قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2891|ئىنكاس: 117
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يىڭى ئىدىيە(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

17

دوست

3160

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 1012
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-13 23:50:50 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پىكىر ئەركىنلىكى ۋە يېڭى ئىدىيە

(ئۇمۇن)
   
   پەلسەپەدە زىددىيەتنىڭ  تەرەققىيات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن.زىدىيەت بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ. ئىنسانىيەت  تەرەققىياتىنىڭ مۇقەددىمىسى زىددىيەتتۇر.  .تارتىشىش ۋە مۇنازىرىدىن مۇستەسنا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش  بولمايدۇ.تارتىشىش ۋە مۇنازىرە ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىدىيە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشىشى كېرەك.
   كىشىلەر ئادەتتە نېپىز ئېكرانلىق تېلېۋىزور،ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفون قوللانغان چېغىدا مەھسۇلات كەينىدىكى تېخنىكىلىق جەريانلارنىلا ھېس قىلىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ كەينىدىكى ئىدىيە ۋە پەلسەپەۋى جەريانلارنى مۇھىم بىلمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا مەھسۇلاتتىن ئاۋۋال ئىدىيە تۇغۇلىدۇ.مەھسۇلات ئىدىيەنىڭ مەھسۇلاتىدۇر.
   چېركاۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن غەرب ئالىملىرى،مۇسۇلمان دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى ئەمەلىيەتتە ياراتقان مەھسۇلاتى تەرىپىدىن ئەمەس، ئىدىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەردۇر. ئىدىيەنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىدۇر.
   تۈرك مۇسۇلمان دۇنياسىدا ئۇلۇغبەگدەك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى ئەينى چاغدىكى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئىلمىي كىلىماتىغا باھا بېرىشىمىزگە  ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ.بىر ئاسترونومنىڭ  ئۆلۈمى پەيلاسوپلارنىڭ  مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ھالىنى تەخمىن قىلىشىمىزغا يېتىپ ئاشىدۇ.پەلسەپە تارىختىن بىرى كىشىلەرگە يول كۆرسېتىپ كەلدى.پوزىتىپ دۇنيادا پەلسەپەنىڭ كۆپىنچە ۋەزىپىلىرىنى پوزىتىپ پەنلەر ئالغان بولسىمۇ پەلسەپە يەنىلا كىشىلەرگە يول كۆرسىتىشتەك  ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغىنى يوق.
   كۆپىنچە ئىنسانلار ئەنئەنىۋىي ئەخلاق تۈزۈلمىلىرى  تەرىپىدىن قاتمۇقات زەنجىرلىۋىتىلگەن ئىدىيە ئاستىدا ياشايدۇ.كىشىلەرنىڭ بۇ خىل زەنجىرلەرنى پاچاقلاپ تاشلىۋىتىشى ئىنتايىن تەس ئىش.چۈنكى ئۇ خىل چەكلىگۈچى ئىدىيەلەر كىشىلەرنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ئورناشقا باشلىغان بولىدۇ.ئائىلىنىڭ،جەمئىيەتنىڭ ۋە مەكتەپنىڭ ئەڭ ئۇششاق ھالقىلىرىدىن  تارتىپ ئەڭ چوڭ رەسمىيەتلىرىگىچە بالىلار ئىدىيە قوبۇل قىلىدۇ.قانچە كىچىك قوبۇل قىلغان ئىدىيە شۇنچە مۇستەھكەم ساقلىنىدۇ.ھەرقانداق ئىدىيەنى بالىنىڭ كاللىسىغا مۇستەھكەملىۋىتىش قاتىللىقتۇر.
    چۈنكى ئىدىيە قانچە مۇستەھكەم ئورنىغان بولسا تەپەككۇر شۇنچە چەكلىنىدۇ.بالىغا ئىدىيەگە قارشى تەنقىدى پوزىتسىيە ۋە ئىدىيە ئىشلەپ چىقىرالايدىغان مۇستەقىللىق ئاتا قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.بالىغا ئىدىيە ئەمەس،ئىدىيەگە بولغان توغرا پوزىتسىيە سىڭدۈرۈش ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.ھەرقانداق ئىدىيەگە قارشى تەنقىدى مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىغان،جەمئىيەتتە مۇتلەق توغرا دەپ قارالغان دوگمىلار ئۈستىدىمۇ جۈرئەت بىلەن گۇمانىي مۇئامىلىدە بولالايدىغان بالىلارنى يېتىلدۈرۈش بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەشەببۇسىدۇر.بالىلىرىمىزغا يول سىزىدىغان تىتىقسىزلىقنى قويۇپ بالىللىرىمىزنى يول سىزالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىشقا كۈچەيلى.جەمئىيەتتە ئىدىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى،تەنقىدى مۇئامىلىنىڭ كۈچىيىشى،ئەقلى ئانالىزنىڭ ئومۇملىشىشى جەمئىيەتنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيەگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قايتىدىن ئىقتىسادى چەمبەرگە كىرىشى يەرلىكلەرنى پۈتمەس پۇرسەتلەرگە ھامىلىدار قىلىدۇ.ئا.مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئالدىن كۆرگىنىدەك يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر دىيارى تەرەققىياتىغا ئىجابىيلىق قوشۇش بىلەن بىرگە،يەرلىك خەلققە تۈگىمەس ئىمكانلارنى سۇنىۋاتىدۇ.پايدىلىنالايدىغانلا نەرسىنىڭ ئىجابىيلىقىدىن پايدىلىنىش دېگەن نەزەرىيە بويىچە يېڭى يىپەك يولىدىن پايدىلىنىش مىللەتكە تاللاش پۇرسىتى بېرىشى مۇمكىن.دەل مۇشۇنداق ئىقتىسادىي پۇرسەت تولۇپ تاشقان ۋەزىيەتتە مۇۋاپىق، ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.
جەمئىيەتنىڭ كېسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق  تاپىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ  مەركىزىدە ئىقتىساد ياتىدۇ.ئىقتىسادى پۇرسەتكە تولغان جەمئىيەتتە توغرا ئىدىيەگە ئىگە بولمايدىكەنمىز شاللىنىش دېگەن كەلىمە گەجگىمىزگە مىنىدۇ.
    كىشىلىرىمىزنىڭ چىرىپ ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن ئىدىيەلەرگە بولغان مۇھەببىتىگە  ھەيرانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. بىزدىكى ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان دىنى ۋە مىللىي يەكلەش ھەقىقەتەن ئېغىر، شۇنداقلا بىمەنىلەرچە.يېڭى ئىدىيەگە ئېرىشىش ياكى كىشىلەرنىڭ يېڭى ئىدىيەگە بولغان پوزىتسىيەسىنى مۆتىدىللەشتۈرۈش  دەۋرنىڭ تەقەززاسى. ئۈلپەتنىڭ ئېيتىقىنىدەك  «يېڭى ئۆي،يېڭى ئۆي سايمانلىرى ئەمما كونا ئىدىيە»بىلەن ياشاش كەلگۈسىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە ھامىلىدار قىلىدۇ.
   
يېڭى ئىدىيەلەر ۋە يېڭى ئىدىيەلەرگە بولغان گۇمانىي پوزىتسىيە تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
   نادان ئادەم قىلغان ئىشىنىڭ توغرىلىقىغا  ئىنتايىن ئىشىنىدۇ.چۈنكى ئۇ ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ سىرتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىنتايىن ئاز ئېرىشىدۇ.ئۇچۇرغا قانچە ئاز ئېرىشكەنسىرى   ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەقىقەتلىرىگە شۇنچە ئىشەنچ قىلىدۇ. كىشىلەر نەزەر دائىرىسى قانچە كىڭەيگەنسىرى،ئەتراپىدىن ھالقىپ تۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشكەنسىرى مەسىلىلەرگە سالماق ۋە گۇمانىي پوزىتسىيەدە باھا بېرەلەيدىغان بولىدۇ.«قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقا»دېگەن مىتافور ئۇچۇر بىلەن بىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.بىلىشتىن ئىدىيە شەكىللىنىدۇ. كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئادەم توغرا پوزىتسىيەنى يېتەكچى قىلسا ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىدۇ.
    ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىش توغرا پوزىتسىيە بىلەن كۆپ ئۇچۇرنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ.توغرا پوزىتسىيە بولمىسا پۈتۈن كىتابلارنى كاللىسىغا قاچىلۋالغان تەقدىردىمۇ ئىدىيەسى ئىلغارلاشمايدۇ.توغرا پوزىتسىيە بولغان تەغدىردە توغرا ۋە كۆپ ئۇچۇرغا ئىرىشمىسە تەپەككۇرى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ.
   كىشىلەر يېڭى ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشى كېرەك.بىز كۆپىنچە ھاللاردا ئۇچۇرغا ۋە ھەقىقەتكە قارشىلىشىش پوزىتسىيەسى شەكىللەندۇرىۋالىمىز.ئۇچۇر ۋە ھەقىقەت بىزنىڭ كاللىمىزدىكى قىلىپىمىزغا ئۇيغۇن بولمىسا ئۇ قانچە توغرا نەرسە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر بىزگە كۆرە سەپسەتە بولۇپ قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىز توغرا ئۇچۇر ئارقىلىق ئىدىيە ۋە پوزىتسىيە شەكىللەندۇرىشىمىز كېرەك.كۆپىنچە كىشىلەر پوزىتسىيە ئارقىلىق ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ.ئۆزىگە ۋە ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان قاراشلارنى كۆرگەن ھامان ئىنكارلاش پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ.ئۇچۇر ئىدىيەنىڭ خام ئەشياسى.توغرا ئۇچۇر بولمىسا توغرا يەكۈنگە ۋە توغرا ئىدىيەگە ئېرىشەلمەيمىز.

   قانداق ئۇسۇلدا توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز

    ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتىدا ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ،مەنبەسىنىڭ ھەقىقىيلىقى  ۋە ئۇچۇر توپلاش مېتودلىرى  ئۈستىدە ئىزدەندى.بۈگۈنكى كۈندە  ئاگۇست كونىت تەرىپىدىن كونكرېتلاشقان  پوزىتىۋىزىم نەزەرىيەسى  پوزىتىپ پەنلەردە قوللىنىدىغان ئاساسلىق ئۇچۇر توپلاش مېتودىدۇر. پوزىتىۋىزىم،تەجرىبىچىلىك،دەلىلچىلىك دېگەندەك ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى مېتودلار شەيئىلەرنى مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ ۋە رېئال قاراشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
    ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ خىيال ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى تەخمىن قىلالمايمىز.كىشىلەر كۆپىنچە ھاللاردا توغرا ۋە ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا ئۆز تەسەۋۋۇرلىرى ۋە خىيالىي پېرسوناژلىرىنى قېتىۋالىدۇ ۋە توغرا ئۇچۇرلارنى سىمۋوللاشتۇرۇش  ، تەسەۋۋۇردا پىششىقلاش ئارقىلىق توغرا ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىيلىقىنى  ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ .ھەتتا توغرا ئۇچۇر بۇ خىل تەسەۋۋۇردا پىششىقلىنىش جەريانىدا توغرىلىقىنى  ۋە ئىجابىيلىقىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويۇشى مۇمكىن.شۇنىڭ ئۈچۈن توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ئۇسۇل بىلەن يېزىلغان مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.
توغرا ئۇسۇلدا يېزىلغان ئۇچۇرلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئىنسانلار ھېسسىي  ۋە ئەقلى يازمىلارنى پەرقلەندۈرۈشنى  ۋە بۇلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.ماتېرىيال مەنبەسى ئېنىق ئەمەس ياكى ئىلمىي بىر يىلتىزى بولمىغان ئۇچۇرلار ئادەتتە روھانىي ۋە ھېسسىي  يازمىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.بۇ خىل يازمىلار كۆپىنچە ھاللاردا دوگمىلارغا تايىنىدۇ.ئەقلى جەھەتتە ھېچقانداق دەلىل ياكى ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان دوگمىلارغا ئىشىنىش كىشىگە خاتا ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىرگە مەسىلىلەرگە بولغان پوزىتسىيەگە سەلبىي تەسىر بىرىدۇ.

   يېڭى ۋە زامانىۋى ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ۋە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشىش شەرتتۇر  .

   توغرا ۋە ھەقىقىي ئۇچۇرغا ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ بۇرۇن ئورناپ كەتكەن دوگمىلار ۋە قېتىپ كەتكەن قېلىپلارغا  ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن شاللاش ئىلىپ بارىدىغان كىشىلىرىمىز  كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.ئۇچۇرنى ئىدىيەمىزگە  ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن شاللىيالمايمىز  .ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن بولمىغان توغرا ئۇچۇرنى ئىنكار قىلىش ئەقىلسىزلىقتۇر  .
   توغرا ئۇچۇر بىزنىڭ ئىدىيەرىمىزگە  ۋە دۇنيا قارىشىمىزغا ئۇيغۇن بولۇش مەجبۇرىيىتىدە   ئەمەس.توغرا ئۇچۇر ئىدىيەمىز  بىلەن توقۇنۇشسا  ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن جاكارلايمەنكى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا توغرا ئۇچۇر ھەقلىقتۇر.توغرا ئۇچۇر بىلەن توقۇنۇشقان ئىدىيەمىز  چوقۇم خاتا.بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا توغرا ئۇچۇرنى ئەمەس خاتا ئىدىيەلىرىمىزنى  ئۆزگەرتىشكە تىرىشايلى.
   ئىلغار ئىدىيە توغرا ئۇچۇرلارنى مەنبە قىلغان ئىدىيەدۇر.ئىلغار ئىدىيە دوگمىلار،روھانىي يازمىلار ياكى ھېسسىي  ئۇچۇرلارغا ئەمەس ئەقىل ۋە تەجرىبە ئىسپاتلىغان ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىدۇ. ئىسپاتلانمىغان نەرسە ئىلغار ئىدىيەدە پەقەت بىر ئېھتىماللىقتۇر.ئىسپاتلانمىغان نەرسە ئۈستىدە كەسكىن ھۆكۈملۈكتە بولۇش ئەقىلسىزلىكتۇر.سالماق ۋە ئەقلى پوزىتسىيە ئىلغار ئىدىيەنىڭ مېتودىدۇر.
   ھېسسىي-ھاياجان شۇئارلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئاكادېمىك قىسمىدا بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ ئىلىم-پېنىدىكى تىراگېدىيەدۇر  .دوگمىلارغا چوقىنىدىغان ،رېئال پوزىتسىيەنى روھانىي مۇئامىلە بىلەن باستۇرىدىغان مىللەت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىياتقا ۋە گۈللىنىشكە ئېرىشەلمەيدۇ.ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللىنىش بۈگۈنكى يەر شارىدا  پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى.ئىلغار ئىدىيەسى بولمىغان مىللەتنىڭ سىستېمىسى ھېچقانداق كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسىمۇ  يىقىلىپ چۈشىدۇ.
    ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن توغرا ئۇچۇر مەنبەسى ۋە توغرا پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتۇق.ئەمدىكى مەسىلە جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللىي چەكلىگۈچى ئىدىيەلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىلغار ئىدىيەگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە تەڭشەش توغرىسىدا بولىدۇ.ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشكەن ئىنساندا ئەڭ ئاۋۋال ئۈزلۈكسىز ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش ئىدىيەسى بولىدۇ.ئېھتىماللىققا تولغان دۇنيادىن مۇتلەق ھەقىقەت،مۇتلەق توغرىلىق ۋە مۇتلەق ھەل قىلىش يولى تېپىشقا ئالدىرىمايدۇ. ھەرقانداق ھۆكۈملۈكتىن گۇمان قىلالايدۇ ۋە تەنقىدى پىكرىنى سۆزلىيەلەيدۇ.ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشكەن ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال ئازادلىققا ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.پۇت-قولىنى چۈشەپ قويغان ساختا قاراشلار،بىمەنە ئەخلاق تېرمىنلىرى ۋە دوگمىلاردىن قۇتىلىدۇ.
    بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىنتايىن بېكىك  بىر جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە.كىشىنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغىنى بىر-بىرىگە قارشى كەسكىن تەنقىدلەردە بولالايدىغان ھەر خىل قاراشتىكى گۇرۇپلار ۋە بۇلارنىڭ قاراشلىرىنى قوغدايدىغان ئادىل مۇنازىرە مەيدانى يوق.ئوخشىمىغان قاراشلار بىلەن ئۇچراشمىغان، ئومۇمىي يۈزلۈك ئوخشاش قاراشتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مۇنازىرە ئادىللىقىنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئادالەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى تېخى يېقىندا ھېس قىلدىم.مۇنازىرە مەيدانىنىڭ ئادىل بولماسلىقى مۇنازىردە ئوخشىمىغان قاراشلارنىڭ چىقىشىنى توسۇپ قويىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلار بىلەن ئۇچۇرشىشىنى توسۇشنىڭ ئۆزى بىر مىللەتنى نادانلاشتۇرۇشتۇر.شەكلى ئۆزگەرگەن قاتىللىقتۇر.
   بۈگۈنگىچە يازغان ئەسەرلىرىمنى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىلا ئېلان قىلىپ كەلدىم.ھېس قىلغىنىم ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىلمىي بىر مۇنازىرە مەيدانى ھاسىل قىلالمىغان.قانۇن بىلەن ھېچقانداق تاقاشمايدىغان بەزى بىر تېمىلارنىمۇ جامائەت پىكرىدىن قورقۇش سەۋەبىدىن ياكى باشقۇرغۇچىنىڭ شەخسى ئىدىيەسى تۈپەيلى تەستىقلىمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.بەزى مۇنبەرلەر ئاۋۋال مېنى تەكلىپ قىلىپ كىيىن پۈتۈن تېمىلىرىمنى  يۇيىۋەتكەن بولدى. بەزى مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلار تېمامنى شەخسى ئىدىيەسى تۈپەيلى تەستىقلىمايلا قويۇۋاتىدۇ.مىسرانىم،ئەلكۈيى دېگەندەك مۇنبەرلەرگە ئۆزۈممۇ تېما يوللىمىدىم.

     مۇنازىرە مەيدانىدا ئىلمىي ۋە ئادىل بىر سىستېمىنىڭ بولماسلىقى ئۇيغۇر ئىلمىي مۇھىتىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر ئىش.ئۆز قارشىغا ئۇيغۇن بولمىغان قاراشتىكىلەرنى ھەمىشە بۇزۇق تىل ياكى مەسخىرە بىلەن قارشى ئالدىغان ياۋايى كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدا بولۇشى «ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتلىك مىللەت»دېگەن شۇئارغا تۈپتىن زىتتۇر.
      بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ياكى توپتا ساپا بولىدۇ.ساپانىڭ ئۆزى ئوخشىمىغان قاراشلارغا ھۆرمەت كۆرسىتەلەيدىغان،باشقىلارغا ئىدىيە دىكتاتۇرىسى يۈرگۈزمەيدىغان ئىدىيەنى يادرو قىلغان ئەخلاق سىستېمىسىدۇر  .بىر مىللەتتىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردە چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە ساپا بولۇشى كېرەك.ساپا ھازىرلىمىغان ئوقۇمۇشلۇق كىشى،مەدەنىيەتسىز زىيالىي مەۋجۇت ئەمەس.چۈنكى ئوقۇمۇشلۇق كىشى ساپاسىز،زىيالىي مەدەنىيەتسىز بولمايدۇ.
باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت بىلدۈرمەسلىك  ،ئوخشىمىغان قاراشتا بولغىنى ئۈچۈن يەكلەش ئەخلاقسىز ھەرىكەتتۇر  .بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇلاردا   ئىدىيەسى ئىلغار زىيالىيلار كۆپ، لېكىن كۆپىنچىسى ئىلغار ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتىن قورقىدۇ  .بەزىلىرى ئادىل بىر مۇنازىرە  سورۇنى بولمىغانلىق ى ئۈچۈن ئىدىيەسىنى ئاشكارلىمايدۇ.يىغىنچاقلاپ ئېيتقان  چاغدا بىزدىكى ئوخشىمىغان ئىدىيە ئىگىلىرى  جامائەت پىكرىدىن ۋە ئىجتىمائىي بېسىمدىن قورقىدۇ  .بەزى زىيالىيلارنىڭ جامائەت پىكرىدىن قورققانلىقى  ۋە كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا بەل باغلىغانلىقى ئۈچۈن ئىدىيەسىنى ئاشكارلاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئۆزىدىن ئاڭلىدىم.ئۆز ئىدىيەسىنى مۇقەددەس ۋە مۇستەقىل بىلمىگەن شەخستىن  ئەپسۇسكى چوڭ ئىشلارنى كۈتەلمەيمەن.
ئىدىيەسىنى مۇستەقىل ۋە مۇقەددەس بىلىدىغان شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش،ئۈزلۈكسىز يېڭى پىكىر ۋە يېڭى ئىدىيە ئىشلەپ چىقىرىش زامانىۋى مائارىپنىڭ تەلىپىدۇر.بەزى كىشىلەر بىزدە دۇنياۋى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقمىغانلىقىنى بىر-بىرىنى تارتىپ چۈشۈرىدىغان  كىشىلىرىمىزنىڭ جىقلىقىدىن دەپ بىلىدىكەن.بىر ئىدىيە ئەڭ قاتمال،بىر چۈشەنچە ئەڭ ئەقىلسىزلەرچە بولغاندا پەقەت مۇشۇنچىلىك سەۋىيەدە بولالايدۇ.بىزدە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىنىڭ جىق بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئىدىيەمىزنىڭ قاتماللىقىدا  .بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى ئۇيغۇرنىڭ قاتمال كاللىسىدىن جىق ئۇزاقتا.
زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئىپادە قىلىشتا بۇ قەدەر قورققاقلىقى  ئۇيغۇردىكى پىكىر يېڭىلىشىغا  چوقۇم سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.رېئاللىق ئاچچىق بولسىمۇ جەمئىيەتكە قوبۇل قىلغۇزۇش،ئۇنىڭ داۋاسىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.جەمئىيەتنىڭ سەلبىي باھالىرى ئالدىدا ئىدىيەسىنى يوشۇرۇشنىڭ ئۆزى زىيالىينىڭ مەجبۇرىيىتىگە مۇخالىپتۇر.

   بالا تەربىيەسىدە بالىغا ئىدىيەسىنى ئاشكارلاشتا جۈرئەتلىك بولۇشنى،پىكرىگە ئىگە چىقىشنى ئۆگىتىش كېرەك.ھەر قانداق ئادەم پىكرىگە ئىگە چىقىشى،پىكرىنى مۇستەقىل ۋە مۇقەددەس بىلىشى كېرەك.شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى پىكرىنى مۇستەقىل ۋە مۇقەددەس بىلىش« پىكىرگە تەنقىد قىلىشقا بولمايدۇ »دېگەن مەنىدە ياكى« پىكىرنى ئۆزگەرتىش ناچار ئىش» دېگەن مەنىدە ئەمەس.ئىنسان پىكرىگە ئىگە چىقىشى بىلەن ماس ھالدا توغرا ۋە ئىلغار پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشتا تەشەببۇسكار بولۇشى،پوزىتسىيەسى توغرا ۋە ئادىل بولۇشى كېرەك.
   پىكىر ئەركىنلىكىمىزنىڭ سىياسەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىپ قويۇپ ئاۋۋال پىكىر ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەۋاتقان ئەنئەنىۋىي پالەچ   تەپەككۇرلىرىمىز  ئۈستىدە ئەقلى ئانالىز قىلىپ باقايلى.پىكرىمىزنى ۋە تەپەككۇرلىرىمىزنى چەكلەۋاتقان نەرسە ئەمەلىيەتتە سىياسەت ئەمەس بەلكى ئەنئەنىۋىي چەكلىگۈچى قاراشلار ۋە قېلىپلاشقان دوگمىلاردۇر.ھۆر ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۆز-ئۆزىمىزنى ئازاد قىلىشىمىز كېرەك.دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت ۋە پاسكىنا،ئەڭ بىمەنە ۋە قاتتىق كىشەننى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىز ئىشلەپ چىقىرىمىز ۋە ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى كىشەنلەيمىز.
كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى قۇل قىلىشتىن توختىغان چاغدا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئىلغار بىر ئىدىيەگە ئېرىشىش،ئىلغار ئىدىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بوشلۇق ھازىرلاش كېرەك.ئوخشىمىغان پىكىرلەر بىلەن ئۇچراشمىغان ئىنساندىن ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە يېڭى ئىدىيە تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ.كۆپ خىل پىكىرلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى مىللەتنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ئادىل ۋە تەرەپسىز مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاش ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىدۇر.
   يېڭى يىپەك يولى ۋە ئىقتىسادى ھالقىمىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز ۋە مىللەتنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىشىمىز ئۈچۈن كىشىلەردە بۈگۈنكى ئىقتىسادىي ۋە ئاكادېمىك سىستېمىغا ئۇيغۇن ساپا ۋە ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەك.بۈگۈنكى دۇنيا ئاكادېمىيەسىگە  ئۇيغۇن زىيالىيلارنى يېتىشتۈرۈش،پەن-مائارىپ جەھەتتە مىللىي سىستېمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى جاللاندۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەردە رېئال مەسىلىلەرگە رېئال پوزىتسىيە تۇتالايدىغان مېتود ۋە ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەك.
   بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسە يېڭى،ئىلغار ئىدىيەلەر ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدۇر.ئەلۋەتتە مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ قارايدىغانلا جۈرئەتلىك زىيالىيلارنىڭ،ئوچۇق پىكىر ئىگىلىرىنىڭ مەدىتى ۋە كۈچىشى بىلەن بۇ نىشانغا يېتەلمەيمىز.ئىلغار بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۈچ تۈۋرۈكى بولىدۇ.بىرى سىياسەت،بىرى ئاكادېمىيە ۋە ئوچۇق پىكىرلىك خەلق يەنە بىرى ئىقتىساد  .بۇرۇن دەپ ئۆتكىنىمدەك  جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ  ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد بولغان بولىدۇ.بىر پۈتۈن جەمئىيەتنى ئىقتىسادتىن  ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
    بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە  ئىلغار ئاكادېمىيە،ئوچۇق پىكىرلىك خەلق ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوقۇم ئىلغار ئىدىيە بولۇشى كېرەك .سىياسەتنىڭ تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز ئەلۋەتتە.بىراق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ھەرقانداق نەرسىدىن پايدىلىنىش،قولىمىزدىن كەلگىنىچىلىك   تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.يوق ياكى كەم نەرسىنىڭ يوقلىقى ياكى كەملىكىدىن قاقشاشنىڭ ئورنىغا يوق نەرسىنىڭ بارلىقى،كەم نەرسىنىڭ تولۇقلىقى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تېخىمۇ مەنتىقىلىقتۇر. قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىشنىڭ باشلىنىشى جەمئىيەتتىكى يەككە شەخسلەرنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە ئەقلى ئانالىزغا مايىللىشىشى دەپ قارايمەن.شەخسلەرنىڭ ئىلمىيلىشىشى ۋە ئەقلى ئانالىزغا مايىللىشىشى ئۈچۈن ئۇلاردا ئەڭ ئاۋۋال توغرا پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك.ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە قوغداش توغرا پوزىتسىيەنىڭ باشلانغۇچىدۇر.خەلقتە  ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە بولغان ھۆرمەت ۋە قوغداش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش خەلققە يېڭى ئىدىيەنىڭ يېرىمىنى  سىڭدۈرگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر.
    خەلقىمىز دۇنيادىكى كۆپىنچە ئىدىيە ئىنقىلابلىرى ۋە ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەر بىلەن تولىمۇ ئۇزاقتا.بىردىن بىر ھەقىقەت دەپ قارىغان دوگمىلىرى ئۈچۈن ياشاۋاتقان شەخسىلەرگە بولغان ئېچىنىشىمىز  ئەسلىدە ئۆزىگە قۇل بولغان كىشىلەرگە بولغان ئېچىنىشىمىزدۇر.ئۇچۇرنىڭ ۋە ئىدىيەنىڭ كەملىكى تەرەققىياتىمىزدىكى پالەچلىكنىڭ تۈپكى سەۋەبى دېگەن قارىشىمدا داۋاملىق چىڭ تۇرىمەن.ھەرقانداق ماددىي تەرەققىياتنىڭ ئارقىسىدا ماددىي تەرەققىياتنى يۆلەپ تۇرغان ئىدىيە بولىدۇ.ئىدىيە يۆلەپ تۇرمىغان تەرەققىيات،ئىلغار مېتود ۋە ئىدىيە يېتەكچىلىك قىلمىغان پەن بولمايدۇ.
   ئومۇمىي يۈزلۈك ئىلمىيلىككە ۋە ئىلغار ئىدىيەگە يۈرۈش قىلىش زامانىۋى جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى.مەۋجۇتلۇقنى  ساقلاشتىكى ھالقىلىق تاللاشتۇر.تەرەققىياتى بولمىغان مىللەت يوقىلىدۇ.مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن رىقابەتچىلىرى بىلەن ئۆزۈڭگە سوقۇشتۇرالايدىغان كۈچلۈك مەدەنىيەت سىستېمىسىغا ئېرىشىش كېرەك.بۇ مەدەنىيەت سىستېمىسى ئىلغار ئىدىيەنى يېتەكچى،تەرەققىياتنى نىشان قىلىشى كېرەك.
    ئۇيغۇرلاردا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ،ئىدىيە  ئازاتلىقىنىڭ يۈكسىلىشى زىيالىيلارغا ئىقتىدارىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايدىغان ئىمكان بىرىدۇ.بىر جەمئىيەتتە ياكى مىللەتتە زىيالىينى ھەرخىل ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى چەكلەش ئەڭ تېتىقسىز  بىر ھەرىكەتتۇر.جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە ئەڭ ئېغىر زىيان دەل زىيالىينىڭ ئىقتىدارىنى چەكلەشتىن كېلىدۇ.ھەر قانداق چۈشەنچىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان،تەنقىدى پىكىرگە باي كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ  چىقىش خەلقنى بىلىمگە مايىللاشتۇرۇشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىدۇر.
    يېڭى ئىدىيە،يېڭى پىكىر ئېقىملىرى توقۇنۇشقان جاي تەرەققىياتنىڭ دەۋر سۈرگەن جايىدۇر.تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق ئېچىۋېتىلگەن  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتقا ئېرىشكەن جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى كۈرۈۋالالايمىز.دوگما،تېتىقسىز  پىكىرلەرنىڭ قوينىدا ئەسىرلەر بويى تاتلىق چۈشىمىزنى كۆرۈپ ئەجدادلارنىڭ  بىزگە سۇنغان نېمەتلىرىنى  قۇرۇق پاراڭلار، ھېسسىي رىۋايەتلەرگە سېتىۋەتتۇق  .بۈگۈنكى  كۈنلۈكتىمۇ لاۋزا،قالاق ئىدىيەلىرىمىزدىن  ئارقان ياساپ بالىلىرىمىزنىڭ  بوينىغا سېلىۋاتىمىز .80-90- يىللاردىكى ئىلىم-پەن قىزغىنلىقىمىز،مەدەنىيەت تەرەققىياتىمىز ئۈزلۈكسىز چېكىنىۋاتىدۇ .
مەسچىتلەرگە تولۇپ كەتكەن پەرزەتلىرىمىزگە قاراپ پەرخىرلىنىۋاتىمىز،كەلگۈسىمىزدىن ئۆمۈدلىنىۋاتىمىزيۇ مەدەنىيەتتىكى چېكىنىشىمىز،تەرەققىياتتىكى گالۋاڭلىشىشىمىزغا قاراپ سەگىمەيۋاتىمىز.رادىكال ئەرەب ئىدىيەلىرىگە قۇل بولۇپ ياشاش دەۋرنىڭ ئىلگىرلىشى،ئۇچۇرلىشىش بورانلىرىدا ئەسلى يوقىلىشى كېرەك ئىدى.
   جەمئىيەتتىكى ساختا گۈللىنىشكە  قاراپ ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى،نېگىزىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا  مىللىي تەرەققىياتىمىز تېگى بوش بىر يەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇۋاتىدۇ .بۇ بوش يەر ئىلغار ئىدىيە بىلەن توشۇشى  كېرەك.بولمايدىكەن بۇ ساختا تەرەققىيات« ماڭىدۇ،ماڭىدۇ قىردىن  ئاشالمايدۇ»دېگەن جۈملە بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

ئەنسار

0

تېما

0

دوست

180

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34705
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
جەمئىيەتتىكى ساختا گۈللىنىشكە  قاراپ ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى،نېگىزىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا  مىللىي تەرەققىياتىمىز تېگى بوش بىر يەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇۋاتىدۇ .بۇ بوش يەر ئىلغار ئىدىيە بىلەن توشۇشى  كېرەك.بولمايدىكەن بۇ ساختا تەرەققىيات« ماڭىدۇ،ماڭىدۇ قىردىن  ئاشالمايدۇ»دېگەن جۈملە بىلەن نەتىجىلىنىدۇ
مانا بۇ سۆزلەر  تىمىنىڭ نىگىزلىك يىرى.
تىتىملىق تىمىلرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

684

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   36.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 208
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹ئۇمۇن›› ئەپەندى.
ماقالىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆقۇپ چىقتىم ئىزدىنىشلىرىڭىز توخياپ قالمىسۇن

0

تېما

0

دوست

512

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34401
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 152
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئورۇن ئېلىپ قويۇپ تۇراي ...

0

تېما

0

دوست

838

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىددىيە ئەركىنلىكى شۇنچىلىكى مۇھىم بولغان بولسا نېمىشقا يەنە بوغۇلۇشقا ئۇچىرايدىغاندۇ؟

8

تېما

2

دوست

1565

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33848
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 306
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇمۇن بۇرادەر ئىلگىركى يازمىڭىزغا قارىغاندا ئىلگىرلەش كۆپ. لىكىن  يازمىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ؛1. قانداق ئىددىيەلەر يىڭى ئىدىيە بولىدۇ؟ يەنى يىڭى ئىدىيگە ئىنىقلىما. 2. ئىلغار ئىددىيە دىگەن نىمە ؟ دىگەنلەرگە ئىنىقلىما بىرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن. چنكى يازمىڭىز يىڭى ئىدىيە، ئىلغا ئىدىيە توغۇرسىدا راۋاجلىنىپ بىرىپتۇ ئەمەسمۇ؟

0

تېما

1

دوست

1398

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23614
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 444
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تىما ئىكەن،ناھايىتى ئىلمىي ئۇسلۇپ بىلەن يىزىلىپتۇ،بىز مەدىنىيەت سەۋىيەسى ئانچە يۇقۇر بولمىغان قىرىنداشلاردىن ئىچىنىۋەرمەي ،مەدىنىيەت سەۋىيەسى خىلى يۇقۇر تۇرۇپمۇ قاتمال ئىدىيەگە كىرۋالغاندىن ئىچىنىشىمىز كېرەك. ئۇلاردا ئۇچۇرغا ئىگە بولىدىغان پۇرسەت كۆپ بولسىمۇ يەنە شۇ ئۇچۇرنى ئۆزنىڭ ئىدىيەسىگە بويسۇندۇرۇپ ياشاۋاتىدۇ،بۇ يەردە كەم بولۇۋاتقىنى دەل مۇستەققىل پىكىر قىلىش.

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10638
يازما سانى: 1318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1265
تۆھپە : 2998
توردىكى ۋاقتى: 780
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sewriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-14 12:33  

بۇنىڭدىن نەچچە يىل  ئىلگىرلا  ھېس قىلىشىمچە  ھازىرقىدەك  ئېھتىيات ۋە ھەممىگە گۇمان بىلان قارايدىغان ھالەت  يوق ئىدى ، نۇرغۇن كىشلەر ھەممىگە قىزىقىش ۋە  سىناپ بېقىش پۇزۇتسىيەسىدە ئىدى ،تاللاش ،شاللاشتىن ئەقلى ۋە ئىجتىمائى تەپەككۈردىن ئۆتكىزىشمۇ يوقنىڭ ئورنىدا ئېدى .
يېقىندىن بۇيان  كىشلەر ئۆزىگە قايتتى ،ئاتالمىش يېڭى ئىدىيەلەرگە ناھايىتى سوغاققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ . بەلكىم بېكىنمىچىلىك مەلۇم دائىرىدە مەۋجۇتتۇ لېكىن ئاكتىپ ئېنىرگىيلىك  ئىدىيە  يەنىلا  ئالدىنقى ئورۇندا  دەپ قارايمەن .
ماقالىننى يەنە بىر قانچە قېتىم ئوقىۋېتىپ  قايتا  كېلەي  ، مەنمۇ ئورۇن ئېلىپ قويۇپ تۇردۇم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )