل شەرھىلىيەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرنىڭ توغرا-خاتالىغىغا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر باھا بەرسۇن. بىز كۆپچىلىكنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ئەمگەكنى بولۇپمۇ ئىجادى ئەمگەكنى، تەپەككۇر ئەمگىگىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. قايىل بولمىغان تەرەپلەرگە ئىلمى نوقتىدىن تۇرۇپ كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويساق ۋە ئىلمى مۇنازىرىلەشسەك بولىدۇ، بىلمەي، چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىغان ھەتتا مەسخىرە قىلىدىغان ئىشنى قىلمىساق. دۇنيانىڭ تەرەققىياتى دەل مۇشۇنداق ئىجادى ئەمگەكلەرنىڭ، تەپەككۇر ئەمگەكلىرىنىڭ مەھسۇلى. ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن مۆجىزىلىك كەشپىياتلار ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇنداق باشقىلار تەرىپىدىن دەرھال ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن، چەتكە قېقىلغان، مەسخىرە قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئىجتىھاتىدىن يارىتىلغان.
دەۋرىمىزدە مۇشۇ خىل يەككە تەتقىقاتقا بىر ئۆمرىنى بېغىشلىغانلاردىن بىرنەچچەيلەن ئۆتتى.
يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنوس ئىنسان بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئۆز مېتودى بىلەن ئىزاھلاپ، بۇ ئارقىلىق ئىنسان روھىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ بەرمەكچى بولدى، لىكىن بۇ كىشىنىڭ قاراشلىرى جەمىيەتنىڭ ۋە كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. بۇ كىشى ئاخىرى روھى سەرگەردانلىق ئىچىدە بۇدۇنيادىن كەتتى.
ئىسلامجان شىرىپ بەشكېرەمى شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى، «مونبەر (ئىلگىرىكى «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبېرى»)» ژورنىلىنىڭ سابىق ئىجرائىي باش مۇھەررىرى، يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنوسنىڭ تەتقىقاتىنى ھەزىم قىلالىغان، قوللىغان ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرى (ماقالىلىرى)گە مەتبۇئاتتىن ئورۇن بەرگەن كىشىلەرنىڭ بىرى. ئىسلامجان شىرىپ ئەپەندى يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنوس تەتقىقاتى راۋاجىدا ئىنسان روھىيىتى ھەققىدە چوڭقۇرلاپ ئىزدەندى ھەمدە بىر تۈركۈم ماقالە ۋە كىتاپلارنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «ياشاش سەنئېتى»_ ئىسلامجان شىرىپ ئەپەندىنىڭ ئۆمۈرلۈك تەتقىقاتىنىڭ بىر قەدەر موپەسسەل مېۋىسى بولۇپ، بىر نەچچە ۋادىغا بۆلۈنۈپ، ھەر ۋادىسى بىر نەچچە كىتاپ بولۇپ ئىشلەنگەن ۋە ئالدىنقى 4كىتابى بىر يۈرۈش قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. بۇئەسەرلەردە ئىنساننىڭ ئۆز روھىيىتىنى چۈشىنىشى، ئۆز روھىيىتىنى تەربىيىلىشى ۋە ئاخىرىدا روھى كامالەتكە يىتىشى ئۈچۈن مەنزىللەر كۆرسىتىلگەن. ئەپسوسكى بۇ كىتاپلار جەمىيەتكە چىققاندىن كىيىن گەرچە كىتاپنىڭ بازىرى يامان ئەمەس بولۇپ، ھازىر كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولمايدىغان بولسىمۇ لىكىن جەمىيەتتە ئاساسەن تەسىر قوزغىيالمىدى. شەخسەن مەنمۇ بۇ كىتاپتىن بىر يۈرۈش سېتىۋىلىپ خېلى تېرىشىپ ئوقۇپ كۆرگەن بولدۇم، لىكىن كىتاپنىڭ ماھىيىتىنى، ئاپتور ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان نوقتىنەزەرلەرنى سېستىمىلىق ھەزىم قىلالمىدىم. شۇ مەزگىللەردە مەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پۇرسەت بولسا ئاپتورنىڭ نوتقى ياكى سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلالىسام، ئاپتورنىڭ يۇقارقى نوقتىنەزەرلىرىگە قارىتا ئۆز ئاغزىدىن بىر شەرھى ئاڭلاپ باقسام دىگەن ئارزۇلاردا بولغان بولساممۇ لىكىن پۇرسەت بولمىدى. «ياشاش سەنئېتى»نىڭ كىيىنكى قىسىملىرىنىڭ نەشىر قىلىنغان-قىلىنمىغانلىغدىن خەۋەر تاپالمىدىم، چۈنكى ھازىرغىچە كىتاپخانىلاردا كۆرۈلمىدى.
قاسىم سىدىق_ غۇلجىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۆز قىزىقىشى بويىچە نەزەرىيىۋى فىزىكىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ۋە ئالەمنىڭ باشلىنىشىدىن ئاخىرلىشىشىغىچە، مىكرو ئالەمدىن ماكرو ئالەمگىچە ئالەمنىڭ باغلىنىش قانۇنىيىتىنى فىزىكىلىق قانۇنىيەت نوقتىسىدىن شەرھىلىمەكچى بولغان، 90-يىللاردا ئۆزىنىڭ بۇ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنى «يوقلۇق نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىغان، 2000-يىللارغا كەلگەندە بۇ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىغان. بۇ كىشىنىڭ قاراشلىرى بىر مەزگىل ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زور غۇلغۇلا ۋە ھاياجان قوزغىغان، بۇ غۇلغۇلىدا بۇ نەزەرىيىنى چۈشەنگەنلەردىن چۈشەنمىگەنلەر بەكرەك ھاياجانلانغان، تور ۋە كوچا پاراڭلىرىدا قاسىم سىدىق نوبىل مۇكاپاتى نامزاتلىغىغا كۆرسىتىلگەن ۋە بۇ غولغۇلىنى ئەۋجىگە كۆتۈرگەن. ئەپسوسكى كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بۇ نەزەرىيەنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ ھەزىم قىلغان ۋە ھەقىقى قوللىغان ئادەم مەيدانغا كەلمىگەن. ئاخىرىدا يەنە شۇ توردا فىزىكا ساھەسىدىكى بەزى كەسىپ ئەھلىلىرى بۇ نەزەرىيەنى ئېتراپ قىلمىغان ۋە يوققا چىقارغان. قاسىم سىدىق ئەپەندى «بۇ نەزەرىيىنى ئېتراپ قىلمىساڭ، ئاغدۇرۇشتىكى ئاساسىڭنى ئوتتۇرىغا قوي» دەيدۇ، قارشى تەرەپتىكىلەر «بۇ نەزەرىيىنىڭ ئەسلىدىن ئىلمى ئاساسى يوق، ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوق» دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاسىم سىدىق توردىكىلەرنىڭ مەسخىرە ۋە ھوجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ ھالەت ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، قاسىم سىدىق ئەپەندى پات-پات تورلاردا ئۆز نەزەرىيەسىنىڭ يېڭى شەرھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرىدۇ ۋە خەلقارادىكى يېڭى پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى، يېڭى بايقاش نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ئۆز نەزەرىيىسنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ، بۇ كىشىنىڭ يازما بايانلىرىغا كەسىپ ئەھلىلىرىدىن پىكىر قوشىدىغانلار ناھايىتى ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، كۆپلىگەن تورداشلار قاسىم سىدىق ئەپەندىگە (ئۇنىڭ بايانى ۋە شەرھىسىگە ئەمەس) زەربە بېرىش، مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى ياكى ئىنكاس پۇلىغا ئېرىشمەكچى بولۇشىدۇ، يەنە بىر قىسىم تورداشلار قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئەمگىگى ۋە ئىجتىھاتىغا ھۆرمەت پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ، نەتىجىدە تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن نەزەردىن ساقىت قېلىپ، شەخىسنى ئېتراپ قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار نەچچە-نەچچە بەت بولۇپ كېتىدۇ.
مېجىت ھىمىت ئەپەندى ئۇيغۇر تىبابەت نەزەرىيىسى ئاساسىدا چوڭقۇرلاپ تەپەككۇر قىلىپ، ئادەم بىلەن دۇنيا ئارىلىقىدىكى باغلىنىشنى شەرھىلەيدىغان بىر قاتار نەزەرىيىۋى ئۇقۇملارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپتۇ. شۇئارقىلىق ئادەم بەدىنىدە پەيدا بولغان كېسەلگە يەككە كېسەللىك ھادىسسى نوقتىسىدىن قارىماي، تەندىكى ئەزالار ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەت، تەن بىلەن دۇنيا (ئورۇن، ماددا )، تەن بىلەن پەسىل(ۋاقىت) ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان ۋە «دۇنيا ۋە ھايات قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەنسەك بەدەندە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك ئىللەتلىرىنى تۈپ يىلتىزىنى ئىگەللەپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى ۋە داۋالاپ ساقايىتقىلى بولىدۇ» دىگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇ كىشىنىڭ بايانىدىكى بىر نوقتا يەنى «13-پىلانىتتا جانلىق بار» دىگەن ھۆكۈمى بۇ تېمىدا تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بوپتۇ ۋە بۇ كىشىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە گۇمان پەيدا قىلىپتۇ. دىمىسىمۇ تاشقى پىلانىتلاردا جانلىق بار-يوقلۇغى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق پەن-تەتقىقات تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تەتقىق قىلىنىۋاتقان ۋە تا ھازىرغىچە ئېنىق نەتىجىسى چىقمىغان مەسىلە بولۇپ، ناسانىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتى ئاللاقاچان قوياش سېستىمىسىدىن ھالقىپ، سامان يولى سېستىمىسى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق يۇلتۇزلارغا سوزۇلماقتا. نۆۋەتتىكى پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى قوياش سېستىمىسىدا يەرشارىدىن باشقا پىلانىتتا ھاياتلىق بولۇش مۆمكىنچىلىگىنى ئاساسەن ئىنكار قىلىدۇ. يۇقىرىدا بىر تورداش ئېيىتقاندەك قوياش سېستىمىسىدىكى پىلانتا سانى ئەسلى 9دىيىلگەن بولۇپ، يېقىنقى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى پىلوتۇن دىگەن پىلانېتنى قوياش سېستىمىسىدىكى مۇستەقىل پىلانېت تىزىملىگىدىن ئۆچۈرىۋەتكەن. شۇڭا مېجىت ھىمىت ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «13-پىلانېت» ھەقىقەتەن پاكىت ۋە ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە. بۇنىڭغا قارىتا مېجىت ھىمىت ئەپەندى «فارابىنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىلىم ساھەسىدە ئېتراپ قىلىنىپ كەلگەن تەلىماتىدا شۇنداق دىيىلگەن، بۇ قىل سىغمايدىغان پاكىت» دىگەن مەزمۇندا رەددىيە بېرىدۇ. مانا بۇ رەددىيە مېجىت ھىمىت ئەپەندىنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ توغرىلىقىغا گۇمان قوزغايدۇ. چۈنكى دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەت يوق، نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلار پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ، يەنە نۇرغۇنلىغان تەلىماتلار پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاغدۇرۇلۇپ، يېڭىلىنىپ بارىدۇ.
بۇخىل تەپەككۇر ئىگىلىرىنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر ئەمگەكلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا مىللىتىمىزنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر جۇغلانمىلىرىنىڭ راۋاجىدىن كەلگەن. بىراق زامانىمىزدا بۇ خىل تەپەككۇر ئىگىلىرىگە يىتەرلىك ئورۇن بېرىلمەسلىگى، توغرا تەتقىقات يۆنۈلىشىگە يىتەكلەش ۋە ھەمكارلىققا ئېرىشەلمەسلىگى، تەپەككۇر تەتقىقاتىدا يىللاپ ھەتتا بىر ئۆمۈر تەنھا قېلىشى، تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت قېلىشى ۋە ئېتراپقا ئېرىشەلمەسلىگى كىشىنى تولىمۇ ئەپسوسلاندۇرىدۇ. ئەسلىدە مۇشۇ خىل تەپەككۇر ئېگىلىرى ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشەلىسە ۋە ئەتراپلىق پەن-تەتقىقات موھىتىدا توغرا لىنيەدە تەتقىقات قىلىش شارائىتى ۋە ھەمكارلىققا ئېرىشەلىسە بۇلاردىن زور ئىختىرالار مەيدانغا كېلىشى تامامەن مۆمكىن ئېدى. بۇلار ئۆز قاراشلىرىنى ئىمكانىيىتى بولسا مەتبۇئاتلاردا، ئىمكانىيىتى بولمىسا توردا تونۇشتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. لىكىن مەتبۇئات ۋە تورنىڭ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى يەنىلا چەكلىك بولىدۇ. ئاپتور بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، نەزەرىيىۋى يىلتىزى ۋە چوڭقۇرلۇغى بىردەك بولمىغاچقا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەر بۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى قاراشلىرىنى توغرا ئىگەللەپ ھەزىم قىلالمايدۇ. خۇددى مەن ئىسلامجان شىرىپ ئەپەندىنىڭ كىتابىنى ئۆزۈم ئوقۇپ ھەزىم قىلالمىغاندەك. بىرنەچچە بەتلىك پەن ئۇقۇمىنى نەچچە مىنوت ئىچىدە ئوقۇپ چىقىش مۆمكىن، لىكىن ئۇنى ئالى مەكتەپنىڭ مۇنبەرلىرىدە نەچچە سائەتلەپ يېشىپ چۈشەندۈرسىمۇ سىتودېنىتلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ھەزىم قىلىپ بولالىشى مۆمكىن ئەمەس. شۇڭا مۇشۇ خىل تەپەككۇر، ئىختىرا ئىگىلىرىگە مەتبۇئات ۋە تورلاردىن باشقا يەنە مۇنبەر ۋە يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش موھىتى كېرەك ئېدى، مۇشۇ خىلدىكى كەسپى ئەنجۈمەنلەر بولۇپ تۇرسا، تەتقىقاتچىلار بىلەن كەسىپداشلار، ئوقۇغۇچىلار، ھەۋەسكارلار كەسپى ساھە بويىچە يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇنازىرە قىلىشالىسا بىرى بۇ خىلدىكى يەككە ھالەتتىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات يۆنۈلۈشىدە قېيىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ توغرا، ئىلمى قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن بولغان ھۆكۈم ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى كەسپى ساھەدىكىلەرنىڭ بىلىم جۇغلانمىسىنى موللاشتۇرۇپ، تەتقىقاتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئىزچىللىققا يول ئېچىلغان، پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆمۈلۈپ قېلىشتىن ساقلانغان بولاتتى.
تور مۇنازىرىلىرىدە يەنە بەزىلەر بۇلارنى ئۆز قاراشلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ئېلان قىلدۇرۇش، شۇ ئارقىلىق خەلقاراغا تونۇشتۇرۇپ، خەلقارا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىسە ئاندىن بىزنىڭمۇ ئېتراپ قىلىشىمىزغا ئېرىشەلەيدىغانلىغىنى ئېيتىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، ئىلمى تەتقىقات بولۇپمۇ نەزەرىيىۋى تەتقىقات ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئادەتتىكى تەرجىمانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ بايانلارنى ئانا تىلىمىزدا بايان قىلىپ بېرىۋاتسا ئۆزىمىز چۈشىنىپ ھەزىم قىلالمايۋاتقان ئەھۋالدا ئۇنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ چۈشىنىپ ھەزىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىش ئەخمەقانىلىك. كەسپى ماقالىلەرنى ئادەتتە كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە كەسپى تەرجىمانلار تەرجىمە قىلىدۇ، ئۇلار بۇ شۇ ماقالىلەرنى چۈشىنىپ ھەزىم قىلالىغان ۋە قىممىتىنى ھېس قىلالىغان بولسا ئاندىن تەرجىمە قىلىدۇ، ئۆزى چۈشىنەلمىگەن نەرسىنى ھەرگىز تەرجىمە قىلمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئىلمى بايانلىرىنى خەلقاراغا تونۇشتۇرۇش ۋە ئېتراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى بۇنى چۈشىنىپ ھەزىم قىلغان، ئېتراپ قىلغان بولۇشى ھەمدە مەيلى ئىلمى مۇھاكىمە سورۇنلىرى بولسۇن ياكى ژورنال، مەتبۇئاتلار بولسۇن ئاشۇ تەتقىقاتچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چوڭقۇر يېشىپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇ چاغدا ئاندىن بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى يەككە كىشىلىك جەڭ ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، توغرا كەسپى تەتقىقات يولىغا كىرەلەيدۇ ۋە ئەمەلى تەتقىقات پاكىتلىرى ئارقىلىق ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى، ئاخىرىنى سەل تۇرۇپ يازاي. |
|