قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر بىر نەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغابۆلۈنگۈن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىلارنى 19-ئەسرىنىڭ ئاخىردىكى تۈركىلوگىيەتەتقىقاتچىلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ماكان، تىلشېۋىسى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە تۇغقاندارچىلىقى، ئېتىقادى، توتېمى،ئەن-تامغىلىرى... قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى يېقىنلىقىغا قاراپ ئايرىپ چىققان.بۇلاردىن بىر قەدەر چوڭراق بولغانلىرى شەرقىي تۈرك قەبىلىلىرى، غەربىي تۈركقەبىلىلىرى، ئوغۇز-قارلۇق ياكى ئۇيغۇر قارلۇق گۇرۇپپىسى، قىپچاق-قىرغىز گۇرۇپپىسىقاتارلىقلاردۇر. بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقتىكى تەۋەلىك ئورنى جەھەتتىن مۇنتىزىمبولمىغان. بەزىدە ئۇ ئىتتىپاققا تەۋە بولسا بەزىدە بۇ ئىتتىپاققا تەۋە بولغان. بۇئىتتىپاقلار بەزىدە كۆپەيسە بەزىدە ئازايغان. كۆپ ۋاقىتلاردا بارلىق تۈركى خەلقلەرغەربىي ۋە شەرقىي تۈركلردىن ئىبارەت ئىككى ئىتتىپاققا بۆلۈنسە، بەزىدە يەنە بىرقانچە قەبىلىلەر ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۇنىڭ تەركىبىدىن بۆلۈنۈپ چىققان. كۆكتۈرك ئىمپېريىسىنىڭ ئاخىرىدا ئىمپېريىگە قارىشى بارلىق تۈركىي قەبىلىلەر ئۇيغۇر ۋەسىرتادۇشلارنىڭ باشچىلىقىدا ئىككى ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈپ بىر تەرەپتىن كۆكتۈركلەرگە قارىشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزئارا دۈشمەنلەشكەن. ئاخىرى ئۇيغۇرقەبىلە ئىتتىپاقى غەلىبە قىلىپ ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئەتىراپىغاتوپلانغان ۋە كېيىىن بويسۇندۇرۇلغان بارلىق قەبىلىلەر ئومومي جەھەتتىن ئۇيغۇردېگەن ئورتاق بىر قەبىلىۋىي ئىتتىپاق نامى بىلەن (بىلىش كېرەككى، ئۇ چاغدا تېخىمىللەت ئۇقۇمى شەكىللەنمىگەن)، ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قەبىلە نامىبىلەن ئاتالغان. يەنە ھەر بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بىر نەچچە قەبىلىدىن، ھەربىر قەبىلە يەنە نۇرغۇن ئۇرۇقلاردىن تەركىپ تاپقان. ئۇرۇقلار بۇنداق مۇرەككەپقۇرۇلمىدىكى ئەڭ تۆۋەن تەشكىلىي بىرلىك بولغان ھەم ئۇ قانداشلىقنى مەركەز قىلغان. قارلۇقلار بىلەن ياغمىلار ئايرىم ئۇقۇم بولۇپ، ياغمىلار ئوغۇز(ئۇيغۇر)-قارلۇق ياكى قارلۇق قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى ئايرىم بىر قەبىلە. شۇڭا ئوغۇز (ئۇيغۇر)-قارلۇق قەبىلە ئىتتىپاقىدا قارلۇق ۋە ياغمىلاردىنباشقا يەنە ئوغۇز، چىگىل قاتارلىق نۇرغۇن قەبىلىلەر بولغان. تۆۋەندىكى ماتېرىياللاردا بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بار. 1. ياڭ شىمىن. «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى1998-8-1-نەشرى 150-بەت. «ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ غەرىبىدىكى بېقىندى قەبىلىلەرئاساسلىقى قارلۇقلاردىكى سول باسقاق ۋە ساتارلار، ياغمىلار قاتارلىق غەربىيتۈركلەرنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن ئىبارەت ئىدى» «ياكى ئاساسىي قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرىنى ئۇيغۇرخاقانلىقىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىدى. مەسىلەن، قىرغىزلارغا، قارلۇقلارغامۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. ياكى بولمىسا ئۇيغۇر-ياغلاقارلار ئۇرۇقىدىن بولغانلارنى شۇقەبىلىنىڭ ئۆمۈرۋايەت مىراس قالىدىغان ئاقساقاللىقىغا بەلگىلىدى. ئالايلۇق، ياغمىلارنىشۇنداق باشقۇردى». 2. بارتولد. «يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچېرىگى». شىنجاڭئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى 1984-يىل 8-ئاي ئۇيغۇرچە 7-8-سان 20-بەت. «يەتتە سۇنىڭ جەنۇبى قىسىمىدا ياغمىلار ياشىغان. ياغمىلارغاقەشقەرمۇ قارىغان. قارلۇقلار بىلەن ياغمىلارنىڭ چېگىرىسى نارىن، دەپ ھېسابلانغان» ياغمىلار يەنە ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىچكىتوققۇز ئۇرۇقىغا، قارلۇقلار تاشقى توققۇز قەبىلىسىگە تەۋە بولغان. مەسىلەن: 3. ئەسقەر ھۈسىيىن، ۋاھىتجان غوپۇر. «ئۇيغۇر كىلاسسىكئەدەبىاتى تىزىسلىرى» مىللەتلەر نەشىرياتى 1987-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى 6-، 7-بەتلەر. ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبى 1› ئىچكى توققۇز ئۇرۇق: ياغلاقار، قۇرتارغا، دېرېمار،بايىرسىق، ئابدال، قاسار، قۇلاس، ئوۋۇغار (ياغما؟)، سابار (سارۇرغۇر). 2› تاشقى توققۇز قەبىلە: ئۇيغۇر، بارغۇت، قۇن، بايقىرقۇ،توڭرا، ئىزگىل، چەۋىك، باسمىل، قارلۇق.
|