- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2073
- نادىر
- 0
- يازما
- 216
ئۆسۈش
2.43%
|
كۈندە بىر يۇلتۇز ( 25-سان )
2015-يىل 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچە
سىپىكا : سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى ئەلفا يۇلتۇزى .
角宿一(室女座α,也称处女座),Spica ( Virgo α )
كۆرۈنمە يورۇقلۇق دەرىجىسى ( 1.04 ) .
كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتى : كەچ 6:34 .
چىقىش ۋاقتى : كەچ 8:51 ، ئورنى شەرق .
چىڭقى چۈش ۋاقتى : ئەتىسى سەھەر 2:12 ، سىپىكىنىڭ ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 37 گرادۇس .
كۈن چىقىش ۋاقتى : ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن 6:40 ، سىپىكىنىڭ ئۇپۇقتىن ئېگىزلىكى 8 گرادۇس ، ئورنى غەرب .
قوللىنىلغان ۋاقىت : شەرقىي 6- رايون ( UTC+6 ) .
سىپىكا ئاسماندىكى ئون ئالتىنچى يورۇق يۇلتۇز . بۇ پەسىلدە سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمى بىلەن قۇياشنىڭ ئورنى ئۆز ئارا تەتۈر قەدەملىك بوپقالغاچقا ( قۇياش غەربكە ئولتۇرۇشىگە ئەگىشىپ سۇنبۇلە شەرقتىن چىقىدۇ ، سۇنبۇلەنىڭ غەربكە ئولتۇرۇشى بىلەنلا قۇياش شەرقتىن چىقىدۇ ، بۇنىڭ دەل ئەكىسچە ھازىر ھوت ، يەنى قوش بېلىق يۇلتۇز تۈركۈمى قۇياش بىلەن ماس قەدەمدىلا يۈرىدۇ ، قۇياش بىلەن تەڭ چىقىدۇ ، قۇياش بىلەن تەڭ ئولتۇرىدۇ ، شۇڭا ھازىرقى پەسىلدە ھوت يۇلتۇز تۈركۈمىنى كۆزىتىش مۇمكىن ئەمەس ) بۇنى ئالدىنقى يېرىم كېچىگە ياكى كېيىنكى يېرىم كېچىگە تەۋە قىلالماي ، كۈن ئولتۇرغاندىن تارتىپ كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىتنىڭ ھەممىنى يېزىپ سالدىم .
سىپىكا بىرىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزنىڭ ئىچىدە ئەڭ يالغۇز تۇرۇپ قالغان بىرى بولۇپ يەككە يېگانىلا چاقناپ تۇرىدۇ ، يېقىن ئەتراپىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك يۇلتۇزمۇ تۈزۈك يوق ( سەل شىمالدىكى ئاركتۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) . سىپىكىنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارلىقى 260 يورۇقلۇق يىلى . قەدىمىي يۇنان ئاسترونومى ھىپپاكيۇس سىپىكىنىڭ ئاسماندىكى يۆتكىلىشىگە ئاساسەن پرېتسېسسىيە ھەركىتىنى بايقىغان ( پرېتسېسسىيە ھەركىتى دېگىنىمىز يەر ئوقىنىڭ يۆنىلىش ئۆزگىرىش ھەركىتىدۇر ، بۇ ھەرىكەت ئىنتايىن ئاستا بولۇپ تەخمىنەن 26 مىڭ يىلدا بىر دەۋر ئايلىنىدۇ ، بۇ خۇددى بىز قامچىدا ئوينايدىغان نۇرنىڭ ئايلانغىنىغا ئوخشايدۇ ، مۇنداق ئىككى ئۇقۇم بار ، بىرى ئېكلىپتىكا قۇتۇبى ، بۇ ئۆزگەرمەيدۇ ، چۈنكى يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش تەكشىلىكىنىڭ ئاسمان شارىغا نىسبەتەن يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ ، شىمالىي ئېكلىپتىكا قۇتۇبى ئەجدىھا يۇلتۇز تۈركۈمى يۆنىلىشتە ، يەنە بىر ئۇقۇم ئاسمان قۇتۇبى ، بۇ بايا دېگەندەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ، شىمالىي ئاسمان قۇتۇبىنىڭ ئاسمان شارىدىكى يولىنى سىزساق بۇ بىر چەمبەر بولىدۇ ، بۇ چەمبەرنىڭ مەركىزى دەل شىمالىي ئېكلىپتىلا قۇتۇبى بىلەن ئۈستمۇ ئۈست چۈشىدۇ ، بۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ ئاسمان شارىدىكى شار يۈزى ئارلىقى 23 يېرىم گرادۇس ، بۇ قىممەتمۇ ئەلۋەتتە ئۆزگەرمەيدۇ ، كۈن تۈن توختاش كۈنىدە قۇياشنىڭ 23 يېرىم گرادۇسلۇق پاراللېلغا تىك چۈشۈشى ، يەنى تروپىك سىزىقلىرىنىڭ ئېكۋاتور بىلەن 23 يېرىم گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ . شىمالىي ئاسمان قۇتۇبى بۇ چەمبەرنى بويلاپ 26 مىڭ يىلدا شىمالىي ئېكلىپتىكا قۇتۇبىنى ئايلانغانلىقتىن شىمالى قۇتۇپنى كۆرسىتىدىغان يۆنىلىشمۇ مۇشۇ چەمبەرنى بويلاپ ئايلىنىدۇ ، شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى ، توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى قاتارلىقلار مۇشۇ چەمبەر سىزىقىغا يېقىن يورۇق يۇلتۇزلاردۇر ، يېقىنقى بىرەر مىڭ يىلدا شىمالىي ئاسمان قۇتۇبى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزىنىڭ يېنىدىن ئۆتىۋاتىدۇ ، بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى شۇڭا شۇنداق ئاتىلىپ قالغان . ) .
مىسىرنىڭ دىبىس شەھىرىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3200-يىلى ئايال ئىلاھ خاسۇر ئۈچۈن سېلىنغان ، سىپىكا يۆنىلىش قىلىنغان ئىبادەتخانا بار ، بۇ يۆنىلىش ھازىر سىپىكىنى كۆرسىتەلمەيدۇ ، يەنە 21 مىڭ يىللاردىن كېيىن ئاندىن سىپىكا يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدۇ . پولشا ئاسترونومى كوپېرنىك ئۆزى ياسىغان ئەسۋاپتا سىپىكىنى كۆپ قېتىم كۆزىتىش ئېلىپ بارغان ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىق پرېتسېسسىيە ھەركىتىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن . سىپىكا بىزگە ئەڭ يېقىن چوڭ ماسسىلىق قوش يۇلتۇز بولغانلىقتىن ئالىملار بۇ يۇلتۇز بىلەن جىق ھەپىلىشىدۇ . سىپىكا ئىككى كەررىلىك يۇلتۇز ، ئىككى يۇلتۇزنىڭ ئارلىقى ئاران 18 مىليون كىلومېتىر ، بىر بىرىنى ئايلىنىش دەۋرى 4 كۈندىن جىقراق .
سىپىكىنىڭ ئاساسى يۇلتۇزىنىڭ ئېغىرلىقى قۇياشنىڭ 10 ھەسسىسى ، چوڭلۇقى قۇياشنىڭ 350 ھەسسىسى ، ھەمراھ يۇلتۇزىنىڭ ئېغىرلىقى قۇياشنىڭ 7 ھەسسىسى ، چوڭلۇقى قۇياشنىڭ 47 ھەسسىسى . سىپىكا ئاسمان ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇبىدا . بۇ يۇلتۇزمۇ ئېكلىپتىكا سىزىقىغا يېقىن بولۇپ ئاران 4 گرادۇس كېلىدۇ ، شۇڭا ئاي ۋە باشقا پلانېتلارنىڭ سىپىكىنى توسۇۋېلىش ھادىسىلىرىمۇ يۈر بېرىپ تۇرىدۇ . سىپىكىنىڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق پلانېت تەرىپىدىن توسۇلۇش ھادىسىسى 1783 يىلى 11 ئاينىڭ 10 كۈنى يۈز بەرگەن ، توسقۇچى پلانېت ۋېنېرا ، كېيىنكى قېتىملىق توسۇلۇش ھادىسىسى 2197 يىلى 9 ئاينىڭ 2 كۈنى يۈز بېرىدۇ ، بۇ قېتىمقىدا توسقۇچى يەنىلا ۋېنېرا .
كۈز پەسلى قۇياش سۇنبۇلە يۇلتۇز تۈركۈمىدىن ئۆتىدۇ ، بۇ ھال سىپىكىنىڭ مول ھوسۇلنىڭ سىمۋولى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ، سىپىكىنىڭ ئىسمى لاتىنچىدىن كەلگەن ( سىپىكا ۋىرگىنىس ) بولۇپ ، قىزنىڭ قولىدىكى باشاق دېگەن مەنىدە . ئوتتۇرا ئەسىردە سىپىكا سىگان يۇلتۇزلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان . سىپىكىنى تېپىش ئۇسۇلى : سەھەر سائەت تۆتلەردە غەربىي جەنۇبتا بىرى ئېگىزدە بىرى پەستە ئىككى يۇلتۇز بار ، ئۇستىدىكى يورۇقراقى ئاركتۇر ، پەستىكىسى دەل سىپىكا ، ياكى بولمىغاندا كەچ سائەت ئونلاردا شەرقىي جەنۇب تەرەپتە يورۇقراق بىر يۇلتۇز بار ، سىپىكا دەل ئۆزى . بۇ يۇلتۇزغا نىسبەتەن مېنىڭ ھېسىياتىم مۇرەككەپراق .
تىرناق ئىچىدىكىنى پۈتۈنلەي ئۆزۈم يازغان ، خاتالىق يوق دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن . |
|