- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3895
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
63.17%
|
داۋامى:
ئۇرۇش دۆلەت تېرىتورىيىسىنىڭ سىرتىدا يۈز بەرسە ئەھۋال تامامەن باشقىچە بولۇشى مۈمكىن. تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول بولسا، ئۇنىڭ سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى نورمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ. شۇنداقتىمۇ تەبىئىي بايلىقنىڭ خورىشى بىلەن بايلىقنى ئېچىش ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. دۆلەت بايلىقى يېتىشمىگەندە، تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر ئىشغالىيەت رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىپ دۆلەت خەزىنىسىنى تولدۇرىدۇ. ئەمدىلا قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز زېمىنىدىكى تەلىم-تەربىيە لاگىرى، سانائەت، ھەربىي قورال-ياراغ ئامبىرى ۋە زاۋۇت-فابىرىيكىلارنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەش شارائىتىغا ئىگە بولىدۇ. ئىشغالىيەت رايونىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تېرىتورىيە سىرتىدا جەڭ قىلغۇچى دۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان ئۇرۇشقا كېرەكلىك ماددى ئەشيالار ۋە ئەسكىرىي كۈچىنى كۈنسېرى ئۇزۇراپ كېتىۋاتقان ياردەم بېرىش ۋە تەمىنلەش لېنىيىسىدىن توشۇپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتىن ھەربىي كۈچى بىلەن قورال-ياراغنى يۆتكەپ كېلىپ، ئارقا سەپ تەمىنات قوشۇنلىرىنىڭ كۈچىنى تولۇقلاشقا، ياكى ھېچبولمىغاندا، ياردەمچى قوشۇنلارنى ئىشقا سېلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۈمكىن. تېرىتورىيە سىرتىدا ئۇرۇش قىلغۇچى دۆلەت ئارمىيىسى ئەسلىدە دۈشمەن كونتىروللىقىدا بولغان جايلارغا كىرگەندە، بۇ زېمىندا دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى قوراللىق پارتىزانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوستانە بولمىغان ئاھالە بار بولۇشى مۈمكىن. يەنە پارتىزانلىق ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەتەي قېلىپ قالغان مۇنتىزىم قىسىملارمۇ بولۇشى مۈمكىن. ئەڭ ياخشى ئەھۋالدا، خوراپ كەتكەن ئادىمىي كۈچ ۋە بايلىقنىڭ ئورنىنى ئەمدىلا قۇرۇلغان ھەربىي ھۈكۈمەت ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئۆزىدىن يېغىپ تولدۇرۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەلىي ئېھتىياجنى قاندۇرغىلى بولماسلىقى مۈمكىن. مۇبادا تۆمۈر يول لېنىيىسى، تاشيولدىكى ئاپتوموبىل ئەتىرەتلىرى، ماددى ئەشيا بىلەن تەمىنلەش پونكىتلىرى، مۇلازىمەت قىسىملىرى ۋە ئارقا سەپ قوماندانلىق شىتابىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان ۋە بۇزغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى مەۋجۇت بولسا، ‹دەرۋازا› سىرتىدا ئۇرۇش قىلغۇچى دۆلەت ئارمىيىسى ئالدىنقى سەپتىكى قىسىملىرىدىن بىر قىسىم ئۇرۇش قىلغۇچى ئەسكىرىي كۈچىنى يۆتكەپ، بىخەتەر بولمىغان ئارقا تەرەپ مۇھاپىزەت قىسمى، ئامانلىق-كۈزەتچىلىك قىسمى ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرغۇچى قىسىم قىلىپ، ئۆزگەرتىلىپ تەشكىللىنىشى مۈمكىن. ئەگەر غەلىبە قىلغان ئارمىيىنىڭ ئىشغال قىلغىنى دوستانە پۇقرالار بولسا، ئۇلار ھەم قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ. ھەم تۇرۇپ قالغان قىسىملارنى پاناھلاندۇرمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى يەنىلا نىسبەتەن يامان ۋەزىيەتتە بولىدۇ.
قورال-ياراغنىڭ بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا تەرەققىي قىلىشى دۈشمەن تەرەپكە ئوت كۈچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى سىر تۇتۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق قورال-ياراغلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆزئارا تۇتۇشىپ كەتكەن ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش لېنىيىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەخسۇس ماشىنا-ئۈسكۈنە، ستانوك ۋە ھەرخىل ئەسۋاپلارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. دەل مۇشۇنداق مەھسۇلاتلارنىڭ بىردەكلىكى زاۋۇتلارنى تېجەشلىك بىلەن زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئۆلچەم بىرلىكى قانچە بىرلىككە كەلگەنسىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈممۇ شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ. زاپاس ساقلانغان ماشىنا-ئۈسكۈنە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىردەكلىكى قانچە يۇقىرى بولسا، زاپاس ساقلاشقا تېگىشلىك ماددى ئەشيا ۋە زاپچاسلارنىڭ تۈرى شۇنچە ئاز بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق باشقۇرۇش ھەققى ۋە مەبلەغنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشتىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى كۆپ، ئەمما تۈرى ئاز بولسا، توقتاۋسىز ئايلىنىش ئۈچۈن كېتىدىغان زاپاس زاپچاسلارنىڭ ئامباردىكى ساقلىنىۋاتقان مىقدارىنى تېخىمۇ توغرا ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى قانچىلىق بىرلىككە كەلسە، رېمونت قىلغۇچىلار بىلەن ماشىنا باشقۇرغۇچىلارنى تەربىيەلەش ھەققى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. ھەم ئۇلارمۇ شۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋېلىپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆلچەم بىرلىكى بىرلىككە كەلگەن ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە كۆپلەپ سەپلىمە قىلىش _ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم قازىنىشتىكى مۇھىم خۇسۇسىيەت ھېسابلىنىدۇ.
ھەرقانداق تۇقۇنۇش سىتراتېگىيە كاتىگورىيىسىگە مەنسۇپ بولىۋەرمەيدۇ. قوراللىق كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش ئىرادىسى رول ئوينىمىغان ساپ مەمۇرىي ئىشلار داۋامىدا، ئۆلچەم بىرلىكىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىش ئارقىلىق كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ھېچقانچە توسقۇنلىققا ئۇچۇرىمايدۇ. ئەمما، سىتراتېگىيە كاتىگورىيىسىدە _ ھەربىي قورال-ياراغلاردىكى نوقۇل ھالدىكى بىردەكلىك ئارتۇقچىلىق بولماي، بەلكى بىر يوشۇرۇن ئاجىزلىق بولۇپ قالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىدىكى بىر خىللىق - قورال-ياراغلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى چەكلەشتەك كۆلەملەشكەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قوغلىشىش _ ئۆز بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىيە ۋە ھۇجۇم شەكلىدىكى ئۇرۇشتا بىر تەرەپلىمە نەتىيجىنى قوزغىتىپ قويىدۇ. مۇداپىيە ياكى ھۇجۇم ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان مەلۇم بىر قورالنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بىرلا تىپقا ئۆزگەرتكەندە، تۈرلۈك تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغانغا قارىغاندا، خېلى ساندا مەبلەغنى تېجەپ قالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇشتا، قابىلىيەتلىك بىر رەقىب بۇ قوراللارنىڭ بىر خىللا ئىكەنلىكىدەك خۇسۇسىيىتىنىڭ چەك-چېگىراسىنى پەرق ئېتىۋالالايدۇ. ئاندىن ئامال قىلىپ بۇ چەك-چېگىرادىن ھالقىپ ئۆتۈپ، زەربىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. نوقۇل تىپتىكى قوراللارنىڭمۇ ئاسانلا نوقۇل تىپتىكى بىر يۈرۈش قارشىلىق تەدبىرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇراشتەك ئاجىزلىقىمۇ بار. ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق بىر خىل تىپلىق قورالنى ھەرقانداق بىر خىللا قارشىلىق تەدبىرلىرىگە قارشى تۇرالايدىغان قىلغىلى بولۇشى مۈمكىن. ئەمما، دۈشمەن قارشىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرىدىغان نىشان بىر خىللا بولۇپ قالىدىغان بولغاچقا، دۈشمەن بارلىق قارشىلىق تىرىشچانلىقلىرىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشى مۈمكىن. ھەتتا، ئىنتايىن مۇكەممەل، تولۇق بولغان بىر يۈرۈش قورال-ياراغلارمۇ دۈشمەن پايدىلىنىپ كېتىدىغان مەلۇم ئاجىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. قورال تىپىنىڭ ئەمەلىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى زىددىيەت پەيدا قىلغان ئىقتىسادىي قائىدىنىڭ تەدبىق قىلىنىشى _ خىراجەتنى كۆپلەپ تېجەپ قېلىش ئۈچۈن نوقۇل ھالدىكى تىپلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى يولغا قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ۋاھەلەنكى، قوراللىق توقۇنىشتا قانۇنىي چېگىرا دەيدىغان گەپ يوق. ئۆلچەملەشتۈرۈش نەتىيجىسىدە دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قورال ياكى ئۈسكۈنە ئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچۇراشتەك ئاجىزلىققا ئىگە بولۇپ قالىدۇ. مەيلى ئۇرۇش ئايروپىلانى بولسۇن، باشقۇرىلىدىغان بومبىلىق سۇ ئاستى چۆكمە پاراخوتى بولسۇن، ياكى ئالدىن سېگنال بېرىدىغان رادار بولسۇن، دالا ئۇرۇشىدىكى رادىيو ۋاستىلىرى بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ.
شۇڭلاشقا، توقۇنىش ۋە سىتراتېگىيە ساھەسىدە ئىقتىسادىي قائىدە بىلەن توقۇنىشنىڭ ئۈنۈمىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر بىۋاستە قارىمۇ-قارشى بولىدۇ.
گەرچە، روشەن ھالدىكى خىراجەت چەك-چېگىرىسى بولغانلىقتىن كۆپ خىللىقنى چەكسىز ھالدا قارغۇلارچە قوغلىشىش مۈمكىن بولماي قالسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن پەيدا بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان، ئاسانلا ھۇجۇمغا ئۇچۇرايدىغان ئاجىزلىقمۇ نوقۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق قوغلىشىدىغان كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى توسۇپ قويىدۇ. ئوخشاش تەرەپلىك خەۋىپ ئۆلچىمى بويىچە ماشىنا-ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قارار قىلىنغاندا، كۆپ خىللىق ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەلنى قانچىلىق دەرىجىدە قۇبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. لېكىن، بۇ ئۆلچەمنى بېكىتىشتە، ئالدى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە توغرا كېلىدىغان ئومومىي ئىقتىسادىي ئىدىيىنىڭ سىتراتېگىيە ساھەسىدە چوقۇم ئۈنۈملۈك بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. ھەرقايسى ئارمىيە تۈرلىرى بىلەن قىسىم تۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە قوراللىرىنى تاللاش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى جىددى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ھەربىي ئاپپاراتلارمۇ سىتراتېگىيىلىك نەزەر-دائىرە كەم بولغان تەغدىردىمۇ، قورال-ياراغ سېتىۋالغاندا خەۋىپ-خەتەر پەيدا قىلىدىغان، ئۇچۇغا چىققان بىر خىللىقتىن ساقلىنىش مۈمكىن. بىراق، سېتىۋېلىنىدىغان مۇرەككەپ قوراللارنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىنى بەلگىلەشتە كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلىشىشنى توسۇشنىڭ چارىسى تېخىچە تېپىلمىغاندەك قىلىدۇ. ئىقتىسادقا ماددى كۈچنىڭ مەركەزلىك ھالدىكى بەدىلى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دۈشمەن مەركەزلىك ھالدا زەربە بېرىدىغان نىشان بىلەن تەمىنلىنىپ قالىدۇ. ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ سىتراتېگىيىنىڭ نورمالسىز مەنتىقىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىشى تامامەن توغرا ئىشتۇر. ئەمما، بۇ پەقەت تىنچلىق مەزگىلىدىلا شۇنداق بولىدۇ.
( داۋامى بار )
كېيىنكى بۆلەكتە سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمى بايان قىلىنىدۇ.
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. |
|