- تىزىملاتقان
- 2013-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1580
- نادىر
- 2
- يازما
- 41
ئۆسۈش
58%
|
ئىنسان ئىلىمدە مۇكەممەللىككە يىتەلمەيدۇ،ھەر قانداق بىر ئىلىم،ئىدىيە تەنقىد ۋە تەقرىزلەر ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنىدۇ ياكى شاللىنىدۇ.
ئەلى مۇئەللىممۇ بىر ئىنسان بولغان ئىكەن خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ.ئۇنىڭ لىكسىيىسىگە قارىتا تەنقىدىي پىكىر بېرىپ خاتالىقلارنى كۆرسىتىش ياكى تۇغرىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇنى ئىتىراپ قىلىش شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ مەسئوليىتى.
زىۋىدە خانىمنىڭ ئۆزىدىكى مەسئولىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ تۈرىتكىسىدە يازغان يازمىسى ئەلى قۇربان لىكسىيەسىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى ئىنكاسلارنىڭ بىرسىدۇر.ئەگەر ئەلىي قۇربان لىكسىيەسىگە چۈشكەن باھالارنىڭ ھەممىسى ھاياجانلىق مەدھىيە سادالىرى بولغان بولسا ئىدى ،مەن ئۇنى بىر ئەخلەت دەپ قارىغان بۇلاتتىم.
بىر پەندىكى داغدۇغا قۇزغالغان ئىشلارغا شۇ ساھەدىكى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ سۈكۈتتە تۇرىۋىلىشى ئىنتايىن بىر نۇمۇسلۇق ئىش ئەلۋەتتە!
ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى بولىمىش ئىنى-سىڭىللىرىمىز يەنىلا كۆپرەك كىتاپ كۈرۈشىمىز كېرەك،ئۇنتۇماڭلاركى ئەڭ بۈيۈك ھەقىقەتلەر ھەرگىزمۇ داغدۇغىلىق پىكىر ھاياجانلىرىدا ئەمەس بەلكى ئەڭ ئاددىي ،ماددى تەلىپى يوق نەرسىلەردە![« ياراتقۇچى ئىنسانغا ئاتا قىلغان بۈيۈك سوۋغاتتىن ئىككىسى بار ،بىرى كىتاپ(قۇرئان كەرىم)،يەنى بىرى تەبىئەت»-جامالىدىن ئافغانىي].
ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشتىن مەقسەت ئىلىم-پەن،تېخنىكا بىلىملىرىگە ئېرىشىتىن سىرىت ئەڭ مۇھىمى تەپەككۈرنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ،ھەرخىل ئىدىيەلەرنىڭ زەرەتلىشىنى ئەقىل ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزەلەيدىغان ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈشتۇر.ھەرگىزمۇ دەبدەبىلىك ھاياجانلىق ئىدىيەلەرنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك.شەخسكە چۇقۇنۇشنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى تارىختا ساماندەك.
شۇڭا زىۋىدە مۇئەللىمنىڭ سىتودىنىت ياشلارغا قويغان تەلىپىنى ھەرگىز ئارتۇقچە دەپ قاراشقا بولمايدۇ.ئەكسىچە بۇ بىر ياخشى تەلەپ،ياخشى ئۆلچەم.
زىيالىيلىقنىڭ يەنە بىر شەرتى ئىلىمنىڭ نوپوزىدىن گۇمانلىنىشقا جۈرئەت قىلىشتۇر.
سىتودىنېتلار ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش نىشانىنى دېپلوم ئۈچۈن ئەمەس ،زىيالىي بۇلۇش ئۈچۈن بىكىتىشى كېرەك،چۈنكى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا زىيالىي بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس.بولسا سىتودىنىت ياشلىرىمىزنىڭ ئىدىۋارىد سەئىدنىڭ «زىيالىيلار»دىگەن كىتابىنى،ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ« مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز » دىگەن كىتابىدىكى زىيالىي تۇغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئۇقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ ئىلىم كەيپىياتىغا چۈكۈشىنى،ئەقىلنى ھىسىياتنىڭ قۇربانى قىلماسلىقىنى تىلەيمەن! |
|