- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 540
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mustafaoguz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-15 02:20
yoloqi822 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 23:01
بۇرادەر، ئادەمگە بولغان نارازىلىقىڭىزنى يازمىغا ئار ...
بۇرادىرىم دىگەن كەلىمىڭىز ئالگو1991 قىرىندىشىمىزنىڭ ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلىرىگە سىلىشتۇرغاندا تىخىمۇ يىقىنلىق ھەم تەربىيە كۆرگەنلىك ، ئەتراپلىق تۇيغۇ بەرگەنلىكى ئۈچۈن سىزگە جاۋاپ يىزىشىنى لايىق تاپتىم. ئالگو1991 قىرىندىشىم رازى بولارسىز.
مەن شەخىسكە نىسبەتەن نارازىلىقىم يوق، بۇ مىنى قىزىقتۇردىغان نۇقتا ئەمەس. ھەمدە شەخىسكە نىسبەتەن بولغان نارازىلىق سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ئەمگىكىگە بىھۆرمەتسىزلىك خاھىشى تىخىمۇ يوق. مەن پەقەت ئۇنىڭ ئىدىيە سودىسىغا، يەنى زورلاپ سېتىشىغا،تېڭىشىغا قارشى خالاس. ئەلۋەتتە، نۇرغۇنلىرىڭلار ئومۇننىڭ « ئىلغار ئىدىيە، يىڭى ئىدىيە، پىكىر ئەركىنلىكى، تەنقىدىي پوزىتسىيە، تەرەققىيات» دىگەندەك ئابىستىراكىت سۆزلۈكلىرىگە مايىل بولۇپ، ماختىغان بولدۇڭلار. مەنمۇ ئۇنى مۇئەييەنلەشتۇرىمەن ، ئەمما مەركىزىي ئىدىيەگە سەل قارىدىڭلار دەپ قارايمەن. ئالدىرىماڭ قىرىندىشىم، مەن قورۇق گەپ بىلەن تۆھمەت چاپلاشنى ياقتۇرمايمەن. ئەمىسە تۆۋەندىكىلەرنى چۈشىنىپ ئوقۇڭ !
ئومۇننىڭ ماقالىسىدىن ئۈزۈندە:
قانداق ئۇسۇلدا توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز
ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىياتىدا ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ،مەنبەسىنىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە ئۇچۇر توپلاش مېتودلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.بۈگۈنكى كۈندە ئاگۇست كونىت تەرىپىدىن كونكرېتلاشقان پوزىتىۋىزىم نەزەرىيەسى پوزىتىپ پەنلەردە قوللىنىدىغان ئاساسلىق ئۇچۇر توپلاش مېتودىدۇر. پوزىتىۋىزىم،تەجرىبىچىلىك،دەلىلچىلىك دېگەندەك ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى مېتودلار شەيئىلەرنى مەسىلىلەرگە ئوبيېكتىپ ۋە رېئال قاراشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
بۇ يەردە بىز مەركىزىي ئىدىيەنىڭ يورۇتۇلغانلىقىنى بىلىمىز. بىز بۇ يەرنى تىگىدىن چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئومۇن تىلغا ئالغان پوزىتىۋىزم(Positivism)، يەنى دەلىلچىلىك نەزىرىيىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. يۇقارقى جۈملىدە ئومۇن ئىككى كەلىمىنى ئايرىم قىلىپ ئارتۇق ئىپادىلەپ قويغان. دەلىلچىلىك 19-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى پەيدا بولغان ، جەمئىيەتنى پاكىتنى ئاساس قىلىپ كۆزىتىش ۋە ئىلمىي مىتۇد بۇ نەزەرىيىنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ نەزىرىيىنىڭ ئاتىسى فىرانسىيىلىك ئاۋگوستى كومىت بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتشۇناسلىقنى باشلامچى پەن ئورنىغا قويىدۇ. كىروتتىينىڭ ئىيتقىنىدەك بۇ نەزەرىيە مىتافىزىكا، ئېتىكا، ئىستىتىكا ھەم دىننى پاكىتسىز ئىدىلوگىيە دائىرىسىدە ساناپ بۇلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ھەم جەمئىيەتكە تەدبىقلاشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى ھەم مەنىسى يوق دەپ قارايدۇ. ئومۇنمۇ شۇ قاراشتىدۇر( « دىن ھەققىدە پەننىي ساۋات» ئىزدىنىش مۇنبىرىگە قاراڭ ). شۇنىڭ سەۋەبتىن بۇ نەزەرىيە جەمئىيەتكە چىتىلغان دىنىي ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەتلەرنى سۆكىدۇ. يىقىنقى يىللاردا « دەلىلنى ئاساس قىلغان پىسخولۇگىيە» (Positive Psychology) دەپ يىڭى بىر پىسخولۇگىيە تۈرى بارلىققا كەلدى. بۇ تۈر پەن ئامىرىكا يالى ئۇنۋىرسىتىدا پىراكتىكا تەرىقىسىدە ئۆتىلگەن بولۇپ، مەن چۈشىنىپ بىقىش مەقسىتىدە توردىن ئون نەچچە دەرسلىكىنى ئاڭلىدىم.
ئومۇننىڭ ماقالىسىدىن ئۈزۈندە:
جەمئىيەتنىڭ كېسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق تاپىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مەركىزىدە ئىقتىساد ياتىدۇ.ئىقتىسادى پۇرسەتكە تولغان جەمئىيەتتە توغرا ئىدىيەگە ئىگە بولمايدىكەنمىز شاللىنىش دېگەن كەلىمە گەجگىمىزگە مىنىدۇ.
ماقالىنىڭ بۇ يەرىدە ئاجايىپ بىر «ئىلغار ئىدىيە» ياتىدۇ. يەنى ياخشى-يامانلىق،ھالال-ھاراملىقنىڭ ئورنىغا پايدا-زىياننى دەسسىتىشتەك «ئىلغارلىق» ھۆكۈم سۈرمەكتە. ئىقتىسادنى ئەڭ مۇھىم كۆرۈش ئىدىيەسىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. دىنىي ئەخلاق تېرمىنىلىرىمىزنى قاتلاپ قويۇپ تۇرۇپ، بىزنى «ئەمەلىيەتچان»«ئىلغار ئىدىيەلىك» بولۇشقا، ئىقتىساد يوللىرىمىزنى تۈرلەندۇرۇشكە يول كۆرسىتىپ ئۆتۈپتۇ،بۇ نۇقتىنى چۈشىنىشتە سىز بۇ جۈملىنىڭ ئالدى-كەينىگە دىل كۆزىڭىز بىلەن قارىشىڭىز كىرەك ! بولسا قايتىدىن ئوبدان ئوقۇپ چىقىڭ.
بۇ يەردە شۇنداق بىر رىۋايەت ئىسىمگە كەلدى. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كۈنلەرنىڭ بىرى شەيتان كىلىپ «ساڭا نەسىھەت قىلىمەن» دەيدىكەن، موسا پەيغەمبەر ھەيران بولۇپ « ئىي، ياراتقۇچى ئىگەم، شەيتان ماڭا نەسىھەت قىلىمەن دەۋاتىدۇ، قانداق قىلاي؟» دىگىنىدە، « سەن ئاڭلا، ئازدۇرۇشقا باشلىغاندا مەن توساپ قويىمەن» دەپ نىدا كىلىدىكەن. شەيتان ئۈچ تۈرلۈك نەسىھەتنى ناھايىتى توغرا بىرىدىكەن، تۆتىنجى قىتىملىققا كەلگەندە ئازدۇراي دىيىشىگە توساپ قويىلىدىكەن. دىمەكچى بولغىنىم، خاتا ئىدىيە پۈتۈنلەي خاتا بولغانلىقتىن ئازدۇرمايدۇ، بەلكى ئارىسىغا توغرا پىكىرلەرنى مۇجەسسىگەنلىكى ئۈچۈن ئالدايدۇ.
مەن بۇ يەردە ئومۇن تورداشنىڭ پىكرىگە ياكى ئۆزىگە قارشى ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بولىدۇ، ئەمما قارشى يەرىم ئۆز پىكرىنى ئىدىيولۇگىيىلىك بىر جەمئىيەتكە تاڭغىنى، زورلاپ «ئىلغار ئىدىيە» دەپ ساتقىنىغا قارشى. ھەتتا يۇقارقى پىكىرلىرىمنى ھەربىرەيلەنگە تاڭمايمەن. چۈنكى تېڭىش توغرا ئەمەستۇر. دۆلەت قانۇندىمۇ پۇقرلارنىڭ دىنغا ئىشىنىش،ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى بار،ئەمما باشقىلارنى ئىشىنىشكە ياكى ئىشەنمەسلىككە مەجبۇرلاش ھوقۇقى بولمايدۇ دىيىلگەن. شۇڭا مەن ئىدىيەرىمنى كىشىگە تاڭمايمەن، شۇڭا ئومۇننىڭمۇ ئىشەنمەسلىكنى تېڭىش ھوقۇقى يوق دەپ ئويلايمەن. ئومۇننىڭ بۇندىن كىيىنكى يازمىلىرىدا ئاممىنىڭ ئىدىلۇگىيىسىگە زىت كىلىدىغان پايدىسىز ماقالىلەردىن بەكرەك ھەقىقىي ئىلغار ئىدىيەلىك يازمىلارنى ئايىماي سۇنۇپ تۇرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .
|
|