- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 962
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
92.4%
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ياخشى تۇرلىمۇ؟
قېرندىشىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇب ئىجتىمائىي ماقالىلىرى ئارقىلىق خەلقىمىز ئىچىدە خېلى تونۇلغان يازغۇچى، بۇ تەرىپى ئوقۇرمەنلەرگە ئايان.
بۇ قېرىنداشنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ كەسپى دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى ۋە ئېنىق بىلمىگەن ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بېرىشمۇ مۇھىم.
قېرىندىشىم ئابدۇۋەلى ئايۇب يېقىنقى بىر قانچە يازمىللىرىدا ، بولۇپمۇ ئاخىرقى يازمىسىدا ئىلىميلىكتىن چەتنەپ كەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى ماقالىسىنى ئىلمىي ماقالە دەپ قارىمايمەن، ماقالىنىڭ كۆپ مەزمۇنلىرى گۇمان ئاساسىدا پەرەز قىلىنغان ئوي پىكىرلەردىن ئىبارەت بولۇپ رېئاللىقتىن تولىمۇ يىراق.
ئايۇب قۇرئاننى چۈشىنىشكە شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەمدۇ؟دەيدۇ، شۇنداق كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. قۇرئان ماتېماتكا ياكى فىزىكا ياكى ئاستورنومىيە كىتابىغا ئوخشاش پەقەت بىرلا تېمىدا توختالغان كىتاب ئەمەس. 4 يىل كۇپايە قىلمايدۇ.
قۇرئان مۇسۇلمانلارنىڭ ھايات دەستۇرى ۋە كۆرسەتمىسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئالەم نەزىيەسىدۇر.
قۇرئان ئىنسانغا توغرا ئېتىقاد، ساغلام تەسەۋۋۇر، ئىبادەت، ئەخلاق، تارىخ، پەلسەپە، ئىقتىساد، سىياسەت ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا پرىنسىپ ۋە كۆز قاراش تەقدىم قىلىدۇ. شۇنداقلا 1000 غا يېقىن ئايەت ئارقىلىق تەبئى پەن ئۆگىنشكە ئىشارەت بېرىدۇ ۋە تەشەبىۇس قىلىدۇ.... ھەر بىر ئىنسان قۇرئان كەرىمدىن ئىلمىي ئىقتىدارىغا يارىشا چۈشەنچە ھاسىل قىلالايدۇ، قانچە ئويلانسا شۇنچە چۇڭقۇر ئۇقۇمغا ئىگە بولىدۇ. ئىزدەنگەنسېرى يېڭى ئۇقۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىدۇ.
قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپلا مەن قۇرئاننى تولۇق چۈشىنىپ بولدۇم دېگىلى بولمايدۇ، تەرجىمان ياكى تەپسىرشۇناس ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى ئەڭ ئاخىرقى چۈشەنچە ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ ھېس قىلالىغىنىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتابلارنىڭ ئىچىدە پەقەتلا قۇرئان بىردىن بىر مۆجىزە كىتاۋىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان تەتقىقاتىغا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئەپسۇسكى مەزكۇر ماقالە ئاپتۇرى بۇ ھەقىقەتنى بىلمىسە كېرەك.
بىزدە «نەقىل قىلساڭ توغرا بولسۇن»، « كۆز قاراش بايان قىلساڭ پاكىتىڭ بولسۇن» دەيدىغان ئېنىق قائىدە بار. ئايۇب بۇ قائىدىگە رېئايە قىلمىغان. ماقالىسىنىڭ مەقسىتىگە قارىسام :مەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بىر مائارىپچى، مىسىرغا بارماي مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار، دېگەن تۇيغۇنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن.
قانداقتۇر ئايۇبنىڭ ماقالىسىدا دىنى ساھەدە مىسىر بىلەن تۈركىيەنى سېلىشتۇرۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ھېلقى سۇئال سورىغان ئىككى ئوقۇغۇچىغا جاۋاب بېرىشمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلارغا جاۋاب بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۆزى بىلمەيدىغان ياكى كۆرۈپ باقمىغان مىسىر ھەققىدە بىنورمال گەپ سۆز قىلماي، بىۋاستە ھالدا تۈركىيەنى تونۇشتۇرغان بولاتتى.
پەننى ساھەدە تۈركىيەنىڭ ئەۋزەللىكىدە گەپ يوق، دىنى ساھەدە تۈركىيەنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىدىمۇ گەپ يوق، ئۇنداق ئەمەس دېيىلسە ئايۇب تىلغا ئالغان دوستى بىر نەرسە دەپ باقسۇن. بۇ توغرىدا ئايۇب ياكى ئايۇب سايە قىلغان دوستى ھازىرغىچە بىر نەرسە دېگىنى يوق.
دېمەك، ئابدۇۋەلى ئايۇب بۇ قېتىمقى ۋە ئىلگىرىكى ماقالىسىدا ئىلمىي نۇقتىدىن چەتنەپ كەتكەن.
باغداش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تور بىكەتلىرى دىنى ساھدىكى ماقالىلەردىن قانچىلىك تەستىقلايدۇ. بىر قانچە ماقالە يېزىپ بولغۇچە ئاتېئزىم ئىدىيەسىگە ئۇچرىغانلار دىنى ماقالە بېسىپ كەتتى دېگىلى تۇرىدۇ!. مەسىلە شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەزھەردىكىلەر ماقالە يازمىدى دېسە ئەقىلغا ئۇيغۇنمۇ؟ ئايۇبقا ئوخشاش لېكسىيە سۆزلەش پۇرسىتى ئەزھەرىلەرگىمۇ ئوچۇقمۇ ؟
|
|