- تىزىملاتقان
- 2014-11-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1739
- نادىر
- 1
- يازما
- 100
ئۆسۈش
73.9%
|
abdikadir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 18:16
قىسقىسى ئىلمى نەرسىلەر پاكت تەلەپ قىلىدۇ ، دىيارىمىزد ...
1. ئەي كىشى بارلىق ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقتىم! بۇنىڭ ئىچىدە بىلگەجان بىلەن تاشپولات ئاكىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ سەمىمىي ۋە ئىلمىي بولۇپتۇ دەپسىز.
جاۋاب: مەن ئۇلارنىڭ سەمىميلىكى ۋە ئىلمىيلىقىغا رەھمەت ئېيىتتىم. ئۇلار بىلىملىك كىشىلەر، بۇ تېمىلارنى ئاساسسىز يوللىمىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىسا كېرەك. پاكىتلارنى تولۇق كۆرگۈچە سۈكۈت قىلىپ تۇرىمىز دەپتۇ. ئۇلار سۇنى كۆرمەي ئىشتان سالىدىغان ئادەملەردىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.
2. ئەي كىشى قىسقىسى ئىلمىي نەرسىلەر پاكىت تەلەپ قىلىدۇ، دىيارىمىزدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پەيدا بولغان ئاجايىپ ( ئەقىلغا سىغمايدىغان، ھېچ بولمىسا مېنىڭ ئەقلىمغا سىغمايدىغان ) كەشپىياتلار ( مەسىلەن؛ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىدىغان دېۋگاتىل، ھەممە كېسەلگە پايدا قىلىدىغان دورا ۋە يەنە ئاتالمىش بىرمىلەر ) نىڭ ئۆز-ئۆزىدىن يوقاپ كېتىشى مەن قاتارلىق نۇرغۇن كىشىەلەرنى بۇنداق نەرسىلەرگە نىسپەتەن بۇمۇ ئەتىمالىم بىرسىنىڭ ئالا_جۇقا جۆيلىشى دەپ چۈشىنىدىغان ھالەتكە ئەكەپ قويدى دەپسىز. يەنە ئىلىم-پەن پاكىت تەلەپ قىلىدۇ دەپسىز.
جاۋاپ؛ مەن سىزنى كېيىن شۇنداق ئىنكاسلارنى بەرمىسۇن دەپ نەزىرىيەلەرنىڭ مۇدىل،پاكىت، رەسىملىرى بىلەن كۆرسەتسەم سىز يەنە پاكىت تەلەپ قىلماقچى، مەن بۇ ھەقتە مەخسسۇس ئەسىرىم بار دېسەم ئۇنى كۆرمەيلا ئەقىلگە سىغمايدىغان، ئالا-جۇقا جۆيلۈش دېگەندەك ئىلمىي ئادەملەرگە خاس بولمىغان بىلىمسىز.... ئادەملەر ئىشلىتىغان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپسىز. دۇنياغا مەشھۇر ئالىملار بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان ئەركان ئىلمىدىن قىلچە خەۋرىڭىز يوقكەن. مەن ناھايىتى ئۇزۇن يىللار تەتقىق قىلغان نەرسىلەرنى ( سائىت ئىچىگە 16 دانە ‹ قۇياش بىلەن› پىلانىتلارنىڭ رەسىمىنى نۇقتا قىلىپ سىزغان ئۇنى ئومۇمىي نەزەرىيەلەر بىلەن ماسلىقىنى بەرگەن ئىدىم. 13-پىلاننتمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ). جۆيلۈشكەن دېسىڭىز مەن بەكلا ئازارلاندىم. مەن ئۇلۇغ ئالىملار ماڭغان تەتقىقات يولىدا ماڭغان ئىدىم. بۇ ھەقتە دىيارىمىزدىكى كۆپ ئاتاقلىق كۆپ بىلىملىك كىشىلەر بىلەن ( مەسىلەن: مەشھۇر ئالىم ئابلىمىت يۈسۈپ ئاخۇنۇم، تىبابەت تەتقىقات ئورنىدىكى مۇتەخخەسسىسلەر.... ) ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەتقىقاتىمغا ئۇتۇقلار تىلەپ مەدەت بەرگەن. كۆپ ماقالىرىمنى ئېلان قىلىپ بەرگەن، سىز مەن ئۇلۇغ ئالىملار ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ‹ تۆت ئامىل نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئۆگىنىپ تەتقىق قىلىپ ئۇلار ماڭغان يول بىلەن ماڭغان ئىدىم ۋە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىبنىسىنانى 1000 يىلدىن بېرى دۇنيا خاتىرلەپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ ئالىم. ئۇ ‹ تۆت ئامىل › نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىپ ‹ ئەلقانۇن فىتتىپ › دېگەن ئەسەرنى يازغاندىن كېيىن بۇ ئەسەرنى ياۋروپا تىببىي ئىنىستىتۇتلاردا 800 يۈل دەرىس قىلىپ ئۆتكەن. بۇ سىزگە ناھايىتى يېتەرلىك پاكىت . ھازىرغا كەلسەك ئىسلام دۇنيا تىبابەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى قانداق نەزەرىيەنى ئاساسىي نەزەرىيە قىلىدۇ دەپ سورىسىڭىز ھۆكومالاردىن پاكىت ئالالايسىز. مېنىڭ تەتقىقاتىم مۇشۇ ئاساس بويىچە ئېلىپ بېرىلغان دېسەم سىز ئەقىلگە سىزمايدىغان جۆيلۈش دېسىڭىز بۇ تەتقىقات يولىدا ئىزدەنگەن، ئىزدىنىۋاتقان ھازىر ئەمەلىي پايدىلىنىۋاتقانلارغا ئىلىم پەنگە ھۆرمەت قىلمىغان بولىسىز. ھېچ بولمىغاندا كەمسىتمەڭ؛ ھېچ بولمىسا مېنىڭ ئەقلىمگە سىغمايدىغان؛ دېگىنىڭىزدىن بارلىق تەتقىقاتلار سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە سىغىسش كېرەككەن. سىز نادان ئادەمدەك قىلىىسز ياكى بىلىملىك بولسىڭىز بۇ جەھەتتە نادان ئىكەنسىز: نادان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قاتتىق قېپى بار، مېغىزى يوق دېگەن گەپ بولىدۇ. مەسىلەن: ياڭاقنىڭ قاتتىق قېپى بار، ئىچىدە مېغىزى يوق. مېنى بەكلا كەمسىتكىنىڭىزدىن ئەخلاقىڭىز، ئىلمىي پوزىتسىيەرىڭىز، كىشىلەرگە ھۆرمەت قىلىشىڭىز يوق ئادمكەنسىز. سۇنى كۆرمەي ئىشتان سېلىۋېتىپ ئەتراپتىكىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغان ئادەمدەك قىلىسىز.سىزدە نادان ھەم گېزەندە خاراكتىرى بار ئىكەن. سىزنىڭ ئەقىلغا سىغمايدىغان ھېس بولمىسا مېنىڭ ئەقلىمگە سىغمايدىغان دېگەن سۆزلىرىڭىزنى سىزدىنمۇ نادانراق ئادەملەر كۆرسە مەلۇم ئالىم ‹ كىملىكىڭىزنى بىلمەي › مېنى بۇ ئادەم ياكى بۇ ئۇيغۇر تەتقىقات قىلىمەن ئەمەس جۆيلۈپتۇ دېسە سىز مېنى ئالا جۇقا جۆيلىگەن ئادەم دەپ نەم پايدىغا ئېرىشمەكچى. دۇنيادىكى مەسەلىلەرگە قارىتا ھەر خىل كۆز قاراشلاردا بولىمىز. بەزى ئۆزىمىز بىلمىگەن ئىشلاردا سۈكۈت قىلىپ تۇرىمىز. سىزگە بىر ئار سۈكۈتۈم بۇزۇلدى. ئۇيغۇرلار بىز ‹ ئۇيۇغۇر › ئۇيۇشالايدىغان مىللەت دەپ تەبىر بەرسە مەن ھەم ھەممىمىز بەك سۆيۈنۈپ كېتىمىز. بەزىلەر ‹ ئويغۇر › يەنى بىر-بىرىنى يەرنى ئويۇپ ئويغان يەرگە كىرگۈزىۋېتىدىغانلار بار دېگەن سۆزنى سىزگە تەدبىقلىدىم. بىلملىك، تىرىشچان، ئەقىللىق، ئاقكۆڭۈل بولۇپمۇ ئىلىم-پەنگە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. |
|