- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2380
- نادىر
- 0
- يازما
- 239
ئۆسۈش
12.67%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-15 04:12
mustafaoguz يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 02:13
بۇرادىرىم دىگەن كەلىمىڭىز ئالگو1991 قىرىندىشىمىزنىڭ ئى ...
دەرۋەقە سىز دەۋاتقان ئىلغار ئىدىيە دەل پوسىتىۋىزىم. پوزىتىۋىزىملىق نۇقتىسىدىن ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى
دىنشۇناسلىق باسقۇچى،
مېتافىزىكىلىق باسقۇچ،
ئاكتىپ باسقۇچ لاردىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچتىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇ باسقۇچلاردىن مېتافىزىكا باسقۇچىغا كەلگەندە دىن ئېتىراپ قىلىنماستىن ئىلاھنىڭ ئورنىنى سۇبىكتىپ يەنى مەۋھۈم بولغان نەرسىلەر ئىگەللىشى كېرەك. ئۈچىنچى باسقۇچ يەنى ئاكتىپ باسقۇچتا ئىنسانلار ئەشۇ مىتافىزىكىدىكى ئىلاھنىڭ يوقلۇغىنى ئىلمىي ياكى پەننىي ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىشى كېرەك. ئەمما بۇ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە دۇنيادا ھېچكىم ئىسپاتلاپ باقمىغان ھەم ئىسپاتلىيالمايدىغان مەسىلە. شۇڭا مېنىڭ كۆز قارىشىمدا پوزىتىۋىزىم بىر نەزەرىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخى تولۇق ئىسپاتلانمىغان، تەسىر دائىرىسى مەلۇم توپنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەلىك قاراش دەپ بىلىمەن. ئەلۋەتتە ئۇمۇن ئەپەندىنىڭ بۇ نەزەرىيەسىنى شەخسەن مەنمۇ قوبۇل قىلمايمەن. ئەمەلىيەتتە ئىتنىڭ تىلىدەك ئۇزۇن قىلىپ قوللايدىغىنىم توغرىسىدا ئىنكاس يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جەمىيىتىمىزگە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماس كەلگۈدەك دەپ قارىغان كۆز قارىشىمنى شەرھىلىگەن بولدۇم. ئۇمۇن ئەپەندى مەن ئىنكاس يېزىۋاتقان تېمىلىرىدىن ئالدىنقىسىدا جەمىيىتىمىزگە ھەمجىنىسلىقلارنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلدۇرغىسى كەلدى. ئەمما كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچرىغىنىدىن كىيىن، يەنە بىر نورمال تېمىنى مۇنبەرگە سۇندى. ئۇنىڭغا كۆپچىلىگەن تورداشلار ئىجابىي باھالارنى بەرگەن بولدى. بۇ تېمىسىدا سىز دىگەندەك چىرايلىق نىقاپلارغا ئوراپ تۇرۇپ پوزىتىۋىزىمنى تەرغىپ قىلىپ كەپتۇ. مەن ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى، قانداق مەخسەتتە بازىرىمىزغا ئېلىپ كىرىدىغىنىنى كۆرۈپ باقماقچى ئىدىم. شۇڭا ئالايىتەن تورداشلارنىڭ مۇشۇ تېمىغا قالايمىقان ئىنكاسلارنى يازماي ساغلام، ئەدەپلىك ئىنكاس يېزىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم ھەم شۇنىڭ كويىدا بولۇپ كەلگەن . بەزى ئۆتكۈررەك ئىنكاسلارغا رەندە سېلىپ دىگەندەك، كۆرۈپ باقاتتۇق. ئەپسۇس بۇ پەردىنى ئويلىمىغان يەدىن يىرتىپ تاشلىدىڭىز.
شۇنداقمۇ ئۇمۇن ئەپەندى؟ سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە قايسى دىن مۇرىتى ھىساپلىنىسىز؟ شۇنى سوراپ باققۇم كەلدى. يەنە قانداق يېڭىلىقلارنى جەمىيىتىمىزگە سۇنۇشنى پىلانلاۋاتىسىز؟ قارىسام پىكىرلىرىڭىز خېلى ئوچۇق راۋاندەك قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ماڭا قارىغاندا. سىز ئوچۇق پىكىرىڭىزنى ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا توغرىلاپ ساغلام پىكىر يۈرگۈزسىڭىزمۇ بولاتتى. مەن يەنىلا شۇ يولنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. |
|