- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1466
- نادىر
- 0
- يازما
- 155
ئۆسۈش
46.6%
|
كۈندە بىر يۇلتۇز ( 10-سان )
ئاسماننى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان چۇۋا چاتقاللارنى تونۇشتۇرۇپ بولدۇم . 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ ئەمدىكىلىرى رەسمىي ئىسمى جىسمىغا لايىق يۇلتۇزلاردۇر . يورۇقلۇقىنىڭ كۈچلۈكلۈك تەرتىپى بويىچە تىزىلىدۇ .
ئەسكەرتىش : ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا ، يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ھەر قايسسى يۇلتۇزلارنىڭ نومۇرى يورۇقلۇق كۈچىگە قاراپ α ، β ، γ ، δ ، ...... بويىچە تىزىلىدۇ .
2015-يىل 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچە
سىرىئۇس:چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى ئەلفا يۇلتۇزى .
天狼星(大犬座α),Sirius ( Canis major α )
كۆرۈنمە يورۇقلۇق دەرىجىسى ( 1.47 - ) .
كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتى : كەچ 6:16 ، سىرىئۇسنىڭ ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 23 گرادۇس ، ئورنى شەرقىي جەنۇب .
چىڭقى چۈش ۋاقتى : كەچ 8:36 ، ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 31 گرادۇس .
پېتىش ۋاقتى : ئەتىسى سەھەر 1:32 ، ئۇپۇققا پېتىش ئورنى غەربىي جەنۇب .
قوللىنىلغان ۋاقىت : شەرقىي 6- رايون ( UTC+6 ) .
دەل ماس كېلىدىغان ئورۇن : شايار ناھيىسى .
سىرىئۇس ئاسمان شارىدىكى بىزگە كۆرۈنىدىغان ئەڭ يورۇق يۇلتۇز . پۈتۈن ئاسماندىكى قۇياش ، ئاي ۋە سەككىز چوڭ سەييارىنىڭ يورۇقلۇقىنى چىقىرىۋەتكەندە ، بىزگە ئاسماندىن كېلىدىغان ئومۇمىي يورۇقلۇقنىڭ 4.5 پىرسەنتى سىرىئۇستىن كېلىدۇ . ئاسماندىكى 88 يۇلتۇز تۈركۈمىنى يورۇقلۇقى بويىچە تىزغاندا چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمى بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ ، چوڭ ئىت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يورۇقلۇقنىڭ 70 پىرسەنتى سىرىئۇسقا تەئەللۇق . سىرىئۇس بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ ، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارلىقى 8.6 نۇر يىلى كېلىدۇ ، بىر نۇر يىلى تەخمىنەن 9.5 تىرلىيون كىلومېتىر .
قەدىمكىلەر ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى يورۇقلۇقىغا قاراپ 6 دەرىجىگە ئايرىغان ، ئەڭ تۇتۇقلىرى 6-دەرىجە ، ئەڭ يورۇقلىرى 1-دەرىجە قاتارلىق ، نامدىكى 1-دەرىجىلىك يۇلتۇزلارنىڭ سانى 21 دانە ، 2-دەرىجىلىكى 46 دانە ، 3-دەرىجىلىكى 134 دانە ...... جەمئىي 6 مىڭدىن كۆپرەك . سىرىئۇس ئەشۇ 21 يۇلتۇزنىڭ بىرىنچىسىدۇر . ھازىرقى زامان ئالىملىرى يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنى قەدىمكى ئۆلچەمگە ئاساسەن ئىنچىكە ھېسابلىغان ، نەتىجىدە سىرىئۇسنىڭ يورۇقلۇقى ئەسلىدىكى 1-دەرىجە دېگەن ئۆلچەمدىن 2.47 دەرىجە يورۇق چىققان ، يەنى 1.47 - غا تەڭ .
تارىختا ئاسمان توغرىسىدا تەتقىقاتى بارلىكى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسىدە بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى بار ( ئەللىك نەچچە خىل ئىسمى باركەن ، لېكىن مەن نېمىشقا بۇ يۇلتۇزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ؟ ) . ھازىر خەلقئارادا قوللىنىلىۋاتقان بۇ ئىسمى قەدىمىي يۇناندىن كەلگەن بولۇپ گىرېك تىلىدا ئىسسىق دېگەن مەنىدە . ئەرەپ تىلىدىكى ئىسمى الشغرى بولۇپ ، سەركە دېگەن مەنىدىكەن ، بۇ يۇلتۇز قۇرئان كەرىمدىمۇ تىلغا ئېلىنغانىكەن . قازاق تىلىدىكى ئىسمى سۇمبىل بولۇپ ، ئاسماننىڭ جەلىپكارلىقى دېگەن مەنىدە ئىكەن . بۇ يۇلتۇز يەنە شىمالىي يېرىم شاردىكىلەر ئۈچۈن قىشلىق ئۈچبۇلۇڭنىڭ بىر چوققىسى . ( سىرىئۇس ، پروتسيون ، بېتېلگېيز )
سىرىئۇسنىڭ ئورنى ئاسمان ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىدا ( يەنى جەنۇبىي ئاسمان شارىغا تەۋە يۇلتۇز ) ، ئېكلىپتىكىنىڭمۇ جەنۇبىدا . شايار ناھيىسىگە ماس پاراللېل سىزىقىنى ئۆلچەم قىلغاندا بىر تۇرغۇن يۇلتۇز كۈنىدە ( بىر تۇرغۇن يۇلتۇز كۈنى 23 سائەت 56مىنۇت 4 سېكۇنتقا تەڭ ) ئۇپۇقنىڭ ئۈستىدىكى ۋاقتى 9 سائەت 55 مىنۇت . سىرىئۇس ئىككى كەررىلىك يۇلتۇز ( قوش يۇلتۇز ) . كەچلىكى جەنۇبىي ئاسمانغا قارىساق ئانچە ئېگىز بولمىغان ئورۇندا ئىنتايىن يورۇق بىر يۇلتۇزنى كۆرىمىز ، بۇ دەل سىرىئۇس . بۇ يۇلتۇزنى تېپىشقا بەلگە جىسىم كەتمەيدۇ . نېمىشقىكىن مەن بۇ يۇلتۇزغا ئامراق ، بولۇپمۇ سەھەردە كۆرۈشكە . |
|