- تىزىملاتقان
- 2015-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 112
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
37.33%
|
‹‹ ئەلى قۇربان ›› غا مۇناسىۋەتلىك تەنقىد ۋە دە-تالاشلارغا ياندىن قاراش
مەن بۇ مۇنبەرگە بۇرۇن ئەزا بولمڭساممۇ ، بىراق يېقىندىن دىققەت قىلىمەن . ‹‹ ئەلى قۇربان ›› ۋە ئۇنىڭ لېكسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەر كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ دىققەت مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان مۇشۇ پەيتتە ، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتەي دىدىم .
1. ‹‹ ئەلى قۇربان ›› كىم ؟
مەن تونۇيدۇغان ‹‹ ئەلى قۇربان ›› تولۇق كۇرسنى دوختۇرلۇقتا ئوقۇغان ، دوختۇرلۇق بىلىملىرى ۋە داۋالاش تەجىربىسىدىن كۆرە ، ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش تەجىربىسى مول ، سۆزمەن ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسان ھاياجانغا سالالايدىغان ، گەپدان ، يۈرەكلىك ، پۇل تېپىش يوللىرىنى ۋە خېرىدارلىك كەسىپلەرنى بايقاشقا ۋە باشقىلارنى ئاسانلا ئۆزىگە قارىتىشقا ماھىر ، كۆز باشلاشقا ئۇستا ، تىرىشچان بىر شەخس .
2. ‹‹ ئەلى قۇربان ›› غا نىسبەتەن پىسخولوگىيەسىمان گەپلەرنى قىلىش نىمە ئۈچۈن زۆرۈر ؟
چۈنكى ئۇ دوختۇرلۇقتا كەسىپداشلىرىنى قايىل قىلغۇدەك ھەقىقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئاللىقاۋان تونۇپ يەتكەن ، ئەقىللىق كاللىسى بىلەن ( بىلىملىك كاللىسى بىلەن ئەمەس ) ئېنگلىز تىلى بىلەن قەد كۆتۈرۈشكە جان جەھلى بىلەن كىرىشىپ ، مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ، جەمىيەتتە مەلۇم ئالقىشلارغا مۇيەسسەر بولغان . بىراق ، ئېنگلىز تىلىنى ئۆتىۋىرىش جەريانىدا بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل ۋە نان تېپىشتىن سەل ئىسەنكىرەپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياجان گەپلەرگە ئامراق ، بىلىم ئاساسى تولىمۇ ئاجىز ، مۇنتىزىم ھالدا كىتاپ ئوقۇش ۋە تەربىيەلىنىش بىلەن خوشى يوق
پىسخىكىسىنى بالدۇرلا ھىس قىلىپ ، پۇختا ئېنگىلىز تىلى ئاساسىغا تايىنىپ ، چەتئەللىكلەرنىڭ نادىر لېكسىيەلىىرىنى ، بىزگە قىززىق ۋە دەبدەبىلىك تۇيۇلىدىدىغان ھېكايە ۋە مىساللىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ ، ئۇنى ئاممىباپ تىل بىلەن بىزگە يەتكۈزۈشكە تىرىشقان ، بۇ ئارقىلىپ لېكسىيە پاخاللىقى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇشقا ماھىرلىق قىلغان ۋە تېخىمۇ داڭق چىقىرىش ئۈچۈن ئەڭ دەبدەبىلىك ، يۇمۇرىستىك ، باشقىلار دىيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ ، ئۆزىنى تېخىمۇ بازارغا سېلىۋاتىدۇ .
3. ‹‹ ئەلى قۇربان ›› نىڭ كاللىسى راستنىنلا بىزدىن 300 يىل بۇرۇن ئىلگىرلەپ كەتتىمۇ ؟
مەن بۇ مەسىلىگە كاللامنى ئۈزىۋەتسىمۇ ، ‹‹ مۇمكىن ئەمەس ›› دەپ جاۋاپ بىرىمەن .
ئۇنداقتا مان نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن ؟ چۈنكى ، ‹‹ ئەلىي قۇربان ›› دا ئۇنداق دىگۈدەك ھەقىقىي سەۋىيە ، چوڭقۇر بىلىم ۋە نەزەرىيەۋى نەتىجە يوق . ئاڭ ئاددىسى ، ئۇ تېخى ھچقانداق بىر نەرەيىۋى يەكۈن ياكى تەتقىقات نەتىسىنى سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرغا چىقارمىدى . ئىككىنچىدىن ، ئۇنىڭ بىر قىسىم گەپلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ، كىلاسسىك ئۇستازلىرىمىزنىڭ نەچچە يۈز يىل ېيتىپ بولغان گەپلىرى خالاس . جۈملىدىن ‹‹ مەن خۇدان ھەممە ئىنسانلاردىن ، تەكلىماكاننىڭ قۇم دانۋىلىرىدىن ئىزدەيمەن ›› دىگە ن مەزمۇندىكى گەپلىرى بۇنىڭدىن 700 يىل ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكاەن كاتتا پەيلاسوپ خوجا باھاۋىددىن نەقىشبەندنىڭ ‹‹ ئىشق تەلىماتى ›› نىڭ سەل ئاممىبابلاشتۇرۇلغان ھالدا بىزگە يەتكۈزۈلىشى خالاس .
يەنە بىرى ، ‹‹ ئەلى قۇربان ›› نىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىغا ئائىت گەپلەرنى يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرغا قويالىشى بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن غەلىتىلىك تۇيۇلسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ خۇسۇستا سەمىمى گەپ قىلالىدى . بىراق بۇ ئۇنىڭ تەرەرققى قىلىپ باشقىلاردىن 300 يىل ئالغا كەتكەنلىكىگە ھەرگىزمۇ ئاساس بولالمايدۇ . بەلكىم ئۇ ئۆزىنى پەقەت كىتاب ئوقۇمايدىغان ، پەقەت ئىسمىنىلا يازالايدىغان ئادەملەرگە مىسال قىلىپ دىگەن بولىشى مۇمكىن . بىراق ھەر ئىنسان ئۆزىگە چۇشلۇق بىلىمگە ئىگە .
خۇلاسە :
بەلكىم ، ‹‹ ئەلى قۇربان ›› مۇشۇ گەپدانلىقى بىلەن خېلى بىر مەزگىل داۋراڭ سۇرۇشى ، لېكسىيە ھۆددىگىرى بولالىشى مۇمكىن . بىراق ، پىسخولوگىيەدە ئۈزۈپ چىقالىشىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ . چۈنكى ، پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان ئۆگىنىشنىڭ نەتىجسى ھامان كۆپۈك ئىقتىساد بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ .
مەلۇمكى ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئوخشاش بولمىغان ماكان - زاماندا ئوخشاش بولىشى ، ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرگە ۋە كىشىلەرگە يولۇققاندا ، يەنە كىلىپ ئوخشاش مەسىلە ۋە كىشىگە ئوخشىمىغان ۋاقىتتا بولغان پۇزىتسىيەسى ، كۆز قارىشى ، تونۇشى مۇتلەق ھالدا ئوخشاش بولمايدۇ . شۇنداق بولغان ئىكەن ، ئوخشاش بىر نەزەرىيە ياكى پىسخولوگىيەسىمان گەپلەرنى ھەر ۋاقىت ھەممە كىشىگە تەدبىقلاش ئىنتايىن بىمەنىلىك ھىساپلىنىدۇ . لېكىن كوللىكتىپ پىسخىكا ۋە يۇشۇرۇن ئاڭ باشقىچە .
مەن ياخشى بىلىدىغان دۇنياغا داڭلىق بىر پىسخولوگنىڭ پىسخولوگىيە بىلەن شوغۇللىنىپ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىردا خۇلاسىلەپ چىققىنى شۇكى ، پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتجىسى ‹‹ بىر ۋاراق ئاڭ قەغەز خالاس ›› ، دىمەكچى بولغىنى شۇكى ، ئىنسان خاراكتىرى ھەر ۋاقىت مۇرەككەپلىك ۋە زىددىيەت ئىچىدە بولىدۇ .
‹‹ ئەلى قۇربان ›› ئەپەندى ، سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقسام . سىز تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ، تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتت يېنىدا پالچىلىق قىلىدىغان بىر قازاق كىشىنى بىلەمتىڭىز ؟ بىلىپ قويۇڭڭى ، پالچىلارنىڭ پال ئاچقاندا ھەممە ئادەمگە ئوخشاشلا دەيدىغان 16 تۈرلۈك گىپى بولىدۇ . گىپىمنىڭ تىگىگە يىتەلىدىڭىزمۇ ؟ ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىڭ . |
|