- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3895
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
63.17%
|
داۋامى:
شۇڭا، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئاخبارات مۇسابىقىسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئۇ توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولىدۇ. تەرەپلەر قوماندانلىق شىتابلىرى نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى توغرا بىلىش ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا بولمىسىمۇ _ ئۆزى توپلىغان ئاخباراتلارنى تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر، بۇ مۇسابىقىدە مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئۇتۇپ چىقسا، يەنى ئۇلار ئاخباراتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويمىغانلا بولسا، ئۇلارنىڭ تولۇق غەلىبە قازىنىشى يەنىلا ئېھتىمالغا يېقىندۇر؛ ئەگەر، ئۇلار مۇۋاپىق ئورۇندا تۇرغان بولسا، يۆتكەشكە بولىدىغان قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ، دۈشمەننىڭ بېسىپ كېلىۋاتقان قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. ھەمدە، بۇ قىسىملارنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا بولىدىغان جايلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ _ تاكتىيكا قاتلىمىدا ھەقىيقەتەن شۇناق بولىدۇ. ئەگەر، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئاخبارات ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولسا، ياكى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدا كۆرۈلگەن ۋەزىيەت قالايمىقان ھەم تۇتۇق بولۇپ، مۇداپىيەدە تۇرغۇچىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇم نىشانىنى ۋاقتىدا توغرا تاللىياسماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۇ ھالدا، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئومومىيۈزلۈك چېكىنىپ، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ قىسىملىرىنىڭ دەرھال بۇزۇپ تاشلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغان ئۇرۇش سېپىنى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.شۇنداق قىلالىغاندىلا، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئامان قېلىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.
سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدا، مۇداپىيەدە تۇرۇۋاتقان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئىگەللىگەن ئاخباراتلارغا ئاساسەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن يەكۈن بويىچە ئەتىراپلىق، پىلانلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئومومىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ھەمدە موسكۋانى قوغداش، لېنىنگىراد ۋە ستالىنگىراد ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى تولۇق قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى بېسىۋالىدۇ. قىزىل ئارمىيە پاسسىپ مۇداپىيە سىتراتېگىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئالدىنقى سەپتىن چېكىنگەن كونا قىسىملار بىلەن ئارقا سەپتىكى زاپاس قىسىملار بىرلىشىپ توپلىشىدۇ. يېڭى كۈچ ھاسىل بولۇشى بىلەن قىزىل ئارمىيە بىر تەرەپتىن يېڭى مۇداپىيە لېنىيىسىنى بەرپا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن چاقماق تېزلىكىدىكى سۈرئەت بىلەن گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئۈنۈملۈك قارشىلىشىدۇ. قىزىل ئارمىيىنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، قىزىل ئارمىيە يېڭى كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. يەنە بىرى، قىزىل ئارمىيىنىڭ ھەرىكەتتىكى سۈرئىتى دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭكىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئۈچۈنچى ئالاھىيدە سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولسا، قىزىل ئارمىيە تاكتىيكا جەھەتتە خورىتىش ئۇرۇشىدىن چاقماق تېزلىكىدىكى ھەرىكەتچان ئۇرۇش يۆنىلىشىگە يۈزلىنىدۇ.
ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى تىپىك نۇقتىلار.
دۈشمەن ئىچكىرىلەپ كىرگەن جايلاردىن چېكىنىپ چىققاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولۇشى مۈمكىن. چېكىنىش ئارىلىقى دۈشمەننىڭ بىر قېتىملىق سەكرەپ ئىلگىرىلەش ئارىلىقىدىن بىر باراۋەر ئېشىپ كېتىشى كېرەك. چۈنكى، شۇنداق ئارىلىقتىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىنلا، دۈشمەننىڭ تانكا، بىرونىۋىك قىسىملىرى ئارقا سەپ تەمىناتىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ. ماددى ئەشيا ۋە خادىم تولۇقلاشقا، ماشىنىلارنى ئاسراپ رېمونت قىلىشقا ۋە قوشۇننى تەرتىپكە سېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ نەتىيجىسى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدا، ئىككى تەرەپ ئارمىيىسىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىگە باغلىق بولماي، بەلكى ئۇرۇش رايونىنىڭ ئىچكىرى جايلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتىغا باغلىق بولىدۇ. بىزگە مەلۇم، تېخنىيكا جەھەتتىن ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك، تاكتىيكا جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇۋاپىق بولغان تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىيەسى راستىنلا ئەسقاتىدىغان بولسا، ئۇ ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىمۇ، مۇقەررەر ھالدا جانغا ئەسقاتىدۇ. يەنە مەلۇمكى، بىرونىۋىك قىسىملار بىلەن تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق تاق لېنىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلسا بولمايدۇ. بەلكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا، ئۆزئارا ئەمەلىي تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك كۈچلىرى بىرلىشىپ، ماسلىشىپ جەڭ قىلىشى كېرەك. بۇ كۈچلەر _ توپچى قىسىملار، مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئۇرۇش سېپىنى ساقلايدىغان پىيادە ئەسكەرلىرى، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى، ئۇرۇش رايونىنىڭ ئۆزىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھاۋا كۈچلىرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان قىسىملىرى ۋە قۇرۇشقا بولىدىغان توساقلار، ئاكوپ-خەندەكلەر، ھەم ئىستېھكاملاردىن ئىبارەتتۇر. بۇندىن باشقا، ئويلىشىۋاتقان لايىھە ئانچە رادىيكال بولمىغان بولسا، مۇنداق لايىھەلەردە بەلكى، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى _ بىرونىۋىك قىسىملار بىلەن ماشىنىلاشقان قىسىملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلمەيدۇ. بىرونىۋىك قىسىملار، ماشىنىلاشقان قىسىملارنىڭ ئۇدۇلىدا، تانكىغا قارشى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمى قايتىدىن كۆپەيتىلىدۇ. دەرۋەقە، بىرونىۋىك قىسىملار بىلەن ماشىنىلاشقان قىسىملارمۇ نەزەردە تۇتۇلىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ قىسىملار پۈتكۈل مۇداپىيەنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.
ئوپېراتسىيە قاتلىمىدا تۈرلۈك ئامىللار ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەسىرىنى مۆلچەرلىگەندە، شۇنى كۆرۈش مۈمكىنكى، تاكتىيكا قاتلىمىدا كۆرۈلىدىغان بىرونىۋىك قىسىملار بىلەن تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ ھەرگىزمۇ نەتىيجىنى بەلگىلەش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. خۇددى، ھەرقانداق بىر مەيدان ھاۋا ئۇرۇشى ھاۋادىكى ئۈستۈنلۈكنى تالىشىش كۈرىشى داۋامىدا نەتىيجىنى بەلگىلەش رولىنى ئوينىيالمىغانغا ئوخشاش. بىز مەسىلىنى نەزەر دائىرىمىزنى كېڭئەيتىپ كۈزەتكەن چېغىمىزدا، شۇنى كۆرۈمىزكى، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمچى ئالدىن يۈرەر تانكا ۋە ماشىنىلاشقان پىيادە ئەسكەرلەر قىسىملىرىنىڭ كەينىدىن ئاساسىي قوشۇن يېتىپ كېلىشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھۇجۇمچى قىسىملىرى مۇداپىيە لېنىيىسىنى بۆسۈپ تاشلاش پەيتىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. تاكتىيكا قاتلىمىدا كۆرۈلگەن ئەھۋال يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ كونكىرت مەزمۇنى ئۆزگىرىش ياسايدۇ: دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغان بىرونىۋىكلىرى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، قارشى تەرەپ ئارمىيىسى پاچاقلاپ تاشلىسۇن، دەپ شۇ يەرلەردە يەمچۈك ھالەتتە تۇرىدۇ. چۈنكى، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ بۇ بىرونىۋىكلىرىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە قارشى تەرەپنىڭ بەزى تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش گۇرۇپپىلىرىنى يوقىتىدۇ. ھەمدە، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ زاپىسىنى خورىتىدۇ. تانكا قىسىملىرى بىلەن ماتورلاشقان ماشىينا قىسىملىرى ھەم ئوق-دورا ئاتالايدۇ، ھەم ئۆزى ئوق-دورا بولالايدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرىدا ئىلگىرىلەۋاتقان ئاساسىي قوشۇن ئالدىن يۈرەر ھۇجۇمچى قوشۇننى يەمچۈك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يوللىرىنى ئاچىدۇ. دەرۋەقە، دۈشمەن ئارمىيىسى قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيە لېنىيىسىنى بۆسۈپ تاشلىغاندا، بۇزۇپ تاشلانغان بىرونىۋىكلار سانىنىڭ ئىمكانقەدەر ئاز بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، ئۇرۇش سېپىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول ئېچىلسىلا، ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ تاكتىيكا نەتىيجىسى بىلەن سەرپىيات سېلىشتۇرمىسى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇ پەقەت بىرلا مۇداپىيە لېنىيىسى بولغان ئەھۋالدا شۇنداق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ كەينىدىنلا، ئاساسىي قوشۇن ھۇجۇمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياكى مەغلۇبىيەتلىك بولۇشى پۈتكۈل ھۇجۇم قىلغۇچى قىسىملارنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز ئارقا سېپىگە كىرگەن چاغدا ئەمەلىي كۈچىنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى زىيان تارتىشىغا باغلىق بولماي قالىدۇ.
ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنىڭمۇ ئاچقۇچلىق ئامىلغا ئايلىنىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. تاكتىيكا ئۇسۇلى تاكتىيكا قاتلىمىغا تەدبىق قىلىنغانغا ئوخشاش، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى سىتراتېگىيە قاتلىمىغا تەدبىق قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇللار داۋالاش رېتسىپلىرىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېففېكىتى تامامەن كونكىرت ئەھۋالغا، يەنى كىمنىڭ كىم بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا ۋە قانداق ئەھۋالدا ئۇرۇش قىلىشىغا باغلىقتۇر. خورىتىش ئۇرۇشى ئومومىي ئۇرۇش بولماي، قىسمەن ئۇرۇش بولىدىغانلا بولسا، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىدا يەنە تۈرلۈك تاكتىيكا بولغانغا ئوخشاش، ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىمۇ شۇنداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن ھاۋا ئۇرۇشى جەھەتتە، دۈشمەن ئايروپىلانىنى توسۇپ زەربە بېرىش، ئايرودىرومغا ھۇجۇم قىلىش ۋە دۈشمەن نىشانلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ھاۋانى كونتىرول قىلىش ھوقوقىنى تالىشىشتا، قوللىنىلىدىغان ئۈچ خىل ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىدۇر. دېڭىز ئۇرۇشى جەھەتتە، دېڭىزغا مىنا ئورۇنلاشتۇرۇش، سۇ ئۈستى پاراخوتلىرى بىلەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئۆزئارا قارشىلىق قىلىشى ۋە ئىككى تەرەپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋياماتكا توپلىرىنىڭ قارشىلىق قىلىشى قاتارلىق ئوپېراتسىيە ئۇسۇللىرى دېڭىز ئۇرۇشىدا ئوخشىمىغان تاكتىيكا ئارقىلىق تەدبىقلىنىپ قوللىنىلىدۇ.
ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنىڭ رولى.
بىز ئەمدى ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىنىڭ ھالقىلىق رولىغا دىققەت قىلغاچ ئۆتۈپ كېتەيلى. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ئەسلىدە، بار ئاماللارنى قوللىنىپ، چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرمەكچى ۋە مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنى ھەربىي بازىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلماقچى بولىدۇ. بولۇپمۇ، دۈشمەن تەرەپنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ تەدبىرلىرىنى قالايمىقان قىلىپ، دۈشمەن تەرەپنىڭ قايتۇرما زەربىسىنى خاتا يۆنىلىشكە بۇرىماقچى ۋە دۈشمەن ئارمىيىسىنى تەشكىلسىز چېكىنىشكە مەجبۇر قىلماقچى بولىدۇ. ئەمما، مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپ يالغۇز تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ، تاق قاتلاملىق مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ ئۇدۇلىدا خورىتىش ئۇرۇشى قىلغاندا، دۈشمەننىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىچكىرىلەپ بۆسۈپ كېلىۋاتقان قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توسۇپ قېلىشى مۈمكىن. مۇشۇ لېنىيىدە سانى ئىنتايىن كۆپ تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان قىسىملار بولمىسا بولمايدۇ. لېكىن، مۇنداق كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. بۇ خورىتىش ئۇرۇشى ئۇسۇلى بىر خىل قاملاشمىغان ئۇسۇل دېگەنلىك ئەمەس. بۇنداق جەڭدە، ماددى ئەشياغا بولغان ئېھتىياج بىلەن ۋەزىپە ئوتتۇرىسىدىكى تەلەپ ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئەمما، دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىغان ھەربىر مۇداپىيە قىسىملىرىنىڭ مۇشۇ خىل شارائىتتىكى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئۇرۇش سېپىنى بويلاپ ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرغان مۇداپىيەدە تۇرغۇچى قىسىملار بىلەن ئۇرۇش سېپىدىكى تار بۆلەكلەرگە ئەسكىرىي كۈچىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەن ھۇجۇم قىلغۇچى قىسىملار سان جەھەتتە تولىمۇ تەڭسىز ھالەتتە بولىدۇ. دەرۋەقە، خورىتىش ئۇرۇشى ماتىماتىيكىلىق ئۇسۇل بىلەن ھېسابلىنىدىغان مەسىلىگە ياتىدۇ. بۇنداق ئۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىمۇ مۈمكىن. لېكىن، پەقەت مۇداپىيە ئۇرۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى يالغۇز تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىلا ئىشلىتىپ تۆلىگەن بەدەل بەك كۆپ بولغان ئەھۋالدىلا شۇنداق بولىدۇ. بىرىنچىدىن، مىنا رايونى ھاسىل قىلىش، تانكىغا قارشى خەندەكلەرنى قېزىش ۋە ھەرخىل سۈنئىي توساق توسالغۇلىرى ئارقىلىق دۈشمەن تانكا قىسىملىرىنى توسۇپ قېلىپ، تانكىلارنىڭ سانىنى تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى ھۇجۇم قىلالايدىغان تانكىلارنىڭ سانى ئىچىدە ساقلاپ قېلىشقا؛ تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىڭ سانى بىلەن بۇ توسالغۇلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، تانكىغا قارشى يەنە بىر خىل ۋاستە سۈپۈتىدە قويۇپ بېرىش ئىستېھكاملىرىنى قۇرۇپ-ياساپ، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا گۇرۇپپىلىرىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغان ئاپتوموبىللارغا نىسبەتەن ناھايىتى يۇقىرى سەرپىيات نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە، بۇنداق قورغان شەكلىدىكى ئۇدۇل مۇداپىيە سىستېمىسى ئۇدۇل تەرەپنىڭ كەڭلىكىگە باغلىقتۇر. ئۇ ئەمدى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى مەسىلە ئەمەس. بەلكى، سىتراتېگىيىنىڭ ئۇرۇش رايونى قاتلىمىدىكى مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. تاق قاتلاملىق مۇداپىيە لېنىيىسىدە خورىتىش ئۇرۇشى قىلىشنىڭمۇ مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈمىز. ئۇنىڭ قىسمەن قىممىتىنى تاكتىيكا ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاددى ھالدا مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.
( داۋامى بار، ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. )
|
|