- تىزىملاتقان
- 2014-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3260
- نادىر
- 0
- يازما
- 167
ئۆسۈش
42%
|
بىزدە «نەقىل قىلساڭ توغرا بولسۇن»، « كۆز قاراش بايان قىلساڭ پاكىتىڭ بولسۇن» دەيدىغان ئېنىق قائىدە بار. ئايۇب بۇ قائىدىگە رېئايە قىلمىغان. ماقالىسىنىڭ مەقسىتىگە قارىسام :مەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بىر مائارىپچى، مىسىرغا بارماي مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار، دېگەن تۇيغۇنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن.
قانداقتۇر ئايۇبنىڭ ماقالىسىدا دىنى ساھەدە مىسىر بىلەن تۈركىيەنى سېلىشتۇرۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس ياكى ھېلقى سۇئال سورىغان ئىككى ئوقۇغۇچىغا جاۋاب بېرىشمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلارغا جاۋاب بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، ئۆزى بىلمەيدىغان ياكى كۆرۈپ باقمىغان مىسىر ھەققىدە بىنورمال گەپ سۆز قىلماي، بىۋاستە ھالدا تۈركىيەنى تونۇشتۇرغان بولاتتى. ماقالىسىنىڭ مەقسىتىگە قارىسام :مەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بىر مائارىپچى، مىسىرغا بارماي مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار، دېگەن تۇيغۇنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن.
ھىسسى تۇيغۇغا نىمە دىگەن باي ھە سەن . ھىس قىلىۋاتىمەن دەپ قۇي . ھىس قىلدىم دەپلام باشقىلارنىڭ ئۇستىدىن ھۇكۇم چىقىرىش سەندەك ئادالەت يۇلىنى تۇتقان دىن ئۇقىغانلارغا يارىشامدۇ . راس راس بەك يارىشىدۇ بۇلۇپمۇ سەندەكلەردە ئەڭ كۆپ كۇرۇلدىغان ئادەت بۇ . بىرەر يامۇلغا قازى بوپقالغان بولساڭ مەن مانداق ھىس قىلىۋاتىمەن دەپلام باشقىلارغا دەرھال ئۇلۇم جازاسى بېرىۋىتەكەنسەن ھە . سىلەردە پەننى ساۋاد كەمچىل بۇلىشتىن سىرىت يىنە جاھان كۇرۇش پۇرسىتى يىتەرلىك بولـمىسا كىرەك شۇڭا رىياللىقتىن ھالقىغان ھىسسى تەپەككۇر زىيادىكەن .
« گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ » دەپ گۇلەننىڭ تىمىسىنى ئۇقىغاندا تەھارەت ئالـمايلام ئوقىغانما . نىمانچە گۇمانخورلۇق قىلىسەن گۇلەن ئەمدى قانداق قىپ بەرسە بۇلىدۇ مىنى توغرا چۇشەن دەپ يۇرىكىنى سۇغۇرۇپ قۇلۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويسا بۇلامتى . نۇرغۇن كىشىلەر ئۇقۇپ توغرا چۇشۇنەلىگەن تىما سەندەك مىسىردا ئوقىۋاتقانلارنىڭ كاللىسىدىن ئوتمىگىنى قىززىق . بۇنى بىلىمەن ساڭا دەپ بېرەي ھە .
ساڭا ئوخشاش ئۇدۇللام ئەرەب ئەللىرىگە چىقىپ قالغان ئەرەب مەدىنىيىتىن باشقا مەدىنىيەت بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلـمىگەن بۇلۇپمۇ ھەر خىل دىن ھەر خىل ئېرىق ھەر خىل تىل مۇھىتىدا تۇرۇپ ياشاپ باقمىغان پەقەتلام ئەرەب مەدىنىيىتىنىڭ چەمبىرىكىدىلام چۇگۇلاپ يۇرگەنلەر ئۇزىمۇ بىلىپ بىلـمەيلام ئەرەب مەدىنىيىتى تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە بۇلۇشقا تىزلام ئۇچۇرايدۇ . ئۇيغۇر بىلەن ئەرەبنىڭ دىنىنىڭ بىر بۇلىشى ۋە ئۇيغۇرنىڭ دىنغا مايىللىغى شۇنداقلام ئەتىراپىڭنى سىنى ئواپ تۇرغان قۇييۇق ئەرەب مۇھىتى سىنى بىردەمدىلام بەدىنى ، تەن قۇرۇلـمىسى جەھەتتىن ئۇيغۇر لىكىن تەپەككۇرى جەھەتتىن ئەرەب قىلىپ ئۆزگەرتىپ بۇلىدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۇتىشى بىلەن بەدىنىڭ ئۇيغۇر بولسىمۇ روھىڭ ئاللى بۇرۇن ئەرەبكە تەسلىپ بوپ كەتكەن ماڭقۇرىتقا ئايلىنىسەن .
شۇڭا ئەرەبنىڭ گىپى چىقسا تۇرامماي قالىدىغىنىڭ بىكار ئەمەس .
گۇلەننىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىدە سۇغۇرۇلغان گەرچە ئۇ باشقا ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خۇداغا بولغان ئىبادىتىنى قىلىپ ماڭسىمۇ . سەن ۋە سەندەكلەردەك ئەرەب مەدىنىيىتىنىڭ ۋە ئەرەب ئىدىلوگىيىسىنىڭ تەسىرگە بىۋاستە ئۇچۇرمىغان بۇ جەھەتتە ئۇ سەندەك ئەرەبكە روھى جەھەتتىن تەسلىم ئەمەس .
شۇڭا ئۇ ئەرەب بىلەن ئىسلامنى ئارىپ مۇئامىلە قىلالايدۇ . لىكىن سەن ئۇنداق قىلالـمايسەن ئەگەر دىققىتىڭنى يىغىپ بىرقەدەر ئىنساپلىق قارار چىقارماقچى بولساڭ ئەڭ مۇھىم يەرگە كەلگەندە يىنە تاقىشىپ قالىسەن ئەرەبەرنىڭ مىڭەڭگە قۇيىۋەتكەن ئىدىلوگىيىسى سىنى ئەركىن تەپەككۇر قىلىشتىن تۇسۇپ قۇيىدۇ . ئەرەب بىلەن ئەرەب مەدىنىيىتى چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بۇنى بىلىمەن لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇنى سىلەردەك ئەرەب ئەللىرىدە ياشاۋاتقانلار ئەڭ ئاۋال بىلىشى ئەرەب مەدىنىيىتى بىلەن ئىسلامغا ئايرىم ئايرىم مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشىشى كىرەك ئىدى . ئەپسۇس ئەرەب مەدىنىيىتى ۋە ئەرەب ئىدىلوگىيىسى سىلەرنى يەپ كىتىپتۇ . ھەممە ئادەم ئۇقۇپ چۇشۇنەلىگەن بىر نورمال تىمىنى سىنىڭ چۇشۇنەلـمەسلىكىڭ بۇنىڭ دەلىلى چۇنكى تەپەككۇر باشقا . گۇلەننىڭ تىمىسىنى قۇلۇڭنى ئۇيغۇرچە يۇرۇكۇڭگە قۇيۇپ تۇرۇپ ئوقۇ ئاندىن چۇشىنىسەن . قۇلۇڭنى ئەرەبچە يۇرەككە قۇيىۋالساڭ گەرچە مىللىتىڭ تىلىڭ بىر بولسىمۇ مۇشۇنداق چۇشەنمەيدىغان ھەتتاھ قالايمىقان گۇمان قىلىدىغان بوپ قالسەن .
ئۇ بىر تىل تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى ئۇزىنىڭ ۋەزىپى قىلىۋالغان بىر ئۇقۇتقۇچى . شۇنداقلام ئۇيغۇر مەدىنىيىتى تەشەببۇسچىسى . لىكىن سەن ئۇنداق ئەمەس سەن ئەرەب ئىدىلوگىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان ئەرەب تىلىنى ۋە مەدىنىيىتىنى تارقاتقۇچى . بۇ نوختىدىن گۇلەن بىلەن مەڭگۇ بىر يەردىن چىقاممايسەن . بۇنداق دىسەم سەن يىنە بۇنى شۇ پىتىم چۇشۇنۇپ مىنى ئەرەب مەدىنىيىتىنى تارقاتقۇچى دىدىڭ دەپ تۇرىۋالـما يىنە ئىسلام دىنىغا توغرا مۇئامىلە قىلالىغان ئادەم ئەرەب مەدىنىيىتى بىلەن ئىسلام دىنىنى پەرەق ئىتەلەيدۇ بۇنى پەرىق ئىتەلـمەي قارغۇلارچە دىن ئۇگەنگەنلەر ئەرەب مەدىنىيىتى ۋە تىلىنى تارقاتقۇچى بۇلۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ . شۇڭا گۇلەننىڭ تىمىسىنىڭ سىنىڭ تىتاڭ تۇمۇرۇڭغا تىگىپ كىتىشى تەبىئى . گۇلەن مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتى يەنى ئۇيغۇرلۇقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مۇلاھىزە يۇرگۇزىدۇ شۇ سەۋەبتىن ئۇ دىن ئۇقۇشقا ئۇيغۇرلارغا تۇركىيە ماس كىلىدىكەن دىگەننى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ . چۇنكى بىز ئۇيغۇرلار ئەرەبكە قارىغاندا تۇرىكلەرگە يىقىن يەنى مەدىنىيەت جەھەتتىن يىقىن تىل جەھەتتىنمۇ يىقىن . يىنە دىنىمىزمۇ بىر . بۇجەھەتتىن ئۇيغۇرلار تۇركىيىدە ئۇقىسا ئەرەبتە ئۇقۇپ ئەرەبچە ئەپەككۇر قىلىپ ئەرەبكە ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ كەتكەندىن كۆپ ياخشى . تۇركىيىدە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ھەم مەلۇم جامائەت ئاساسىغا ئىگە ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلارغا ئۇزىنىڭ مىللى كىملىكىنى ، تىلىنى ، مەدىنىيىتىنى ۋە دىنى كىملىكىنى ساخلاپ قىلىشتا شۇنداقلام يۇكسەلدۇرۇشتە تۇركىيىدىنمۇ مۇۇۋاپىقىراق دۆلەت يوق . گەرچە ھازىر تۇركىيىدىكى ۋەزىيەت گۇلەن كۇتكەندەك بولـمىسىمۇ تۇركىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىرلىكتە تىرىشسا بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولـمايدىغان مەسىلە ئەمەس . گۇلەن ماقالىسىدە بۇ نوختىنى ئېنىق قىلىپ ئىپادە قىلـمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بەزەن بايانلىرىدىن بۇ نوختىنى چۇشىنىۋالـماق تەس ئەمەس . گۇلەننىڭ تىمىسىنى ئۇقۇپ سەكرەپ يۇرىشىڭ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس گۇلەننىڭ تىمىسى بىلەن سىلەردەك قارىلارنىڭ تىمىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆر .... بىرى سەندىكى ئەرەبچە سوققان يۇرىك بىرى ئۇيغۇرچە سوققان يۇرەك . ئەرەبچە سوققان يۇرەك بولغاچقا ئەرەبكە بولغا مۇھەببىتىڭ ئۇيغۇرغا بولغان مۇھەببىتىڭنى بىسىپ كەتتى . ياكى ساڭا ئەرەبتىن يۇققان شۆھرەت پەرەزلىك ئۇستۇنلىكنى ئىگىلەپ كەتتى . ئۇنداق بولـمىغان بولسا گۇلەننىڭ تىمىسىنى بىر ئۇقۇپلام ئۇنىڭ زادى نىمە دىۋاتقىنىنى بىلىپ بۇلاتتىڭ . ئۇيغۇرغا نىسبەتەن ھازىر نەدە توپلىشىپ جامائەت شەكىللەندۇرەلىسە نەدە ئۇيغۇرغا سىياسى ، ئىختىزادى جەھەتتىن باراۋەر ئىمكانيەت بولسا شۇ يەر ئەڭ مۇۋاپىق .
دىن ئۇگۇنۇشكە ئەزھەرنى ئەڭ ماس كىلىدۇ دەپ بەك ماختاپ كەتتىڭ ئەمىلىيەتتە ئۇ يەر دىن ئۇگۇنۇشكە قەتتى ماس كەممەيدۇ . بەلىكى دىننى تەتقىق قىلىشقا ماس كىلىدۇ . ئۇيغۇر بالىلار ئۇ يەرگە ئوتتەك دىنى قىزغىنلىق بىلەن چىقىدۇ شۇڭا ئەرەب مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىگە تىزلام ئۇچۇرايدۇ . ئۇ يەرگە ئۇيغۇرلاردەك دىنغا باشچىلاپ كىرىپ كىتىپ ئەرەب ئىدىلوگىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كىتىدىغانلار ئەمەس بەلىكى ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىىشقا قىزىقىدىغان ، ئەرەب پەلىسەپەسىگە قىزىقىدىغان ۋە ئەرەب مەدىنىيىتىدىن ئۇزىنى مۇداپىيە قىلالايدىغان تەتقىقاتچىلار بارسا ئەڭ مۇۋاپىق بۇلىدىغان جاي .
ساڭا بۇ ئىنكاسلارنى يېزىۋېتىپ ئۇمۇننىڭ بۇرۇن يوللىغان بىر تىمىسى ئىسىمگە كەپ قالدى تور ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قۇياي كۇرۇپ باق بەلكىم ساڭا پايدىسى تىگىپ قالا .
./thread-24232-1-1.html |
|