- تىزىملاتقان
- 2013-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 613
- نادىر
- 1
- يازما
- 13
ئۆسۈش
22.6%
|
بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈش (1)
ھازىر ئويلاپ باقسام گەرچە خېلى كۆپ چىقىمدار بولغان بولساممۇ مەن يەنىلا ناھايتى تەلەيلىك ئىدىم. GRE ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ قاتنىشىپ يامان ئەمەس نۇمۇر ئالالىدىم، ئىلمىي ماقالەمنى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مەتبۇئاتتا ئىلان قىلالىدىم، ئىشقىلىپ قىلىمەن دىگەن ئىشىمنى قىلالىغان ئىدىم. ئۆزۈمنى تەلەيلىك دىيىشىمدە، نۇرغۇن ئەھۋال ئاستىدا قاتتىق تىرىشچانلىق، چوڭ بەدەللەر پەقەت مۇۋاپىقيەت قازىنىش ئىھتىماللىقىنى مۇناسىپ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇپ، جان تىكىپ قىلغان تىرىشچانلىقمۇ بەزىدە شۇ ئىشنىڭ جەزمەن 100% ئوڭۇشلۇق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايتى. ھەر قاچان مەغلۇپ بولۇش ئىھتىماللىقى مەۋجۈد بولۇپ تۇراتتى.
ئىككى چوڭ ئۆتكەلنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغاندىن كىيىن مىنىڭ ئالدىمدا چوڭ ئۆتكەلدىن پەقەت ئىلتىماس قىلىشلا قەپ قالغان ئىدى. ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاش ۋاقىت قىسلىقىدا تەمتىلەپ جىددىلىشپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن، مەن 2013-يىل ئاخىرىدىكى ئىلتىماس ئىشلىرىنى ماقالەمنىڭ ئاخىرقى ئورگىنالىنى تاپشۇرىۋەتكەن 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن كىيىنلا باشلىۋەتتىم.
ئىلتىماسنى باشلاشتىن ئاۋال قايىتىدىن ئۆزۈمنىڭ ئىلتىماس شارائىتلىرىمنى دەڭسىدىم، ئوخشاش GRE، توفل نەتىجىسى، ئوخشاش تولۇق كۇرس ماگىستىرلىق نەتىجىلىرى، ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا پەقەت بىر پارچە ماقالە ۋە يەنە بىر يىللىق تەتقىقات خىزمەت تەجرىبىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلىشتىكى پايدىسىز ئورنۇمدا ئەمەلىيەتتە بەك چوڭ ئۆزگىرىشمۇ يوق ئىدى. ئەمما مىنىڭ روھى ھالىتىمدە كۆپ پەرق بار ئىدى. بۇ قېتىم ئالدىنقى يىلىغا قارىغان كۆپ ئېغىر بېسىقلاشقان ھەمدە مەقسەد-نىشانلار قايتىدىن ئايدىڭلاشقان ئىدى. ئىككىنجىلەپ ئۆزۈمنى ئالدىنقى يىلىدىكىدەك پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، مەن بىر قانچە جەھەتتىن ناھايتى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدىم، ۋە ھەر جەھەتتىن ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلىپ قويدۇم.
بىرىنجى،گەرچە 2012-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزىچىلا ئامرىكا دەپ قاڭقىپ ھەركەتكە ئۆتۈپ مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەن بولساممۇ، مىنىڭ كىچىكىمدىن بۇيانقى ئارزۇيۇم دەسلەپتە دەپ ئۆتكەندەك دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەسىپىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش بولۇپ، مەن ئۈچۈن پەقەت ئائىلەم ۋە تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولسىلا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن ياۋرۇپا، ياپۇنيە، تۈركىيە ھەتتا دۆلەت ئىچىمۇ بولىۋىرەتتى. ئەلۋەتتە ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيالىسام ھەممىدىن ياخشى بولاتتى ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ يىل ئامرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساس قىلىنغان، ئەمما ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ياپۇنيە، تۈركىيە ھەم دۆلەت ئىچىدىكى مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايتى كەڭ دائىرىدە ئىلتىماس قىلىش. قەيەردىن بولمىسۇن جەزمەن 2014-يىلىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى باشلاشنى نىشان قىلدىم.
ئىككىنجى، قايسى مەكتەپتىن بولسۇن ئامال بار تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئالالمىغان شارائىتتا دوكتۇرلۇقنىڭ بىرىنجى يىلىنى ئۆز خىراجىتىم بىلەن ئوقۇشقا تەييارلىنىش. (ئامرىكىغا ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغاندا پەقەت بىرىنجى يىلىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىگە ئىسپات چىقارسىلا بولىدۇ.) ئوقۇشقا كىرىشكەندىن كىيىن تىرىشچانلىقىمغا تايىنىپ كىيىنكى يىللىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈش. مەن ئالدىنقى مەۋسۇم ھىندىستاندىن كەلگەن ئىككى بۇرادىرىمنىڭ دەسلەپتە ئۆز خىراجىتى بىلەن كىلىپ مەۋسۇم ئاخرىغا كەلمەيلا RA لىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگىنىنى كۆرۈپ، مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خىيالىمنىڭ تامامەن ئەمەلگە ئېشىش مومكىنچىلىكى باركەن دەپ ئويلىدىم.
پىلان بويىچە ئالدى بىلەن ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان مەكتەپلەرنى تاللاشقا كىرىشتىم.
بىرىنجى بولۇپ ئۆزۈم ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان شاڭخەيدىكى ئالى مەكتەپنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇپ، ماتىرىياللىرىمنى مەكتەپكە ئەۋەتىپ، ئىلتىماس پۇللىرىنىمۇ تۆلىۋەتتىم. توفل نەتىجىلىرىم، EI ماقالەم بار بولغاچ، ھەمدە ئىلتىماس قىلغىنىم بۇرۇن ئۆزۈم تۇرغان فاكۇلتىت ۋە تەجرىبىخانا بولغاچ مەن پەقەت 12-ئاينىڭ 20 نەچچىلىرىدىكى بىۋاستە قۇبۇل قىلىدىغان يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىن ئۆتسەملا كىيىنكى يىلى 3-ئايدا ئىمتاھان بېرىپ يۈرمەيلا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى باشلىسام بولاتتى. ئەمما كىيىنچە ماقالىنىڭ ئىشى ۋە تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنىڭ ئىشى ئۈچۈن نەچچە قېتىملاپ شۇ مەكتىپىمگە قاتراش جەريانىدا مەن دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشتىن پۈتۈنلەي يالتىيىپ كەتتىم. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بىر2007-يىلى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كىرگەن يولداش بۇرادېرىمنىڭ 2014-يىلى كىرىپ قالغۇچە تېخى ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي يۈرگىنى بولدى. 2008-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كىرگەن يەنە بىر بۇرادەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا مەن ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان 2005-يىلىلا بىزگە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان يەنە بىر دوكتۇر بۇرادەرنىڭ 2013-يىلىنىڭ بېشىغىچە ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي يۈرگىنىنى كۆرگەنتىم. دۆلەت ئىچىدىكى نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەردە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كىرىش چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان بولغان بىلەن، پۈتتۈرمەك زىيادە قىيىن ئىدى. دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېرىم شىركەتلەشكەن تەجرىبىخانىلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان تۆۋەن دەرىجىلىك پروجېكتلەرنى ئىشلىسە، يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ ئېلىپ مېڭىپ، ماقالىلەرنى ئىلان قىلمىسا بولمايتى. IF تەسىر كۈچى مەلۇم ساندىن يۇقىرى بولغان SCIئەڭ نوپۇزلۇق جۇرناللاردا ئاز دىگەندە ئىككى پارچە ھەم ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي يىغىنلاردا ئىككى پارچە ماقالە دىگەندەك ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ، فاكۇلتىتنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپلىرى بار بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئاقماس پروجېكتلەرنى ئىشلەپ ئوقۇتقۇچىغا پۇل تېپىپ بەرگەچ بۇ تەلەپلەرنى ئورۇنداشنىڭ تەسلىكىنى دىمىسەكمۇ، مىڭ جاپادا شۇ تەلەپلەرنى ئورۇندىسىمۇ ھەر يىلى دىگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرغان سىياسەتلەردە يەنە ئوقۇش پۈتتۈرەلمەيدىغان ئىشلار ناھايتى كەڭرىچىلىك ئىدى. ياشراق ياردەمچى پرافىسورلارنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي، ئەمەلىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىدىغانلىرى، دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا تەتقىقات جەھەتتىن ھەقىقىي يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم پرافىسورلارنىڭ قىلىدىغىنى پەقەت نام ئابرويىغا تايىنىپ سىرتتىن پروجېكتلارنى تېپىپ ئەكىلىش، دوكتۇر، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىنى سۈيلەپ قىلدۇرۇپ پۇل تېپىشلا بولۇپ، دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتقىقات جەھەتتىن يىتەكلىيەلەيدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز. تەتقىقات، ئاكادېمىك جەھەتتىن يىتەرلىك يىتەكلەشنىڭ بولماسلىقى،بىرىنى ئىشلەپ تۈگەتسە ئايىغىدىن يەنە تەييار بولۇپ تۇرغان زىرىكىشلىك پروجېكتلەر، ماقالە ئىلان قىلىش بېسىمى، غۇربەتچىلىك تۇرمۇش بېسىمى قاتارلىقلار ئاستىدە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق بولاتتى. زىيادە بېسىم تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا باشقا توپلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئىدى. مەن بۇرۇن بىر تەجرىبىخانىدا تۇرغان ئۈچ دوكتۇر بۇرادەرنىڭ ھەممىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باقتىم، ھەممىسى ئوخشاش دىگۈدەك سەن بۇ يېشىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان ئىشىڭ بولسا ھەرگىزمۇ ئېزىپ تېزىپ دۆلەت ئىچىدە ئوقۇپ قالما دىگەن تەكلىپنى بېرىشتى. 11-ئاينىڭ ئاخىرى ئەنگىليەدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ دوكتۇرلۇق چاقىرىقىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن مەن دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش خىيالىمدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتىم. چۈنكى دۆلەت ئىچىدە يەنە ئاز دىگەندە 5-6 ئوقۇپ يۈرگەندىن، ئەنگىلىيەدىكى مەكتەپنى 3.5 يىلدىلا تۈگىتىش كۆپ ئاقىلانىلىق ئىدى.
ئىلتىماس قىلىدىغان مۇۋاپىق مەكتەپ تاللاش ناھايتى موھىم ئىدى. ھىس قېلىشمچە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تاللاش ئۇسۇلى ناھايتى ئۆلۈك بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئۈنۋىرسال دەرىجىسىگىلا زىيادە ئېتىبار بېرىش ئەھۋالى ناھايتى ئېغىر ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەتقىقات ئۈچۈن موھىم بولغىنى ئۇ مەكتەپنىڭ ئۈنۋىرسال دەرىجىسى ئەمەس، شۇ كەسىپتىكى، شۇ تەتقىقات ساھەسىدىكى ئورنى، شۇ تەتقىقات ساھەسىدىكى داڭلىق پرافىسور ، تەتقىقات گورۇپپىسى، تەجرىبىخانا، تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بار يوقلىقى قاتارلىقلار بەكرەك موھىم ئىدى. مەن مەكتەپ تاللاشتا پۈتۈنلەي CMU كارنىگ-مېلون ئۈنۋىرسىتى كومپيوتىر فاكۇلتىتى رەتلەپ قويغان ماشىنا ئادەم كۆرۈش سەزگۈسى، ماشىنىلىق ئۈگىنىش ساھەسىدىكى دۇنيادىكى داڭلىق تەجرىبىخانا ۋە تەتقىقات گورۇپپىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئاساس قىلدىم. مۇشۇ ساھەدە تەتقىقات قىلماقچى بولغان، ئىلتىماس قىلماقچى بولغان بۇرادەر، ئىنى-سىڭىللار پايدىلىنارسىلەر.
ئۇلىنىش
بۇ تىزىملىكتە پۈتۈن دۇنيادىكى مىنىڭ تەتقىقات ساھەرىمدىكى نەچچە يۈز تەجرىبىخانا، تەتقىقات گورۇپپىلىرىنىڭ تور ئادرىسى بېرىلگەن بولۇپ، مەن ھەممە تەجرىبىخانىنىڭ تور بىكىتىنى ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىمدىن دىگەندەك ئارىلاپ چىققانتىم. ھازىرمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى داڭلىق تەجرىبىخانىلارنىڭ تور بېتىنى ئارىلاپ تۇرىمەن. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتلار بىلەن تونۇشۇپ تۇرۇشتىكى ناھايتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ ئويلايمەن.
بۇ تىزىملىك مىنىڭ مەكتەپ تاللاش ئىشلىرىمنى زور دەرىجىدە ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى دىسەممۇ بولىدۇ.مەكتەپ تاللىغاندا قارىغۇلارچە مەكتەپنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن تاللاپ يۈرمەيتىم. قايسى تەجرىبىخانىدا قانداق تەتقىقاتلارنى قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ، بۇرۇن قانداق ماقالىلەرنى ئىلان قىلغان دىگەنلەرنى بىر قۇر كۆرگەندىن كىيىن مىنىڭ بۇرۇنقى تەتقىقاتلىرىمغا ئەڭ ماس كەلگەن تەجرىبىخانىلارنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىۋاستە خەت يازاتتىم. ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى بىر قۇر قىسقىچىلا تونۇشتۇرغاندىن كىيىن مىنىڭ شۇ تەجرىبىخانىدا دوكتۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتاتتىم.شۇغىنىسى كۆپ ھاللاردا مىنىڭ يازغان خەتلىرىم ياكى جاۋابسىز قالاتتى، ياكى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب كەلمەيتى.
ياۋرۇپادىكى تەجرىبىخانىلاردا دوكتۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خۇددى خىزمەتچى قۇبۇل قىلىشقا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى دوكتۇر ئوقۇغۇچى ئالماقچى بولسا بىكار ئورۇنلارنىڭ بارلىقىنى، قىززىققۇچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى دەپ مەخسۇس ئوقتۇرۇش چىقىرىپ قويدىكەن. بۇنداق ئوقتۇرۇش چىقارمىغان ئورۇنلارغا خەت يازسىمۇ شۇ بوش ئورۇن يوق دىگەن جاۋابنى ئالىدىغان ئىشكەن. مەن يۇقارقى تىزىملىكتىن ئىزدەپ يۈرۈپ بوش ئورۇن بار، دوكتۇر لازىم دىگەن تەجرىبىخاندىن ياۋرۇپادىن 5 نى تاپتىم.بىرسى شىۋىتسارىيەدە، ئىككى ئەنگىلىيەدە، بىرسى دانىيە، بىرسى گىرمانىيەدە ئىدى، ھەممىدىن موھىمى بۇ مەكتەپلەرنىڭ مىنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىمدىكى تەجرىبىخانا ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى، شۇنداقلا مەن ئەڭ قىزىقىدىغان، قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار بار ئىدى. ئەمما ئىلتىماس قىلىپ بولۇپ كىيىن تەكشۈرسەم مەن بىلمەيلا ئىلتىماس قىلغان شىۋىتسارىيەدىكى EPFL، دانىيەدىكى كوپىنھاگىن ئۇنۋىرسىتى، گىرمانيەدىكى TUMميۇنخىن تېخنىكا ئۇنۋىرسىتى دىگەنلەر ئەسلىدە دۇنياغا داڭلىق ئالى مەكتەپلەر بولۇپ، دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۈنۋىرسال تەرتىپىدە 40 نىڭ ئىچىدىكى مەكتەپلەركەن ئەمەسمۇundefined . شارائىت ياخشى بولغان بىلەن (مىسالەن،EPFLنىڭ دوكتۇرلىرىنىڭ يىللىق مۇئاشى 55مىڭ شىۋىتسارىيە فىرانكى)رىقابەتنىڭ زىيادە كەسكىنلىكىدىن مىنىڭ بۇرۇنقى نەتىجىلىرىم، ئىلان قىلغان بىرەر پارچە ماقالەم بىلەنلا كىرەلەيدىغان يەرلەر ئەمەس ئىكەنتۇق. ئەمما ئەنگىلىيەدىكى مەكتەپلەردىن جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇپ تاپشۇرغاندىن كىيىن ناھايتى تىزلا جاۋاب كەلدى. ھەر ئىككى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار تىلفۇندا يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىيىن بىر مەكتەپتىن ھەتتا ئىككىلا جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىغا بېرىدىغان جۇڭگۇ تەرەپ تۇرمۇش، ئايرۇپىلان بېلەت چىقىملىرىنى كۆتۈرىدىغان، مەكتەپتىن ئوقۇش چىقىملىرىنى بىكار قىلىۋىتىدىغان ئوقۇش مۇكاپات تۈرىنى ماڭا بەردى. ياۋرۇپادىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى، بۇ مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش پۈتۈنلەي ھەقسىز، كۆپلىرى ئۈچۈن ھەتتا توفل نەتجىسىنى ETS ئورگان تەرەپتىن ھەق تۆلەپ ئەۋەتمىسىمۇ بولاتتى. ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلغاچ ياۋرۇپادىن بىرنەچچە مەكتەپنى ئىلتىماس قىلىپ قويۇشنىڭ ھىچقانداق زىيىنى يوق ئىدى.
ياپۇنيە،ئاۋىستىرالىيە، كانادا، يېڭى زىللاندىيەدىكى تەجرىبىخانا مەسئۇللىرىدىن ياخشى جاۋاب ئالالمىغاچ بۇ يەرلەردىن ئىلتىماس قىلماپتىمەن. ئەمما ياۋرۇپا مەكتەپلەرگە قوشۇپ يەنە تۈركىيەدىن ئىستانبول تېخنىكا ئۈنۋىرسىتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا دادام تازا قوللاپ كەتمىگەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كائۇستنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم.
ئاۋال ياۋرۇپا تۈركىيەلەرنى يېزىپ قويسام ئامرىكىچۇ، ئامرىكا نەگە كەتتى دەپ كەتتىڭلار ھەقاچانundefined . ئەڭ موھىم نىشان يەنىلا ئامرىكا ئىدى. شۇڭا مەكتەپلەرنى تەجرىبىخانىلار ئارقىلىق تاللاپ، شۇ تەجرىبىخانا تەۋە ئىنىستۇت ياكى فاكۇلتىتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ۋە تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىش شەرتلىرىنى ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كىيىن،ئامرىكىدىن ئۆزۈمگە ماس كەلگەن 10 مەكتەپنى بىرىنجى تۈركۈمدە تاللاپ چىقتىم. كىيىن ئامرىكىغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ۋە لوس-ئانژىلىستىكى دوستۇمنىڭ تەشەببۇسى بويىچە يەنە 5 مەكتەپنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلدىم. ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىش ھەقىلىق ئىدى، خېلىلا كۆپ چىقىم سەرپ بولاتتى. ئىلتىماس قىلىش ھەققىي 30 دوللاردىن 100 دوللارغىچە بولاتتى. مەن كالىفورنىيەدىن ئۈچ مەكتەپ (كالفورنىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس ھەققىي 100 دوللار)، فلورىدادىن ئۈچ مەكتەپ(فلورىدادىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس ھەققى 30 دوللار، ئەڭ ئەرزان،بۇندىن كىيىن كۆپرەك ئىلتىماس قىلىڭلار جۇمۇundefined )، قالغان مەكتەپلەر ئامرىكىنىڭ شەرقى شىمالى، ئوتتۇرا قىسىمىدىكى شىتاتلارغا چېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئىلتىماس ھەققىدىن باشقا بۇ مەكتەپلەرگە GRE، توفل نەتىجىلىرىنى ئورگان تەرەپتىن ئەۋەتىپ بەرمىسە باشقا شەكىلدە ئەۋەتىلگەننى ئېتراپ قىلمايتى. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەربىر مەكتەپ ئۈچۈن 50 دوللار ئەتراپىدا پۇل كىتەتتى. يەنە قەغەزلىك ماتىرىياللارنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەرگە Fedex، DHL، UPS دىگەنلەردىن ئەۋەتىشكىمۇ، ھەر بىر مەكتەپ ئۈچۈن 150 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم بولاتتى. ( مەن بۇيەردە شۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ئىككى مەكتەپتىكى 200 دوللار ئىلتىماس پۇلۇمنى تۆلەپ بەرگەن Jeck كە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئامرىكىغا چىقىپ يىغىنغا قاتنىشىمەن دەپ ھەسسىلەپ بولغان چىقىملاردىن قورسىقىم ئاغرىپ تۇرغاندا كەلگەن بۇ ئەمەلىي ياردەم مىنى بەكلا تەسىرلەندۈرگەنتى.)
شۇنداق قىلىپ 20 گە يېقىن نىشان بىكىتىلدى. مەن 12-ئاينىڭ 6- كۈنى ئامرىكىغا يولغا چىقىشتىن ئاۋال ھەممە نىشانلىغان مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس جەدىۋەللىرىنى توشقۇزۇپ بولمىسام، قەغەزلىك ماتىرىياللارنى ئەۋەتىپ بولمىسام، GRE، توفل نەتىجىلىرىمنى پۇل تۆلەپ شۇ ئىمتاھان ئورگىنىدىن مەن ئىلتىماس قىلغان ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ بەرمىسەم بولمايتى. مىنىڭ ئەڭ ئالدىراش كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق تەبئىيلا باشلىنىپ كەتتى.
|
|