- تىزىملاتقان
- 2012-9-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13051
- نادىر
- 0
- يازما
- 1318
ئۆسۈش
7.63%
|
ئۈمۈن بەلكىم يىلدا بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۈچرىشىدىغان ئىچكىرى تۇلۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولىشى مۇمكىن ،ئۇنىڭ يازغان ماقالىرىلىنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم ، تىل ئىشلىتىشى نەپىس ماقالىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيە روشەن .شۇغۇنىسى مەزمۇن بىردەكلىكى يوق ، بەلكىم ئۆزىمۇ شۇندا مۇرەككەپ ھېسىياتتىدۇر ،كېچىكىدىن ئېتىقات ۋە ئەنئەنىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان بالىلارنىڭ بۇنداق يوقۇرى سەۋيىلىك ئارلاشما ئىدىيىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ ھەيران قالغىدەك يېرى يوق .
بەلكىم بۇنداق ئۆز ئىدىيىمىزنى ئاشكارلاپ ،ئوچۇق ئاشكارە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى زوردۇر .
ئۇ بىر ماقالىسىدا ئادەم ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپتىغۇ ،شۇ مۇھىت ئوخشىمايدۇ ،شۇڭا بىزنىڭ كاللىمىزدىكى ئىدىيە ئىنكاسلارمۇ ئوخشىمايدۇ ،
مۇھىمى ئىدىيە -كۆزقاراشلارنىڭ ئورتاق بولغان تۈپ يىلتىزىنى تېپىش !
ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئۇچۇر يېڭىلىنىشى سۇرئىتى بۇرۇنقىدىن جىق تىزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن باشقا تىللاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ مىڭدەن ئونمىڭدەن بىرى بىلەن ئۈچرىشالايمىز . بۇ بىر ئويلىشىدىغان مەسىلا ، تاللاش ،شاللاش ۋە قوبۇل قىلىش ئۇ باشقا گەپ .
شۇڭا ئۆزىمىزگە پۇختا بولغان ئاساستا باشقا تىللاردىكى ئۈچۈرلاردىن پايدىلىنىشنى چەتكە قاقساق بولمايدۇ .
شۇڭا مەن ھازىر قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەرخىل تىللارنى ئۆگىنىشنى ،ئۇچۇر دائىرسىنى كېڭەيتىپ تۇرۇشىنى تولىمۇ زۆرۈركەن دەپ قالدىم . |
|