قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: umun

پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

56

تېما

3

دوست

8971

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   79.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  724
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1837
تۆھپە : 1502
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   diwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 13:35  
isimtugaptu يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 11:58
ئىددىيە ئەركىنلىكى شۇنچىلىكى مۇھىم بولغان بولسا نېمىش ...


يېڭى ئىدىيە دىگىنىنى چۈشەنمىدىڭىز ھە قاچان .مەن بەك قوللايمەن بۇ يېڭى ئىدىيەنى ،زادى ئاشۇ يېڭى ئىدىيە بىلەن ماڭساق 30يىلغا قالماي ئۈنىمىنى كۆرۈپ،باي باياشات ياشاپكېتىشىمىزدە گەپ يوق .بۇ يېڭى ئىدىيە بولسا كەنتتە پىۋا ئىچىش مۇساپىقىسى قىلىش ،مويسىپىتلار نازارەتچى بولۇش،يىپەك يولى ساداسى،ناۋا،دىگەندەك سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇش ،قىسقىسى ئەرەبىي ،ئىسلامى مەدەنىيەتنى سۇسلاشتۇرۇش ..ئۆزىمىزنىڭ بەخىت قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ،سوستىيالىستىك قىممەت قارىشى بويىچە قايتا بەخىت قارىشى تىكلەش ،يىمەك ئىچمەكتە بەك ھالال ھارام ئارماسلىق،كىيىم كىچەكتە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش .......................مانا بۇلار ئىلغار ئىدىيىلەر .
يەنە ئىدىلوگىيەدە خەلقارا ئاساسىي ئېقىمغا ئەگىشىش،ئىسلامىي ئىدىلوگىيە سېستىمىسىدىن ئاستا ئاستا ۋاز كېچىش ،ئىشتېرىماي خەلقارا ئىقتىسادىي ئەندىزىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىك توسالغۇ بولماسلىق.ئەگەر توختىماي ئىش تېرىپ توسالغۇ بولساق ،ھېچكىم بىزگە ھىسداشلىق قىلمايدۇ ،توسالغۇ بولغاندىن ماسلاشقان ،مۇرەسسەلەشكەن ياخشى .ماددىي ۋە مەنىۋى مەنىۋى مەنپەئەت ئۈچۈن ئىسلامى ئەخلاقى چەكلىمىلەرنى تەدرىجى سۈپۈرۈپ تاشلاش ..
ۋەھشى تەرەققىي قىلىپ كېتىشىمىزدە گەپ يوق ..تىرىشايلى ..ياشىسۇن ئۇمۇن .

4

تېما

5

دوست

4427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14556
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 1271
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13184
توردىكى ۋاقتى: 6521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىدىيەنىڭ ئورنى ھەممىدىن موھىملىغىنى نۇرغۇن مۇتەپەككۆرلەر تەكىتلەشكەن.پاكىتمۇ شۇنداق.ياخشى تېما ئىكەن.مەدەنيەت تارىخى ئالدى بىلەن ئىدىيە تارىخىدۇر.

0

تېما

0

دوست

850

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16910
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئىدىيە دىگىنىنى چۈشەنمىدىڭىز ھە قاچان .مەن بەك قوللايمەن بۇ يېڭى ئىدىيەنى

ياخشى ئىنكاس ئەگەشتىم

7

تېما

4

دوست

2346

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمۇن ئەپەندى يەنە بىر ياخشى تېمىنى ئېلىپ كەپتۇ. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. سىز دەۋاتقان ئىلغار ئىدىيە ھەقىقەتەن ئۇيغۇرغا كېرەك. ئەمما بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بېكىنمە ھالەتتە، ساغلام بولمىغان، بۇرمىلانغان دىنىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە نۇرغۇن قان تۆكۈلۈشلەر نەتىجىدە مەجبۇرىي باغلانغانمىز. ئەلۋەتتە بىز ۋە مېنىڭ زامانداشلىرىم ئەمەس، ئەجدادلىرىمىز شۇ قىسمەتكە بوغۇلغان. مانا بۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل بىزگە شانلىق مەدەنىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ زامانغا ماسلىشالمغانلىغى، ئىدىيىسىدە يېڭىلىنىش بولمىغانلىغى سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قارشى ئىدىيەلەرنىڭ قۇلى بولۇپ، تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكىنىنىڭ مەھسۇلى. ۋە بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن پېشانىمىزگە تامغا بولۇپ چېكىلگەن ئاچچىق ھەقىقىتى. مەن بۇنداق دىيىش ئاارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىنى قورۇندۇرماقچى ئەمەس. بۇ رېئاللىق. بۇنى توغرا كۆز قاراش بىلەن قوبۇل قىلىشىمىز كېرەككى ھەرگىزمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلماي، ياكى ۋىجدان يۈسىدىن ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمەي ئۆتكۈزىۋېتىش ساختىلىقتىنلا باشقا نەرسە ئەمەس.  خەلقىمىز دەرۋەقە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنمۇ دۇنيا ئىلىمىگە تاكى سەئىدىيەنىڭ ئاخىرىقى دەۋىرلىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا يەنى يەتتە ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا ئۆچمەس تۆپە ۋە يېڭىلىقلارنى قوشقان. بۇ بىر تەرەپتىن ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىدىنلا تەرەققىياتنى توسىدىغان دىن ئەمەسلىگىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خوجىلار ۋە سوپىلارنىڭ ئەسلىدىلا ساغلام بولغان دىنىي ئەقىدىلىرىمىزنى بۇرمىلاپ، قانلىق قىلىچ ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىۋەتكەن دوگمىلىق يەنى دەرۋىشلىك، تەركى دۇنيالىقتىن ئىبارەت خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تارىخ چاقىنىڭ خەلقىمىز بېشىدا ئۇزۇن مۇددەت تەتۈر ئايلانغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. بۇنىڭمۇ سەۋەپچىسى دەل ئۆزىمىز. ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيىتىمىزدە، ئەقەللىيسى مۇشۇ مۇنبەردە بىر - بىرىمىزنى غاجاپ بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئورتاق بىر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىغىمىزدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 15-16-يىللىرىدا دىيارىمىزغا كېلىپ، مەكتەپ قۇرۇپ يېڭى ئىدىيە سىڭدۈرۈشنى ئۆزىگە مەخسەت قىلغان، ھەممىمىزنى بىر تۈرك دەپ قاراپ بىزنىڭ ھالىمىزغا ئېچىنىپ ياردەم قولىنى سۇناي دىگىنىدە ئەنە شۇ جاھالەت قالدۇقلىرىمىزنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ، پىغانلىق ھالدا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان تاتار زىيالىيسى نۆشىرۋان يارۇشېف بىزنىڭ پىشانىمىزگە ئۆزىنىڭ «ئالتە شەھەر مەكتۇپلىرى» دىگەن ئەسىرىدە تۆۋەندىكى بەلگىلەرنى ئېچىنىش بىلەن قالدۇرۇپ كەتكەن:
  سىبىرىيە، بالقاش كۆلى، قىرغىز دالاسى، ئۇرال كۆلى، ھەزەر دېڭىزى، ئىران مەملىكىتى، ئافغانىستان، ھىدىستان، چىن مەملىكىتى ۋە موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىداش بۈيۈك بىر ئۆلكىدە بىرقانچە ئەسىرلەردىن بۇيان تۈرك ۋە موڭغۇل خەلىقلىرى ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. بۇلار قۇرغان خانلىقلار ئاسىيا قىتئەسىدە، جۈملىدىن يەر يۈزىدە بۈيۈك ئىمپىرىيىلەردىن ئىدى. ئۇلار يەر يۈزىدە مەدەنىيەت ئاساسلىرىنى قۇرۇپ، زىرائەت، تىجارەت ۋە سانائەتتە پۈتۈن دۇنيا خەلىقلىرىدىن ئۈستۈن چىققان. قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت جەھەتلەردە دۇنياغا مەشھۇر ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچىلىكنى ئالغان ياۋروپالىقلار ئۆتمۈشتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۈچ قۇدرىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئەسىر ئىدى. ھازىر بولسا شۇ ياۋروپالىقلار مەركىزىي ئاسىيادىكى ئاسارە - ئەتىقىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئۆز ئىچىدىن مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى ئەۋەتىپ تۇرماقتا ۋە شۇ يولدا مىڭلاپ ۋە مىلىيونلاپ پۇل سەرىپ قىلماقتا.
دىمەك مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئەسلى يۇرتلىرىدۇر. ئۆتمۈشتىكى تۈرك خانلىقلىرى ئۇزاق ياشىيالمىدى، مۇنقەرز بولدى. بۇ خانلىقلار ھالاك بولغان بولسىمۇ لېكىن بۇ يۇرتلارنىڭ نامى يوقالمىدى، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يوقالمايدۇ ۋە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. لېكىن بىز تۈركىي خەلىقلەردە كەچۈرگىلى بولمايدىغان بىر قۇسۇر بار. ئۇ بولسىمۇ بۇ ئۇلۇغ يۇرتقا بېغىشلانغان بىر تارىخ كىتاب يازالمىغانلىغىمىزدا. «تاتار تارىخ»،«ئوسمانلى تارىخى»، «قىرىم- كافكاز» تارىخى دەيدىغان تۈركلەرنى توپلارغا بۆلۈپ يېزىلغانلىرىدىن باشقا ئومۇمىي تۈرككە تەئەللۇق بولغان تارىخنى يوق.
..... تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئارىسىدا پارىس شېئىرىلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان بېدىل ئەپەندى بۇ ھەقتە نىمە دەيدۇ:
                       ئۆلۈكلەردىن ياردەم كۈتۈشتەك ئەخمەقلىق بولۇرمۇ؟
                       كىپەن ئوغرىسىدىن باشقا ئەدەم قەبرىدىن نېمىمۇ تاپسۇن؟
بۇخارا ۋە مەركىزىي ئاسىيا موللىلىرى بېدىل شېئىرلىرىنى ھەرقانچە سۆيۈپ ئوقۇسىمۇ، ئۇنى قۇرئان ئايىتى سۈپىتىدە كۆرۈپ مۇتائىلە قىلسىمۇ، نىمە سەۋەپتىنكى يۇقۇرقى قەبرە توغرىسىدىكى شېئىرنى كۆزى كۆرمەيدۇ. ...
.... ئاتا- بوۋىلاردىن قالغان قائىدىسىز ئادەت، بۇزۇق ئېتىقاتلارنى كۆڭۈلدىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن خېلى كبچ كېرەك...
باش ئاغرىسىمۇ قەبرىگە، كۆز ئاغرىسىمۇ قەبرىگە يۈگىرەيدۇ. بالىلىق بولساڭمۇ قەبرىگە، بالا تاپالمىساڭمۇ قەبرىگە قاترىغان، بالا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە، قازا كەلسىمۇ شۇ قەبرىگە بارغان. مەكتەپمۇ شۇ يەر، مەدرىسمۇ شۇ يەر مۇدەررىسمۇ شۇ يەر، تىۋىپمۇ شۇ يەر.
ئۆلۈكلەردىن، قەبرىلەردىن ياردەم تىلەش، ئۇنىڭدىن ئۆز ھاجەتلىرىنى سوراش چىنلىقلاردىن كەلگەن بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ ئىش چىنلىقلار ۋە موڭغۇللاردا كۈچلۈك. بۇ ئىشنى ئۆسىۋاتقان بىر تېرەككە ئوخشاتساق چىنلىقلار ئۇنىڭ تومۇرى، ئالتە شەھەرلىكلەر ئۇنىڭ ئۆزىكى، غەربىي، مەركىزىي ئاسىيالار ئۇنىڭ شېخى، تاتارلاپ يوپۇرمىغى ۋە شېخىنىڭ ئۇچى دىيىشكە لايىقتۇر.
قىسقىسى خۇراپات باتىل ئېتىقادلارغا بېرىلىشنىڭ سەۋەبى نادانلىق ۋە جاھالەت بولسا كېرەك. چىنلىقلار بىلەن مەركىزىي ئاسىيالىقلاردىكى خۇراپاتلىقتىن ۋە ئەپسانىدىن مەرىپەتپەرۋەر تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ تۆت ياشلىق بالىسىمۇ قاقاقلاپ كۈلىدۇ.
بۇلار ئادەمنىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىشلارنىمۇ قەتئىي رەۋىشتە «شۇنداق بولغان، مۇنداق بولغان» دىيىشىۋېرىدۇ....
.... ئالتە شەھەر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ. «سىز كىم بولىسىز؟» دەپ سورىسا «چەنتۇ بولىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ.
    چەنتۇ-- چىنلىقلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولۇپ، بېشىدىكى سەللىسىگە قاراپ «يۆگىمە باش» دىگەن مەنىدە شۇنداق ئاتاشقان. چىنلىقلار تۇڭگانلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارنى چەنتۇ دەپ ئاتايدۇ.
بۇ يەردە مىللىي تارىخ، ئانا تىلى ۋە مىللىي ئەدەبىيات ئوقۇتىدىغان مەكتەپ- مەدرىسىلەەر يوق، بولسىمۇ بۇخارا ئۇسلۇبىدا. مانا شۇ سەۋەپلىك ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكلىرىنى بىلمەي يۈرىشىدۇ. بۇ يەردە ئۆز ئانا تىلىدا توغرا يازالايدىغان، توغرا ئوقۇيالايدىغان، ۋە تارىخىنى بىلىدىغان بىرمۇ كىشى يوق. پەقەت كاشىغەرلىك داموللا ئابدۇقادىر ئەپەندىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
  ---- سىز كىم؟
----- ئەلھەمدۇلىللا چەنتۇ..
مانا بۇ جاھالەت دىگەن. ....
   بۇ ئەسەرنى تەپسىلىي ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىدىغان بولساق نۇرغۇن نىزالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ. مەن بۇ يەردە ئېھتىياتچانلىق بىلەن قىسقارتىپ بايان قىلدىم. بۇنىڭ سەۋەبى ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆز تارىخىمىزنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەنىگە داغ كەلتۈرىدىغان نەرسىنى ئېلىپ چىقتىڭ دەپ مېنى ھاقارەت تاغلىرىغا كۆمۈۋېتىشىڭلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئەرلىرىمىزنىڭ غۇرۇرسىز، نادان، ھورۇن، ھاراقكەش، پاھىشىۋاز، قىمارۋاز قاتارلىق ئىللەتلەرگە مۇپتىلا بولغانلىقى، ئەكسىچە ئاياللىرىمىز ئومۇمىي جەھەتتىن مەدھىيىلەنگەن. پەقەت ئايرىم تەرەپلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جاھالەت، نادانلىق، بىرىمىزنىڭ گېپىنى بىرىمىز ئىنكار قىلىدىغان، بىلىملىكنى غەيرىي، ساراڭ قاتارىغا چىقىرىدىغان دىيارىمىزدىكى سوپىلارنىڭ قالدۇق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدىندۇر. بەلكىم سوپىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ. بىراق مىللەتنى شۇلارنىڭ سېسىتقىنى ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقەت.
   ئۇمۇن ئەپەندى بىرنەچچە يازمىڭىزدا يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىسىز. توغرا بىزگە يېڭى ئىدىيە ھەقىقەتەن كېرەك. ھازىرقى ساختا گۈللىنىش ئستىگە سېلىنۋاتقان مەدەنىيەت ئاساسىمىز قۇمنىڭ ئۇستىگە بەرپا قىلىنغان قەلئەدىن ئىبارەت. ھازىرچە بىزدە بىرلىك دەيدىغان ئۇقۇمدىن ئەسەر يوق. ئۇيغۇر نامىغا  مۇناسىپ ئۇيغۇر يوق. بۇنداق ئەھۋالدا بۇنداق ئىدىيىدىن سۆز ئېچىش مېنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. مەن ھازىر بىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغىنى تىل ئۈگۈنىش. چۈنكى بىز قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئەشۇ يېڭى ئىدىيەلەر بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاساسەن يوق. يەنى ئانا تىلىمىزدىكى نەشىر بۇيۇملىرى دەمدۇق، ئۇچۇر ۋاستىلىرى دەمدۇق ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنداق مەزمۇنلاردىن مۇستەسنادۇر.
ئارتۇچ ئەپەندىنىڭ كۈچ ۋە مېھنەت سەرىپ قىلىشى بىلەن دىيارىمىزدا 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىپ بېكىتتۇق. ئەمدى يەنە بەزى ئىلغارلىرىمىز كېلەر يىلىنى كىتاب سوۋغا قىلىش يىلى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا نەتىجە ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئەھۋال بىزدىكى بىر خىل يېڭىلىق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى يېڭىلىق. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارتۇچ  ئەپەندىگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە مەنمۇ يەنە بىر مەسىلىنى ھاۋالىگە سۇنماقچى.
  كىتاب ئوقۇش ئەلۋەتتە شەخىسنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنى بېيىتىدۇ.  بۇ يەردە مەن ھىس قىلىۋاتقان كىچىككىنە بىر ب«ئەمما» مەۋجۇت.   
  بۇ بولسىمۇ دىيارىمىزدا ھازىرغا قەدەر نەشىر قىلىنىۋاتقان قىلىنغان كىتابلار ئاساسەن تۈركچىلىك دۇنياسى شۇنداقلا ئىسلامچىلىق دۇنياسى دائىرىسى ئىچىدىلا ئىدىيە چەكلىنىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردىن ئىبارەت. شۇڭا سىز دەۋاتقان يېڭىن ئىدىيەنى بىلىش ئۈچۈن بىزگە ئەڭ مۇھىم ، ئەڭ كېرەكلىك بولۇۋاتقىنى يەنىلا تىل. يەنى چەتئەل تىلى. چەتئەل تىلى بولغاندىمۇ ئىلغار ئىدىيىدىكى، بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە ئىلغار، باشلامچى ئورۇندا كېلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۈگۈنىش دەپ قارايمەن. كەڭ تورداشلار تەھلىلى يۈرگۈزۈپ كۆرسە. مەن دىمەكچى 2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش بىلەن بىرلىكتە تىل ئۈگۈنىش يىلى قىلىپ تاللاشنى تەرغىپ قىلساق. خەلقىمىزنىڭ مەرىپەتكە بولغان تەشنالىغى ھەقىقەتەن زور. ئەمما ماتىرياللارنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن، تىل جەھەتتىكى توسقۇنلۇق سەۋەبىدىن بۇ تەشنالىق قانماي كېلىۋاتىدۇ. ئېنگىلىز تىلى، رۇس تىلى، فرانسۇز ۋە نېمىس تىللىرىغا ئوخشاش دۇنيادا باشلامچى بولۇۋاتقان تىللار. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ قاتارىدا دۆۋلىتىمىزنىڭ دۆۋلەت تىلىمۇ بار. بىر تىلنى ئارتۇق بىلدى دىگەنلىك بىر كۆزىگە بىر كۆز، قەلبىگە بىر قەلىب قوشۇلدى دىگەنلىك. شۇنداق بولغاندا ھازىرقى ئەقىدىمىز تەرىپىدىنم ئويلىغاندىمۇ چەكلەنمەيدىغان، جەمىيىتىمىزدىكى قائىدە - قانۇن، دۆۋلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىمۇ چەكلىمەيدىغان، زىخمۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇلدىن ئىبارەت. قالغىنى تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۈر كۆزى بىلەن توغرا قاراپ تەھلىل قىلىپ كۆرسە. بىز مۇشۇ نىشانغا يەتكەندىلا ئاندىن سىز ئويلاۋاتقان، پىكىرىڭىزنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇۋاتقان مۇشۇ مەخسەتلەرگە ھەممىمىز ئاپتوماتىك ھالدا ئۆتىمىز. بۇنى چەتئەل تىلى بىلىدىغان زىيالىيلىرىمىز ھىس قىلىپ يېتەلەيدۇ. ھازىرچە مۇشۇنىڭدىن باشقىسى ھەممىسى قۇرۇق گەپمىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇنداق ئىدىيەلەرنى قۇرۇق گەپكە ئايلاندۇرىدىغانلىرىمىزنىڭ سانى مۇتلەق ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ.

3

تېما

0

دوست

2397

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 734
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغداشتا ئەخلەت دەپ باھالايدىغان قىستۇرما يوقكەن دىسە

0

تېما

0

دوست

352

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33694
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇمۇن يۇلداش تۇن نىسبىدە چۇشنى بەك ئۇزۇن كۇرۇپ كىتىپتۇ ئەھۋال خەتەرلىك ئۇمىلەشكە ئىمكان بۇلمىغان ئادەمنى ئات مىنىشكە كۇشكۇرتكەندەكلا

0

تېما

0

دوست

352

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33694
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلداش ئۇمۇن گەپنى تېخى ئۇچۇق قىلماپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )