- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1547
- نادىر
- 0
- يازما
- 88
ئۆسۈش
54.7%
|
جەمئىيەتنىڭ كېسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق تاپىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مەركىزىدە ئىقتىساد ياتىدۇ.ئىقتىسادى پۇرسەتكە تولغان جەمئىيەتتە توغرا ئىدىيەگە ئىگە بولمايدىكەنمىز شاللىنىش دېگەن كەلىمە گەجگىمىزگە مىنىدۇ.
ماقالىنىڭ بۇ يەرىدە ئاجايىپ بىر «ئىلغار ئىدىيە» ياتىدۇ. يەنى ياخشى-يامانلىق،ھالال-ھاراملىقنىڭ ئورنىغا پايدا-زىياننى دەسسىتىشتەك «ئىلغارلىق» ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئىقتىسادنى ئەڭ مۇھىم كۆرۈش ئىدىيەسىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. دىنىي ئەخلاق تېرمىنىلىرىمىزنى قاتلاپ قويۇپ تۇرۇپ، بىزنى «ئەمەلىيەتچان»«ئىلغار ئىدىيەلىك» بولۇشقا، ئىقتىساد يوللىرىمىزنى تۈرلەندۇرۇشكە يول كۆرسىتىپ ئۆتۈپتۇ،
يۇقارقى پىكىرىڭىزگە ئورتاقلىشالمىدىم. دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ يادروسى ئەخلاق بولغاچقا «جەمىيەتنىڭ مەركىزى ئەخلاق» دىگەن قاراش شەكىللەنگەن. لىكىن جەمىيەت ئىقدىساد ئارقىلىق تەرەققى قىلىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ، ئەخلاق ئىقدىسادىي تەرەققىيات جەريانىدىكى نازارەت قۇرالى. پايدا-زىيان مەنپەئەت مۇناسىۋىت ھەرقانداق جەمىيەتتە تەبىئي قانۇنىيەت سۈپىتىدە راۋاجلىنىپ بارىدۇ، بۇنىڭ ھالال-ھارام بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بولسۇن؟ بەك سەزگۈر بولۇپ كىتىپ بارامسىز قانداق؟
2. تىما ئىگىسى ھىچكىمگە ئۆزىنىڭ ئىددىيسىنى زورلىغىنى يوق، پەقەت ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ خالاس، قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق ئوقۇرمەننىڭ ئەركىنلىكى. بىرسى تىما يازسا« ئۆزىنىڭ ئىددىيسىنى زورلاپ تاڭماقچى»دىسەك كىممۇ بۇ توربەتتە بىرنەرسە يىزىشقا پىتىنالىسۇ؟
3.«دىمەكچى بولغىنىم، خاتا ئىدىيە پۈتۈنلەي خاتا بولغانلىقتىن ئازدۇرمايدۇ، بەلكى ئارىسىغا توغرا پىكىرلەرنى مۇجەسسىگەنلىكى ئۈچۈن ئالدايدۇ.»
ياراتقۇچى شۇڭلاشقا ئەقىلنى ئىنسانغا بەرگەنكى «ياماندىن ياخشىنى ئايرىسۇن، ھارامدىن ھالانى ئايرىسۇن، يامان سۆلەردىن ياخشىنى پەرق ئەتسۇن، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن يورۇق تاپسۇن، تەپەككۇرۇ قىلسۇن....» دەپ، شۇنداق ئىكەن ئوقۇرمەنلەر ئەقلى بىلەن پايدىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ پايدىسىزلىرىنى چىقىرىپ تاشلىيالايدۇ دەپ قارىدىم. خاتا پىكىرلەر يالغۇر ئۇمۇن بۇرادەرنىڭ تىمىسىدا ساقلانغىنى يوق، داڭلىق مۇتەپەككۇلارنىڭمۇ كىتاب-ماقالىلىرىدىمۇ ساقلىنىدۇ، دىننى ئالىملارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
ئۇمۇن بۇرادەرگە ئوخشاش ياشلار ئويۇن-تاماشا، يەپ-ئىچىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزسىمۇ ئۆتكىزىدۇ ، ئەمدى تورغا مىللىتى ئۈچۈن ئىككىلەك قەلەم تەۋرەتسە زەربە بىرىپ قوغلىۋەتسەك يەنە كىممۇ بىرنەرسە يىزىشقا پىتىنىدۇ؟ خاتا جايلىرى بولسا كۆرسۈتۈپ بەرسەك تۈزىتىۋالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئىلگىركى يازمىلىرىغا قارىغاندا ياخشىلىنىشلار كۆپ بولىۋاتىدۇ، ئادەم دىگەن ماناشۇنداق ئاز-ئازدىن يىتەرسزلىكلىرىنى تۈزىتىپ ماڭىدىغان گەپ. |
|