- تىزىملاتقان
- 2015-1-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 700
- نادىر
- 0
- يازما
- 70
ئۆسۈش
40%
|
توۋا دەششەت ئادەملەر كىرگىلى تۇردى ماۇ مۇنبەرگە ، مەخسۇس ئادەم تىللىغىلى ئۇرۇشقىلى كىرىدىغان ، بەزى دوستلار قاراپ بېقىڭلار ، ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، دەپ كىرىشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى تىللاپ ساۋاتسىز ، ساۋاتسىز .... شۇ ساۋاتسىزلىق يامان ئاغىنىلەر ، بىزدەك ساۋاتسىزلار بولغاشقا ، ساۋاتلىقلار گەپ ساتسىمۇ ، ئالىم ، ئەدىبلىرىمىزنى ئۆزىگە تەڭ قىلمىسىمۇ ، ددىسى بىلەن ئانىسىنى لىكسىيىگە قاتسىمۇ ، ‹‹ ... مىنىڭ دادام ، مەن بىلسەم ھەپتىدە ئىككى كۈن ھاراق ئىچەتتى ، لىكىن ، ئانام ئۇ ئۆزىچە ياخشى كۆڭلىدە دادامنى توسىماقچى بولۇپ ، كۈندە كوتۇلداۋېرىپ ھەپتىدىكى ئىچمەي ساق يۈرگەن 5 كۈن كۆرۈنمەي قېلىپ ، ئاخىرىدا 6كۈن ھاراق ئىچىدىغان قىلىۋەتتى ، 1 كۈن نىمىش قىلىدۇ ؟! - ئۇخلاپ قالىدۇ ، ئەلۋەتتە.... ›› ماۋۇ ئەلى مۇئەللىم لىكسىيەسىدىكى بىر ئۈزۈندە . ئارقىدىنلا چۈشەندۈردى ، چۈشەندۈرۈشىگە قايىل بولدۇم . لىكىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئاتا - ئانىسنى مىسال ئالمىسىمۇ ياخشى چىقاتتى . ئۆزىگە سېلىشتۇرۇشقا ، شۇ سۇرۇندىكى خالىغان بىر ئادەمنى سېلىشتۇرۇپ ، مەن سىلەردىن تىرىشچان ، شۇڭا كۆپ نەرسە ئىگەللىدىم ، مەن ئەقىللىق دېسە بولاتتى ، ئاندىن سىلەر تىرىشساڭلار مەندىنمۇ ئېشىپ كىتەلەيسىلەر دېگەننى ئوتتۇرغا قويسىمۇ مۇۋاپىق بولاركەن دەپ ئويلاپ قالدىم . ئالەمدىن ئۆتكىلى 1000 يىل بولغان بۈيۈك ئالىملىرىمىزنى سېلىشتۇرمىسىمۇ بولاتتى دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئۇلاردىن ئېشىپ كىتەلىگۈدەك ئالىملار چىققاندۇ ، لىكىن ھىچكىم ئۇلارنى ئېتىراپ قىلغاندەك ئېتىراپ قىلمىدى .
لىكسىيە دېگەن شۇ ئادەمنى ئاسان ھاياجانلاندۇرىدىغان نەرسە ، نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنىڭ ئاتالغۇلىرىنى ئاڭلاپ چىقتىڭلار ساۋاقداشلار ، دەششەت ئىلھام ئېلىپ ، ئەتىسى ئەتىگەن باشلاپ قايتىدىن ئادەم بولماقچى بولدۇڭلار ، لىكىن ئەتىسى ئەتىگەنچۇ ، تېلفۇننى قۇچاقلىغان پېتى ئاران قۇپۇپ ، يۈز - كۆزۈڭلارنى يۇيۇشقا ئاران ئۈلگۈرۈپ ، دەرسخانىغا چاپتىڭلار ، ھەممىڭلار بولمىساڭلىمۇ ، كۆپ قىسىمىڭلار شۇنداق . لىكىن بۇ يەردە ھىچكىم كۆرمىگەنكىن سەندەك ئۇخلاپ ياتمايمەن دەپ تىللايدىغانلار چىقىشى ئېنىق . بۇنى تالاشمايلى ... لىكسىيىدىن مەنپەئەتلەنگەن ئادەم ، ھەممە ئىشىغا ھاياجانلىنىپ كەتمەي ، مەلۇم بىر قىسمىنى ئىگەللىۋېلىپلا شۇنى قىلاي دپ ئىزچىللىققا ئىگە قىلساڭلارلا شۇ چوڭ مەنپەئەت .
شۇڭا مەيلى مەندەك ساۋاتسىز بولايل ، ئالىي مەلۇماتلىق بولايلى ، ئىلمىي مۇلاھىزە قىلايلى .... ئەڭ مۇھىمى ئادەم تىللىمايلى .
منى 700 يىل كىيىن قېپسەن دىسەڭلىمۇ مەيلى ، كاللاڭ تاش كېسەك دىسەڭمۇ مەيلى ، ماۋۇ ئادەم قېرىغاندا سەل قاتمال بوپ قالىدىكەن ، بىز ئوقىغاندا يىلدا ئايدا بىرەر قېتىم ئىلمىي سۆھبەتلەر بوپ قالسا خاتىرە قالدۇرۇپ كۆپ نەرسە ئىگلەيتۇق ھازىرقىدەك كاللا ئۆتكۈر بولمىغانكىن ، شۇڭا تىللاپ كەتمەي ئىلمىي مۇنازىرە قىلايلى . مەن قوللىغاننى سەن قوللىمىدىڭ دەپ ئۇرۇشۇش ئەۋج ئەپ كەتتى بۇ مۇنبەردە . ‹‹قوش مەسجىد ›› دېگەن ھېكايە ئېسىڭلاردا باردۇ ؟؟؟ شۇڭا تىللىماڭلار ، ئىلمىي بولۇڭلار.... |
|