- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1593
- نادىر
- 0
- يازما
- 69
ئۆسۈش
59.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sadaqat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 06:41
لەتىپە-چاخچاق بىلەن يۇمۇرلۇق سۆزلەشنى ھىسام قۇربان ھەق دادىغا يەتكۈزدى ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك خەلىق قەلبىدىن ئورۇن ئالدى . چۈنكى ئۇ قىزىقچىلىق ۋە چاخچاقنى بىر ئۆمۈر ئۆز كەسپى قىلىپ تاللىدى .
تاققا -تۇققا سۆزلەشنى ئەبەي ھەق دادىغا يەتكۈزدى ھەم مۇشۇ كەسىپنىڭ كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى . بىزگە ئۆزىگىچە خاسلىققا ئىگە ئىككى قىزىقىچىمىز يىتىپ ئاشىدۇ .
ئەلى مۇئەللىم ئۆزىنى پىسخولوگىيە كەسپىنىڭ كەسىپ ئەھلى دەپ قارايدۇ (قارايدۇ ئەمەس چۇقۇم شۇنداق دەپ قاراپ بولدى ). ھەرگىز لەتىپە يۈمۈر سۆزلەشنى كەسپىم دەپ قارىمايدۇ ئەلۋەتتە .شۇڭا ئەلى مۇئەللىم قايسى دائىرە ئىچىدە نىمىنى سۆزلەپ ، نىمىنى سۆزلىمەسلىكىنى بىلىشى كېرەك .
ئەگەر ئۇ ئۆزىنى پىسخىك مەسلىھەتچىسى دەپ قارىسا ،تەۋەرۈك ئۇستازلارنى ئۆزنىڭ تېتىقسىز يۈمۈرلىرىغا قېتىپ ۋە ھەجىۋىلەشتۇرۇپ ئوبرازىنى يۈقرى كۆتۈرۈش بەدىلىگە ،لىكسىيەنى بىۋاستە ئاڭلاۋاتقان ئاڭلىغۇچىلار ۋە بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى مەنىۋى ئۇستازلارنىڭ يارقىن ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان يۈمۈرلۈق سۆزلەشتىن ئىبارەت ئاتالمىش ئۆزىگىچە خاسلىقىدىن ‹‹تىلىنى يىغىشى كىرەك››
ئەگەر ئۇ ئۆزىنى خەلىق قىزىقچىسى دەپ قارىسا ،ئۆزىنى ھىسام قۇرباننىڭ ئەمەس بەلكى ئەبەي تاققا-تۇققىنىڭ شاگىرىتى دەپ ئىتىراپ قىلىشى كىرەك . چۇنكى ھىسام قۇربان بىر ئۆمۈر چاخچاق بىلەن ئۆتكەن ھاياتىغا ئۇستازلارنى ھەجىۋىلەشتۈرۈشنى ئارلاشتۇرمىغان . ئەبەيمۇ ھەم ئارلاشتۇرمىدى ، ئەلى مۇئەللىم بۇنىڭدىمۇ ئۆزىگىچە خاسلىق ياراتسا بولىدۇ .
ۋاھالەنكى ئەلى مۇئەللىم ئۆزىدىكى يۈمۈرسىتىك تۈيغۇنى كۈنسىرى يۈقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يۈمۈرلۈق سۆزلەپ، تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرىمەن دەپ بىزدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئالىم ئەلامالىرىمزنى يۈمۈرنىڭ ئوبىكتىغا ئايلاندۇرۇپ قويسا بۇنى پاجىئە دىمەي ئامال يوق .
يېقىندىن بۇيان ئەلى مۇئەللىنىڭ بەزى بىرقىسىم يۈمۈرلۈق سۆزلىرى چەكتىن بەكلا ئېشىپ كەتتى .تۈرمۈشتىن ئەمەلىي مىسساللارنى ئېلىپ تۈرۈپ سۆزلىسە لىكسىيە تېخىمۇ ياخشى چىقىشىدا گەپ يوق ، ئەمما ئەمەلى تۇرمۇشتىن مىسال ئالدىم دەپ ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي پەلەپەتىش بىر نىمىلەرنى سۆزلەپ يۈرسە بۇ ئەلى قۇربان مۇئەللىمدەك ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بىر ئىستىدات ئىگىسى ئۈچۈن نۇمۇس .
*****************************************************************************************************************************************************************
دوكتۇر زىۋىدە خانىم يۈمۈرلۈق سۆزلەشنى بىلمەيدۇ ئەمەس بەلكى يۈمۈرلۈق سۆزلەشنىڭ ئايال كىشىگە ياراشمايدىغانلىقىنى ، بولۇپمۇ ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈمۈرلۈق سۆزلەشنىڭ تېخىمۇ ماس كەلمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ . شۇڭا ‹ئىلىمگەر››گە خاس سۇپىتىنى ساقلايدۇ .
مەن زىۋىدە خانىم ئىشلەيدىغان مەكتەپتە ئوقۇغان ھەم خانىمنىڭ دەرىسىنى بىۋاستە ئاڭلىغان بولغاچقا ئۇنىڭ كىشلىك تۈرمۈش ھەقىقەتلىرىگە تۈيۈنغان يۈمۈرىستىك تۈيغۈغا باي ئوبرازلىق سۆزلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان .
زىۋىدە مۇئەللىم ئەمەلىي تۇرمۇشتىن مىسال ئالمايدۇ ئەمەس ئاز ھەم ساز ئالىدۇ . ئەمما ئۇ مىساللىرىغا قېتىپ ئۇستاز ئالىملارنى ھەجۋى قىلمىغىنى ئۈچۈن بىزگە ئانچە قىززىق تۈيۈلمايدۇ .
يەنە بىرى زىۋىدە مۇئەللىم ، ئەلى مۇئەللىمدەك دۆلەتلىك 3-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىللىرىنى تەربىيلەيدۇ ئۇلارغا دەرىس ئۆتىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ ھەر قايسى رايۈنلاردا پالاقشىپ يۈرۈپ لىكسىيە سۆزلەشكە ۋاقتى يەتمەيدۇ .
|
|