- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3895
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
63.17%
|
داۋامى:
جاسارەتلىك، ھەم جەڭگىۋار ۋە ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار قۇشۇن-قوماندانلار، تەبىئىي توساق پەيدا قىلىدىغان مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدە ئاسانلىقچە قاپسىلىپ قالمايدۇ. تەبىئىي توساقلارنىڭ ئاساسلىق ياكى غوللىق مېھمىنى بولسا، توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەردىن مەلۇم بىر تەرەپ، تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۈشمىنىگە تەڭ كېلەلمەي، چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھەمدە، دۈشمەن تەرەپنىڭ ئىز بېسىپ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالماي، داۋاملىق چېكىنىش جەريانىدا، ئىلاجىسىزلىقتىن مۇشۇنداق ھالاكەتلىك تەبىئىي توساقلارغا كىرىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئايرىم ئەھۋاللاردا، دۈشمەن تەرەپنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قېلىپ، ئۆزلىكىدىن ھالەكەت جىلغىسىغا كىرىپ قالىدىغان ئاقىۋەتمۇ كۆرۈلىدۇ.
قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، رىم قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى گىلادىياتور سپارتاك بىرنەچچە مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچى گىلادىياتورلىرى بىلەن رىم قوشۇنى تەرەپىدىن ئۈچ تەرەپى تىك قىيالىق، پەقەت ئالدى تەرەپىلا يانتۇ كەلگەن بىر تاغ چوققىسى ئۈستىدە قاپسىلىپ قالىدۇ. رىم قوشۇنى ئالدى تەرەپتىكى يانتۇ كەلگەن تاغ يولىنى قاتتىق قامال قىلىدۇ. سپارتاك قوشۇنى پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئەمما، ھەربىيلەرگە خاس جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان سپارتاك تاغ چوققىسىدىكى ئۇزۇن غوللىق يېپىنچا ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخ قوۋزاقلىرىدىن ئارغامچا ئېشىپ، بىر كېچىدىلا، پۈتۈن قوشۇن ئۆزلىرى ئېشىپ توقۇغان ئۆسۈملۈك ئارغامچىسى بىلەن قىيالىقتىن پەسكە سېرىلىپ چۈشۈپ، قاپسىلىپ قالغان تاغ چوققىسىدىن چېكىنىپ چىقىدۇ. ھەمدە رىم قوشۇنىنىڭ قانلىق چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى سپارتاك قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ يۆنىلىشىگە ئاساس سالىدۇ.
قۇمۇل خەلقىنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىق ئوغلانى بولغان خوجانىياز ھاجى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى شىڭ شىسەي قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشىۋېتىپ، قۇمۇل تاغلىرىنىڭ بىرىدە، ھىلىقىدەك تار ۋە قىساڭ جىلغىغا قاپسىلىپ قالىدۇ. جىلغىنىڭ ئىككى يان تەرەپى تىك قىيالىق، ئادەم ئەمەس، ئۇچار قۇشلارمۇ ئۇچۇپ چىقالمىغۇدەك دەرىجىدە شۇنداق تىك. كەينى تەرەپى بولسا، ھەم تىك، ھەم يانتۇراق كەلگەن سايلىق ئىدى. جىلغىنىڭ ئالدى تەرەپىدىكى كىرىش ئېغىزىنى شىڭ شىسەي قوشۇنى قاتتىق قامال قىلىۋالغانىدى. مۇنداقسىگە ئېيتقاندا، خوجانىياز ھاجىم ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇنى مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىگە كىرىپ بولغانىدى. مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق جىددى پەيتتە، مول ئەمەلىي جەڭ تەجىرىبىسىگە ئىگە ھاجىم ئاتىمىز بىر چىقىش يولىنى تاپىدۇ. قىشنىڭ قەھرىتان سوغوقىدا، قوزغىلاڭچى قوشۇن تۈن نىسپىدىن پايدىلىنىپ، قار كېچىپ ھالەكەت جىلغىسىنىڭ كەينى تەرەپىدىكى تىك ھەم يانتۇ سايدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۈشمەننىڭ قامال قىلىشىدىن، ھەم مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن بىر يولىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلۇپ چىقىدۇ ۋە قوزغىلاڭنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا لازىملىق بولغان ئاساسىي كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ. تەبىئىي توساق پەيدا قىلغان مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىكى قوماندان بىلەن ھالەكەت جىلغىسىدا قاپسىلىپ قالغان مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىكى قوماندان روشەن بىر سېلىشتۇرما ئىچىدە تۇراتتى: بىرى ياپونىيەدىكى ھەربىي مەكتەپتە سىياسىي ۋە ھەربىي ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھەم ستالىندەك مەككار سىياسىيوننىمۇ ئالداپ كەتكەن مۇنتىزىم ھەربىي تەربىيە كۆرگەن لاياقەتلىك ھەربىي قوماندان ئىدى. يەنە بىرى، مول ئەمەلىي جەڭ تەجىرىيبىسىگە ئىگە، ئاددى دېھقان چارۋىچى ئىدى. بىرى مول نەزىرىييېۋىي ھەربىي ئىلىمگە ئىگە بولسا، يەنە بىرى ئاددى جەڭ تاكتىيكىلىرىغا ماھىر ئىدى. ھاجىم ئاتىمىز يول تاپقاندىمۇ قالتىس چىقىش يولىنى تاپتى. ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن! ھاجىم ئاتىمىز بىر ئاددى چارۋىچى دېھقان بولسىمۇ، شىڭ شىسەينىڭ ئۇرۇش سەنئىتىدىكى ھۈكۈمسىمان تەوەككۈر سىزىقىدىن ھالقىپ كەتتى! ئۇرۇش تارىخىمىزدىكى شانلىق بىر مۇۋەپپەقىيەتتۇر. گەرچە، خوجا نىياز ھاجى سىياسىي ئىلىم ۋە ھەربىي ئىلىمدىن ئاڭقاۋ ھالەتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مول ئەمەلىي جەڭ تەجىرىبىسى ئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. سپارتاك بىلەن خوجانىياز ھاجىمنىڭ ھايات-ماماتلىق، قىيىن-قىستاق مەزگىلىدە، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىدىن شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن قۇتۇلۇپ چىقىشى دۇنيا ھەربىي ئىشلار تارىخدا كام ئۇچۇرايدىغان مۆجىزىلىك ۋەقەدۇر.
تەيپىڭ تىيەنگونىڭ غوللىق رەھبىرى شى داكەي ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە تۈمەن قوشۇنى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئىز بېسىپ قوغلاپ زەربە بېرىشىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، داۋاملىق چېكىنىدۇ. شى داكەي ۋە ئۇنىڭ تۈمەنلىگەن قوشۇنى چېكىنگەن بويى دادۇخې دەرياسى بويىدا قاپسىلىپ قالىدۇ. ئالدى تەرەپى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دادۇخې دەرياسى، قارشى تەرەپتىكى دەريا قېنىمۇ تىك يارلىق، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دەريا بويىمۇ تىك يارلىق. تىك يارنىڭ ئۈستىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۈمەن كىشىلىك لەشكەرلىرى تۇراتتى. شى داكەي ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىككى خىل چەمبىرەكنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇراتتى. بىرى، تەبىئىي ۋە ھەربىي ئامىللاردىن قۇراشتۇرۇلغان مۇھاسىرە چەمبىرىكى، يەنە بىرى، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئىدى. شى داكەي ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە تۈمەن كىشىلىك قوشۇنى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك قىسمەتكە يولىقىدۇ. پۈتكۈل قوشۇن دادۇخى دەرياسى بويىدا، تەل-تۆكۈس قەتلى قىلىنىپ تاشلايدۇ.
ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، پىرقى دۆلەت ئارمىيىسى قىزىل ئارمىيىگە بىردەممۇ ئاراملىق بەرمەيدۇ. ھازىرقى دەرىسلىك كىتابلىرىمىزدا تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئۇزۇن سەپەر قىزىل ئارمىيىنىڭ سىتراتېگىيىلىك چېكىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئاساسلىق مېھمىنى يەنىلا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىلاجىسىز قېلىپ، چېكىنگەن قوشۇنلاردۇر. قىزىل ئارمىيىمۇ، شى داكەي ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ماڭغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، دادۇخى دەرياسى بويىدا تۇرۇپ قالىدۇ. تارىخ يەنە قايتىلىنىدۇ. رەئىس ماۋ زايدۇڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ شى داكەي قوشۇنلىرىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئالاھىيدە ئەسكەرتىدۇ. ھەمدە قىزىل ئارمىيە دەريا ئۈستىگە تارتىلغان پولات زەنجىرلىك كۆۋرۈك ئارقىلىق دادۇخى دەرياسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىنقىلاۋىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۈچۈنچى. دۇنيا ئۇرۇشى تارىخدا، نامەلۇم ئېنىقسىز ياكى بەلگىسىز سەۋەپلەرگە كۆرە، مۇھاسىرە چەمبىرىكى بىلەن مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، ياكى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدۇ.
2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، نورماندىيىدە شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگىلىيە بوغۇزىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى دۇنكىرىكتا ئەنگىلىيە-فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ 340 مىڭدەك قوشۇنىنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قورال-ياراغلىرى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭكىدەك خىل ئەمەس ئىدى. ئۇلاردا توپ -زەمبىرەك ، تانكا ۋە بىرونىۋىك قىسىملىرى يوق دىيەرلىك ئىدى. خىل قوراللانغان گېرمانىيە ئارمىيىسى بىرلا نەرە تارتسا، بىرلەشمە ئارمىيە پۈتۈن سەپ بويىچە كۈمپەيكۈم بولاتتى. نىمىشقىكىن، توسالغۇسىز بېسىپ كېلىۋاتقان گېرمانىيە ئارمىيىسى نامەلۇم بۇيرۇق سەۋەبىدىن ھۇجۇم قىلىشتىن ئۇشتۇمتۇت توختاپ قالىدۇ. پۇرسەتتىن پايدىلانغان بىرلەشمە ئارمىيە چوڭ-كىچىك ھەممە كېمىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 7 كېچە-كۈندۈزدە دۇنكىرىكتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، ئەنگىلىيە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئەنگىلىيە زېمىنىغا قەدەم قويىدۇ. ھەمدە كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش سەپلىرىنى مول ھەربىي زاپاس كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۇنكىرىكتىكى مۇھاسىرىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسى نىمە ئۈچۈن بىرلەشمە ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىشتىن تۇيۇقسىز توختاپ قالىدۇ؟ بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا، نىمە ئۈچۈن بىر ھەپتە سۈكۈت قىلىدۇ؟ گېرمانىيە ئارمىيىسىنى قانداق بىر كۈچ ھۇجۇم قىلىشتىن توسۇپ قويدى؟ ئەگەر گېرمانىيە ئارمىيىسى دۇنكىرىكتا ئەنگىلىيە-فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان بولسا، كېيىنكى چاغلاردا ئەنگىلىيەنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا قولقانات بولىدىغان بىر قىسىم زاپاس كۈچلىرىنى يوقاتقان بولاتتى. شۇنداقلا ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈستىدىن قازانغان تۇنجى غەلىبىسى بولۇپ قالاتتى. دۇنكىرىك ۋەقەسى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدىكى سىرلىق ۋەقەدۇر. شۇڭا، بۇ ۋەقە تارىختا، "دۇنكىرىك" مۆجىزىسى نامى بىلەن مەشھۇردۇر. مۇھاسىرە چەمبىرىكى بىلەن مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئوخشاش زامان-ماكاندا ئوخشىمىغان ھالەتتە زاھىر بولۇشى دۇنيا ئۇرۇز تارىخىدا كامدىن-كام كۆرۈلىدىغان پەلقۇلئاددە بىر جەرياندۇر.
تۆتىنچى. خورىتىش ئۇرۇشى پەيدا قىلىدىغان مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئېنىقسىزلىق ھالىتى.
خورىتىش ئۇرۇشى _ توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئوخشاشلا ھۇجۇم شەكلىدە ئېلىپ بارسىمۇ بولىدىغان، ياكى بىر تەرەپ ھۇجۇم شەكلىدە، يەنە بىر تەرەپ مۇداپىيە شەكلىدە ئېلىپ بارسىمۇ بولىدىغان ئۆزگىچە جەڭ قىلىش ئۇسۇلىدۇر. خورىتىش ئۇرۇشىدا، تاكتىيكا-تەدبىرگە ئانچە ئېتىبار قىلىپ كەتمەيدۇ. قورال-ياراغلىرى خىل زاپاس ھەربىي ئەشيا بىلەن زاپاس قوشۇنى كۆپ ۋە ئوت كۈچى زور بولغان تەرەپ خورىتىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالايدۇ. توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئوخشاشلا تەڭ خورايدىغانلىقتىن، غەلىبە قىلغۇچى تەرەپنىڭ غەلىبىسىمۇ ناھىيىتى خۈنۈك بولىدۇ. شۇڭا، خورىتىش ئۇرۇشىنىڭ تاكتىيكا-تەدبىرگە ئانچە ئېتىبار قىلماسلىقتەك ئالاھىيدىلىكى _ مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئېنىقسىزلىق ھالىتىنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى، ھەرئىككى تەرەپتە ئوخشاشلا ئۆلۈش-يارلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ھەر خىل ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى ئوخشاش مىقداردا خورايدۇ. قايسى تەرەپنىڭ غەلىبە قىلىپ، قايسى تەرەپنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بىلگىلى بولمايدۇ. خورىتىش ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ئېنىقسىزلىق ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقتىن، تەرەپلەرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ خېيىم-خەتىرى ئانچە چوڭ بىلىنمەيدۇ. خورىتىش ئۇرۇشى 17-، 18-، 19- ئەسىرلەردە ياۋروپادا كۆپ قېتىم تەدبىقلانغان ئالاھىيدە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىدۇر. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يۈز بەرگەن 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ، بۇ خىل ئۇرۇش شەكلى خېلى دەرىجىدە تەدبىقلانغان. ناپولىيون بىلەن كوتوزوپ ئوتتۇرىسىدا بولغان خورىتىش ئۇرۇشى ئۈلگىلىك تىپقا كىرىدىغان ئۇرۇشتۇر.
خورىتىش ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ تەۋەلىكىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمايدۇ. توقۇنىۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى دائىرىسىگە كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىدە بولىدۇ. مەغلۇبىيەت چەمبىرىكىنىڭ خەۋىپ-خەتىرى ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەسلىكىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇنىڭدىن. بۇ خىل ئۇرۇش شەكلىدە، مەغلۇبىيەت چەمبىرىكى ناھايىتى خۇنۈك ھالەتتە بولىدۇ.
( داۋامى بار، ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ. )
كېيىنكى بۆلەكتە سىتراتېگىيىنىڭ تېخنىيكا قاتلىمى بايان قىلىنىدۇ. |
|