- تىزىملاتقان
- 2013-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 613
- نادىر
- 1
- يازما
- 13
ئۆسۈش
22.6%
|
ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىش(1)
شۇنداق قىلىپ ئىلتىماس قىلىشنى بىر يىل كىچىكتۈردۈم. بۇندىن كىيىن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان قېرىنداشلارغىمۇ تەييارلىقلار تولۇق پۈتمىگەن، ئەڭ موھىمى ئىلتىماس قىلىش شەرت-شارائىتلىرىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، تەلەي سىناپ بېقىش خىيالى بىلەن ئالدىراپ مەكتەپ ئىلتىماس قىلىشقا تۇتۇش قىلماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى مەكتەپلەرنى تاللاش، ئىلتىماس قىلىش، يازغان خەتلەرگە ئاساسەن جاۋاب قايتۇرمايدىغان پرافىسورلار بىلەن ئالاقىلىشىش، كەم ماتىرىياللارنى تولۇقلاش، ئىلتىماس نەتىجىلىرىنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتۈش، ئارقا-ئارقىغا ئۇلىشىپ كەلگەن مەكتەپلەرنىڭ رەت قىلىش خەتلىرىنى قۇبۇل قىلىش، بەش ئالتە ئاي سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتۈپ ئۈمىد شاملىرى ئۆچەيلا دەپ قالغاندا ئاندىن بىر مەكتەپنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا مىڭ تەسلىكتە ئېرىشىش كىشىدىن ناھايتى يۇقىرى پىسخىكا ساپا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ جەرياننى چۈشىنىپ باقماقچى بولغانلارغا بىلگىجاننىڭ تىمىسىدىكى ئىلتىماس قىلىش ۋە چاقىرىقنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلىرىنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەلۋەتتە مەنمۇ كىيىنكى بۆلەكلەردە ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىلىرىنى يازىمەنغۇ:lol
ئەگەر نەتىجە ۋە تەييارلىقلار ياخشى بولمىغاندا ئەڭ ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ ھىچقايسىسىدىن چاقىرىق كەلمەسلىك كۆزگە كۆرىنىپلا تۇرىدىغان ئىش. ئىلتىماس قىلىشقا كەتكەن ئىقتىسادى زىيانلار بىر چەتتە تۇرسۇن، نەچچە يىلدىن بۇيان كۆرمىگەننى كۆرۈپ، مىڭ جاپادا تىرىشىپ تەييارلىق قىلىپ ئىلتىماس قىلىپ، نەچچە ئاي تەقەززارلىق بىلەن ئىلتىماس نەتىجىسىنى كۈتكەن ئوت يۈرەكلەرگە ھەممە ئىلتىماسىنىڭ مەغلۇپ بولىشى ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىسخىكا مۇداپىيەسىنى ۋەيران قىلىپ، بۇ ئوتلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا تامامەن يىتەرلىك ئىدى. بىرىنجى يىلى كۈچەپ ئىلتىماس قىلىپ يەنىلا مەغلۇپ بولغانلاردىن كىيىنكى يىلى يەنە ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ بەكلا ئاز بولىشى بۇنىڭ ئىسپاتى.
ئۈستىدە 2013-يىلى كىرىۋەرسۇن، بۇ بۆلەكتە يەنە بىر قېتىم 2012-يىلىنىڭ بېشىغا قايتىپ كىلەيلى.
ئېنگىلىزچە ئىمتاھانلارنى يىل ئاخىرىغا بېرىشكە پىلانلىغان بولغاچقا، يىل بېشىدىكى بىر نەچچە ئايدا ئىلمىي ماقالىلەرنى پۈتتۈرىۋالماقچى بولدۇم. مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىمنى خۇلاسىلەپ، كەم دىگەندە ئىككى پارچە ئىلىمىي ماقالە چىقىرالايدىكەنمەن دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم. بىرسىگە ئۆزۈم بۇرۇن دۆلەت ئىچىدە ئىلان قىلغان خەنچە ئىلمىي ماقالەمنى لاھىيەنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە قىلىپ ئاندىن ئېنگىلىزچە ئىلان قىلىش. يەنە بىرسىگە تەتقىقات-ئېچىش خىزمىتى داۋامىدا پۈتتۈرگەن بىر قانچە پروجېكتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆزۈم ئەڭ يۇقىرى ياخشى قىلدىم دىگەن بىرسىنى تاللاپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن ئاساستا ماقالە قىلىپ چىقىرىش.
بۇرۇن دۆلەت ئىچىدە ئىلان قىلغان ماقالەمنىڭ قانچىلىك سەۋىيىدە ئىكەنلىكى ئۆزۈمگە ئايدىڭ ئىدى، ھەرقانچە ئەلالاشتۇرۇپ يازساممۇ، سەۋىيىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان، شۇنىڭغا ماس تەلەپلىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلالايدىغانلىقىمغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمايتىم. ئەمما ئۆزۈم خىزمەت داۋامىدا قىلغان پروجېكتنى ياخشى خۇلاسىلەپ ئېنگىلىزچە يېزىپ چىقالىسام جەزمەن قۇبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. چۈنكى بىر جەھەتتىن، خىزمەت ۋە تەتقىقات ئىھتىياجى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ، پروگىراممىلىرىنى يېزىپ ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئېنگىلىزچە يېزىپ ئىلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ سەۋىيىسىنىڭ ھەممىسىنىڭلا بۇرۇن مەن تەسەۋۋرۇر قىلىۋالغاندەك ئۇنچىۋالا يۇقىرى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. بەزى ماقالىلەردىكى بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلەتكەن ئۇسۇللارنى ئۆزۈمنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇل بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمنى ھىس قىلاتتىم. ھەم شىركەتنىڭ پروجېكتىنى ئورۇنداش داۋامىدا ئۇچرىغان بەزى ئەمەلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالىلەردىنمۇ ئىزدەپ تاپالماي ئۆزۈم قېتىرقىنىپ يېڭى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان ئىدىم. مەن ھەل قىلغان بۇ مەسلىگە ئائىت ئىلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ئىنتايىن ئاز بولىشى مەن پەقەت تەجرىبىنى ئوبدان قىلىپ ماقالىدە ئوبدان خۇلاسىلەپ يېزىپ چىقساملا جەزمەن قۇبۇل قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى.
كىيىن ئويلاپ باقسام، مەنمۇ بىرسى قۇبۇل بولمىسا بىرسى قۇبۇل بوپ قالار دىگەن تەمەدە ئىككى پارچە ماقالە تەييارلايمەن دەپ خاتا ئىش قىلغان ئىكەنمەن. ئەسلى ماگىستىرلىقتا ئىلان قىلغان ماقالەمنى بىر يانغا چۆرىۋىتىپ ئۆزۈم يېڭىلىق ياراتقان، قۇبۇل قىلىنىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولغان ئىككىنجى ماقالىگىلا كۈچىگەن بولسام ماقالەم 2012-يىلىلا ئىلان قىلىنىپ بولار ئىكەن. ئەپسۇس، مىنىڭ 2012-يىلىنىڭ بېشىدىكى بىر يېرىم ئاي ۋاقتىم ماگىستىرلىقتا ئىلان قىلغان خەنچە ماقالىنىڭ ئۇسۇل-مىتودلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش،تەجرىبىلىرىنى ئىشلەش شۇنداقلا ماقالىنى ئېنگىلىزچە يېزىش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مىنىڭ تۇنجى ئېنگىلىزچە ماقالەم پۈتكەن بولدى. شۇ چاغدىكى ھاياجاننى دىمەيسىلەر، مەن ئۆزۈمچە ھىچ كىم قىلالمىغان چوڭ بىر ئىشنى قىلىۋەتكەندەك، ماقالەمنى ھەرقانداق يەرگە ئەۋەتسەملا ئىلان قىلىنىپ كېتىدىغاندەك ھىس قىلىپ كەتكەنتىم.
ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى قايسى جورنال نوپۇزلۇق، قايسىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنرەك ھىچنىمىنى بىلمەيتىم. بۇرۇن پايدىلانغان ئىلمىي ماقالىلىرىمنىڭ تولىسى IEEE (خەلقئارا ئىلىكتىرون، ئىلىكتىر ئېنجىنىرلار ئىنىستوتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپيوتىر، ئىلىكتىر ئېنجىنىرلىققا ئائىت ئىلىمىي جورناللارنى چىقىرىدىغان، خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغان ئورگان) نىڭ جورنال ۋە يىغىنلىرىدا ئىلان قىلىنغان بولغاچ مەنمۇ IEEE نىڭ ئورگان تور بىكەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ نەچچە يۈزلىگەن جورناللىرىنىڭ ئىچىدىن Transactions on Circuits and Systems for Video Technology دىگەن جورنالنى تاللاپ ماقالەمنى ئەۋەتىۋەتتىم. راست تېخى ئەۋەتىپ بولۇپ، يېزىپ بولغان ماقالىدىن يەنە بىر نەچچە گرامماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق خاتالىقنى بايقاپ قېلىپ تۈزەتكەندىن كىيىن بۇ جورنالنىڭ تەھرىرلىگە خەت يېزىپ تەلەپ قىلىپ يۈرۈپ ماقالىنى نەچچە كۈندىن كىيىن يەنە بىر قېتىم قايتا ئەۋەتىپتىمەن.(مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىچە ھازىر كۈلۈپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئىشىنىمەنكى، ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىپ بېقىش تەجرىبىسى بارلارمۇ مەن يۇقارقى قۇرلاردا يېزىۋاتقان يۇمۇرلاردىن كۈلۈپ ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك بولۇپ قالدى بولغاي. :lol )
ھازىر ئويلىسام مەن ئۇ ماقالىدە ھەل قىلغان مەسىلە ئۇنچىۋالا چوڭ موھىم مەسىلە ئەمەس ئىدى. ئىشلەتكەن مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىمۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس. سەۋىيىسى شۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزىمىز پۇل خەجلەپ ئىلان قىلدۇرىدىغان يادرولۇق ئىلمىي جورناللاردىكى ئوتتۇراھال ماقالىلەرگە توغرا كىلەتتى. (ئوقۇرمەنلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدە ماقالە ئىلان قىلىشقا خاتا قاراشتا بولۇپ قالمىسىكەن دەيمەن. دۆلەت ئىچىدىمۇ سەۋىيىسى ناھايتى يۇقىرى بولغان خەنچە ئىلمىي جۇرناللار بار، ئەمما دۆلەت ئىچىدە پۇل تېپىشنىلا مەقسەد قىلغان ئاتالمىش يادرولۇق ئىلىمىي جورناللارنىڭ كۆپلىكى،دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئاۋال خەنچە ئەمەس، ئېنگىلىزچە يېزىلىپ ئاۋال خەلقئارادا ئىلان قىلىنىدىغانلىقى ئەمەلىيەت.) سەۋىيە تۆۋەن بولغاننىڭ ئۈستىگە لوگىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق خاتالىقلىرى بار ماقالىنى مەن ئۆز كەسپىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق جورناللىرىنىڭ بىرىگە قورقمايلا ئەۋەتىۋەتكەنتىم. يەنە شۇ گەپ 'يېڭى تۇغۇلغان موزاي پىچاقتىن قورقماپتۇ':lol
بىرىنجى پارچە ماقالەمنى يولغا سېلىپ بولغاندىن كىيىن مەن دەرھال ئىككىنجى ماقالەمنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدىم. ھە دەپ قىزغىنلىق بىلەن ئىككىنجى ماقالىنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا كەلگەن شۇم خەۋەر مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى.
يۇرتتىن شاڭخەيگە قايتىپ كىلىپ بىرەر ھەپتىدىن كىيىن يەنە ئېغىر ئازاپ ئىچىدە تېخى يېرىمىمۇ پۈتمىگەن ماقالەمنى قايتا قولۇمغا ئالدىم. ئالمىسام بولمايتى. دادام 3-ئاينىڭ باشلىرىدا شاڭخەيگە مىنىڭ يېنىمغا كىلىشكە جابدۇنۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئىدى. مەن تىلفۇن قىلسام روھلۇق ھالدا كىسىلىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكىنى، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپلا يەنە يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. مەن ئانام ۋە سىڭىللىرىمدىن دادامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ رۇخسەت سوراپ يۇرتقا قايتىشنى ئېيتساممۇ ئۇلار ماڭا دادامنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى مىنىڭ بەك ئەنسىرىمەسلىكىمنى ،ئاۋارە بولۇپ كىلىپ يۈرمەسلىكىمنى ئېيتىشاتتى. . كىيىن ئاڭلىسام دادامنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئەسلىدە خېلىلا ئېغىر ئىكەنتۇق، ئەمما ھەر قېتىم مەن تىلفۇن قىلساملا قەستەن كۈچىنىپ چىڭ ئاۋازدا گەپ قىلىپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ماڭا چاندۇرمايدىكەنتۇق. ئانام ۋە باشقا ئۇرۇق تۇققانلار مىنىڭ رۇخسەت سوراپ قايتىپ كىلىشىمنى مەسلىھەت قىلىشسا، دادام ئاچچىقلاپ:'جىم ئولتۇرۇڭلار، بالا ھازىر ھەدەپ ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە يېزىش بىلەن ئالدىراش. ماقالىسى ئىلان قىلىنسا ئوغلۇم خارۋادقا ئوقۇشقا بارالايدىكەن. بالىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەڭلار .' دەپ قەتئىي قويماپتىكەن. دادام بىلەن بىللە پىكىرلىشىپ تۈزۈشكەن پىلانلارنى جەزمەن ئورۇندىمىسام، دادامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسام بولمايتى.
مەن ماقالىنى قايتا قولغا ئېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن 2-ئايدا ئەۋەتىۋەتكەن ماقالىنىڭ خەۋىرى كەلدى. ئەلۋەتتە رەت قىلىنغان ئىدى. ئەمما مىنىڭ ماقالەمنى باھالىغان ئۈچ مۇتەخىس ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن ماقالەمگە بولغان پىكىرلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇشقانكەن. ئۇلارنىڭ پىكىرى مىنىڭ كىيىنكى ماقالىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يېزىپ چىقىشىمدا يىتەكچىلىك رول ئوينىدى دىسەممۇ بولىدۇ.
ئىلىم-پەنگە چاقچاق قىلغىلى بولمايتى. بىر تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىش ۋە خۇلاسىلەپ ماقالە قىلىپ چىقىرىش كىشىدىن ناھايتى ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلاتتى. مەن نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دىسەم جەزمەن ،ئۆزۈمگە تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويمىسام بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەنتىم. كىيىن بىر تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىگەچ قىلغان ئاساسلىق ئىشىم بۇرۇن ئۆزۈم ئىشلەتكەن ئۇسۇللارنىڭ نەزىرىيىۋى ئاساسلىرى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە تونۇشۇش، بۇرۇنقى ئۇسۇللىرىمنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە پروگرامما يېزىپ تەجرىبە قىلىش بولدى. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلۇمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىگە ئىشەندىم. ئەمما ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئەڭ موھىم قىسىمى تەجرىبە قىسمى بولۇپ، تەجرىبىدە ئاساسلىقى ئۆزىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇلىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى باشقا بۇرۇن ئىلان قېلىنغان ئۇسۇللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەجرىبە قىلىپ ئىسپاتلاپ چىقىشىمىز زۆرۈر ئىدى. ئەگەر مەن ماقالەمنى يۇقىرى سەۋىيىلىك جورنالدا ئىلان قىلدۇرىمەن دەيدىكەنمەن جەزمەن ئاز دىگەندە باشقا 4-5 خىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان لاھىيەلەر بىلەن سېلىشتۇرمىسام بولمايتى.ئەمما بۇ ۋاقىتتا مىنىڭ قولۇمدا بارى پەقەت ئۆزۈم ئوتتۇرىغا قويغان بىرلا خىل لاھىيە.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھەل قىلغان بۇ مەسىلىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا تېخى خەلقئارادا سېلىشتۇرۇپ، سىناق قىلىشقا ئىشلىتىدىغان ئورتاق سىناق ئامبىرىمىز(data set) يوق بولغاچقا، مەن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان ئوخشىشىپ كىتىدىغان لاھىيەلەرنىمۇ ئۆزۈم پىروگراممىسىنى يېزىپ ئىجرا قىلىپ، ئوخشاش شارائىتتا، ئۆزۈم سىناققا ئىشلىتىدىغان ئوبىكت بىلەن تەجرىبە قىلىشىم زۆرۈر ئىدى. تورلاردىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان لاھىيەلەرنىڭ پروگراممىلىرىنى ئىزدەپ بىرسىنىمۇ تاپالمىدىم. دىمەك ھەممىنى يەنە ئۆزۈم يېزىپ چىقمىسام بولمايتى.قاچاندا يېزىپ بولارمەن دەپ بېشىمغا غەم چۈشكىلى تۇردى. ئاڭغىچە GRE ئىمتاھانىغا 6 ئايلا ۋاقىت قالدى. ئەمدى رەسمىي تەييارلىقىنى باشلىمىسام ھەرگىزمۇ ئۇ ئىمتاھانغا ئۈلگۈرەلمەيتىم. شۇنىڭ بىلەن موھىم نوقتا تىل ئىمتاھان نوقتىلىرىغا يۆتكىلىپ، ماقالە شۇ پېتى قەپ قالدى. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن 6-ئايدا يېڭى شىركەتتە ئىشقا چۈشۈشتىن ئاۋال ماقالەمنىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرى پۈتۈپ، ئەڭ موھىم بولغان تەجرىبە ۋە خۇلاسە قىسمىلا قالغان ئىدى.
ھە راست، ھېلىقى پۈتۈپ بولغان بىرىنجى ماقالەمنى كىيىنچە دەرىجىسى تۆۋەنرەك يەنە بىر جورنالغا ئەۋەتىپ بېقىپتىمەن. كەلگەن جاۋاب ئوخشاش ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ماقالىنى قايتا قولۇمغا ئېلىپ يۈرمىدىم.
كىيىنكى ھىكايىلەر ئوقۇرمەنگە ئاللىقاچان تونۇش، 2012-يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمى خىزمەت ۋە ئېنگىلىز تىلى ئىمتاھانلارغا تەييارلىق قىلىش ھەلەكچىلىكىدە،كىيىن ئىلتىماس ماتىرىياللىرنى تەييارلاش ھەلەكچىلىكىدە بۇ ئەگرى توقاي، ئىگىز پەسلىكلەر بىلەن تولغان بىر يىلىم ئاخىرلاشتى.
|
|