- تىزىملاتقان
- 2011-10-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10115
- نادىر
- 0
- يازما
- 475
ئۆسۈش
0.29%
|
كۇپ رەخمەت، ئوتكەن يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئىلمى جەمىيىتى فىزىكا تەتقىقات ئۇرنىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش ئۇرنىنىڭ ماسئۇلى ،فىزىكا دوكتۇرى ،فىرافېسسور لۇمىڭفاڭ نيوتوننى ماختايدىغان تىمىدىكى ماقالىلەر بولسا چوقۇم ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلىشقا كۇچ چىقىرىدىغانلىغىنى ئېيتقان ئىدى. لېكىن بىز ھەرقەنچە قىلىپمۇ نيوتوننى ئاقلىغىلى بولمايدىغانلىغىنى،ماركىسىزىملىق لوگىكىنىڭ بۇنىڭغا يول قۇيالمايدىغانلىغىنى،بىرنى -بىر ،ئىككىنى ئىككى دىمىسەك بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلدۇق.نيوتوننىڭ خاتالىغىنى بىز تېپىپ چىقمىساقمۇ باشقىلار ھامان تېپىپ چىقىدۇ،چۇنكى {ئوتنى پاختىنىڭ ئىچىدە ساخلىغىلى بولمايدۇ}،بىزنىڭمۇ باشقىلار كۇلسە كۇلۇپ ،يىغلىسا يىغلاپ يۇرگۇمىز بار ئىدى،ئېينىشتىيىننىڭ نەزىريەسىمۇ شۇنداق،ئېينىشتىيىندىن كېيىن فىزىكا ئالىملىرى ئۇنىڭ نەزىريەسىدىكى 43خىل خاتالىقنى بايقىغان،بىزنىڭ بايقىغىنىمىز بولسا بۇلارغا ئۇخشىمايدىغان ،باشقىلار بايقاشقا ئۇلگۇرمىگەن تۇرلەر.{ھەقىقەتنى سىناشنىڭ ئۇلچىمى ئەمىليەت}، ئەمىلىيەت بىزنىڭ توغرا قىلغىنىمىزنى ئىسپاتلىسا ،نۇرغۇن ئۇخشىمايدىغان پىكىرلەر ئۇزلۇگىدىن ھەل بولىدۇ.ئەگەر بىز راستىنلا خاتا قىلغان بولساق ،جاھاندىكى بارلىق پەرىشتىلەر بىزنى ئاقلايمىز دەپ قەسەم ئىچسىمۇ بەرىبىر بىكار.بېيجىڭ نىسپىلىك نەزىريەسى تەتقىقات جەمىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى فىزىكا ئىنىستىتوتىدىكى دوكتۇرلاردىن بىرقانچەيلەن{ئۇلار نامسىز ياردەم قىلغان}،شىنجىئاڭ تەبىى پەنلەر ئاكادىمىيىسى فىزىكا تەتقىقات ئۇرنىدىن تۇردى ئۇمەر قاتارلىق دوكتۇرلار بىلەن ناھايىتى نۇرغۇن پىكىرلەشتۇق. بۇلۇپمۇ شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتىدىن يالقۇن روزى مۇئاللىم ، پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىن تۇردى دوكتۇر سىزگە ئوخشاش پىكىر بەرگەن دوستلىرىمىزنى كۇپەرەك قەدىرلەشنى كۇپ تەكىتلىگەن.چۇنكى باشقىلارنىڭ بىزنىڭ بۇ زىرىكىشلىك ماقالىنى مەيلى قايسىلا مەيداندا تۇرۇپ پىكىر قىلسۇن ئۇلارنىڭ بىزگە ياردەم قىلغىنى دەپ ئېيتقان.بىز نۇرغۇن كىشىلەرنى سىرتىدىن قاراپ يېقىنلىشىش تەس،چۇنكى ئۇلار ئالدىراش دەپ ئۇيلايمىز.توغرا،ھازىر ھەممە ئالدىراش،لېكىن پۇتكۇل ياش ئۇسمۇرلەرنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مويىم مەسىلىلار بولسا ،ئۇلار ۋاقىت چىقىرىدۇ،يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭمۇ ھەقىقەت تۇيغۇسى ناھايىتى كۇچلۇك.بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ھەقىقى مەنىسىمۇ ئىتپاقلىشىش ،ئۇيۇشۇش دىگەن مەنىدە ،تارىختىن بۇيان شۇنداق بوپتىكەن،پەقەت ئاففاق غۇجا دەۋرىدىن كېيىن يۇرت ئايرىيدىغان ئىشلار كوپىيىپ كەتكەن ئىكەن.بۇنىڭ سەلبى تەسىرىنى بىز ھازىرمۇ ھىس قىلىۋاتىمىز. |
|