- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1453
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
45.3%
|
2015-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچە
ئۈلكەر يۇلتۇزلار توپى : سەۋر ( تورپاق ) يۇلتۇز تۈركۈمى .
昴星团(金牛座),The pleiades ( Taurus )
كۆرۈنمە يورۇقلۇق دەرىجىسى ( 1.2 ) .
كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتى : كەچ 6:30 ، ئۈلكەرنىڭ ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 62 گرادۇس ، ئورنى غەربىي جەنۇب .
پېتىش ۋاقتى : ئەتىسى سەھەر 0:20 ، ئۇپۇققا پېتىش ئورنى غەربىي شىمال .
قوللىنىلغان ۋاقىت : شەرقىي 6- رايون ( UTC+6 ) .
تۈرك تىلى ئۈلكەر ، ئەرەب تىلى سۈرەييا ، پارس ۋە ھىندى تىلى پەرۋىن ، خەنزۇ تىلى ماۋ ، ياپون تىلى سۇبارو ، ئۇيغۇر تىلى ئۈركەي ئۈركەي ئۈركەي ئۈركەي
ئۈلكەر يۇلتۇزلار توپى رايونىمىزدا كۆرگىلى بولىدىغان ، كۆزىمىزگە ئېنىق چېلىقىدىغان يەككە نۇقتا ھېس قىلدۇرمايدىغان بىردىنبىر ئاسمان جىسمى . بۇ ئاسمان جىسمىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىكى رايونلاردا تارىختا بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان قەۋم يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى باشقا ئاسمان جىسىملىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويۇش ئىمكانىيىتىمۇ يوق . بۇ شۇنداق بىر ئاجايىپ يەككە يېگانە ھېكايە . ئەتراپىمدىكى ھەممەيلەن ئۈركەي دەيدۇ ، مەنمۇ ئەلۋەتتە شۇنىڭغا ئادەتلەنگەن . لېكىن بۇ ئىسىمنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان تۈرك تىلىدا ئىلمىي ئاتىلىشى ئۈلكەر ئىكەن . ئەلۋەتتە بۇ ئاسمان جىسمىنىڭ بىر شىركەتنىڭ نامىغا قويۇلۇپ قېلىشىنى تېخىمۇ ياقتۇرمايتتىم .
ئۈلكەر يۇلتۇزلار توپى يەنە يەتتە ئاچا سىڭىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، مېسسىر ئاسمان جىسىملىرى جەدۋىلىدە 45 نومۇرلۇق ئاسمان جىسمى ( بۇ بىر يۇلتۇز بولمىغان جىسىملار خاتىرىلەنگەن جەدىۋەل بولۇپ ، ئاساسلىق يۇلتۇز تۇمانلىقلىرى ، يۇلتۇز توپلىرى ، يۇلتۇز سېستىمىلىرى بار ) . بۇ بىر تارقاق يۇلتۇزلار توپى ( يۇلتۇزلار توپى تارقاق ۋە شارسىمان دەپ بۆلۈنىدۇ ، يىغىندى ماسسىسى چوڭراق ۋە يۇلتۇز سانى جىقراقلىرى ئۆزىنىڭ تارتىشىش كۈچى تەسىرىدە شارسىمان ھالەتكە كېلىدۇ ) . بۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارلىقى بىر قەدەر يېقىن ، يىراقراق يۇلتۇز توپلىرى كۆزىمىزگە بىر يۇلتۇز بولۇپ كۆرۈنىدۇ . بۇ توپتا 9 يۇلتۇزنى كۆز بىلەن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ .
ئۇزۇندىن بېرى كىشىلەر بۇ يۇلتۇزلارنى ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بار ھەرگىزمۇ تاسادىبىيلىقتىن بىر يۆنىلىشتە تۇرۇپ قالغان ئەمەس دەپ قاراپ كەلدى . 1767 يىلى پوپ مىچىل بۇنداق كۆپ يۇلتۇزنىڭ بىر يەرگە توپلىشىپ قېلىشىنىڭ نىسبىتى 500 مىڭدىن بىر ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان ، شۇڭا ئۈلكەر ۋە باشقا يۇلتۇز توپلىرىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۆرئارا فىزىكىلىق مۇناسىۋىتى بار دېگەن يەكۈنگە كەلگەن . ئالەمدىكى ئارلىقلارنى ئۆلچەشتە ئۈلكەرنىڭ ئارلىقى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆتكەل ، چۈنكى ئۇ بىزگە ئىنتايىن يېقىن بولغان يۇلتۇزلار توپى ، ھەم ئۆلچەش ئاسان بولغان ئاسمان جىسمى . ئۈلكەرنىڭ بىز بىلەن بولغان ئەڭ ئېنىق ئارلىقى 444 يورۇقلۇق يىلى .
ئۈلكەرنىڭ دېئامېتىرى 8 يورۇقلۇق يىلى ، تەسىر رايونى 43 يورۇقلۇق يىلى ، ئۈلكەرنىڭ ئومۇمىي ماسسىسى تەخمىنەن قۇياشنىڭ 800 ھەسسىسىگە تەڭ . ئۈلكەردە ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ 8 پىرسەنتىگە يەتمەيدىغان سۆسۈن پەتەك يۇلتۇزلار ئومۇمىي يۇلتۇز سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ ، بۇنداق يۇلتۇزلارنىڭ ماسسىسى يېتەرلىك يادرو رېئاكسىيىسى يۈز بېرىپ نورمال يۇلتۇزغا ئايلىنىشقا يەتمەيدۇ . ئۈلكەردىكى ئەڭ يورۇق يەتتە يۇلتۇز يۇنان ئەپسانىسىدىكى پۇلىيادىسنىڭ يەتتە ئاچا سىڭلىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا مايا ، تايگېت ، ئېلىكترا ، ئالكىيون ، سىتېروپ ، كىلاينو ۋە مېروپىلاردۇر ، ئۇلارنىڭ دادىسى دەل ئاسمان ئىلاھى ئاتلاس شۇ .
ئۈلكەر يۇلتۇزلار توپىنىڭ ئەزاسى 540 ئەتراپىدا بولۇپ ، بۇ بىر ياش ھەم ھەركەتچان يۇلتۇزلار توپى . بۇ توپ كۆك رەڭلىك يۇقىرى تېمپۇراتۇرىلىق يۇلتۇزلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، شەكىللەنگىلى تېخى 100 مىليون يىلمۇ بولمىدى . ئاسترونوملار بۇ توپنىڭ يەنە 250 مىليون يىل ئەتراپىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە ، ئۇنىڭدىن كېيىن سامايولى سېستىمىسىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن پارچىلىنىپ ، ئەتراپتىكى بوشلۇققا تارقىلىپ كېتىدۇ . ئۈلكەر يۇلتۇزلار توپى قىش پەسلىدىكى دىققەتنى ئالاھىدە تارتىدىغان ئاسمان جىسمى بولۇپ ، قەدىمدىن ھازىرغىچە بارلىق مەدەنىيەتتە بۇ جىسىم توغرىسىدا خاتىرىلەر بار .
ياپونىيە تارىخىدا ئۈلكەرنى بىر خىل زىننەت بۇيۇمىنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغان ، شۇڭا بەزى ياپونچە ناخشىلاردا ئۈلكەرنى تىلغا ئالىدۇ . ياپونىيەنىڭ ھاۋايدىكى بىر تېلېسكوپىنىڭ ئىسمىمۇ سۇبارو ( ئۈلكەر ) ، فۇجى ئېغىر سانائەت ساھەسىدىكى بىر ئاپتوموبىلنىڭ ماركىسىمۇ سۇبارو . بەزى ھېكايىلەردىمۇ ئۈلكەردە يەنە بىر خىل ئىنسانلار بار ، شۇلارنىڭ ھەم بىزنىڭ كېلىش مەنبەيىمىز ئوخشاشلا لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى دەپ قارايدۇ . بۇنى تېپىش ئۇسۇلىنى سۆزلىمىسەممۇ مېنىڭچە دىققەت قىلىپ باقمىغان ئادەم يوق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈلكەر ئاساسەن ئېكلىپتىكا سىزىقىدا بولغاچقا ، قۇياشنىڭ ئۈلكەرگە يېقىنلىشىش ، ئاينىڭ ئۈلكەرنى توسۇۋېلىش ھادىسىلىرىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ .
تەرىقەت يازمىلىرىدا ئۈلكەردىن كەلگەن بەش نەپەر ئەۋلىيا كۇڭزىغا ۋەھيى كەلتۈرگەن دەپ خاتىرىلەنگەن . بىر قىسىم يۇنان ئاسترونوملىرى ئىلگىرى ئۈلكەرنى ئايرىم بىر يۇلتۇز تۈركۈمى قاتارىدا قارىغان ھەمدە خىشىئۇد ۋە ھومېرنىڭ ئىللىيادا ۋە ئودېسا ناملىق داستانلىرىدا تىلغا ئېلىنغان . ئۈلكەر ئىنجىلدا ئۈچ قېتىم تىلغا ئېلىنغان . ھىندى رىۋايەتلىرىدە كىرىتتىكا ( ئۈلكەر ) ئۈرۈش ئىلاھىنىڭ ئالتە ئانىسى بولۇپ ، شۇڭا ئۇرۇش ئىلاھىنىڭ ئالتە خىل قىياپىتى باركەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان ئالىملىرى سۈرەييانى ( ئۈلكەرنى ) قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان نەجىم شۇ دەپ قارايدۇ . ئۈلكەرگە يېقىن يۆنىلىشتىكى سەۋرمۇ ( تارقاق يۇلتۇزلار توپى ) بىزگە ئۈلكەردىن يېقىنراق ، لېكىن دىققىتىمىزنى تارتمايدۇ . |
|