بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 17:50
مېنىڭچە - ئاللاھنى تونۇش ئۈچۈن بىر يىل كەتمەيدۇ، بىراق ئاللاھنى تونۇتۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يەتمەيدۇ.
ئاللاھنى تونۇش ئۈچۈن ئىلىم رىيازىتى چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا بەركەت تىلىگۈلۈك.
مەسىلە- ئاللاھنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئىلىم رىيازىتىنى ئىختىيار قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەمىنلىك تىلىگۈلۈك.بىراق بىزنىڭ ئۇلار ھەققىدە بىلىش چۈشىنىش رىغبەت ۋە رىئال ھادىسلەر ھەققىدە پىكىرلىشىش، يېتەكلەش-يېتەكلىنىش مەسئۇلىيەتلىرىمىز بار (ئۇلارغا زور ئۈمۈد باغلانغاچقىلا <<ئوماق خاتالىق>>لار كۆرۈلىدۇ)
باھانە سەۋەپنى قولىغا ئېلىۋالغان ئەسكەرنىڭ تەقدىرى تەسلىم بولۇشتۇر.
قانۇن-ئىنتىزاملىق ھالدا كىشىلەر ئېڭىدىكى تارىخى تۇسالغۇلارنى كىشىلەر بىلەلەيدىغان ئەڭ يېنىك تىل بىلەن ئىپادە قىلىپ روھىيەتتىكى داشقاللارنى تازىلاش، شۇ ئارقىلىق ئىلىم -پەن قىزغىنلىقى دولقۇنى يارىتىش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ‹‹دەريا كەچمىگۈچە چوڭقۇرلىقىغا بىر نىمە دەپ بولماس››،
ئالىم بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ خەلقئارادىكى، بىر قىسىم ئىسلام تەشەببۇسچىلىرىنىڭ ئىلغار شەرھىلىرىنى ۋە قاراشلىرىنى تەكلىماكاننىڭ بۇرجەكلىرىگە قەدەر يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى باھانە سەۋەپنى قولغا ئېلىۋالغانلار ئۈچۈن رۇشەن سېلىشتۇرما بولالىشى مۇمكىن....
تەنقىدنى قۇبۇل قىلىش -پەقەت ئاقىللارغىلا خاس نېسىۋە بولۇپ شۇڭا ئۇ-چىنلىقنىڭ جېنى .
بىز نىمىنى ماختىساق شۇنىڭ ھەقىقەت بولىشى ناتايىن، چۈنكى-ھەقىقەت ماختاشقا ھاجەت ئەمەس. ئاقىللار ۋە ئۆزىنى ئاقىل چاغلايدىغانلار تەنقىد-ۋە تەكلىپ ئىممۇنىتىگە مۇھەببەت بىلەن قارىمايدىكەن ئۇ چوقۇم غاپىلىق بۆشىگىدە مەڭگۇ ئۇخلىغۇچى.
ئەمىلىيىتى بولمىغان ئىشلارنىڭ ئادەمنى چارچىتىپ قويمىشى تەبىئى.
<<ئۆز كەسپىدىن ھالقىپ ماقالا يازدى.....دىنى مەھىيەتلىك تىمىلارنى مۇپەسسەل ئىگىلىرى يازسۇن.......>> دىگەندىمۇ-<<كېچە ئۇزۇن بولسا چۈشمۇ ئۇزۇن بولىدۇ، قەلەمنى ھەق ئىگىسى مەندىن تاپشۇرۇپ ئالغۇچە ئاددى ئىزدەنگۈچى سۈپىتىمدە مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن>> دەپ قىممەتلىك ۋاختىنى ئىلغار دىنى تەشەببۇسلارغا، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقۇرى ئىلم-پەن ساھەسى ئۈچۈن شەخسىيەتسىز تەقدىم ئېتىپ كېلىۋاتقان ئالىمىمىزغا ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ نۇرىدىن نۇر ئالغان ئىزدىنىشچان، ئوت يۇۈرەكلىرىمىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
|