- تىزىملاتقان
- 2013-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 613
- نادىر
- 1
- يازما
- 13
ئۆسۈش
22.6%
|
ئېنگىلىزچە ماقالە ئىلان قىلىش(3)
ئۈستىدە بىر توردىشىمىز شۈكرى قانائەت قىلىش توغرىلىق گەپ قىلىپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئىلتىماسنى كىچىكتۈرگەندىن كىيىن نۇرغۇن قېتىم شۈكرى قانائەت قىلىش توغرىلىق ئويلانغان ئىدىم. ياش 30 دىن ئېشىپ دادا بولغىلىۋاتقاندا، يۇرتتىكى ئانىلىرىمىز ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈۋەرمەي قايتىپ كىلىشكە توختىماي دەۋەت قىلىۋاتقاندا بۇ ھەقتە ئويلانمايمۇ بولمايتى.ئۆزۈمدىن توختىماي سوئال سورايتىم.
خىزمەت ۋە تەمىناتتىن رازى ئەمەسمۇ؟
- قىلىدىغان خىزمەت مەزمۇنى مەن ياخشى كۆرىدىغان ئۆز كەسپىمگە ئائىت تەتقىقات ۋە ئېچىش خىزمىتى. ئايلىق مۇئاشىممۇ شاڭخەينىڭ سەۋىيىسىدە خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئايالىم خىزمەت قىلمىسىمۇ مەن بىر ئادەمنىڭ مۇئاشى بىلەن كەڭ كۇشادە خەجلەپ يەنە نۇرغۇن پۇل ئىقتىساد قىلالايتۇق. رازى بولمىغۇدەك ھىچ ئىش يوق، ھەتتا شۇ ياخشى شارائىتقا باغلىنىپ قېلىپ ئۇزۇن يىل شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغان دەرىجىدە ئىدى.
ئۇنداقتا مەندە قانائەت قىلماسلىققا سەۋەب بولغۇدەك كۆمۈلۈپ قېلىپ ئسراپ بولۇپ كىتىۋاتقان تالانت-ئىقتىدارلار بارمۇ؟
-تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىقىنى ئادەتتىكى نەتىجىلەر بىلەن ئاران پۈتتۈرىۋالغان، شۇ ۋاقىتتىكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ ئارانلا چىقاتتىم. شۇڭا ئۆزۈمنى ئالاھىدە تالانتلىق دەپ قارىمايتىم، ھېلىھەم شۇنداق.
كەلگۈسىدە جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرمىسام بولمايدىغان ئۇلۇغۋار پىلانلىرىم بارمىتى يە؟
- يوق. ھېلىھەم شۆھرەتكامدەك دۇنياۋى نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىمغا، ئەركىنكامدەك يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلمىي جۇرناللاردا 60 نەچچە پارچە ماقالە ئىلان قىلالايدىغانلىقمغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.
يۇقارىقى سوئاللارغا جاۋاب ېيزىۋىتپ ئىچىمدە دەپ كەتتىم، ياش چوڭ بولۇپ كەتسە نىمە بوپتۇ؟ تالانتسىز بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئۇلۇغۋار غايە بولمىسا نىمە بوپتۇ؟ ئەمەلىيەتتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش بىزنىڭ كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز ئويلىۋالغىنىدەك ئۇنچىۋالا ئالاھىدە، ئۇلۇغۋار ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. پەقەت ئامرىكىدىلا ھەر يىلى دوكتۇر، ماگىستىرلىققا ئوقۇشقا كىرىدىغانلارنىڭ سانىلا 1.74 مىليون (2012-يىلىدىكىCouncil of Graduate Schools CGS ئىلان قىلغان سىتاستىكا)، ئۇنىڭ 76 پىرسەنتى ماگىستىرنى چىقىرىۋەتسەك،ھەر يىلى پەقەت ئامرىكىدىلا 417 مىڭ يېڭى دوكتۇر ئوقۇشىنى باشلىغان ئىدى. پۈتۈن دۇنيادىكىنى يىغىپ كەلسەك يېڭىدىن ئوقۇش باشلىغان دوكترانتلارنىڭ سانىنىڭ نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كىتەتتى. ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ يەنە شۇ نەچچە مىليونلىغان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغان دوكتۇرلارنىڭ بىرسى بولىدىغان گەپ. ھەر كىشىنىڭ مەقسەد-نىشانلىرى ھەرخىل بولىدۇ دىسەكمۇ،بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى پەقەت كەسىپىگە بولغان قىزىقىش، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىراق كۈن كۆرۈش ئىستىكىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق جەريانغا قەدەم بېسىشاتتى.(ئەلۋەتتە ياش، تالانتلىق، ئۇلۇغۋار غايىلىك بولسا بۇ جاپالىق جەرياننى تاماملاش كۆپ ئاسانغا چۈشىدۇ.)
ئەمەلىيەتتە شۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىش ۋە مۇھەببەت ۋە ياخشىراق تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئىستىكىلا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنى تاللاش ئۈچۈن يىتەرلىك سەۋەب بولالايتى. ئۆزۈمگە كەلسەم ئۈگىنىش ۋە تەتقىقاتنى ياخشى كۆرەتتىم.ئۆزۈمنى ئىلمىي تەتقىقاتتىن باشقا خىزمەتلەرگە لايىق ئەمەس دەپ قارايتىم. ئۆز كەسپىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىستىمىلىق ئۈگەنسەم ۋە تەتقىق قىلسام دەيتىم. شىركەتتە قىلىدىغان ۋە ئۈگىنەلەيدىغان نەرسىلەر بىر چەككە يەتكەچ، مەن بالدۇرراق ھەقىقىي تەتقىقات ۋە ئۈگىنىش ماكانلىرىغا قايتىشقا ئىنتىزار ئىدىم.كۆز ئالدىمدا مەن ئارزۇ قىلىدىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مومكىنچىلىك بار بولغان ئەھۋال ئاستىدا نىمىشقا شۈكرى قانائەت قىلىپ توختاپ قالىمەن.
بۇ قۇرلارنى يازغۇچە ئايالىمنىڭ بىر ۋاقىتتا دىگەن گېپىنى ئەسلەپ قالدىم.
-بەل قويىۋىتىش دىگەن بەك ئاسان، ھەم قاچانلا بولدى قىلىمەن دىسڭىز توختاپ قالالايسىز.لىكىن سىزدەك بۇنداق تىرىشماق تەس، ھامىنى تىرىشقاندىن كىيىن ئاخىرىغىچە تىرىشىپ بېقىڭ بولدى.
شۇ ئەمەسمۇ، شۈكرى-قانائەت قىلىپ توختاپ قېلىش بەك ئاسان، كۆز ئالدىدىكى بىر نىشان ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىش قىيىن.ھەر قېتىم بىر ئىشنى قىلماقچى بولۇپ تىرىشىپ، قىيىن كىلىپ ئوتتۇرىدا بەل قويىۋىتەي دىگەندە، مەن داۋاملىق ئۆز-ئۆزۈمدىن سورايتىم:'
مىنىڭ قىلغانلىرىم يىتەرلىك بولدىمۇ؟ يەنىمۇ بەك ياخشىراق قىلالامدىم يوق؟ '.
ئەلۋەتتە كۆپ ھاللاردا مىنىڭ جاۋابىم ياق بولۇپ چىقاتتى. مەن نىشان ئۈچۈن يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپلا ئالدىراپ بەل قويىۋىتىشكە، بارغا شۈكرى-قانائەت قېلىپ توختاپ قېلىشقا ھېلىھەم بەك قارشى.
بۇ يەردە يەنە شۇ ۋاقىتلاردا شىركەتتىكى خوجايىنىم بىلەن بولغان يەنە بىر پاراڭ ئېسىمگە كەپ قالدى.
- سەن ئەمدى دادا بوپ قالاي دەۋاتىسەن، يېشىڭمۇ بىر يەرگە باردى. ئەمدى ئوبدانراق ئىشلەپ كۆپرەك پۇل تېپىپ، ھەر ئايدا ھەرخىل سۇغۇرتىلارنى تولۇقلاپ كۆپرەك تۆلەپ، كىيىنلىك ئۆمرۈڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشنى باشلىمىساڭ بولمايدۇ، دىدى خوجايىن ماڭا نەسىھەت قىلىپ.
- ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت. مەن ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ئاۋال پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بىر تىرىشىپ باقاي دەيمەن.ئەگەر بۇ يىل ئىلتىماس قىلىپ مەغلۇپ بولسام جەزمەن يۇۋاشلىق بىلەن پۈتۈن زىھنىم بىلەن خىزمەتكە كۈچەيمەن. شۇ ۋاقىتلاردا سەن دىگەن ئىشلارنى قىلساممۇ كىچىكمەسمەن.
بۇ مۇرەككەپ پاراڭلارنى ئەمدى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ سۆزلەش ئاسانراق بولغان ھىكايىسىگە قايتاي ئەمدى.
ئالدىنقى بۆلەكتە يازغاندەك،ماقالەمنى ئەۋەتىۋەتتىم. ئەمدى قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ، ھەر كۈنى يۇرتتىن خوش-خەۋەر كەپ قالارمىكىن دەپ تىڭ-تىڭلايدىغان گەپ. دىگەندەك 8-ئاينىڭ بېشىدا ئوغلۇم تۇغۇلدى، يېڭى مىھماننى كۈتىۋالدۇق. ھەممەيلەن ئالەمچە خۇشاللىققا تولدۇق. مەنمۇ خىزمەتنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىپلا يۇرتقا قاراپ چاپتىم. ھاياجان ئىچىدە بالامنى قولۇمغا ئېلىپ يېنىشلاپ تويماي قاراپ كەتتىم. تۇنجى قېتىم دادا بولغاندىكى ھاياجان ۋە خۇشاللىق تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئىدى.
ئون نەچچە كۈندىن كىيىن خىزمەت ئورنۇمغا قايتتىم. خۇشاللىق ئۈستىگە قوش خۇشاللىق دىگەندەك 9-ئاينىڭ بېشىدا ئەۋەتكەن ماقالەمنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق خەۋىرى كەلدى. بۇ يىغىننىڭ ماقالىلەرنى قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 25% بولۇپ، بۇ دىگەنلىك ھەر تۆت پارچە ماقالىنىڭ پەقەت بىرىنىلا قۇبۇل دىگەنلىك ئىدى. بىرىنجى بولۇپ ئانامغا تىلفۇن قىلدىم. ئالدىنقى يىلى دادام بىلەن دىيىشكەن ماقالىنىڭ ئاخىرى قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېيتىم. ئانام ھەم مەنمۇ كۆز يېشى قىلىشقان بولدۇق. 20 ئاي ئاۋال ئۆزۈممۇ ئوڭۇشلۇق قىلالىشىمدىن دەرگۇمان قىلغان GRE ئىمتاھانى بېرىش، IEEE دا ئېنگىلىزچە ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىش دىگەن پىلانلارنى بۇ ۋاقىتتا ئاخىرى تاماملىغان ئىدىم.
ماقالە قۇبۇل قېلىنغاندىن كىيىن يەنە 20 كۈندەك ۋاقىت بېرىلىپ ماقالىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ ئەڭ ئاخىرقى ئورگىنالنى تەييارلاشقا بۇيرۇلاتتى.مەن شۇ ئاخىرقى ئورگىنالنى تەييارلىغاچ يىغىن چىقىملىرى توغرىلىق ئويلىنىشقا باشلىدىم. بۇرۇن قۇبۇل قىلىنسا بىر گەپ بولار دەپ كۆپ ئويلاشمىغان بىلەن ئەمدى يىغىننىڭ تىزىملىتىش ھەققى، ئامرىكىغا بېرىشقا ۋىزا ئېلىش، ئامرىكىغا بېرىپ كىلىش يول چىقىمى، ئامرىكىدىكى ياتاق-تاماق، ساياھەت چىقىملىرىنى رەسمىي ئەستايىدىل ئويلاشمىسام بولمايتى. ئاۋال شىركەت لىدىرىمىزغا مىنىڭ ئىلمي ماقالەمنىڭ ئامرىكىدىكى IEEE نىڭ خەلقئارلىق يىغىنىغا قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتىم. قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۆزى بىر قوللۇق تىما يېزىپ شىركىتىمىزنىڭ ئىچكى BBS تورىدا پۈتۈن خىزمەتچىلەرگە بۇ خوش خەۋەرنى تارقاتتى. تارقاتتى يۇ، شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلدى. بولمىسغۇ مەن يىغىنغا تەخمىنەن 15 مىڭ ئەتراپىدا چىقىم كىتىدىغانلىقىنى، قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە بېشىم قېتىۋاتقانلىقىنىمۇ دىگەن ئىدىم. يەنە شۇ BBS تە بىر نەچچە ياخشى كۆڭۈل خىزمەتداشنىڭ مەندىن يىغىن چىقىملىرىنى قانداق ھەل قىلماقچى بولغىنىمنى سورىشىپ، پەقەت بولمىسا ئۆزۈمنىڭ ھەممە چىقىمنى شەخسى كۆتۈرمەكچى بولغىنىمنى ئۇقۇشۇپ بىر قىسىم چىقىملارنى شىركەتتىن كۆتۈرىۋىتىش توغرىسىدىكى بەرگەن تەكلىۋىمۇ جاۋابسىز قالدى. ياكى بۇ شىركەت تەتقىقاتنى ئاساس قىلغان، ماقالە ئىلان قىلىش خىزمەتنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئاكادېمىك ئورگان بولمىسا، شىركەت بىلەن قىلچىلىك پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى يوق بىر ئىش ئۈچۈن ئۇلاردىن يەنە باشقا ئىشنى تەمە قىلغىلى بولاتتىمۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئويلىنىپ ئالاقىلاشمىغىلى 2 يىلدىن ئاشقان ماگىستىرلىقتىكى يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمغا تىلفۇن قىلدىم. ماقالىنىڭ ئىشىنى دىدىم. ئۇ ماڭا مەكتەپكە كىلىپ تەپسىلى پاراڭلىشىشنى ئېيتتى.رۇخسەت سوراپ ئىككى يېرىم سائەت مىترودا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە باردىم. قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسەتتىم. ماقالە مەزمۇنىنى تونۇشتۇردۇم. قىززىقىپ ئاڭلىدى. يىغىن چىقىملىرى توغرىسىدا بېشىم قېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئوقۇتقۇچۇم چىقىملارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالىسا ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىرلىكتە شۇ مەكتەپتىكى تەجرىبىخانا نامىدىن ماقالىنى ئىلان قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئوچۇقلا ئېيتتىم. چۈنكى ماقالىدە قىلغان ئىشىم، مىنىڭ ماگىستىرلىقتىكى تەتقىقاتىمغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مىنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا كىرىششىمدىكى تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.ئىككىنجى ئاپتۇر بولۇشقىمۇ تامامەن ھەقىلىق ئىدى. ئوقۇتقۇچۇم دەررۇ قوشۇلدى. ئەمما ئارقىدىن ئاپتۇرلۇققا ئامرىكىغا ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان يەنە بىر ماگىستىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىسمىنىمۇ قوشۇپ قويۇشنى ئېيتتى. قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ماگىستىر، دوكتۇر ئاسپىرانتلار يالغۇز قىلسا ئىلان قىلغاندا 4-5، بەزى ھەتتا ئۆزلىرى كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلان قىلىدىغان ئىش جۇڭگۇچىلىقتا ناھايتى ئوموميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى. دوست-بۇرادەر، تونۇش بىلىشلەر ئۆز ئارا ماقالىلىرىنىڭ ئىككىنجى، ئۈچىنجى ئاپتۇرلىقىنى سوۋغا قىلىشىپ، ماقالە سانىنى كۆپەيتىپ،نۇرغۇن ماقالە ئىلان قىلغان دەپ تەرجىمھالىغا يېزىۋالىدىغان ئىش جۇڭگۇدا ناھايتى ئادەتتىكىچە ئىش ھىسابلىناتتى. شۇڭا مەنمۇ مەبلەغ ھەل بولغاننىڭ خوشلىقىدا دەرھال ماقۇل بولدۇم. ئوقۇتقۇچۇم يەنە ماڭا ئامرىكىغىلا قاراپ تۇرۇۋالماي دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنىمۇ ئويلىشىپ بېقىشنى، ھازىر مەكتەپنىڭ دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىرىدىغان ئايلىق تەمىناتى 4 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى دىدى. مەنمۇ ئويلىشىپ بېقىشنى ئېيتىپ خۇشال ھالدا قايتتىم. شۇغىنىسى مەن لەۋزىمدە تۇرغىنىم بىلەن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەدە قىلغان مەبلىغى تاكى ھازىرغىچە ئەمىلىلەشمىدى. بەلكىم شۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى دوكتۇرلۇققا قۇبۇل يۈز تۇرانە ئىمتاھانىغا تىزىملىتىپ قويۇپ(يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىن ئۆتسەملا يەنە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا دوكتۇر ئوقۇيدىغان ئىشتى)، ئەمەلىيەتتە قاتناشمىغىنىمغا خاپا بولدىمۇ، ياكى باشتىن ئاخىر مىنىڭ مەبلەغ ئىشىمنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقماي مىنى قۇرۇق ئىمىزگە بىلەن گوللاپ يۈردىمۇ بىلمىدىم، ھەر قېتىم تىلفۇندا ياكى ئىككى يېرىم سائەتلىك ئۇزۇن يولنى بېسىپ مەكتەپكە بېرىپ يۈز تۇرانە پاراڭلاشقاندا بولسۇن بىر-ئىككى ئايغا قالماي پۇلنى بېرىدىغانلىقىنى، ياكى تەجرىبىخانىنىڭ ياللانغان خادىمى سۈپىتىدە بىر نەچچە ئايغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كاتىپلىرىغا خاتىرىلىتپ يازدۇرۇپ قوياتتىيۇ، ئەڭ ئاخىرغىچە بىر موچەنمۇ ئەمەلىلەشمىدى. مەنمۇ قەلەندەردەك قاتناپ يۈرۈشتىن زېرىكىپ، تونۇشتۇرۇش خەتلىرىنى پۈتكۈزىۋالغاندىن كىيىن قايتا ئىزدەپمۇ يۈرمىدىم.
12-ئاينىڭ بېشىدا ئامرىكىغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا شىركەتتىن رۇخسەت بەرمەي تۇرۇۋالغىنى قىززىق تېخى. ئانىلىرىمىز كەلگەندە ھەمراھ بولۇپ شەھەر چۆرگىلىتىمىز دەپ، بالام تۇغۇلغاندا يۇرتقا قايتتىم دەپ شۇ يىللىق دەم ئېلىشلارنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ بولغان ئىكەنمەن. ئەمما مەن 2014-يىلى كىرگەندىن كىيىن شۇ يىل ئىچىدە 10 كۈندەك دەم ئالسام بولاتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ ھامىنى 2014-يىلى شىركەتتە تولۇق ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىمنى، بولسا شۇ 10 كۈنلۈك دەم-ئېلىشىمنى 12-ئايدا ئالدىنئالا ئىشلىتىۋىلىشنى دىدىم. شىركەتنىڭ مەمۇرى ئورۇنلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، لېدىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە رەت قىلىنسا بولىدۇ. سەۋەبىنى سورىدىم. جاۋابى، پىرىنسىپ بويىچە ئىش قىلمىسا بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز مۇئاش ۋە مۇكاپاتنى پۈتۈنلەي تۇتۇۋالىدىغان ئىش رۇخسىتى بىلەن ئامرىكىغا يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇنداق قىلىپ مەكتەپ ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى كىشىلەر ھەممە چىقىمىنى ئاتچوت قىلدۇرۇپ ھىچقانچە چىقىم قىلمايلا ئىلان قىلىدىغان ماقالە ئۈچۈن مەندىن يېرىم ئايلىق مۇئاش، شۇ ئايلىق مۇكاپات، يىللىق مۇكاپاتنىڭ خېلى بىر قىسمى، يىغىنغا تىزىملىتىش ھەققى، ۋىزا بېجىرىش ھەققى، بېرىپ كىلىش ئايرۇپىلان بىلەتلىرى ۋە ئامرىكىدىكى چىقىملار دىگەنلەر قوشۇلۇپ نەچچە تۈمەنگە يېقىن چىقىم بولغان بولدى.
ئۇ ۋاقىتلاردا تاساددىپى دوكتۇرلۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەي، ئۆز خىراجىتى بىلەن دوكتۇرلۇق ئوقۇش چاقىرىقى ئەپ قالسام، بىرىنجى يىللىق ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجەتلىرىمنى ئۆزۈملا تۆلەپ چىقساممۇ چىقاي دەپ ھە دەپ ئىقتىساد توپلاۋاتقان ئىدىم. چۈنكى نەچچە يىللىق خىزمەت ۋە تەتقىقات تەجرىبلىرىم بىلەن دوكتۇرلۇقتا قىينالماي، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇپ كىتەلەيدىغانقىمغا، كىيىنكى يىللرىنىڭ ئوقۇش مەبلىغىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم. ھە دەپ ئىقتىساد توپلاۋاتقاندا ھەسسىلەپ بولغان چىقىملار قورسىقىمنى ئاز-تولا ئاغرىتقانمۇ بولدى.ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، ئەينى ۋاقىتتا يىغىن ئورۇنلاشتۇرغۇچىلاردىن ئەگەر ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا يىغىنغا جەزمەن بىرەر ئاپتۇرنىڭ قاتناشمىسا بولمايدىغانلىقىنى بولمىسا ماقالىنىڭ توپلامغا كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئامرىكا ئەلچىخانىسىغا ئىلتىماس قىلدىغان ۋىزا ئىلتىماسىمنىڭ بىر-ئىككى ئايلىق ئۇزۇن ئارقا كۆرىنىش تەكشۈرۈشلىرىگە چۈشۈپ قېلىشىنى، شۇنى باھانە قىلىپ ئامرىكىغا بارمايلا ماقالىنى ئىلان قېلىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىپ كەتكەنتىم.شۇنداق بولغاندا نۇرغۇن چىقىم تىجىلىپ قالاتتى دە. شۇغىنىسى، نەدىكىنى، ئامرىكا ئەلچىخانىسىدىكى يۈز تۇرانە ئىمتاھاندىن بىر مىنۇت ئىچىدە ئۆتۈپ، بىر ھەپتە ئىچىدىلا ۋىزىنى قولۇمغا ئالغاندا، 2013-يىلى ئامرىكىغا بىر بېرىشىمنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلۈپ كەتكىنىگە ئىشەندىم.
|
|