- تىزىملاتقان
- 2012-12-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1927
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
92.7%
|
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى 2014-12-26 17:09
''ئۇيغۇر''دېگەن بۇنام كۆكتۈرك قاغانلىقى دەۋرىدە ئۇچراي ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپەندى ، سىزنىڭ تارىخ بىلىملىرىڭىزگە ۋە قىزىقىشىڭىزغا قايىل مەن.
بەلكىم سىز تارىخ ئىلمىدە خىلى مەلۇماتلىق بولسىڭىز كىرەك، بىراق يۇقارقى قارىشىڭىزنى ئازراقلا تارىخ بىلىمى بار ئادەم قوبۇل قىلالمايدۇ.
ئۇيغۇر دىگەن بۇ نام كۆكتۈرك قاغانلىقى دەۋرىدە (يەنى مىلادى 552-يىلى مەيدانغاكەلگەن) ئۇچرايدۇ دەپسىز، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ « تۇركىي تىللار دىۋانى » دا ‹‹ « ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى، ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار، بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۇرك خاقانى بىلەن پۇتۇم تۇزگەندىن كېيىن سالدۇرغان، زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا تۇرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى توت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن، ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹‹ئىنان خۇدخۇراند›› (تەرجىمىسى : ـ بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ئۆز ئوزۇقىنى ئوزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن.) بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ » دەپتۇ.
مەھمۇد كاشغەرى خاتىرىلىگەن بۇ رىۋايەت بىزگە « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن بارلىقىنى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. مەشھۇر ئىستىلاچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن مىلادىيەدىن توت ئەسىر بۇرۇن دۇنياغا كېلىپ دۇنيانى تىترەتكەن تارىخى شەخس.
« ئوغۇزنامە » دە 106 ـ قۇرىدا مۇنداق مەلۇمات بەرىدۇ: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاغا نىمەن ».
ئەسەر تەخمىنەن 13 ـ ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان بولسىمۇ ۋاقىئەلىك ناھايىتى قەدىمكى دەۋرگە بېرىپ تاقىلىدۇ، بۇ تارىخى داستاندا ئۇيغۇر نامىنىڭ بېرىلىشى مەسىلىسى ئوغۇزخان تىلىدىن بايان قىلىنىدۇ. كوپلىگەن تەتقىقاتچىلار ئوغۇزخاننى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر دەپ قارايدۇ. بىز بۇ قاراشنى قۇۋۋەتلىسەك ئوغۇزخان مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 ـ ئەسىردىكى تارىخىي شەخس بولۇپ « ئۇيغۇر » سوزى شۇنىڭدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، سەۋەبى ئوغۇزخان قىپچاق، قارلۇق، قاڭقا، قالئاچ ناملىرىنى بەرگەن بولسىمۇ « ئۇيغۇر » نامىنى ئوغۇزخاننىڭ قويغانلىقىنى دىمىگەن، لېكىن « ئۇيغۇر » نامى ئۇلار قۇدرەتلىنىپ كۇچلۇك دولەت قۇرغاندا ھەممە قەبىلە ئورۇقلارغا بايرىقى ئاستىغا جەملەنگەندە ئاندىن زاھىر بولغان. ئوغۇزخانمۇ ئۇيۇغانلارنىڭ، كۇچ ـ قۇدرەت تاپقانلارنىڭ قاغانى بولغان. بىز بۇ تارىخىي داستاندىن « ئۇيغۇر » نامىنىڭ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3 ـ ئەسىردىن بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى بىلەلەيمىز. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
ئۇيغۇر قەبىلىلىرى (ئۇيغۇرلار)باشقا ئىتىنىك تۇركۇملەرگە قوشۇلۇپ پۇتۇنلەي يۇقاپ كەتمىگەن ،ئاجىزلاشقان ۋاقتىدا ئاز بىرقىسمى باشقا ئىتنىك تۇركۇملەرگە قوشولۇپ كەتكىنى بىلەن كۇچەيگەن ۋاقتىلىرىدا ئۆزىنىڭ باشقا تۈركى مىللەتلەردىن پەرىقلىنىدىغان مەدىنىيىتى ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن تۇركۇملەرنى ئۆزىگە قوشىۋالغان ،كىيىن ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقىدىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يەنە بىر قىسىم ئۇلۇسلار بولۇنۇپ (شەكىللىنىپ ) چىققان.
ھازىرقى ئۇيغۇرلار دەل ئاشۇ ئوغۇز زامانىدا ئاتالغان (ئۇيغۇر) ئاتلىق تۇركۇمنىڭ ئۇزۇن زامانلار يۇغۇرىلىش داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ھەقدارلىرى ۋە ئەۋلاتلىرى.
شۇڭا بۇ‹‹ ئۇيغۇر›› دىگەن بۇ مۇقەددەس نام تۇرانىيەدىكى باشقا مىللەتكە قويۇلۇپ قالماي (قاراخانىلار دەۋرىدە تۇرك ئاتالغان بولسىمۇ ،ئىدىقۇتلار يەنىلا ئۇيغۇر نامى بىلەن ئىدى) سۇنئى ئەمەس تەبىئىي ئۆزىنىڭ ھەقدارلىرى بولغان ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا خاس نام بولۇپ كەلدى. تارىخنىڭ ئەگرى توقايلىقى ۋە تارىخنى كىملەر قانداق يىزىشىدىن قەتئىي نەزەر بۇ نام ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىدىن دەۋىرلەر بويى كۆتىرىلىپ كەتمىدى ھەم مەڭگۇ كەتمەيدۇ.
مەن تارىخچى ئەمەس پەقەت تارىخقا قىزىققۇچى ، مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتە تەلىم بەرگەيسىز.
لىكىن ئاساسسىز گەپ ھامىنى چىنىپ قالىدۇ. |
|