- تىزىملاتقان
- 2013-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 613
- نادىر
- 1
- يازما
- 13
ئۆسۈش
22.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 00:16
خاتىمە
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدىن ھازىرقى مەكتەپنى قانداق تاللىغانلىقىم، ۋىزا ئۈچۈن 40 كۈندەك ھەر خىل ئەندىشە ئىچىدە ساقلىغانلىرىم (ئەمدى ۋىزام ئىتتىكرەك چىقسا بولاتتى دىگەن ۋاقىتتا تەكشۈرۈشكە چۈشۈپ قېلىپ مۇشۇنداق سوزۇلۇپ كەتسە بولىدۇundefined )، يۇرتقا قايتىپ ئۇرۇق-تۇققان، دوست بۇرادەرلەر بىلەن قانداق خوشلاشقىنىم دىگەندەك نۇرغۇنلىغان ھىكايىلەرنى قىسقارتىۋەتتىم.
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتە قەشقەر ئايرىدۇرىمىدا مەن مىنى ئۇزاتقىلى چىققانلار بىلەن خوشلاشتىم. دوست-بۇرادەر ۋە سىڭىللىرىم بىلەن بىر-بىرلەپ قۇچاقلىشىپ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەشتۇق. ئانام بىلەن ئېسىلىشىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا تۇرۇشۇپ كەتتۇق، ئانامنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى يىغلاپ تۇرۇپ' ئاللاھقا ئامانەت بالام،ئىككى سىڭلىڭغا مىنىڭدىن كىيىن ئاتىدارچىلىق قىلارسەن' دىگەن سۆزىنى ئەسلىسەم ھازىرمۇ يۈرىكىم جىغىلدايدۇ. مەن ئامرىكىنىڭ بۇرۇنقى شاڭخەيدىن پەقەت ئازراقلا يىراقلىقىنى، قاچانلا بولسا قايتىمەن دەپلا قايتىپ كىلەلەيدىغانلىقمنى، قالايمىقان خىياللارنى قىلماسلىقنى ئېيتىپ ئانامنى بەزلەيتىم. ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنى قولۇمغا ئېلىپ باغرىمغا مەھكەم بېسىپ، ئەركىلىتىپ، تويماي سۆيۈپ كەتتىم. ئايالىم بىر ياندا كۆزلىرىدىن تارام ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇراتتى. ئايالىم بىلەن بىر نەچچە سىكۇنت گەپ سۆزسىز بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قاراشتۇق، مەن بىلەن نەچچە يىلدىن بۇيان بار جاپانى تەڭ تارتىپ، قانداق ئىش قىلسام ھەر جەھەتتىن مىنى قوللاپ كەلگەن ئايالىم بىلەن ئاخىرقى قېتىم مانا مۇشۇنداق خوشلاشقان بولدۇم. مەن ئاخىرقى قېتىم مىنى ئۇزاتقىلى كەلگەنلەر بىلەن خوشلىشىپ ئايردۇرۇمنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. ئايرۇپىلان قوزغالدى، ئەزىزانە قەشقەرگە ئايرۇپىلان دېرىزىسىدىن ئاخىرقى قېتىم قىيالماسلىق بىلەن نەزەر تاشلىدىم.
8-ئاينىڭ 8-كۈنى پۇدۇڭ خەلقئارالىق ئايردۇرۇمدا، مەن ئۆزۈم 11 يىل ياشىغان، تالايلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ شەھەر بىلەنمۇ خوشلاشتىم. 10 نەچچە سائەتلىك ئۇزۇن ئۇچۇشلاردىن كىيىن، ئاخىرى يەنە بىر قېتىم ئامرىكىغا قەدەم باستىم. مەن ئامرىكىغا مانا مۇشۇنداق كەلدىم.
مەن 20 كۈندىن بۇيان ئەسلىمىلەر ئىچىدە، گاھى يىغلاپ،گاھى كۈلۈپ، گاھى ئۆزۈمدىن ئەپسۇسلىنىپ تۇرۇپ يېزىپ كەلگەن ھىكايەمنى مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرۇشنى قارار تاپتىم.ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالى ئۆزۈمگە ناھايتى ئايدىڭ، مەن تېخى يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتنىڭ ئىشىكىنى ئەمدىلا چىكىشكە باشلىغان بىر ئاددى ئوقۇغۇچى، بىرەر چوڭ ئىش قىلغان ياكى چوڭ نەتىجە ياراتقان يېرىممۇ يوق. ئۆزۈمنىڭ ھازىر قايسى ئىشقا زىھنىمنى مەركەزلەشتۈرۈشۈم كىرەكلىكىنى مەن بەك ئوبدان بىلىمەن. مەن پەقەت مىنىڭ باسقان يوللىرىمنىڭ شۇ يوللارغا قەدەم باسماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ئىلھام بولسىكەن، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردىكى سىتۇدىنت ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىنى ياخشى قەدرلىشىنى، مەيلى كىيىن چەتئەلگە چىقىش خىيالى بار ياكى يوق بولسۇن جەزمەن ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇشىقا تىرىشىشىنى، ھەريىلى ئامرىكىغا دوكتۇرلۇق ئۈچۈن ئوقۇشقا يېڭىدىن كىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەن ئەڭ دەسلەپتە دىگەندەك 1000غا بارالمىسىمۇ، بىرەر يۈزدىن بولسىمۇ ئاشسىكەن دىگەن نۇرغۇن ئۈمىدلەر ئىچىدە بۇ تىمىنى يېزىپ چىقتىم.
بۇندىن كىيىنكى نەچچە يىللارغىچە بۇنداق چوڭ ھەجىملىك تىمىلارنى يېزىپ بولالمايمەن. ئەمما كونا ئادىتىم بويىچە ئاندا-ساندا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى ئارىلاپ تۇرىشىم ئېنىق. چەتئەلدە يۇقىرىلاپ ئوقۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانداق سوئالى ياكى ياردەم ئىھتىياجى بولسا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم بېرىشكە مەن ھەر دائىم تەييار. رەھمەت!
(تۈگىدى) |
|