- تىزىملاتقان
- 2014-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3260
- نادىر
- 0
- يازما
- 167
ئۆسۈش
42%
|
خۇددى بەزى تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، بۇ يەردە ئوقۇغان بىلىمنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرامدۇ، ياكى ئۆز خەلقى ۋە ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرامدۇ، دېگەن مەسىلە مەۋجۇت. ھازىر چەت ئەلدە دىن ئۆگىنىۋاتقان ئۇكىلارنىڭ بىر قىسمى چوقۇم 1-يولنى تاللاپ، يەنە بىر قىسمى بولسا چوقۇم 2-يولنى تاللايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 3-يولمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ ھەقىقى ئىسلامغا ماس كەلمەيدىغان، سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان، ۋە دۇنيا قوبۇل قىلالمايدىغان يەنە بىر يولدىن ئىبارەت.
بىلىم خۇمار ئەپەندىمگە تەشەككۇر .
يۇقۇرىدا ھەممەيلەن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلى ئوتتۇرا قۇيۇپسىز .
ئۇيغۇلار تارىختا مەيلى قايسى دىنغا ئىدىقات قىلسۇن دىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلدى . شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە دىندا ئۇقىغانلارنىڭ ئىتىبارى باشقا ھەرقانداق ساھەدە ئوقىغانلارنىڭ ئىتىبارىدىن ئۇستۇن تۇرسا تۇرىدىكى تۇۋەن تۇرۇپ باقمىدى .
كونىلاردا « سۇنىڭ بىشى لاي بولسا ئاخىرىمۇ لاي بۇلۇر » دەيدىغان ئاتىلار سۆز بار .
بۇنىڭدىن شۇنى كۇرىۋېلىش تەس ئەمەسكى دىندا ئۇقىغانلار بۇ بىلىمىنى توغرا يولغا ئىشلەتمەيدىكەن ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ بىلىمى ئۇيغۇرلارغا سائادەت ئەمەس بەلىكى بالاھى ئاپەت بۇلىدۇ .
بىلىمخۇمار دىگەندەك 1ـ يولنى تاللاپ ئۇگەنگەن بىلىمىنى ئۇزى ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرسا تامامەن بۇلىدۇ . بۇنى ئەلۋەتتە قوللايمىز ئۇزىنىڭ ياراتقۇچىغا بولغان ئىبادىتىنى قىلغاچ ھالال يول بىلەن دوللارچىلىق قىلامدۇ ئىش قىلىپ نىمە قىلسۇن توغرا يول بىلەن تىرىكچىلىك قىلسا بۇلىۋېرىدۇ . ئۇلاردىن پايدا تەگمىسە مەيلى پەقەت زىيىنى تەگمىسىلام مۇشىنىڭ ئۇزىمۇ چوڭ ئىش .
2ـ يولنى تاللىغانلار كالىسىنى سىلكىۋەتسۇن بۇ ئۇنداق ئاسان يول ئەمەس . بۇ يول نام ئاتاق قوغلىشىدىغان ، دوللار قوغلىشىدىغان يول ئەمەس . بۇ يولنىڭ مۇشكۇللىگى ھەممەيلەنگە ئايان لىكىن شۇنداقتىمۇ بۇ يولنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئېلىپ ئىمكانىيىتى يىتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس .
3ـ يولنى تاللىغانلار بەزەنلىرى ئاشكارە بەزەنلىرى يۇشۇرۇن . بۇنداقلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاراڭغۇ مەدىرىسلەردىن تارتىپ ئازادە ئىشخانىلارغىچە ، ئافانىستان ـ پاكىستان تاغلىقلىرىدىكى ئوڭكۇرلەردىن تارتىپ ئەرەب ئەللىرىدىكى مەدىرىسلەرگىچە ، ئىستانبولنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىن تارتىپ غەرىب ئەللىرىدىكى مەسچىتلەرگىچە ھەممە يەردە مەۋجۇت . 3ـ يولنى تاللاپ ئۇزىنى ئاشكارلاپ قويغان ياكى ئۇزىنى قانداق نىقاپلاشنى بىلىپ - بىلـمەي ئاشكارلىنىپ قىلىۋاتقانلارنى ئوبدان بىلىمىز . قالغان يۇشۇرۇن يۇرىۋاتقانلارنى خۇداغا قويدۇق .
تارىختىن شۇ ئايانكى 3ـ يولنى تاللىغانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۇرگەن بالاھى ئەپەتلىرى ھەددى ھىساپسىز .
2ـ يولنى تاللىغانلاردا نىشان ئېنىق بىزنىڭ ئۇلارنىڭ كۇچىگە كۇچ قۇشۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ئۇستىدىن شىكايەت قىلىش ئۇيىمىز يوق .
3ـ يولنى تاللىغانلارنىڭمۇ نىشانى ئېنىق شۇڭا ئۇلارغا شىكايەتلەر ياغىدىغىنى تەبىئى .
ئۇنىڭدىن باشقا يىنە تورىكى شىكايەتلەر 1ـ يولنى تاللىۋالغانلارغىمۇ قارىتىلىۋاتىدۇ . چۇنكى 1ـ يولنى تاللىۋالغانلار زور سالـماقنى ئىگىلەيدۇ . ئەلۋەتتە ئۇلاردىنمۇ ئۇمۇد كۇتىدىغىنىمزنى يۇشۇرمايمىز ئۇلارنىمۇ ئۇزىنىڭ خەلىق ئۇستىدىكى مەسئۇليىتىنى ئالدا قىلسىكەن دەيدىغان ئۇمۇدتەمىز .
لىكىن تۇلۇم چاشقانداك تۇگۇلۇپ خۇددى گۇلەنگە دوق قىلىپ دىگەندەك بىزنى ئۇزەڭ ماڭغان يولدا ماڭ دىمە دەپ تۇرىۋالسا بۇنىڭغا ئامال يوق . بۇ ئۇزىنىڭ ئختىيارىدىكى ئىش . لىكىن ئۇلار بىلىپ بىلـمەي 3ـ يولنى تاللىۋالانلارنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاۋاز قۇشۇپ
ئۇگەنگەن ئازغىنە دىنى بىلىمى بىلەن ئۇلارغا تەڭ ماسلىشىپ داپ چېلىپ بەرسە بۇنى قۇبۇل قىلغىلى بوممايدۇ .
ئاۋام خەلىقنىڭ دىنى بىلىمى يىتەرسىز سىياسى سەزگۇرلىكى تۇۋەن . 3ـ يولنى تاللىۋالغانلارنىڭ تەشۋىقات كۇچى زور ئۇلار زور سانلىق كىشىلەرگە ئاقنى قارا قارىنى ئاق قىلىپ كۆرسىتىپ خالىغان مەخسەتلىرىگە ئاسانلام يىتىپ كىلىۋاتىدۇ .
كەپتەرلەر دان يەيدۇ قوناق يەيدۇ . 3ـ يولنى تاللىغانلار دانلارنىڭ ئورنىغا كەندىرنى ئالـماشتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ .
ئايرىۋېلىشى كىرەككى ئەرەبلەرنى ۋە ئەرەب مەدىنىيىتىدىكى پەسكەشلىكنى سۆككەنلىك ئىسلامنى سۆككەنلىك ئەمەس . 3ـ يولنى تاللىۋالغانلارنىڭ دىن نامىدىن ئېلىپ بارغان پەسكەشلىكىنى سۆككەنلىك بارلىق موللا ـ قارىلارنى سۆككەنلىك ئەمەس .
موللا قارىلىرىمىز ئۇزىنى ئاق دىسە دىمەك سۇكۇشلەرنى ئۇزىگە ئېلىۋالـمىسىمۇ بۇىۋېرىدۇ .
ئۇزەڭلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلار باشقىلارنىڭ ئەيىپلەشلىرىدىن خۇدۇكسىرەپ چىڭقىلىپ يۇرىشىڭلار بىھاجەت . ئەيىپلەشلەر ئايلىنىپ بېرىپ ئىگىسىنى تاپىدۇ .
|
|