- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3895
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
63.17%
|
داۋامى:
شۇنداق دېيىش كېرەككى، خورىتىش ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرىكەتچان ئۇرۇش ھەرگىز ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىلا كۆرۈلمەستىن، سىتراتېگىيىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەمما، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ مۇھىملىقى يەنىلا مۇشۇ خىل ئۇرۇش تەركىبىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە باغلىقتۇر. ئەگەر، مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش ھەرىكىتى ماھىيەت جەھەتتىن خورىتىش ئۇرۇشىغا مەنسۇپ بولسا، مەسىلەن 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىكى كۆپ قىسىم خەندەك ۋە ئاكوپ ئۇرۇشلىرىغا ئوخشاش بولسا، جەڭ ھەرىكىتى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىن كۈزىتىلىدۇ. ئۇ پەقەت ئۇرۇش لېنىيىسىنىڭ بۇ قىسمى، ياكى ئۇ قىسمىدا تەكرار كۆرۈلگەن، ئوخشاش خاراكتىردىكى تاكتىيكىلىق ئۇرۇش پائالىيىتىدىن ئىبارەتتۇر. مەسىلىنى ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىن كۈزىتىپ ئىگىلىگەن نەرسىلەر پەقەت تاكتىيكا نۇقتىسىدىن كۈزەتكەن ھەر قېتىملىق ئايرىم ئۇرۇش ھەرىكىتىگىلا ئوخشايدۇ. باشقا بارلىق ئۇرۇش شەكىللىرى جەھەتتىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولىدۇ. ئەكسىيچە، مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتچان ئۇرۇش تەركىبى ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلىگەندە، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ رولى مۇناسىپ ھالدا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ كېتىدۇ. مەيلى ھازىرقى زاماندىكى ئۇرۇشنى يولغا قويۇش بولسۇن، ياكى بۇرۇنقى ئۇرۇشلارغا قاراتقان تەھلىلدە بولسۇن، ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئېھتىمال ئەڭ ياخشى مىسال بىزنىڭ مۇشۇ دەۋرىمىزدىكى ئەڭ تىپىك ھۇجۇم ئۇرۇشى شەكلى _ بىرونىۋىكلار بىلەن چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىش شەكلىدىن ئىبارەت بولۇشى مۈمكىن. ئۇ مۇھاكىمە قىلشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا. بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ داۋاملىق مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەتچان ئۇرۇشقا روشەن سېلىشتۇرما بولالىغۇدەك باشقا ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر.
ئوپېراتسىيە قاتلىمىدىكى تۆت خىل ئۇرۇش شەكلىنىڭ ئۆزئارا ئۆزگىرىش تەرەققىياتىدىكى جانلىقلىق.
بىز تانكا، پىيادە ئەسكەرلەر جەڭ ماشىنىسى ۋە ئاپتوموبىللاردىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇن سەپ تارتىپ ماڭغان گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىنىڭ دۈشمەن رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكىنى، ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچۇرىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرۈشىمىز مۈمكىن. گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىنىڭ ئالدىن يۈرەر تانكىلىرى دۈشمەن ژاندارمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن، ياكى يولنى بويلاپ ئالدىنقى سەپكە كېتىۋاتقان دۈشمەن ئاپتوموبىل ئەتىرىتى بىلەن دوقۇرۇشىپ قالغاندا، ئاگاھ بولۇش يۈزىسىدىن قىلغان كىچىك جەڭلەردىن باشقا، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىرەر قېتىملىق جەڭنى كۆرەلمەيمىز. ئەگەر، ھازىر ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ دېسەك، بىز مۇقەررەر ھالدا قىسىملارنىڭ توسالغۇسىز ھالدا شىددەت بىلەن غەلىبىلىك يۈرۈش قىلىۋاتقانلىقنى كۆرۈمىز. مەلۇمكى، بىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچىنىڭ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا دۈشمەن تەرەپنىڭ پايتەختىگە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە تولۇق ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرسەك بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
ھۇجۇمغا ئۆتكەن گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيە؛ توپچىلار ياكى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھىمايە قىلىشى بىلەن دۈشمەننىڭ چېگىرا بويلاپ قۇرغان ئالدىنقى سەپ مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ ئاجىز نۇقتىسىىدن بۆسۈپ ئۆتىدۇ. ھۇجۇمچى قوشۇن بۆسۈپ ئۆتكەن ئاجىز نۇقتا بولسا، تار يوچۇق بولۇشى مۈمكىن. تار يوچۇقنىڭ ئىككى تەرەپىدە يەنىلا دۈشمەننىڭ مۇداپىيە لېنىيىسىنى قوغداۋاتقان نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان كۈچلىك قىسىملىرى بار. ئەمما، بۇ يەردە ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ مەلۇم بىر قانۇنىيىتى ئىجىرا قىلىنىشى مۈمكىن: ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ساختا ۋە كىچىك كۆلەملىك ھۇجۇم ئارقىلىق تار يوچۇقتىن بۆسۈپ ئۆتكەن ۋاقتىدا، تار يوچۇقنىڭ ئىككى تەرەپىدە نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان مۇداپىيە لېنىيىسىدىكى دۈشمەننىڭ كۈچلىك قىسىملىرى قايمۇقىپ، گاڭگىراپ قالىدۇ. ھەمدە، دۈشمەن قىسىملىرى مۇداپىيە لېنىيىسىنى پۈتۈنلەي يېمىرىلدى، دەپ ئويلاپ قالىدۇ. توقۇنۇشىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق بىر تاكتىيكىلىق مەسىلە يۈز بېرىشى مۈمكىن: بىرى، نامەلۇم بۇيرۇق تۈپەيلى مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپ مۇداپىيە لېنىيىسىدىكى بىر قىسىم ئېغىر تىپتىكى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلىرىنى تاشلاپ، ئەسلىدىكى مۇستەھكەم ئورۇنلىشىۋالغان مۇداپىيە ئىستېھكاملىرىدىن بىر پاي ئوقمۇ ئاتماي چېكىنىپ چىقىدۇ. چېكىنىپ چىققان قىسىم مۇنداق بىر خەتەرلىك ئەھۋالغا يولىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان تانكا، بىرونىۋىك ۋە ماتورلاشقان ماشىينا قىسىملىرى قاتناش قىستاڭچىلىقى ياكى ھاۋارايى ھادىسىلىرى سەۋەۋىدىن يولدا قاپسىلىپ قالىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ رازۋېتچىك ئايروپىلانلىرى نىشاننى بايقاپ قالسا، قاپسىلىپ قالغۇچى تەرەپ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. ئۇلار ھاۋادىكى بومبا بىلەن ئوتتۇرا مۇساپىلىك توپ ئوقلىرىغا يەم بولىدۇ. ھالقىلىق ۋە ھەل قىلغۇچ پەيتتە، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئەسلىدىكى فىرونتنىڭ ئارقا تەرەپىدە تامامەن يېڭى بىر مۇداپىيە لېنىيىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار چېكىنىش بۇيرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپلا، ئىمكانقەدەر تېزلىكتە داۋاملىق ئارقىغا قاراپ چېكىنىۋاتقان بولىدۇ. چېكىنمە قىسىملار ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىغا يېتىپ كەلگەندە، بۇ يەردە ھېچقانداق ئەسلىھەلەرنىڭ يوقلىقىنى، ئاكوپ-خەندەكلەرنىڭ تېخىچە قېزىلمىغانلىقىنى، زەمبىرەك ئىستېھكامىنىڭ قۇرۇلمىغانلىقىنى ۋە ئوق-دورا ئامبىرىنىڭ ياسالمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بىرىنچى مۇداپىيە رايونىدىن بىر پاي ئوق ئاتماي، ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىغا چېكىنىپ چىقىش بولسا، ھېچقانچە سىتراتېگىيىلىك قىممىتى يوق ئىشتۇر. ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ قائىدىسى بويىچە بولغاندا، ئەسلىدە بىرىنچى مۇداپىيە لېنىيىسى پۈتۈن سەپ مىقياسىدا يېمىرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىغا چېكىنىشكە بولاتتى. بىرىنچى مۇداپىيە لېنىيىسىنىڭ يېمىرىلىشىمۇ، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ھەربىي كۈچىنى خورىتىش رولىنى ئوينايتتى. ئازاتلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە، كومپارتىيە ئارمىيىسى مۇداپىيەدە تۇرۇۋاتقان پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىگە ساختا ھۇجۇم قىلىپ، ھەم يالغان ئاخبارات يەتكۈزۈپ، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنى ئىسسىق ئۇۋىسىدىن تالاغا كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئوڭدىن، سولدىن، ئالدىدىن ۋە كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنى پۈتۈن سەپ بويىچە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلغان جەڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ ئۇچۇرايدۇ.
ئەگەر، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ تار تاكتىيكا نۇقتىئىينەزەرىدىن ۋاز كېچىپ، مەسىلىگە كەڭ ئوپېراتسىيە نەزەرى بىلەن قارىغان بولسا، پۈتكۈل ۋەزىيەتتە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولاتتى. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىسى بۆسۈپ ئۆتكەن ھېلىقى تار يوچۇقنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى مۇداپىيەدە تۇرغۇچى قىسىملار ئىككى ياندىن ئالدىغا سەل داجىپ، تار يوچۇقنى ئېتىۋېتىشى كېرەك ئىدى. ھەمدە، دۈشمەننىڭ ئارقا سەپ تەمىنات لېنىيىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۆز تېرىتورىيىسىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيىسىنى كەڭ دائىرىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈپ تاشلانغان دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ بىرونىۋىك-تانكا قىسىملىرىنىڭ يېقىلغۇلىرى، ئوق-دورىلىرى ۋە ئوزۇق-تۈلۈكلىرى خوراپ، دۈشمەن قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالاتتى. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، ئوپېراتسىيە قاتلىمىنىڭ ئالاھىيدە بەلگىسى بولسا، ھەرىكەتچان ئۇرۇشتۇر. تار يوچۇق ئېتىلگەندىن كېيىن، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇداپىيە لېنىيىسىدە بولۇش ئېھتىمالى بولغان خورىتىش ئۇرۇشىدىن ۋاز كېچىپ، تاكتىيكا جەھەتتە، ھەرىكەتچان ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى زۆرۈردۇر. ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە زاپاس كۈچلىرى ئۈزۈلۈپ، ئۆز تېرىتورىيىسى ئىچىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتكەن دۈشمەن ئارمىيىسىنى پارچىلاپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن بىر-بىرلەپ يوقىتىش كۈنتەرتىپكە كىرگەن بولاتتى. جىڭگاڭشەندىكى قىزىل ئارمىيە پىرقى دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ 4 قېتىملىق قورشاپ يوقىتىشىنى مۇشۇ خىل جەڭ ئۇسۇلى بىلەن تارمار قىلغانىدى. يەنە، قىزىل ئارمىيە ھەرىكەتچان ئۇرۇش مېتودىدىن پايدىلىنىپ، دۈشمەننى ئازات رايوننىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغلىق رايونغا ئالداپ ئەكىرىپ، ئاندىن قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىپ، ھورىنى چىقارماي دۈشمەننى بابلىغان. بۇ خىل جەڭ مىساللىرى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىمۇ، كۆپ كۆرۈلگەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پاسسىپ مۇداپىيە ھالىتىدە تۇرغان. بىر مۇداپىيە رايونىدىن يەنە بىر مۇداپىيە رايونىغا ئۈزلۈكسىز چېكىنىپ تۇرغان. موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشى باشلىنىپ قاپ بەلگە كەلگەندە، پاسسىپ مۇداپىيە ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. قىزىل ئارمىيە مۇداپىيەدىكى خورىتىش ئۇرۇشى شەكلىدىن ۋاز كېچىپ، جانلىق سىتراتېگىيە يۆنىلىشىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، جانلىق تاكتىيكا قوللىنىپ، ئومومىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ھەمدە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، موسكۋانى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
يەنە بىرى، مۇنداق بىر ئاقىۋەتمۇ كۆرۈلىشى مۈمكىن: ھۇجۇم قىلغۇچى گۇرۇپپىۋوي ياكى كورپۇس ئارمىيە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا، ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مۇنداق كالاڭپاي زور قوشۇننىڭ ئارقا سەپ زاپاس كۈچلىرى ئالدىنقى سەپنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ تۇرغاندىلا، ئۇلارنىڭ ئالدىن يۈرەر قىسىملىرى دۈشمەننىڭ ئىككىنچى مۇداپىيە رايونىدىن ھالقىپ ئۆتكەن بولۇپ، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئارقا سەپ بازىسىنى ۋەيران قىلىشقا باشلىغان ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر، ئەھۋال ھەقىيقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا، ۋەزىيەت مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپكە پايدىسىز بولۇپ، مەغلۇبىيەت ئۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىپلا قالىدۇ. مەسىلىنى ئەكسى تەرەپىدىن ئانالىز قىلىپ كۆرسەكمۇ، ئەگەر ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار داۋاملىق قاراملىق قىلىپ، ئىچكىرىلەپ باستۇرۇپ كېلىۋەرسە، پۈتۈنلەي ئۆزىنى-ئۆزى ھالەك قىلغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپ ئارقا سەپ بازىسىدىن يىراقلاپ كەتكەن چاغدا، مۇداپىيە قىلغۇچى تەرەپ ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى تار يوچۇقنى ئېتىپ تاشلىسا، ھۇجۇم قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مۇبادا، ھۇجۇمغا ئۆتۈۋاتقان نىشان ئالغا ئىلگىرىلەشتىن توختاپ قالسا، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئاجىزلىقلىرى تولۇق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ: ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاپتوموبىل ئەتىرەتلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن ھۇجۇمغا ئۇچۇراپ، ئۇدۇل تەرەپتىن زادى مۇداپىيە قىلالمايدۇ. ھەرقايسى قىسىملار ئاسانلا ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. قارام ھۇجۇمچىلار ئۆزلىرى ئىش تېرىپ، مۇداپىيە قىلغۇچىلارنىڭ تامامەن غەلىبە قازىنىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولىدۇ. ئادەتتە، مۇنداق بىر كالاڭپاي زور قوشۇننى مۇھاسىرىگە ئېلىش ناھايىتى تەس بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇلار ئۆزلىكىدىن ئەتەي مۇھاسىرە چەمبىرىكىگە كىرگەن بولىدۇ. قارام ھۇجۇمچىلار تەرسالىق بىلەن ئۆزى تىرانسىپورت قوراللىرىنى چىقىرىپ ئۆزىنى مۇداپىيەدە تۇرغۇچى تەرەپنىڭ قەۋرىستانلىقىغا، ياكى ئەسىرلەر لاگىرىغا ئاپىرىپ بەرگەنلىكى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
( داۋامى بار، ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. )
|
|