- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12948
- نادىر
- 19
- يازما
- 665
ئۆسۈش
7.37%
|
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 19:58
ياغمىلارنى قارلۇقلاردىن ئەمەس دېگەن گېپىڭىزگە تۈركو ...
قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر بىر نەچچە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا بۆلۈنگۈن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىلارنى 19-ئەسرىنىڭ ئاخىردىكى تۈركىلوگىيە تەتقىقاتچىلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ماكان، تىل شېۋىسى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە تۇغقاندارچىلىقى، ئېتىقادى، توتېمى، ئەن-تامغىلىرى... قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى يېقىنلىقىغا قاراپ ئايرىپ چىققان. بۇلاردىن بىر قەدەر چوڭراق بولغانلىرى شەرقىي تۈرك قەبىلىلىرى، غەربىي تۈرك قەبىلىلىرى، ئوغۇز-قارلۇق ياكى ئۇيغۇر قارلۇق گۇرۇپپىسى، قىپچاق-قىرغىز گۇرۇپپىسى قاتارلىقلاردۇر. بۇ قەبىلىلەر ئىتتىپاقتىكى تەۋەلىك ئورنى جەھەتتىن مۇنتىزىم بولمىغان. بەزىدە ئۇ ئىتتىپاققا تەۋە بولسا بەزىدە بۇ ئىتتىپاققا تەۋە بولغان. بۇ ئىتتىپاقلار بەزىدە كۆپەيسە بەزىدە ئازايغان. كۆپ ۋاقىتلاردا بارلىق تۈركى خەلقلەر غەربىي ۋە شەرقىي تۈركلردىن ئىبارەت ئىككى ئىتتىپاققا بۆلۈنسە، بەزىدە يەنە بىر قانچە قەبىلىلەر ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۇنىڭ تەركىبىدىن بۆلۈنۈپ چىققان. كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ ئاخىرىدا ئىمپېريىگە قارىشى بارلىق تۈركىي قەبىلىلەر ئۇيغۇر ۋە سىرتادۇشلارنىڭ باشچىلىقىدا ئىككى ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈپ بىر تەرەپتىن كۆك تۈركلەرگە قارىشى تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزئارا دۈشمەنلەشكەن. ئاخىرى ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتىپاقى غەلىبە قىلىپ ھوقۇقنى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئەتىراپىغا توپلانغان ۋە كېيىىن بويسۇندۇرۇلغان بارلىق قەبىلىلەر ئومومي جەھەتتىن ئۇيغۇر دېگەن ئورتاق بىر قەبىلىۋىي ئىتتىپاق نامى بىلەن (بىلىش كېرەككى، ئۇ چاغدا تېخى مىللەت ئۇقۇمى شەكىللەنمىگەن)، ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قەبىلە نامى بىلەن ئاتالغان.
يەنە ھەر بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بىر نەچچە قەبىلىدىن، ھەر بىر قەبىلە يەنە نۇرغۇن ئۇرۇقلاردىن تەركىپ تاپقان. ئۇرۇقلار بۇنداق مۇرەككەپ قۇرۇلمىدىكى ئەڭ تۆۋەن تەشكىلىي بىرلىك بولغان ھەم ئۇ قانداشلىقنى مەركەز قىلغان.
قارلۇقلار بىلەن ياغمىلار ئايرىم ئۇقۇم بولۇپ، ياغمىلار ئوغۇز (ئۇيغۇر)-قارلۇق ياكى قارلۇق قەبىلە ئىتتىپاقىدىكى ئايرىم بىر قەبىلە. شۇڭا ئوغۇز (ئۇيغۇر)-قارلۇق قەبىلە ئىتتىپاقىدا قارلۇق ۋە ياغمىلاردىن باشقا يەنە ئوغۇز، چىگىل قاتارلىق نۇرغۇن قەبىلىلەر بولغان.
تۆۋەندىكى ماتېرىياللاردا بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بار.
1. ياڭ شىمىن. «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-8-1-نەشرى 150-بەت.
«ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ غەرىبىدىكى بېقىندى قەبىلىلەر ئاساسلىقى قارلۇقلاردىكى سول باسقاق ۋە ساتارلار، ياغمىلار قاتارلىق غەربىي تۈركلەرنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن ئىبارەت ئىدى»
«ياكى ئاساسىي قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرىنى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلىدى. مەسىلەن، قىرغىزلارغا، قارلۇقلارغا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللاندى. ياكى بولمىسا ئۇيغۇر-ياغلاقارلار ئۇرۇقىدىن بولغانلارنى شۇ قەبىلىنىڭ ئۆمۈرۋايەت مىراس قالىدىغان ئاقساقاللىقىغا بەلگىلىدى. ئالايلۇق، ياغمىلارنى شۇنداق باشقۇردى».
2. بارتولد. «يەتتە سۇ تارىخىنىڭ ئوچېرىگى». شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى 1984-يىل 8-ئاي ئۇيغۇرچە 7-8-سان 20-بەت.
«يەتتە سۇنىڭ جەنۇبى قىسىمىدا ياغمىلار ياشىغان. ياغمىلارغا قەشقەرمۇ قارىغان. قارلۇقلار بىلەن ياغمىلارنىڭ چېگىرىسى نارىن، دەپ ھېسابلانغان»
ياغمىلار يەنە ئۇيغۇر ئىتتىپاقىدا بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى توققۇز ئۇرۇقىغا، قارلۇقلار تاشقى توققۇز قەبىلىسىگە تەۋە بولغان. مەسىلەن:
3. ئەسقەر ھۈسىيىن، ۋاھىتجان غوپۇر. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىاتى تىزىسلىرى» مىللەتلەر نەشىرياتى 1987-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى 6-، 7-بەتلەر.
ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبى
1› ئىچكى توققۇز ئۇرۇق: ياغلاقار، قۇرتارغا، دېرېمار، بايىرسىق، ئابدال، قاسار، قۇلاس، ئوۋۇغار (ياغما؟)، سابار (سارۇرغۇر).
2› تاشقى توققۇز قەبىلە: ئۇيغۇر، بارغۇت، قۇن، بايقىرقۇ، توڭرا، ئىزگىل، چەۋىك، باسمىل، قارلۇق.
|
|