- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14198
- نادىر
- 0
- يازما
- 129
ئۆسۈش
10.5%
|
بىزدىن نىمىشقا بىلگەيتىس چىقمايدۇ؟
ئىلاۋە : بۇ نۇقتىنى ھەربىر ئۇيغۇر زاتىنىڭ ئويلىنىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن ، شۇڭا ئاددىي بىر ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتىم بىلەن بۇ يازمىنى يازدىم.
قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ ، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ، ھەممىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان ئۇيغۇرلىرىمىزغا بۈگۈنكى كۈندە زادى نىمە بولدى؟ بىز قاچان ئويغىنىمىز ؟ ئۆزىمىزنى قاچان تونۇيمىز؟ ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ بۇنچە ئاستا بولىشىدا زادى قانداق سەۋەب بار؟ بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ئۆتكەن يىلى قاتتىق مۇنازىرە قوزغىغان ئۈمۈد غەنىنىڭ لېكسىيەسىنى دەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم (تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە باشقا ئويدا بولماسلىقىنى سورايمەن). ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدىكەن ، بىر ئىشقا سەۋەب تاپالمىسا ئۆزى تونۇشراق بولغان باشقا نەرسىگە دۆڭگەپ قويۇپلا قۇتۇلۇشنى ئويلايدىغان گەپكەن. جۈملىدىن مەن بۇرۇن بەك ھۆرمەت قىلىدىغان ئۈمۈد غەنىمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققى قىلماسلىقىدىكى سەۋەبىنى ئىسلام دىنىغا ئارتىپ قويۇش بىلەن سۆزىنى خۇلاسىلىدى. ئەڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگىنى ئاخىرىدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بالىنىڭ نەق مەيداندا ئازار يېگەنلىكى ۋە مۇنبەرلەردە تىل - ھاقارەت ئوبېيىكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ، ھەتتا فىلىمدىن شۇ يېرىنىڭ چىقىرىۋىتىلگەنلىكى بولدى . بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز؟ بولدى گەپنى يۆتكىمەي. ئەجەبا بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتقىنى راستىنلا ئىسلام دىنىمۇ ؟ بەلكىم بەزى ئاز ساندىكى ئددىيىسى قاتمالراق مۇسۇلمانلار بولغاچقا مۇشۇ گەپلەر چىققاندۇ. بىراق بىز نىمىشقا سەۋەبىنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ باقمايمىز ؟
ئۈندىداردا مۇنۇ پارچىنى كۆرۈپ قالدىم : 《 كىچىك بالا كىچىكىدە ئۇچقۇچى بولۇشنى ئويلىدى، كېيىن ئادەملەر ئۇنىڭغا بولالمايدىغانلىقىنى دېدى، ئۇ شوپۇر بۇلۇشنى ئويلىدى، ئادەملەر بولالمايسەن دېدى، ئۇ ئاخىرى ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەي دېدى ، ئادەملەر باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ ئەركەك دېدى. غايىلىك بىر ئۇيغۇر مەھەللەمدە دېھقانغا ئايلاندى. بارىكاللا سەن داداڭنىڭ قولىدىن كەتمەننى ئالدىڭ دېيىشتى. بەلكىم ئۇ غايىسىنى يوقاتمىغىنىدا قولىغا دۇنيانى ئالار ئىدى 》.
يۇقارقى سۇئاللارنىڭ جاۋابى بۇ پارچىدىن مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ ، بۇ يازمىنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولغىنىمۇ مۇشۇ پارچە. بىزدىن نىمىشقا ئېينىشتىيىن ، بىلگەيتىسلار چىقمايدۇ ؟ ئەجەبا يەھۇدى ياكى ئامېرىكىلىق بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈنمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس قېرىنداشلار ، ئۇيغۇرلارمۇ بوش ئەمەس . دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ياپونىيەنى خەرىتىدە كۆرسەتكىنى ، قالماقلارغا يېزىق ئۈگەتكىنى دەل بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز . بىزدە چەتئەللىكلەردىن كەم بولىۋاتقىنى پەقەتلا قوللاش ، رىغبەتلەندۈرۈش .
ئاڭلىسام چەتئەللىكلەر بالىلىرىدىن غايىسىنى سورايدىكەن ، مەيلى ئۇلار زوڭتۇڭ بولىمەن دېسۇن ياكى مال دوختۇرى بولىمەن دېسۇن ، چوقۇم قوللايدىكەن . 《سەن زوڭتۇڭ بولىمەن دېگۈچە بېرىپ ئۇمىچىڭنى ئىچ 》دېگەن گەپنى ئىللا - بىللا دەپ سالمايدىكەن . شۇڭا ئۇلاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار كۆپ چىققان ، بۇنىسى ھەممېمىزگە ئايان. ئۇيغۇر جەمئىيتىگە ئاددىي مىساللار بىلەن نەزەر سېلىپ باقايلى.
ئائىلىدە:
بالىسى: - دادا، دادا، مەن كەلگۈسىدە چوقۇم ئەمەلدار بولىمەن.
دادا:- بالام ، 《دېھقان بالىسى كادىر بولماس ، ئۈجمە ياغىچى بادرا》دەيدىغان گەپ بار ، مۇئاشلىق بولۇپ تۇرمۇشۇڭنىلا قامدىساڭ بولدى.
مەكتەپتە:
ئوقۇغۇچى: - مۇئەللىم ، مەن كەلگۈسىدە چوقۇم ئۇچقۇچى بولىمەن.
ئوقۇتقۇچى:- ئۇكام ، ئۇچقۇچى بولۇشنى ئاشۇنداق ئاسان چاغلاپ قالدىڭما؟ ئاۋۋال بېرىپ ئۆيۈڭدىكى ئىشەكنى تىزراق چاپتۇرۇپ ئوينىغىنا!
جەمئىيەت:
ياش: - ئاداش ، چوڭراق ئىشقا تۇتۇش قىلايمىكىن دەيمەن.
دوستى:- ئاداش قىلالماسسەنمىكىن مۇشۇ ئىشنى…………
مانا ئائىلە ، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تەربىيە بازىسىدا ئېرىشكىنىمىز مۇشۇنداق 《قوللاش》تۇرسا بىز يەنە قانچىلىك چوڭ ئىش قىلىپ كىتەلەيتتۇق؟ مۇشۇنداق قاتمۇقات كەمسىتىش ، كۆرەلمەسلىكلەر تۇرسا تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ ؟ بىزدە بىر كىشىنى قوللايدىغان ئاڭ بەك ئاجىز ياكى يوق دېيەرلىك.
ئەگەر بىرسى مەن چوقۇم پىرىزدىنت بولىمەن دېسە ، تىرىشقىن قېرىندىشىم ، سەن چوقۇم بولالايسەن ، ۋاقتى كەلگەندە مەن بىر قوللىغۇچى بولىمەن سەن ئۈچۈن بىلەت تاشلايمەن دەيلى!
چوڭ ئىشلارنى قىلماقچى ئىدىم دېسە ، ئاشۇ تىرىشچانلىق روھىنى بولسىمۇ ماختاپ قويايلى . بەلكى شۇ بىر ئېغىز سۆزىمىز سەۋەبىدىن ئارىمىزدىن ئېينىشتىيىن ياكى بىلگەيتىس چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
مۇنبەرداشلارغا سۆز: بولسا ھەممەيلەن مەيلى تور نامى ياكى تەخەللۇس قويغاندا بولسۇن چوقۇم ئۇلۇغۋار ئاتالغۇلارنى قوللانساق . مەيلى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسمى بولسۇن ۋە ياكى باشقا چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەر بولسۇن ، چوقۇم شۇ ئىسىملار ئۆز غايىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىزنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولسا. بىزمۇ ھەم تەرەققى قىلالماسلىقىمىزنى باشقا سەۋەبلەرگە ئارتىپ قويماي ، ئۆزىمىزدىن خاتالىقنى تېپىپ ، ئۆز غايىمىز ئۈچۈن تىرىشساق.
گەپلىرىم سەل چۇۋالچاق بولىشى مۇمكىن ، ھەممىسى كۆڭۈل سۆزلىرىم.
ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبى مۇنبىرىدىن باتۇر ئابلەت
ugyaxliri.com/bbs
2014-يىلى 11- ئاينىڭ 12-كۈنى
شەندۇڭ
بۇ كونا تېمامنى ، ئۇيغۇرلار كۆرەلمەس بولغاچقا تەرەققى قىلالمىدۇق دېگۈچىلەرگە يەنە بىر قېتىم تەقدىم ئىتەي |
|