- تىزىملاتقان
- 2013-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1583
- نادىر
- 1
- يازما
- 41
ئۆسۈش
58.3%
|
بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئەلى مۇئەللىم لىكسىيەسى توغرىلىق يېزىلغان يازمىلار ھەممە يەرنى چىڭ قاپلىدى .قارىسام بەزى كىشىلەر بۇ گەپلەرنى تالىشىپ سەن مەنگىمۇ چۈشۈپ بوپتۇ .مېنىڭچە كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتالىقىنى ئايرىش ئانچە مۇھىممۇ ئەمەس ،ئويلاپ قالدىم ،نېمىشقا يېقىندىن بۇيان بىزدە لېكسىيە قىزغىنلىقى ئەۋج ئالىدۇ !؟ نېمىشقا بىزدە پىسخىكا ساھەسىدىكى ئىلمى نەتىجىلەردىن ئەمەلى تەتبىق ۋە تەقلىدلار ئىلگىرىلەپ كەتكەن!؟
مېنىڭچە بىزنىڭ بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ پىسخىكا لېكسىيەلىرىنى ئاڭلاشقا شۇ قەدەر قىزغىنلىقى ۋە ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيرەتتە قېلىشلىرىمىزنىڭ سەۋەبى دەل بىزدىكى روھى نامراتلىق ،بېكىنمىچىلىق ،مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە غايىسىزلىكتۇر .بىز ياشلار ئۆزىمىزگە بولغان روھى ئوزۇققا ئەھمىيەت بېرىپ ئادەتلەنمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ھاسىل بولغان كاۋاكلىق بىزنى تېشى پال-پال، ئىچى غال -غال بىر كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان .شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى نەسىھەتلەرمۇ بىز ئۈچۈن ۋەھيىدەك بىلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك . ئەلۋەتتە مەن شۇ نەسىھەتچى ئۇستازلارغا پۇت سوزماقچى ئەمەسمەن.ئاللاھىم ،بىزدەك روھى زەئىپلەرگە ئوزۇق يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاپا تارتىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ ئەجرىنى كاتتا قىلسۇن .زۇلپىقار بارات ئاكىمىزنىڭ 9-ئايدا ئىلىم پەن ئۇچۇر ئىنىستىتۇتىدا سۆزلىگەن لىكسىيەسىدىن پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ ناھايىتىمۇ چوڭقۇر دېڭىز كەبى بىر پەن ئىكەنلىكى ،ئۇنىڭدا نۇرغۇن تەلىمات، نەزەرىيەلەرنىڭ بارلىقى،بىزنىڭ ئۆگۈنىۋاتقان پىسخولوگىيەلىرىمىزنىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئادەتتىكى پوستىلىرىدىن ئىكەنلىكىدەك مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن ئىدىم.
مەن بۈگۈن بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى ئېيتىپ ئۆتسەم ،مەن ئادەتتە يېڭىدىن تونۇشقان بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ياتاققا ياكى سىنىپقا چىقاتتى،مەن سىرتقا چىقىپ كېرەي دەپ ماڭاتتىم .ئۇ ھەر قېتىم "ۋاي ئاداش نەگە بارىسەن كۈندە "دەپ سورايتتى . مەن "ئازراق ئىشىم چىقىپ قالدى ئاداش "دەپ قويۇپلا ماڭاتتىم .بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئادىتىم بويىچە سىرتقا ماڭغانىدىم ئۇ "ئاداش، مەنمۇ بىرگە چىقاي "دەپ كەينىمدىن ماڭدىدە ،مەنمۇ ئامالسىزلىقتىن "ئاداش ،مەن مەسچىتكە چىقىمەن "دەپ سالدىم .گېپىمنى ئاڭلاپلا ئۇ ئارقىغا داجىدىدە "ئاداش ،ماڭا دۇئا قىلىپ قوي ھە "دېدى .نېمىگە دۇئا قىلىمەن ؟ياخشى ئوقۇشۇمغا ،ياق، مەن ئۇنىڭغا قىلمايمەن ،مەن سېنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭغا دۇئا قىلاي".تۇيۇقسىز ئۇ "ھىدايەت دىگەن نېمە ؟"دېمەسمۇ ،كاللام پىرقىراپلا كەتتى ،"ئاداش ،ھىدايەتنى بىلمەمسەن ؟ھىدايەت دىگەن شۇ ھىدايەتقۇ .ئۇيغۇرچە سۆزغۇ بۇ"دېدىم .مەن بەكمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتكەنىدىم .ئۇ يەنىلا خىيالى ھالدا" شۇ نىم دېگەن گەپ ؟مەن راستىنلا بىلمەيدىكەنمەن"دېگىنىچە تۇرىدۇ ، "ھىدايەت دىگەن توغرا ،دۇرۇس يولدا مېڭىش دېگەن گەپ "دەپ كېكەچلىگىنىمچە جاۋاب بەردىم .
"يەنە ئاتا-ئانامنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگىمۇ دۇئا قىلىپ قوي ""ۋاي قىززىقكەنسە ،ھىدايەت تېپىش مۇھىممۇ ياكى ؟!""مەن ئۈچۈن ئاتا ئانامنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىدىنمۇ مۇھىم ئىش يوق ".
شۇنىڭ بىلەن مەن ئاستاغىنە يولۇمغا ماڭدىم ،ئۇ ماگىزىنغا .
ئويلاپ باقسام مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
ئاخىرىدا دېمەكچىمەنكى مۇشۇ سەۋىيەدىكى بىزلەر قانداقمۇ پىسخولوگىيە ئېھتىياجلىق بولمايلى !؟ھالبۇكى بىزدە بار بولغان پىسخولوگىيە بۇنىڭ چارىسىنى قىلالامدۇ |
|