سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكا (1-قىسىم) ئابدۇللا جاھانگىرى ئابدۇقادىر
ئىلاۋە:
مەزكۈر تېما سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. مەن ئۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئەمەس. پەقەت ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە نورمىدىن سىرت زىيادە قىستىلىشىپ كىرىۋالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر ئاتالغۇ -ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. مەزكۈر تېما يەنە مەلۇم بىر سىياسىي گۇروھ، سىياسىي پارتىيە ۋە دۆلەتكە قارىتىلمىغان. يەر شارىدا 200 دەك دۆلەت ۋە رايون بار.مەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھەربىي ساھەسىدە بىر قىسىم ئوموملاشقان نۇقتىلارنى بىي تەرەپ مەيداندا تۇرۇپ قىسقىچە تەھلىل قىلىش بىلەنلا چەكلەندىم، خالاس.
مەزكۈر تېما ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ. 1-قىسىمدا سىتراتېگىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى تەھلىل قىلىنىپ، تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنىدۇ. 2-قىسىمدا ئۇرۇش تاكتىيكىلىرى تەھلىل قىلىنىپ، تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنىدۇ. ۋاقىت مۇناسىۋېتى ھەم تورداشلارنى چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ ئۇزۇن تېمامنى قىسقا-قىسقا بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللايمەن. تېمىغا قىزىققۇچىلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
سىتراتېگىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى
سىتراتېگىيە بىلەن تاكتىيكا تىنچلىق يىللىرىدىمۇ، ئۇرۇش يىللىرىدىمۇ كەڭ مەناغا ئىگە بولغان ھادىسە ۋە ماھىيەت؛ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاپ كېلىدىغان پەلقۇلئاددە بىر ئۇقۇمدۇر. سىتراتېگىيە ئومومىيلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇرۇش ۋەزىيىتى سىتراتېگىيىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ جەريانىغا، ئۆزگىرىشىگە ۋە تەرەققىياتىغا سىتراتېگىيە تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىتراتېگىيىنىڭ دەل چۈشۈدىغان توغرا تەبىرى يوق. ئۇ خىلمۇ-خىل تەدبىق قىلىنىدۇ. سىتراتېگىيە بىر دۆلەتنىڭ ياكى مەلۇم بىر ھەربىي رايوننىڭ تەلىماتىنى كۆرسىتىشى مۈمكىن. ئەمەلىي ئۇسۇل-مېتودلىرىنى كۆرسىتىشى مۈمكىن. نەزىرىيە، پەن ۋە تەھلىلنى كۆرسىتىشى مۈمكىن. مۇھىمى ئۇرۇشنىڭ ئومومىي ۋەزىيىتىدىن توغرا يەكۈن چىقىرىپ، ھۈكۈم قىلىشنى كۆرسەتسە كېرەك.
سىىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكىنىڭ كونكىرىت شەكىللىرى بىلەن قاتلاملىرى بار. ئۇ يەنە جۇغراپىيە ئۇقۇمىدىكى سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكا، ئىقتىساد ئۇقۇمىدىكى سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكا، سىياسىي ئۇقۇمدىكى سىتىراتېگىيە ۋە تاكتىيكا، ھەربىي ئۇقۇمدىكى سىتراتېگىيە ۋە تاكتىيكا قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىتراتېگىيە _ دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ھەرخىل تۈزۈلمىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە تەدبىقلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئۇقۇمدۇر.
دىيالېكتىيكىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بولغان_قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ بىرلىگى بىلەن زىتلىقى قانۇنىيىتىدە، شەيئىلەر ئۆزئارا بىرلىككە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزئارا زىتلىققىمۇ ئىگە بولغان بولىدۇ. شەيئىلەر تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزئارا تەسىر قىلىش، ئايلىنىش، قوشۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش ئارقىلىق دىيالېكتىيكىنىڭ قارىمۇ-قارشىلىقىنىڭ بىرلىگى بىلەن زىتلىقى قانۇنىيىتىدىكى بىرلىك زىتلىققا؛ زىتلىق بىرلىككە توقتاۋسىز ئايلىنىپ تۇرىدۇ. دىيالېكتىيكىنىڭ بۇ خىل ئىككى بىسلىق قانۇنىيىتى _ سىتراتېگىيە بىلەن تاكتىيكىغا جانلىق تەدبىقلىنىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا تىنچلىق يىللىرى ئۇرۇش يىللىرىغا ئۆزگەرسە، ئۇرۇش يىللىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تىنىچلىق يىللىرىغا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. توقۇنىش بىلەن سۆھبەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ھەرقانداق بىر ئۇرۇش رايونىنىڭ سىتراتېگىيىسى ئۇرۇش رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەخۋالىنى كونكىرت تەھلىل قىلماي قالمايدۇ. تەدبىردىكى ئۆزگىرىشچانلىق بىلەن ھەربىي ھەرىكەتتىكى ھەرىكەتچانلىق ياكى دۈشمەننى سۆھبەت ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلىدۇ؛ ياكى، دۈشمەننى جەڭگاھقا سۆرەپ كىرىدۇ. مەۋقەسى تۇراقسىز، ئەمما ھەربىي تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان قوماندانلار ئىدىيولوگىيە ئۇرۇشى بولسۇن، ۋە ياكى زېمىن-بايلىق ئۇرۇشى بولسۇن، ئۇرۇش سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ دۈشمىنىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلىدۇ. پۇختا تۈزۈلگەن ھەربىي پىلان-تەدبىرلەرمۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى تۈپەيلىدىن ياكى كارغا كېلىدۇ؛ ياكى كارغا كەلمەيدۇ. ۋەزىيەت مۇقۇملاشقاندىلا بۇ خىل پىلان-تەدبىر ئەسقېتىپ قېلىشى مۈمكىن. ئۇرۇش قانۇنىيىتى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، سىتراتېگىيە بىلەن تاكتىيكا نىسپىي بولۇپ، مۇتلەق ئەمەس. چۈنكى تەدبىردىكى ئۆزگىرىشچانلىق بىلەن ھەربىي ھەرىكەتتىكى جانلىقلىق قېلىپلاشقان مۇتلەق رامكىنى رەت قىلىدۇ.
2000 يىللىق سىتراتېگىيە
ئەمىنىيە ۋە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن باشلاپلا سەددىچىن سېپىلى سېلىنىشقا باشلىغان. سەددىچىن سېپىلىنىڭ قەد كۆتۈرىشى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر 2000 يىللىق سىتراتېگىيىنى پىلانلاشقا باشلايدۇ. غەربىي دىياردىكى كۆچمەن ھاكىمىيەتلەر چېگىرا رايونلاردا تەپىرىقىچىلىق پەيدا قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تەكرار تەھدىت سېلىپ تۇرغاچقا، سەددىچىن سېپىلىمۇ يايلاق ئوغلانلىرىنى توسۇپ قالالمايدۇ. غەربىي خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتىراتېگىيىسى يولغا قويىلىدۇ. چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسىنى ھەرقايسى دەۋىردىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر ئىزچىل ئىجىرا قىلىپ كېلىدۇ. چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئىجىرا قىلىنىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئاھالە كۆچۈرۈش بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپمۇ قالدى. ياكى، يايلاق ھاكىمىيەتلىرى تەرەپىدىن قەتلى قىلىندى. لېكىن ئوخشايدىغان تەرەپى بولسا، چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسى ئۇدا 2000 يىل ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.
ھالە بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە كەلگەندە، چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسى ئومومىيۈزلىك ئەمەلگـە ئاشتى. چېگىرا رايونغا ئاھالە كۆچۈرۈش سىتراتېگىيىسى ئەمدىلىكتە چېگىرا رايوننى گۈللەندۈرۈش سىتراتېگىيىسىگە ئالماشتى. ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا-بازار-كەنتلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن تەسىس قىلىنىشى بىلەن ئاھالىلەر سەپلىنىپ تولۇقلىنىپ تۇردى. دىيارىمىزنىڭ تارىختىن داۋاملىشىپ كەلگەن يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ بولۇشتەك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى. يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم تېرورلىق ۋەقەلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دىيارىمىزنىڭ مۇقۇملىقى ئاساسىي جەھەتتىن نورمال بولۇپ كەلمەكتە. مۇقۇملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دائىرىلەر ئىچكى-تاشقى مۇداپىيە سىستېمىلىرىنى ئىنچىكە ۋە پۇختا بەرپا قىلىپ، قىلچە يوچۇق قويماسلىق، سۈر-ھەيۋىنى نامايىش قىلىپ تېرورىزىمگە يۇقىرى بېسىم پەيدا قىلىشتەك سىياسىي تەدبىرلەرنى يولغا قويماقتا. بىر قىسىم ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن تاراتقۇلارنىڭ زىيادە سەزگۈرلىكى كىشىگە‹ئوتنى چۇقچىلىساڭ ئوت ئۆچىدۇ، خوشناڭنى كوچىلىساڭ خوشناڭ كۆچىدۇ› دەيدىغان بىر مىللىي ئۇسلوپتىكى ئىدىيومنى ئىختىيارسىز كىشىنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرىدۇ. مۇقۇملىقتىن مۇقۇمسىزلىق پەيدا قىلىش؛ يېڭى سۈپەتتىن كونا سۈپەتكە چېكىنىش _ جۇڭگو ئارزۇسى ئەمەس. چېگىرا رايوندىكى ھەربىر پۇقرانىڭمۇ ئارزۇسى ئەمەستۇر.
ھەرقانداق بىر جەمىيەتتە زىددىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن سوتسىيالىزىم جەمىيىتىدە ئانتوگونىيىلىك زىددىيەت مەۋجۇت ئەمەس. بىزگە مەلۇم بولغىنى خەلق ئىچىدىكى ئانتوگونىيىسىز زىددىيەتلەردۇر. جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ زىددىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ. زىددىيەتتىن خالىي تەرەققىياتمۇ بولمايدۇ. دەسلەپكى بىرقانچە يىللاردا ئاپتونوم رايونلىق خەلق ھۈكۈمىتى ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى دىيارىمىزنىڭ جەنۇب، شىمال، غەرىب ۋە شەرق تەرەپ يۆلىنىشلىرى بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق قوشۇمچە كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرغانىدى. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال ئىدى. لېكىن، يېقىنقى چاغلاردىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى ئاساسىي زىددىيەت _ مۇقۇملىق خىزمىتى بىلەن رايونلىق خەلق ھۈكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان قوشۇمچە كىرىم قىلىش سىتراتېگىيىسى ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىر قىسىم ناھىيە، يېزا-بازار-كەنتلەر قاشالاش، قورۇغداش ۋە رامكىلاشتىن ئىبارەت بىنورمال غەيرى سىتىراتېگىيە ۋە تاكتىيكىنى ئىجىرا قىلىشقا باشلىدى. يەنە ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنى يېغىۋېلىپ، سىرتقا چىقماسلىق، سىرتتىن كىرمەسلىكتەك بېكىنمە ھالەتنى پەيدا قىلىپ، دېھقان ئېشىندى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قوشۇمچە كىرىم قىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ قويدى. ئەمما، سوتسىيالىزىم جەمىيىتىدىكى بۇ خىل ئانتوگونىيىسىز زىددىيەتلەر ئومومىي ياكى قىسمەن سان ئۆزگىرىشى جەريانىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، مەلۇم چەككە بارغاندا جەزمەن سۈپەت ئۆزگىرىشى ھاسىل قىلىشى مۈمكىن.
...........................
( داۋامى بار )
كېيىنكى بۆلەكلەردە سىتراتېگىيىنىڭ:
جۇغراپىيىلىك قاتلىمى، ئىقتىسادىي قاتلىمى، سىياسىي قاتلىمى، ھەربىي قاتلىمى، تېخنىيكىلىق قاتلىمى تاكتىيكا قاتلىمى، ئوپېراتسىيە قاتلىمى، ئۇرۇش رايونى قاتلىمى، تاغ-تۇرا سىتىراتېگىيىسى، ئۈچ بۇلۇڭ قاتلىمى، زەنجىرسىمان شەكىلسىز قاتلىمى ۋە ئومومىيۈزلۈك قاتلاملىرى نەزەرلىرىڭىزدە بولىدۇ.
ئەگەر تېما تەستىقلىنىپ قالسا، داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
|