- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1466
- نادىر
- 0
- يازما
- 155
ئۆسۈش
46.6%
|
كۈندە بىر يۇلتۇز ( 14-سان )
2015-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچە
ۋېگا ( توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى ) : لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى ئەلفا يۇلتۇزى .
织女星(天琴座α),Vega ( Lyra α )
كۆرۈنمە يورۇقلۇق دەرىجىسى ( 0.00 ) .
كۆتۈرۈلۈش ۋاقتى : كەچ 11 ،ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈش ئورنى شەرقىي شىمال .
كۈن چىقىش ۋاقتى : ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن 7 ، ۋېگانىڭ ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 75 گرادۇس ، ئورنى شەرق .
قوللىنىلغان ۋاقىت : شەرقىي 6- رايون ( UTC+6 ) .
توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى ئاسترونومىيە تارىخىدا سەل ئالاھىدىرەك ئورۇن تۇتىدۇ . يېقىنقى زامان ئاسترونومىيىسى يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى قايتا بېكىتكەندە مۇشۇ يۇلتۇزنى نۆلىنچى دەرىجە دەپ ئۆلچەم قىلغان . ئاسترونوملارنىڭ بۇ يۇلتۇزغا نىسبەتەن تەتقىقاتى ئىنتايىن كۆپ ( قۇياشتىن قالسىلا ) ، بۇ يۇلتۇز مىلادىدىن بۇرۇنقى 12000-يىللىرى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىلىق ئورنىدا ئىدى ، 14000 يىلدىن كېيىن قايتا شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى بولىدۇ . بۇ يۇلتۇز قۇياشتىن قالسىلا تۇنجى بولۇپ ئىنسانلار تەرىپىدىن سۇرەتكە تارتىلغان يۇلتۇز ( 1840.7.17 ) ، شۇنداقلا قۇياشتىن قالسىلا تۇنجى بولۇپ فوتو سىپىكتېرى خاتىرىلەنگەن يۇلتۇز ( 1872.8 ) .
توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنى تېپىش ئۇسۇلى : ئەتىگەن سائەت تۆتيېرىملار بىلەن شەرق ئاسمىنىغا قارىسىڭىز ئۈچ دانە يورۇق يۇلتۇز بار ( ئاتالمىش يازلىق ئۈچبۇلۇڭ ) ، سەل ئېگىزرەكتىكى بىرسى ئەڭ يورۇق بولۇپ ، دەل توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى شۇ . ( قالغان ئىككىسى ، جەنۇپ تەرەپ ئاستىدىكى يورۇقراقى بۈركۈت يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى پادىچى يىگىت يۇلتۇزى ، شىمال تەرەپ ئاستىدىكى ئاجىزراقى ئاققۇ يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى دېنېب ) . بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى ئەرەپچىدىن كىرگەن بولۇپ ، مەنىسى چۈشۈش ياكى قونۇش بولىدىكەن . ئىلگىرى پولۇنېزىيىلىكلەر ئۈچۈن بۇ يۇلتۇز يېڭى يىلنىڭ كىرگىنىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ ، كېيىن بۇ ۋەكىللىك ئورۇننى ئۈلكەر يۇلتۇزلار توپى ئالغان ( ھېلقى يەتتە ئاچا سىڭىل دېيىلىدىغان غۇژمەك يۇلتۇز دەل ئۈلكەر يۇلتۇزلار توپى ، ئەرەپچە ئىسمى سۈرەييا يۇلتۇزلار توپى ) . ئاسسۇرىيەلىكلەر توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنى جەننەت قازىسى دەپ ئاتىغان ، ئاككاد تىلىدا جەننەت گۈلى دەپ ئاتالغان ، بابىلون ئاسترونومىيىسىدە بۇ يۇلتۇز نۇر ئەلچىسى يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرى بولغان ، قەدىمىي گىرېكلار ئۈچۈن لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى ئورفيۇسنىڭ قالۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ ، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى قالۇننىڭ دەستىسىكەن ، رىم ئىمپېرىيىسىدە كۈزنىڭ باشلىنىشى توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىنىڭ كۆتۈرۈلىشىنى بەلگە قىلىدىكەن ، جۇڭگو رىۋايەتلىرىنى دېمىسەممۇ ھەممەيلەنگە تونۇش ، شامان دىنىدا بۇ يۇلتۇز بويسۇندۇرغۇچى ئىلاھ بىلەن بىللە تەسۋىرلىنىدىكەن ، ھىندىستان رىۋايەتلىرىدە بۇ يۇلتۇز ئابخىجىت دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئاسماننى ئۈلكەردىن تالاشقۇچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ ، قەدىمكى زاماندا كىشىلەر بۇ يۇلتۇزنى سىگانلارنىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلاپ ، ئۇنى زەيتۇن تېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىكەن . 1971 يىلى شۆفۇلەن ۋېگا دېگەن ئىسىمنى ماشىنا ماركىسى قىلىپ ئىشلەتكەن ، بۇ ماشىنا ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىلگەن تۇنجى يۇلتۇز ئىسمى ھېسابلىنىدۇ . ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ چىققان توشۇغۇچى راكېتا ۋە لوكھىد شىركىتى ئىشلەپچىقارغان لوكھىد ۋېگا ، شۇنداقلا ئەنگىلىيە پىنگىۋىن قەھۋە كۇلۇبىنىڭ ناخشىسىمۇ ۋېگا دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان .
ئۇ يەنە بىرىنچى تۈركۈمدىكى كۆرۈنمە دېئامېتىرى ئارقىلىق ئارلىقى پەرەز قىلىنغان يۇلتۇزنىڭ بىرى . 1943 يىلدىن باشلاپ بۇ يۇلتۇزنىڭ فوتو سىپىكتېرى يۇلتۇزلارنى تۈرگە ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىنغان . ئاسترونوملار 1979 - يىلى ئامېرىكا ئاق قۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەيدانى ئېففىكتىلىق ئېكىس نۇرى تېلېسكوپىدا تۇنجى قېتىم يۇلتۇزلار تارقاتقان ئېكىس نۇرىنى بايقىغان ( يەنى توقۇمىچى قىز يۇلتۇزىدىن ) . بۇ يۇلتۇزنىڭ تۇمانلىق دىسكىسى تۇنجى بولۇپ بايقالغان يۇلتۇز تۇمانلىق دىسكىسى ھېسابلىنىدۇ ( 1983 ) . بۇ يۇلتۇز ئاسمان ئېكۋاتورىنىڭ شىمالىدا ، ئېكلىپتىكىنىڭ شىمالىدا ، بىر كۈندىكى ئۇپۇقتىن ئېگىز ۋاقتى 18 سائەت . |
|