- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12981
- نادىر
- 19
- يازما
- 668
ئۆسۈش
7.45%
|
قارلۇق، ياغما، ئادىز، ياغلارقا دېگەنلەر ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەم قەدىمكى تۈركى قەۋملەر ئارىسىدا غوللۇق ئورۇن تۇتقان، جەڭگىۋار ھەم ئىلىم ھاۋاسى قويۇق بولغان قەبىلىلەر. قانداقتۇر ياغمىلار قارلۇقلارنىڭ تەركىبىدىكى بىر قەبىلە ئەمەس. كېيىن ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغىراخان (مۇسۇلمانچە نامى ئابدۇلكېرىم. ئۇ سامانىيلار خانلىقىنىڭ سەرگەردان شاھزادىسى ئەبۇ ناسىر سامانىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان) نىڭ باشچىلىقىدا ئىسلام دىنىى 3-بولۇپ دۆلەت دىنى قىلىپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنى بۇدىست ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىغان، قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىنى بولسا «ئۇيغۇر'، «ئۇيغۇر تاتلىرى'، «تاتلار» دەپ ئاتىغان. بۇ مەھمۇد كاشىغەرى بوۋىمىزنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدەى ئېنىق تىلغا ئېلىنغان. يەنى ئۇنىڭدا ئۇرۇش قىلىپ ئۇيغۇر تاتلىرىنى يەڭگەنلىكى، بۇتلىرىنىڭ بېشىغا چىچقانلىقى توغىرىسىدا مەزمۇنلار بار. بۇ توقۇپ چىقىلغان گەپ ئەمەس. قاراخانىيلار خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چاغاتاي ئۇلۇسى، كېيىن يەنە جەنۇب ئۇيغۇرلىرى مۇسۇلمان، ئالتا شەلىك، يەتتە شەلىك، دولانلار، ماڭلاي سۈيەلەر، ئىلى ئۇيغۇرلىرى تارانچى دەپ ئاتالغان. بىراق بارلىق ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۇقۇمۇشلۇقلار يەنىلا ئۆزلىرىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان بولۇپ، بۇنداق ئاتاش ئىزچىل ھالدا بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىل قىلغان. 1800-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1900-يىللارنىڭ بېشىدا ئۇرخۇن ئابىدىلىرى، «قۇتادغۇبىلىگ». «تۈركى تىللار دىۋانى»... قاتارلىق شاھانە يازمىلارنىڭ تېپىلىشى بىلەن تۈركى مىللەتلەردە يىلتىزىنى ئىزدەش ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، مىللىي تارىخ تەتقىقاتى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن 1911-يىلى تارىخ ئاشىناسى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئۆزىنىڭ تارىخ ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە بارتولدى، س ي مالوف، زىيا كۆك ئالىپ... قاتارلىق تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تۈركىلوگىيە ساھەسىدىكى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئاساسىدا تۇنجى بولۇپ «ئۇيغۇر» تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن. 1921-يىلى بۇ تەخەللۇسنى ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئوغلى ئۇيغۇر ئىشلەتكەن. شۇ يىلى يەنە ياركەنت ۋە ئامۇتا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىمۇ بۇ نامنى شىنجاڭ ۋە يەتتىسۇدىكى چاغاتاي تۈركچىسى بىلەن سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئورتاق مىللەت نامى قىلىپ ئىشلىتىشنى قارا قىلىپ، بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ خەلقنى «ئالتىشەلىك» ۋە ترانچى دەپ ئىككى مىللەت قىلىش سۈيىقەستىنى تارمار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت زېمىنىدا «ئۇيغۇر» نامى بىزنىڭ مىللىي نامىمىز بولۇپ قارارلاشقان. 1935-يىلى شىڭ شىسەيمۇ سىتالىننىڭ تەسىرىدە بۇ نامنى شىنجاڭ رايونىدا رەسمىي ئىشلىتىشنى قارا قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «ئۇيغۇر» نامى بىزنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت نامىمىز بولۇپ قالغان. بۇ نام قانداقتۇ بەزىلەرنىڭ جۆيلۈگىنىدەك شىڭ شىسەي 1935-يىلى ئۆزى ئىجاد قىلىپ قويۇپ بەرگەن نام ئەمەس. بىر قىسىم يازمىلاردا مەن «ئۇيغۇر» نامىنى 1935-يىلى شىڭ شىسەي قويۇپ بەرگەن دەپ كۆردۈم. شۇ ماقالىنى يازغان، تەھرىرلىگەن ۋە نەشىر قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي. ئۇلار قىلچىلىكمۇ مەدەنىيەت ھەم ئىلىم ھاۋاسى يوق كالۋا ئېشەكلەردۇر.
مىللەت-ئورتاق ياشاش ماكانىدا ئۆزىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ئىگىلىك ئورتاقلىقىنى بەرپا قىلغان ھەم بۇلارغا ئۇزاق مۇددەت ۋارىسلىق قىلىش جەريانىدا بىرلىككە كەلگەن روھىي ھەم مەنىۋىي ھالەت ئورتاقلىقىنى ياراتقان بىر پۈتۈن ئادەملەرنىڭ ئورتاق چەمبىرىكىدىن ئىبارەت. شۇڭا يۇقارقى ئورتاقلىقنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شۇ مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى. |
|