- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3895
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
63.17%
|
داۋامى:
تارىخىي خاتىرىلەردىن مەلۇمكى، مۇستەبىت دۆلەتلەر باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەپ ئۆتەلەيدۇ. ۋاھەلەنكى دېموكىراتىك دۆلەتلەر ھۈكۈمەتلىرىنىڭ ئۇرۇشخۇمار بولۇشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىندۇر. بىر قىسىم دۆلەتلەر دېموكىراتىيەلەشتۈرۈش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى تاجاۋۇزچىل بولۇپ كېتىدۇ. ئەكسىچە يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر دېموكىراتلىشىپ بولغاندىن كېيىن، تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ ئىمپېرىيە كېڭئەيمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى ئاساسلىق رىقابەت رەقىبىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىز مەلۇم مەزگىلدىكى ئالىيجاناب روھ ئارقىلىق ھەممە مەسىلىنى چۈشۈندۈرۈشكە قادىر ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە، پۇرسەتلا بولىدىكەن، ئىككى دۆلەتنىڭ سايلىغۇچىلىرى يەنىلا ئۆز دۆلىتى ھۈكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە قورال كۈچى ئىشلىتىشنى پۈتۈن دىل، پۈتۈن نىيىتى بىلەن قوللايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، دۆلەت پۇقراسىنىڭ ئارزۇسىدا ئانچە چوڭ پەرق بولمايدۇ. پەقەت ھەرىكەتنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇش دەرىجىسىدە بەزى پەرقلەر بولىدۇ. بۇنداق پەرق دېموكىراتىك ھۈكۈمەتنىڭ مۇستەبىت ھۈكۈمەتنى چەكلەش كۈرىشىدە ئېنىق ھەم توغرا ئايان بولىدۇ. دېموكىراتك ھۈكۈمەت دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە قۇدىرەت تېپىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدۇ؛ مۇستەبىت ھۈكۈمەت زومىگەرلىك ھوقوقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەيدۇ، جان-جەھلى بىلەن دېپلوماتىيە ئىشلىرىنى دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىپ ئادەتلىنىپ قالغان ۋاستىلەر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. دېموكىراتىك ھۈكۈمەتلەر ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى ئىجادچانلىققا ئىلھام بېرىدۇ. پەن-تېخنىيكا ساھەسىدە ھەشەم تارتمايلا ئالدىنقى ئورۇننى ساقلاپ قالالايدۇ؛ كاززاپلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىش جەھەتتە، بۇنداق ھۈنەرگە ئۇستا بولغان مۇستەبىت ھۈكۈمەتكە قارىغاندا ئۈستۈنرەك تۇرىدۇ. ئۇرۇش ئارقىلىق پەرقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە، ئامېرىيكا قاتارلىق دېموكىراتىك دۆلەتلەر ئاشۇ كاززاپلىق قىلىش، ۋە ئالدامچىلىق قىلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىش جەھەتتە دۈشمىنىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بېسىپ چۈشتى. ئەمدى ئەسلەپ كۆرۈدىغان بولساق، تىنچلىق مەزگىلىدىكى خەلقئارا سىياسىي داۋامىدىكى توقۇنىشنى سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش _ دېموكىراتىك دۆلەتلەرنىڭ تۈپ ئاجىزلىقى. بۇنداق ئاجىزلىق كۈچ سېلىشتۇرمىسىغا نىسبەتەن ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىز ئەمدى كەينىمىزگە سەل يېنىپ، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا نەزەر سالغاچ ئۆتۈپ كېتەيلى. خەلقئارا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش _ توقۇنۇشۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ھەرخىل بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۆز بويامچىلىق تاكتىيكىسىدۇر. خەلقئارا جامائەت پىكىرىنىڭ كونكىرت ئىپادىلىرى بىز دېمەكچى بولغان مۇنو 4 خىل نۇقتىغا يېغىنچاقلىنىدۇ:
1. سىياسىي جەھەتتىكى بىرلىك ۋە زىتلىق.
سىياسىي جەھەتتىكى تەشۋىقات ئۇرۇشى كۆلەم جەھەتتە دۆلەتلەر ئارا بىرلىك ۋە زىتلىقنى كۆرسەتسا، دائىرە جەھەتتە، تاق لېنىيىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان < ئا ...... ب > تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى مايىل قىلىش ۋە يەرلىك كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىش سىياسىي مۇددىئاسىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەتلەر ئارىسىدا بولىدىغان سىياسىي ئۇرۇش يەككە دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ، كۆپ دۆلەتلەر بىلەن بىر دۆلەت ئارىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي تەشۋىقات ئۇرۇشى دۆلەت مەنپەئەتىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. زېمىن تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تېرىتورىيە كېڭئەيمىچىىلىكى بىلەن ئىگىلىك ھوقوقى داۋاسىنى قىلىدۇ. تالاش-تارتىشتىكى ئاساسلىق زىددىيەت _ زېمىن ۋە زېمىندىكى تەبىيئىي بايلىقتۇر. قارشى تەرەپتىن كېلىدىغان تەھدىتمۇ مۇشۇ زىددىيەتتىن بىخلىنىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسىي تەشۋىقات كۈرەشلىرىدىكى بىرلىك نۇقتىئىنەزەرى سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى دۆلەتلەردە، دۆلەت ئىچىدە بىردەك ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، قىزىققانلىقنى ئېنېرگىيە ئورنىدا پايدىلانغان بۇ خىل بىرلىك دۆلەت سىرتىدىكى ئۆزگىچە يېڭى موھىتقا ماسلىشالماي، خەلقئارادىكى ھەرخىل تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ رىقابەتكە دۇچ كەلگەن ۋە ھەق دەپ قارالغان زىتلىقىنى ئاشكارىلايدۇ. كاپىتالىزىم لاگىرىدىكى دۆلەتلەردە شەخىسنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي گەۋدە ئۈستىگە قۇرۇلغان مەنپەئەت مونوپوللىقى ھامان، دۆلەت مەنپەئىتىدىن غالىپ كېلىپ، بىر قەدەر خەلقئارالاشقان جامائەت پىكىرىنى قوزغىيالايدۇ. بۇ يەردىكى شەخىسنىڭ مەنپەئەت مونوپوللىقى بىلەن دۆلەت مەنپەئىتى تار مەنىدىكى مەنپەئەت ئۇقۇمىنى كۆرسەتمەيدۇ. ھۈكۈمران تەبىيقىلەر ئۆزى تايىنىۋاتقان سىياسىي تۈزۈلمە ئارقىلىق يادىرولىق مەنپەئىتىنى قانداغ قوغداشنى بىلىدۇ. چوڭ دۆلەتلەر كىچىك دۆلەتلەرگە قارىتا؛ كۆپ دۆلەت بىر دۆلەتكە قارىتا، خەلقئارالاشقان سىياسىي بىرلىك بىلەن زىتلىق ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ خىل سىياسىي بىرلىك بىلەن زىتلىقنىڭ كونكرت شەكىللىرى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك سىياسىي بېسىم، سىياسىي تەشۋىقات ئويۇنلىرىدىكى سىياسىي تەھدىت، سىياسىي تۆھمەت ۋە ئويدۇرما پاكىتلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ئالاھىدە شارائىتتا، ھەرقايسى تەرەپلەرگە خاس بولغان مەلۇم ئاساسلارمۇ يوق ئەمەس. چۈنكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ قارارگاھى يوقتۇر.
لوگىيكىلىق تەپەككۈر ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئىچكى نىشان بىلەن خەلقئارا سىياسىي توقۇنۇش جەھەتتىكى نىشان بىردەك بولماي قېلىش ئەھۋالى بىر خىل ئومومىيۈزلۈك ھادىسەدۇر. دۆلەت ئىچىدە، دۆلەتكە ئۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ھۈكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھۈكۈمەتلىرى خەلقئارا ئىشلاردا لوگىيكىلىق تەپەككۈرگە ئەمەل قىلىدىغان ئەھۋالى بىر قەدەر مۇجىمەل بولىدۇ. ھەرقايسى تاراتقۇ ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى جۇغلىغان پىتنىلەردىن ئايان بولۇشىچە بۇ خىل مۇجىمەللىك تېخىمۇ سىرلىقلىشىپ كېتىدۇ. ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنىڭ بىردەك بولۇشى ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىش بولغاچقا، سوبېكىت ئاپپاراتنىڭ ئارزۇسى ئوبېكتىپ ئەمىلىيەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋەزىيەتكە نىسبەتەن خىلاپىي پوزىتسىيىدە بولىدۇ. شۇڭا، ھاكىمىيەت بېشىدا ئىش تەۋرىتىۋاتقان سىياسىيونلار نەزەرىنى تېخىمۇ يىراقلارغا قارىتىپ، بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن دېپلوماتىيە سىياسىتىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ تەڭپۇڭ ھالەتتە تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. بىر قولىدا توقۇنۇشنى، يەنە بىر قولىدا سۆھبەتنى تۇتۇپ تۇرالىغان ھۈكۈمەت ئاپپاراتىلا سىتراتېگىيىنىڭ سىياسىي قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ.
( داۋامى بار. ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. ) |
|